مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 577|ئىنكاس: 4

قەلىپكە سەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101426
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-28
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 09:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
               قەلىبكە سەپەر



مەن تىڭشاۋاتىمەن! ئۆز ئۆزەمنى تىڭشاۋاتىمەن!
ئاڭلېدىم! قەلبېمدە سىرلىق بىر كۈچ دولقۇنلاۋاتىدۇ، دولقۇنلار ماڭا توختاۋسىز ئۇرۇلۋاتىدۇ.مېنى دولقۇنلۇق دېڭىزغا چۆكتۈرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ھەركەت قىلىۋاتىدۇ، مەن ئاخىرى دېڭىزغا يىقىنلاشتىم، دولقۇنلارغا ئۇرۇلدۇم. گۈزەل ھەم سىرلىق ئادەمنى مەسىتخۇش قىلىدىغان بىپايانلىقتا مېنى گاڭگىرتىپ قويىدىغان گوياكى ئەركىنلىك قولۋېقىغائولتۇرۇپ شەكىلسىز بىر دۇنياغا قاراپ مېڭىۋاتقاندەك،چەكسىز يورۇقلۇققا ئېنتىلىپ قەلىپ ئۆركېشىمدە لەيلەپ-چۆكۇپ كېتىۋاتېمەن.
ئاڭلاندى! قەلبېمدىن خۇددى يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ رەزىللەرچە قىلغان قىرغىنچىلىقلىرىدىن غەزەپلەنگەن چاقماقنىڭ ۋەھېمىسى ۋە يادرو توپ ئاۋازىدەك دەھشەتلىك گۈلدۈرماما ئاۋازىغا ئوخشاش ئاجايىپ كۈچلۈك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئاۋازدىن شۇنداق خىتاپ كىلەتتى؛
ھەر ئىشنىڭ باشلىنىشمۇ-ئاخىرلىشمۇ ئېھتىياج، سەن ئېھتىياجىڭغا باق ،ئېھتىياجىڭنى بىل ۋە دەل شۇ ئشنى قىل.
ھالىڭنى بىل-زامانغاباق، ساغلام يە-ئىچ تىنىڭ ساق.
ئۆزگىگە قارا-ئۆزۈڭنى سەز، كېبىر-ھەسسەت بولۇر ئىمانغادەز.
ھەركەتقىل-سەبېرقىل، پىكىرقىل-ياردەم قىل، ئاخىرقى شەرمى-ھايا، ۋىجدان-غورۇر ماكانى، ئەخلاق-ئىمان بۆشۈكى ساڭا مەنسۈپ دەيىتتى!
كۆردۈم! كۆزئالدىمدا گۈزەل تەبىئەت، سىرلىق دۇنيا!
ئۆزۈمچە ئالەمنىڭ مۆجىزىلىرىگە ھەۋەس ۋە ئىشتىياق بىلەن ئىنتىلىپ باقاتتىم.
كائىناتتىكى شۇنچە يىقىملىق ۋە مىھىرلىك بىقىشىشلار ماڭا تەبىئەت دۇنياسىدىكى زەنجىرسىمان مۇناسىۋەتنىڭ نىمىلىكىنى ھىس قىلدۇردى.
قارىدىم! ئەتراپتا گۈزەللىك ۋە بەرجەس گوياكى كۆل بويىدا ئەركىنلىك نۇرلىرىنى چىچىپ ئۆزلىرىنىڭ بەخىت تۇيغۇلىرىغا ئىرىشكەن ھۆرلەرنىڭ شادىمانە چىقىۋاتقان تاتلىق كۈلۈشلىرىگە ئەگەشكەن ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭ پەھلىۋانلارچە قاراشلىرىدەك سەرۋاز بىر ماكان سۇن ئايلىنىپ ياتاتتى.
ھىس قىلدىم! ئىقلىملاردىكى ئاجايىبات ۋە غارايىباتلار ھەر بىر جانغا نىسبەتەن ھىچ بىر زىيان يەتكۈزگەن ئەمەس. بەلكى تەبىئەتتىكى قۇدرەتلىك كۈچ شەكىلسىزلىككە باشلاپ ماڭماقتا. مەلۇمكى ئارمانلىرىمىزنىڭ قۇرۇق خىيال بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئىدىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا گۈزەل ئارزۇلىرىمىز ئوبرازلىشىپ، كۆرۈش سەزگۈمىزگە ئايلاندۇرغاندىلا ئاندىن ئۇلارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئالەم روھىنىڭ مۇققەددەس چىرىقى ۋە ئاچقۇچى بولغان ئىدىيە ساغلاملىققاقاراپ ئاتلانغاندىلا ئاندىن كىشىلەر ئارزۇ قىلغان ئادالەت،ئەركىنلىك،تىنچلىق ھەم ساغلاملىق،مۇھاببەت ۋە گۈزەللىك قاتارلىقلار ھاياتنىڭ بەخىت رومكىسىغا لىق تولىدۇ.
بىلدىم! قۇياشنىڭ زىمىنغا چاچقان ئادىللىق نۇرلىرى يەنىلا بوستانغا سەرۋى گۈل، چۆللەرگە قامغاق تىكەن ئۈندۈردىكەن.
تۇرمۇش سەھنىسىدە رول ئىلىش جەريانىدا ، بىر پۈتۈن ھايات سىناريىسىنى يازغان ئاپتۇرغا بىز ھامان مۇھتاج بولۇپ تۇرىدىكەنمىز.
ۋاقىت گويا جىبرىئىلنىڭ شەيتانغا ئاتقان ئوق يۇلتۇزىغا ئوخشاش يىل-ئاينى،ئاي-كۈننى قوغلاپ ئۆتۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھايات مۇساپىسى ئاخىرلىشىپ ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە ئىككى ئالەم ئوتتۇرسىدىكى بوسۇغىنى كۆرگەنگەقەدەر ئۆمۈرنىڭ شۇنچە چىسقا ۋەچەكلىكلىكىنى ،ئۆلۈمنىڭ ھەرۋاقىت بىز بىلەن خۇددى سايىمىزگە ئوخشاش ھەمراھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمىز، بىلسەكمۇ پەرۋا قىلمايدىكەنمىز!
ئىيتقۇم كەلدى! ئاسمان-زىمىن ئارىسىدىكى با ئارلىق مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ ھايات مۇساپىمىزنى تەغدىرقىلغان، بىزنى مۇككەممەللىككە ئىگە قىلغان، بىزنى مەلۇم مۇددەتكىچە قىممەتكە ئىگە قىلغان زاتنىڭ پەقەت ۋە پەقەت يەككە يىگانە بىر ئىكەنلىكىنى ھەر تىنىقلىرىمدا ئىيتقۇم كىلىدۇ.
قولۇمنى ئاستا مەيدەمگە قويدۇم! ئىچىمدىن يەڭگىل ئەمما تىنىمسىز تىپىرلاۋىتقان ھايات قەسىدىسى ئۈچۈن نىمىلەرنىدۇر دەپ توختاۋسىز ھەركەت قىلىۋاتقان ھەربىر ھەركەتلىرىدە ئوركىتسىرلار ئورۇللىغان يىقىملىق بىر سىفۇنىيەگە ئوخشاش رىتىملىق گۇپۈلدەشلەر بىلىنىپ تۇراتتى.
ئويلىدىم! مۇشتۇمدەك گۆشنىڭ ھەرنەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئۇ زەئىپلەشسە پۈتكۈل ئەزانىڭ چىرىيدىغانلىقىنى،  ئۇ ياشارسا ھەممە ئەزانىڭ كۆكلەيدىغانلىقىنى، يەنى يورۇقلۇق ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ قاراڭغۇ ئەمەس، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى يورۇقلۇقنىڭ يورۇقلۇق ئەمەسلىكىنى ، ئىشنى قىلىپ ئۇزۇن ھەم قىيىن، مۇرەككەپ ھەم قىززىقارلىق شۇنداقلا باش ئاخىرى يوق جاۋاپسىز مەسىللەر ئۈستىدە خىيال دىڭىزىغا غەرىق بولدۇم.


ئاپتۇرى: ئاق تۈرۇك                  2013-4-12   ئۈرۈمچى


شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلبىڭىزدىكى ھېسلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلاشقىنىمدىن خۇشالمەن . قايسى بىر كىتاپتىن شۇنداق ئوقۇغانتىم . ئادەمدە بىر ئەزا بار ، ئۇ ھايات بولسا ئادەممۇ ياشنايدۇ . ئۇ زەئىپلەشسە ئادەمنىڭمۇ پۈتۈن بەدىنى تۈگىشىدۇ . ئۇ -يۈرەك . ئۆز يۈرىكىمىزگە نىمىلەرنى سىڭدۈرۈشىمىز ئۆزىمىزگە باغلىق .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

يوقۇتۇشنىڭ تۈپ ي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10230
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9834
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1769 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 10:45:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىملادىكى بەزى خاتالىقلارنى دىمىگەندە تەسىرلىك يېزىلىپتۇ . ئى ھەرىپىنىڭ ئورنىغا ئې ھەرىپىنى كۆورەك يېزىۋالغاندەك قىلىسىز .ئى ھەرىپى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالمىغانسىز ھە ؟ (چاقچاق ) تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز  .شۇنچىلىك رومانتىك ياخشى چىقىپتۇ . ئەسەرلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرۇڭ . ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

مۇھەببەتتىن كەچسەڭمۇ ئازاپ 。 ۋىسالىغا يەتسەڭمۇ ئازاپ 。 ئاي پاتسا تىترمە قوياش يار ساڭا 。 تەقدىرىڭ ھومايسا چاقچاق دەپ سانا 。

ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9692
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 03:58:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇنكى مۇھەببەت يولىدا بەك ئۇزۇن خىياللار دېىڭىزىغا غەرىق بۇلۇپ كەتسىڭىزمۇ بولمايدۇ.،
ئاشۇ سىز ئويلىغان خىياللارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن تىرشىڭ .خىيال قىلىۋەرمەڭ

بۇ دۇنيانىڭ بەختى ياخشى ئەمەس ئۇ دۇنيالىقنىڭ بەختى ئۇچۇن خۇداغا قاتتىق يالۋۇرۇپ سېغىنغىن ئەي ئىنسان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101426
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 237
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-28
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 06:52:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەردىكى ئىملا خاتالىقى تەھرىرلەش جەريانىدىكى خاتالىق بولۇپ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش