ئاتام بار
ئاپتورى:تۇرسۇنجان سۇلايمان(شەررارى)
ئاتامنىڭ ئىشقى يالقۇنتاغ ، مىڭ قۇياشنىڭ ئەپتى بار، مەگەر مەلئۇن پەيدا بولسا ، كۆيدۈرۈشتەك ئەپتى بار، سۆزلىرىدە مىڭبىر ھېكمەت ئالتۇن مەنا تەكتى بار، ھەر تامچىغان شۇ تەرىدە مەن ئوغلاننىڭ بەختى بار، شىجائەتنىڭ كەڭ يولىدا نەۋ باھاردەك زەۋقى بار.
كۈنگە ئوخشاتسام سىنى تۈندە يوقتۇر ئۇ بىراق، زۇلمەت ئىچرە قالسام مەگەر مەنچۈن ياقتىڭ مىڭ چىراغ. تەرلىرىڭ ھەم زەم-زەم ئىدى ماڭلايلىرىڭ بىر بۇلاق، ئەجرىڭ سەۋەب مەن پەرزەنتىڭ دەرت-ئەلەمدىن بەك يىراق، ساڭا ۋاپا ئەيلىمەككە بۇ يۈرەكنىڭ پەرزى بار.
تۇمان باسماس سەھەر يوقكەن خازان بولماس باغمۇ ھەم، گاڭ بەستىڭنى تۇرمۇش ئەگدى كۆزلىرىڭمۇ بولدى نەم، يىلان كەبى تولغاندۇرۇپ زەپ قىينىدى دەرت-ئەلەم، دەرتلىرىڭنى ئېلىپ قويسام كۆتىرەلمەس تاغمۇ ھەم، "ئۇھ"دەپ ئۇلۇغ كىچىك تىندىڭ بۇندا تەقدىر ئەرزى بار.
كۈن پاتقاندا ئاينى كۆردۈم دەرت باسقاندا ئاتامنى، مەلھەم بولۇپ ساقايتتىغۇ ھەسرەت تىلغان يارامنى، ئىككى ئالەم تاپالماسمەن ئاتام كەبى لوقماننى، قاداق تولغان قولى يوللار مۇھەببەتلىك سالامنى، ھەر كۈلگەن شۇ چېھرىمدە مىڭلاپ سۆيگۈ قەرزى بار.
ئىلىمسىز قالساڭ مەگەر دىلدا دەرت پەيدا دىدىڭ، ئىلىمسىزلەر قەلبىگە ھەم مەلئۇن ئىبلىس شەيدا دىدىڭ، تاپماق بولسام مەرىپەتنى بارى يوقۇم پىدا دىدىڭ، ئۇشبۇ يولدا تارتسام كۈلپەت دىلدا يوق نىدا دىدىڭ، خەستە دىلنى ساقايتقان سەندەك ئىلىم خىزىرى بار.
ئانام يىغلاپ ئولتۇراتتى تاجۇ بەختىمنى تىلەپ، ئاتام بولسا مەشغۇل ئىدى غورۇر تىغىمنى بىلەپ، ئانام بەرسە دۇئاسىدىن تاجۇ بەخت سەلتەنەت، ئاتام بەردى دىت كانىدىن غورۇر كەبى دۇر-سەدەپ، ئاتام باسقان ھەر قەدەمدە ئەرلىك غورۇر لەرزى بار.
كېچە قالسام چىراغىمغا قېنىڭنى قىلدىڭ ياغ ئاتا، تىكەن پەسلىم ئەجرىڭ سەۋەپ بولدى چاھارباغ ئاتا، ھاياتىمدا يۆلەنچۈكۈم قەددىڭ ھەيۋەت تاغ ئاتا، ئازغان بولسام ئەپۇ ئەيلە جاندىن ئەزىز جان ئاتا، خان ئالدىدا خار ئەمەسمەن چۈنكى سەندەك ئاتام بار.
|