كۆنەكنىڭ 31-كۈنى دوللار قىممىتى 80.00 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن يەنىلا 55 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ ئاستىغا بىسېلىپ يۈردى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1198 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن باھا چۈشۈپ بازار يېپىلدى ،تۈنۆگۈن ئاساسەن تېخنىكىلىق سەۋەپتىن باھا بېسىشقا ئۇچۇردى .تۈنۆگۈنكى ئامرىكىنىڭ ئۇچۇرلىرى ناچار چىقتى .ئامرىكىنىڭ 11-ئايلىق سېلىنىپ بولغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆرسەتكۈچى ئاران %0.2 پىرسەنىت ئۆرلىگەن بۇلۇپ مۆلچەردىكىدىن تۈۋەن چىققان ،ئامرىكا 12-ئايلىق داللاس زاپاس پۇل كومىتىتى ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى 7.1 تۈۋەنلىگەن بۇلۇپ ئالدىنقى قىممىتى 16.9 ئىدى .
كۆنەكنىڭ 31-كۈنىدىكى مۇھىم ئىشلار
بۈگۈن 2013-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ،كۆپ قىسىم بازارلار مۇددەتتىن بۇرۇن بازارنى يىغىدۇ .ياپۇنىيە بانكىلارنىڭ دەم ئېلىشى سەۋەبىدىن بازار دەم ئالىدۇ .گىرمانىيە، كورىيە ۋە ئىتالىيە يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مۇناسىۋىىتى بىلەن بازار دەم ئالىدۇ .ئاۋىستىرالىيە بۇ يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە مۇددەتتىن بۇرۇن دەم بازارنى يىغىدۇ .بۈگۈن ئامرىكىنىڭ 10-ئايلىق CS20 چوڭ شەھەرنىڭ ئۆي -مۈلۈك باھا كۆرسەتكۈچى ،12-ئايلىق چىكاكو PMI كۆرسەتكۈچى ،12-ئايلىق ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ،12-ئايلىق داللاس زاپاس پۇل كومىتىتى مۇلازىمەت كەسپى كۆرسەتكۈچى قاتارلىق تۆت ئىقتىسادى ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىڭ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
تېمىنى كۆرۈپ بۇلۇپ شىرئىلىغا بىر بېلەت تاشلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە . تۈنۆگۈنكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا شىرئەلىجاننىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى تېخى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسكەن ،قېرىنداشلار بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلى ! بېلەت تاشلاش ئادىرىسى
http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014
بېلەت تاشلاش ئوسولى رەسىملىك چۈشەندۈرىلىشى
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-115578-1-1.html
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 233 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.80 يۈەن
بىر دوللار 6.0568 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.34845 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6480 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3790 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !