كۆنەكنىڭ 30-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 80.40 ئەتراپىدا ،ئالدىنقى ھەپتىدە پالتا شەكىللىك شام سىزىقى بۇلۇپ بازار يپىلغانىدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1210 دوللار ئەتراپىدا ،ئالدىنقى ھەپتىدە باھا ئازراق ئۆسۈپ بازار يېپىلدى .ھەپتە ئاخىرسىدا يەنى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاج گىرمانىيەنىڭ بىر ژورنال موخپىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ياۋرۇپا رايۇنىنىڭ مۇھىم بولغان ئۆسۈم نىسپىتىنى يەنە بىر قېتىم ھالدا چۈشۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلمىدى .ئامرىكا زوڭتۇڭى ئوباما 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى خامچوت پىلانىنىڭ رەسمى قانۇن بۇلۇپ تۈزۈلگەنلىك ھۆججىتىگە ئىمزا قويدى ،لېكىن ئەگەر ئىككى پالاتا يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە پىلاندىن سىرت بولغان كىلىشىم تۈزەلمىسە ئامرىكا ھۆكۈمىتىدە 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بولغان ۋەقە قايتا يۈز بېرىشى مومكىن .
كۆنەكنىڭ 30-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ئشلار
بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلار بىر قەدەر ئاز ،ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار يوق ،ياۋرۇپا ۋاقتىدا ئېلان قىىلىنىدىغان ئامرىكا 11-ئايلىق سېلىنىپ بولغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش كۆرسەتكۈچىگە دىققەت قىلىڭ .ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى دېلاجنىڭ بايانى بازارنىڭ ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى تېزلىكتە ئۆسۈم نىسپىتىنى چۈشۈردىكەن دىگەن مۆلچەرىنى بېسىۋەتتى ،شۇڭلاشقا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ .لېكىن يېڭى يىلنىڭ يېقىنچىلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ ھەپتىدە بازار بىر قەدەر تېنىچ بۇلىشى مومكىن .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى 235 يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.85 يۈەن
بىر دوللار 6.0595 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.32550 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6475 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3735 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە پۇل تاپ تورى
http://www.mardanjan.com
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن !