ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى جەمگاھى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار!
يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئۇيغۇر قاشتېشى تورى ئىچكىرىگە ساياھەت ،تىجارەت،بىلىم ئېلىش،كېسەل كۆرسۈتۈش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاماق تېپىپ يېيەلمەسلىك قېيىنچىلىقىغا زەررىچىلىك بولسىمۇ ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن يېڭى يىللىق سوۋغات سۈپىتىدە 30 چوڭ شەھەردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ تەپسىلىي ئادرېسى،تېلىفۇن نۇمۇرى قاتارلىقلارنى رەتلەپ چىقتۇق.
بۇ30شەھەر تۆۋەندىكىچە:
شاڭخەي،بېيجىڭ،تىيەنجىن،نەنجىڭ،گۇاڭجۇ،كۈنمېڭ،شىئەن،چىڭداۋ،خاڭجۇ،شېنجېن،شىيامېن،جۇخەي،خەيكوۋ،گۈيلىن،ۋۇخەن،لەنجۇ،يىڭچۈەن،سۇجۇ،چاڭجۇ،ۋۇشى،يىۋۇ،تەيجۇ،لىنيى،خەندەن،شىياڭگاڭ،جېنجۇ،شۈيجۇ،ياڭجۇ،شىياۋشىڭ...قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان چوڭ شەھەرلەردىن ئىبارەت.
باشقا ئاساسلىق چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئادرېسىنى تور بېتىمىز چامىمىز يەتكەن ئاساستا تۇلۇقلاشقا تىرىشىمىز!
باشقا شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئادرېسىنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!
ئېھتىياجى بار قېرىنداشلارنىڭ تەپسىلاتىنى تور بېتىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى سەھىپىسىدىن كۆرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز!
http://www.uyhqt.com/uy/forum.php?mod=forumdisplay&fid=62
مەسىلەن:
شاڭخەي شەھىرى
1.ئەپەندىم ئاشخانىسى
2.غېنى باي ئاشخانىسى
بۇ ئىككى ئاشخانا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ شاڭخەيدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالدى-كەينىگە جايلاشقان بولۇپ كۆلىمى چوڭ،مۇنتىزىم ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئورنى:شاڭخەي خوڭكوۋ رايۇنى چۈياڭ يولى 775-نۇمۇر
新疆维吾尔自己区人民政府驻上海办事处-天山宾馆
地址:上海市虹口区曲阳路775号
3.پامىر ئاشخانىسى
ئادرېسى:شاڭخەي شەھىرى جېجىياڭ ئوتتۇرا يولى 205-نۇمۇر(فۇجۇ يول ئېغىزى تەرەپتە)
地址:上海市浙江中路205号(近福州路口)
تېلىفۇن:021-63225664
4.مۇھەممەت ئاشخانىسى
ئادرېسى:شاڭخەي شەھىرى پۇتۇو رايۇنى جىنشاجىياڭ 259-نۇمۇر
地址:上海普陀区金沙江路259号
تېلىفۇن:021-62233366
ئۇيغۇر قاشتېشى تورى WWW.UYHQT.COM
ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خالىغان جايدا پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا WWW.UYHQT.COM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-30 09:26 PM