مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 646|ئىنكاس: 6

يېڭى يىلغا پىچىرلاش (نەسىر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قاراڭغۇدىن زارل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17347
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8253
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 06:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                   يېڭى يىلغا پىچىرلاش
                                                           (نەسىر)
                                                           ئەزىز ئەيسا
يەنە بىر قېتىم كەلگىنىڭگە مەرھابا يېڭى يىل !ماڭا قاراپ يەنە بىر قېتم كۈلگىنىڭگە مەرھابا يېڭى يىل !جىلمىيىپ تۇرغان نۇارنە چىرايىڭ كۆز ئالدىمدا قايتا نامايان بولغاندا ، خۇددى دادام ھېيتلىق بەرگەن بالىلىق ۋاقتلىرىمدەك  چەكسىز خۇشاللىق،شاتلىق دەرياسىدا تېشىپ كىتىمەن  .چۈنكى سەن ماڭا ئەڭ ئاۋال يەنە بىرقېتىم يېڭى بىر باھارنى ،يەنە  بىر ئۈلۈش يېڭى ھاياتلىقنى، يەنە بىر ئۈلۈش ئۈمىت-ئىشەنچ، غۇرۇر،بەختىيارلىق گۈلدەستىسىنى سوغا قىلىسەن .ئاندىن ئارقاڭدىن ئىلاھى قاناتلىرىنى يىنىككىنە قېقىشىپ ،ئۆز ئارا پىچىرلاشقان ھالدا سۆيگۈ -مۇھەببەت پەرىشتىلىرى يىتىپ كىلىدۇ .مەن گۈزەل سۆيگۈ-مۇھەببەت پەرىشتىلىرىگە قانماي،قانماي مەپتۇنلۇق بىلەن قاراپ كىتىمەن.دىلىمدا ئۇلار ئىچىدىكى مەن تۇنۇيدىغانلىرىنىڭ ئىسمىنى سۈيۈنۈپ تۇرۇپ بىردىن بىردىن ئاتاپ كىتىمەن ...نۇزۇگۇم،ئىپارخان، تۇمارىس،مەختۇمسۇلا ،رىزۋانگۈل ،يەتتە قىزلىرىم ....پاھ !ئۇلارنىڭ نۇرانە چېھرىدىن ۋاپادارلىق ،پاكلىق ،جەسۇرلۇق باتۇرلۇق ،ئېتىقات،ۋىژدان -غۇرۇر نۇرلىرى چاراقلاپ تۇرۇپتۇ .تېخى شۇ پەرىشتەلىرىم ئارقىسىدا ئاستىدىكى ئۇچقۇر تۇلپارلىرى ،قوللىرىدىكى قېلىچ-قالقانلىرى بىلەن ھەيۋەتلىك زەپەردەست بوغدا چوققۇسىنى ئەسلىتىدىغان باتۇر تەڭرىقۇت،ئوغۇز خاقان سۇلتان، بوغراغان، سۇلتان سەئىتخان ،سۇلتان ئابۇدۇرىشىتخان سادىرپالۋان ۋە ئەخمەتجان قاسىم،تۈمۈر خەلىپە ...لەر لەك مىڭ، لەك مىڭ ئەزىمەت لەشكەرلىرى ئالدىدا  سەپراس بۇلۇپ تۇرغۇدەك ...
مەن تۇيغۇمدا ئەنە شۇنداق پەرىشتىلىرىم،باتۇرلىرىمنى كۈرۈپ شۇ دەرىجىدە خۇشال بولماقتىمەن ...خۇشاللىغىمدىن ۋۇجۇدۇمدا "مەرھابا يېڭى يىل !مەرھابا پەرىشتىلىرىم !مەرھابا باتۇرلۇرۇم ،ھىماتچىلىرىم !" دەپ  يەنە توۋلىماقتىمەن ...
بىراق ...يېڭى يىل سەن مىنى شۇقەدەر خۇشاللىققا چۆمدۈرسەڭمۇ شۇ خۇشاللىغىمغا ياندىشىپ تۇرغان ئازاپلىق بەخىتسىزلىگىمگە قان –قان يىغلىماي تۇرالمايمەن .
مانا قارا ! قايسى بىر كونا ئۆيلەر خارابىلىگى ئارىسىدا ئۈستى بېشى مەينەتلەشكەن كۆزلىرى كۈنۈكلەشكەن بىرنەچچە ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق  .مەينەتلەشكەن قوللىرىغا زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇشماقتا ...
زىمىنغا ئەمدىلا تۈن پەردىسى يېيىلىشىغىلا يەنە كىملەردۇر يەڭلىرى ئارىسىدىن كىچىككىنە تۈگۈنچەكلەنگەن زەھەرنى چىقىرىپ يەنە بىرسىگە سېتىپ بەرمەكتە ...
يەنە كىملەردۇر كەلگۈسىمىزنىڭ قۇياشلىرى بولغان بالىلار ئۆسمۈرلەرنى ئىچكىرىگە ئالداپ ئېلىپ بېرىپ ئەبەدىلىك ئازغۇنلۇق مەھكۇملۇقنىڭ قارا ئازگىلىغا ئىتتىرىشمەكتە ...
يەنە پۇل بايلىق ئۈچۈن ئازدۇرۇلغان ،سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان سانسىزلىغان نۇزۇگۇم،مەختۇمسۇلا ،ئىپارخانلار ئۆزلىرىنى ئىبلىسلارنىڭ قارا قۇلىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىگە "ئەر بارمۇ ! ئەر بارمۇ !"دەپ ئىلتىجا  قىلماقتا ...
نەچچە يۈز يىللىق ساۋاتسىزلىق قالاقلىق ،نامراتلىق  ئىلكىدە گاڭگىراۋاتقان، تېڭىرقاۋاتقان  ئىڭراۋاتقان خەلقىم يۈكسىلىش ،قۇدرەت تېپىش ، گۈللىنىش نۇرئىستانغا ئىنتىزار بولماقتا ...
يېڭى يىل ...بۇ خۇشاللىقلىرىمنى ،رەنجى-ئازابىمنى ،ئەرزىيىتىمنى ئوبدان ئاڭلىغىنە !ساڭا قەلبىمدىكى ھەممە گەپلىرىمنى ئېيتىۋالاي ...ھەممە دەرتلىرىمنى تۈكىۋالاي ...قانغۇچە يىغلىۋالاي ...يېڭى يىل  ...قاچان ئالدىڭغا مەيۈسلەنمەي   مەغرۇرانە  كۈلۈپ تۇرۇپ  چىققۇدەك بۇلارمەن ؟!



قاراڭغۇدىن زارلانماي شام ياندۇر !

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 09:38:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ تىما ئارقىلىق مۇنبەردىكى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ يىڭى يىلىنى ، يىڭى ىشىنى مۇبارەكلەيمەن ، ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا ، يىڭى يىشىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، يىڭى يىلدا ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلار سالامەت ، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن ، كۈنلىرىڭلار خشال ئۆتسۇن ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 09:53:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى يىلدا ياخشى كىشلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 11:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 09:38 PM
بۇ تىما ئارقىلىق مۇنبەردىكى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ي ...

ئۆزلىرىنىڭمۇ يېڭى يىلدا تەنلىرى سالامەت ، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ، تۇمۇشلىرى خۇشال ئۆتسۇن !،

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 11:39:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلى ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 08:21:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ھەممىڭلارنىڭ يىڭىيىلىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن!!


بۇ يىڭى يىللىق تېمىلار بەك ئازغۇ....................

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 11:36:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
، رەھمەت ! سېىزنىڭمۇ يېڭى يېلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش