مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 855|ئىنكاس: 1

خوجا نىياز : «ئوردۇكەنت» ئاتالغۇسى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 11:17:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئوردۇكەنت» ئاتالغۇسى توغرىسىدا
                                                                           
   “Ordukant”考辩
---- «دىۋانىي لۇغەتىت تۈرك»ئاساسىدا
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

تورغا يوللىغۇچى : خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن     

内容摘要:“Ordukänt”这个术语在公元 9、10、11世纪的西域历史文献中被提及,指当今的“Kashgar”(喀什噶尔,即喀什),此外它还被列入“突厥语大词典”。这个术语由“Ordu”和“känt-känd”两部分组成,其中的“Ordu”在阿尔泰语时期开始被应用,表示中间、中央、首都、王屋、王宫、宫殿等含义,而“känt-känd”来源于雅利安语中的数词100,起初表示百人氏族、百户地、百人居地等概念,后来延伸为居民点、村、城堡、城等意思。公元9、10、11世纪生活在北方草原的维吾尔等操突厥语的民族来到天山脚下谋生以后,与生活在那里操雅利安语的塞人、吐火罗人重新融合在一起,在自己的语言“Ordu”一词后面加上塞人、吐火罗人语言中的“känt-känd”,组成“känt-känd”这个术语,使其内容更为深刻、更具吸引力,使其成为种族和文化融合的一个小而生动的现象。通过“Ordukänt”这个术语,可以看到,这个术语成为操突厥语的一部分民族,包括维吾尔族以9、10世纪为界限通过再一次筛选成为中世纪民族的一个明显标志。
                 
مۇھىم مەزمۇنى: «ئوردۇكەنت»دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئالتاي تىلى (ياكى تۈركىي تىلى ئائىلىسى) سىستېمىسىدىكى «ئوردۇ» بىلەن ھىندى- ياۋروپا تىل ىسستېمىسىغا تەۋە ساك ۋە تۇخار تىلىدىكى«كەنت» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ، «خاقان شەھىرى، پادىشاھ تۇرىدىغان شەھەر،پايتەخت، مەركەز»، ياكى «ئولتۇراقلاشقان شەھەر» دېگەن مەنىنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەسلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ بۇنداق بىرىككەن شەكلى «دىۋانى لۇغاتىت تۈرك»تە خاتىرىلەنگەن. بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىپ، بىر مەنىنى ئاڭلىتىشى يالغۇز تىلشۇناسلىقتىكى بىر ئاتالغۇ مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك زېمىندا «ئوردۇ»نى ۋە «كەنت»نى بىر بەلگە قىلغان بىر بۆلۈك قەدىمكى شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ مىللىي قوشۇلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي بىرلىشىشنىڭ ئىنكاسى دېيىشكە بولىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئودۇكەنت؛ ئۇيغۇرلار؛ ساكلار؛ تۇخارلار

«ئوردۇكەنت» مىلادىيە 9-، 10-، 11-ئەسىرلەردىكى تارىخىي ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى قەشقەرنى كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ «دىۋانى لۇغاتىت تۈرك»(تۈركىي تىللار دىۋانى، تۆۋەندە «دىۋان»دېيىلىدۇ) تە تۈركىي سۆز قاتارىدا سانالغان. بۇ ئاتالغۇ «ئوردۇ» بىلەن «كەنت-كەند»تىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، «ئوردۇ»ئەسلىي ئالتاي تىلى دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرنىڭ ئۇ تەرىپى) دە قوللىنىلىشقا باشلىغان ۋە «ئوردۇ- ئورتۇ، ئوتتۇر- ئوتتۇرى- ئوتتۇرىسى، مەركەز، پايتەخت، خان ئۆيى- خان سارىيى، ئوردا» دېگەن مەنىنى، «كەنت» ئارىيان تىلىدىكى ساناق سان «يۈز»(100) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، دەسلەپ «يۈز ئادەملىك ئۇرۇق»، «يۈز ئائىلىلىك ئۇرۇق يېرى- يۈز كىشى ئولتۇراقلاشقان يەر» دېگەن ئۇقۇمدىن كېڭىيىپ، «مەھەللە، كەنت، قورغان، قەلئە، بالىق-شەھەر» دېگەن مەنىلەردە قوللىنىلغان. مىلادىيە 9-، 10-، 11- ئەسىرگە كەلگەندە غوبى يايلىقىنى مەركەز قىلىپ  ياشىغان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر تەڭرىتاغ باغرىغا كېلىپ تىرىكچىلىك قىلغاندىن كېيىن، بۇ يەردە باشقا تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ساك،توخار قاتارلىق ئارىيان تىلى تۈركۈمىگە تەۋە ئىنسان تۈركۈملىرى بىلەن يېڭىباشتىن قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تىلىدىكى «ئوردۇ» سۆزىگە ساك، توخار تىلىدىكى «كەنت» سۆزىنى قوشۇپ، «ئوردۇكەنت» دېگەن ئاتالغۇنى ياساپ، بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. بۇ ئارقىلىق، ئىرقىي قوشۇلۇشنىڭ، تىللارنىڭ بېرىكىشىنىڭ ۋە مەدەنىيەت يۇغۇرلىشىنىڭ كىچىك، ئەمما تەسىرلىك بىر ئالامىتىنى قالدۇرغان. «ئوردۇكەنت» ئاتالغۇسى ئارقىلىق تۈركىي تىللىق بىر قىسىم خەلقلەر،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە 9-، 10 - ئەسىرنى بەلگە قىلىپ، يەنە بىر قېتىم شاللىنىپ ۋە تاللىنىپ، ئوتتۇرا ئەسىر مىللىتى بولۇپ شەكىللىنىشنىڭ بىر ۋاخىنىسىقا ئوڭۇشلۇق ھالدا قەەم باسقانلىقىنىڭ  رۇشەن بىر  بەلگىسىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ سەمىدە بولۇشىنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن
11-ئەسىردە ياشىغان تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانى لۇغاتىت تۈرك»  ناملىق ئەسىرىدە «ئوردۇكەند ــ» (Ordukänd) ئاتالغۇسى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «ئوردۇ، خان شەھىرى. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ، خاقانلار تۇرىدىغان كاشغەر (قەشقەر) شەھىرى ‹ Ordukändـ ئوردۇكەند›دېيىلىدۇ»  دەپ يېزىلغان. «ئوردۇ» سۆزى «دىۋان»دا بەش خىل مەنىدە ئىزاھلانغان: ‹1›«ئوردۇ، خان شەھىرى...»؛‹2›«ئوردۇ، بالاساغۇنغا يېقىن بىر شەھەر. بالاساغۇن شەھىرىمۇ‹قۇز ئوردۇ ـــ Qkuz ordu›دېيىلىدۇ»؛‹3›«ئوردۇ: ئوردا بېشى، خاقاننىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغۇچى»؛‹4›«ئوردۇ، چاشقان ۋە كۈسۈرتكىگە ئوخشاش يەر ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىتى، ئۇۋىسى»؛‹5›«ئوردۇ: ئوردۇتال ـOrdu tal ، تۈك چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ھاك ئارىلاشمىسى، بۇ سۆز ئىككى تىلنىڭ بىرىدە ئىشلىتىلىدۇ» .  «ئوردۇ» سۆزىگە بېرىلگەن بۇ بەش خىل ئىزاھ قارىماققا پەرقلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ئىنچىكە كۆزەتكەندە، مەنىسىنىڭ بىر يىلتىز، بىر ئۇقۇمغا تۇتىشىدىغانلىقىنى بايقايمىز.
تىلشۇناسلار ۋە تارىخچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىن تۈركىي تىلى يازما ھۈججەتلىرىگە كىرگۈزىلىپ، كەڭ قوللىنىلغان «ئوردۇ» سۆزىنىڭ ئەسلىي ھۇن تىلى زامانىسى( تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادىيە 3-ئەسىرلەر ئارىلىقى) دا ئىستېمال قىلىنىشقا باشلىغان. مەسىلەن، تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 145-يىلىدىن 86-يىلىغىچە ياشىغان جۇڭگو تارىخچىسى سىماچيەن «تارىخىي خاتىرىلەر»(«史记») نىڭ «ھۇنلار تەزكىرىسى» دە «瓯脱» (ئوقۇلىشى: ئوۋتو ــ Outou)، «جاۋ بېگى خانىدانى تەزكىرىسى» (赵世家) دە بولسا «欧代» (ئوقۇلىشى: ئودەي ــ Oudai) دېگەن ئىككى سۆزنى خاتىرىگە ئالغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ  ھۇن تىلىدىكى «Ordu» دېگەن سۆز ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرغان. مەسىلەن، «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار تەزكىرىسى» دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «تۇڭگۇسلار(东胡) خانى بارغانچە كۆرەڭلەپ، غەربكە ھۈجۈم قىلىدۇ. تۇڭگۇسلار بىلەن ھۇنلارنىڭ ئارىلىقىدا 1000چاقىرىمدىن ئوشۇق كېلىدىغان بىر ئىنسى-جىن يوق تاشلاندۇق يەر بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ يەرنىڭ ئىككى چېتىگە ئوردىلىرى (ئەسلىي تەرجىمىدە كەپە دەپ ئېلىنغان ــ تەھرىردىن) نى ياساپ، قاراۋۇللارنى قوياتتى. تۇڭگۇسلار باتۇر تەڭرىقۇت(冒顿)قا ئەلچى ئەۋەتىپ ‹سىلەر ھۇنلار بىزنىڭ ئوردىمىز ئالدىدىكى تاشلاندۇق يەرگە ئاياق باسقۇچى بولماڭلار. ئۇ يەرنى بىز ئىگىلىمەكچىمىز›» دەيدۇ)  .
«ھۇنلار تەزكىرىسى. جاۋ بېگى خانىدانى تەزكىرىسى» دە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: «جاۋخۇيۋېن ۋاڭنىڭ 26-يىلى، توڭغۇسلارنىڭ ئوردىسىنى تارتىۋالدى»).
«تارىخىي خاتىرىلەر»نىڭ غەربىي يۇرتقا دائىر قىسمىنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار بۇ جۈملىدىكى «瓯脱» دېگەن ئاتالغۇنى بىردە «كەپە»، بىردە «قاراۋۇلخانا» دەپ تەرجىمە قىلغان بولسا،  «欧代»دېگەن ئاتالغۇنى «دەي بەگلىكى زېمىنى» دەپ تەرجىمە قىلغان .
يۇقىرىدىكى ئىككى پارچە خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، «ئوردۇ» سۆزى ئەڭ بۇرۇن مىلادىدىن بۇرۇنقى 273-يىلى (جاۋخۇيۋاڭنىڭ 26-يىلى) غا ئالاقىدار ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا خەنزۇچە ھۆججەتكە خاتىرىلەنگەن. ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن 70يىل كېيىن («تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار تەزكىرىسى») كى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا خاتىرىلەنگەن.  
«ئوردۇ» سۆزى تارىخنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، قەدىمكى ھۇن تىلىدىن قەدىمكى تۈرك تىلىغا ئۆتكەن ۋە قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئورقۇن مەڭگۈتاشلىرى(قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى) دا «خان ئوردىسى» مەنىسىدە  ئىشلىتىلگەن. قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ جەزبىدارلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ۋە «ئوردۇكەنت» شەكلىدە، قوشما سۆز ھالىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن «ئوردۇ» دېگەن بۇ سۆز قىتان تىلىغا كىرگەن، ئاندىن جىن (金) خانلىقى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە داۋاملىق ئىشلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈزلۈكسىز غەربكە كېڭىيىپ، پارس تىلى، ھىندى تىلىغا كىرىپ، غەربىي ياۋروپا تىللىرىغا قەدەر يېتىپ بارغان . «ئوردۇكەنت» سۆزى ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا «دىۋان» ۋە قاراخوجىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىق ۋاراقچىسىدە تىلغا ئېلىنىش بىلەن كۇپايىلەنگەن بولسىمۇ، بىراق، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇلار تىزىملىكىدە  «ئوردا ئالدى» (بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا «ئوردا»، «ئودا»دېيىلىدۇ)، «ئوردا ئىشىكى»، «ئوردام»، «ئوردا ئىشىك مەسچىتى»، «ئوردۇخېنىم»، «ئوردىخان پادىشاھىم»، «قۇتلۇق ئوردۇ» دېگەن ئاتالغۇلاردا ساقلىنىپ قېلىنغان. بۇنىڭدىكى «ئوردا ئالدى» دېگەن ئاتالغۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ھېيتگاھ جامئىەسىنىڭ شەرق تەرىپىدىن 500 مېتىر جايدىكى بىر گۈزەنىڭ ئاتىلىشى بولۇپ (ھازىرمۇ شۇنداق)، بۇ مەھمۇد كاشغەرىي زامانىسىدىكى «ئوردۇكەند» دەپ ئاتالغان يەرنىڭ دەل مەركىزى بولسا كېرەك. «ئوردا ئىشىكى» قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر يەر نامى، «ئوردا ئىشىك مەسچىتى» قەشقەر شەھىرىدە يۈسۈپ قادىرخان ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ۋاقىت، يەنى مىلادىيە 1019-يىلى بىنا قىلىنغان مەسچىت بولۇپ ، خان ئوردىسىنىڭ يېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. «ئوردام»، «ئوردۇخېنىم»(ئورداخانىم)، «ئوردىخان پادىشاھىم» دېگەن ئاتالغۇلار بولسا، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى ھەسەن بىننى سۇلايمان، يەنى سەئىد ئەلى ئارىسلانخان (سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى نۇرئەلانۇر خاننىڭ ئوغلى) نىڭ پەخرىي نامى بولۇپ، قەشقەر يېڭىسار ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىن 60 كىلومېتىر، يېڭىشەھەر ناھىيە ھاراپ يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 24 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقتا بولغان بىر قەبرىستانلىق نامىمۇ «ئوردام» (ياكى «ئوردام مازىرى»)، «ئوردۇخېنىم مازىرى»، «ئوردىخان پادىشاھىم مازىرى» دەپ ئاتىلىپ كېلىنىدۇ . «قۇتلۇق ئوردۇ» بولسا كۇچا دەرياسىنىڭ غەربىدىكى بىر قەدىمكى ئىزنىڭ نامى .
   «ئوردۇ ــ ئوردا» دېگەن ئاتالغۇ ئەسلىي ئورتاق ئالتاي تىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، «ئورتۇ، ئوتتۇر، ئوتتۇرى، ئوتتۇرىسى، مەركەز، ئۆي، خانە، كەپە، ساراي، ئۇۋا»دېگەن مەنىلەردە بولغانلىقى، تارىخىي ئۈچۈرلاردىن  مەلۇمدۇر. بولۇپمۇ، «ئوردۇ»سۆزىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، بۇ سۆزنىڭ قەدىمكى ئالتاي تىللىرىنىڭ مەلۇم دىيالېكتىدا «ئورتۇ» دېگەن ۋارىيانتىمۇ بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنىڭ سەل ئۆزگەرگەن شەكلى «ئوتتۇر- ئوتتۇرى- ئوتتۇرىسى» دېگەن سۆزنىڭ بولغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. ئەمما، شەرىقى تۈركىي تىلىنىڭ بىۋاسىتە ۋارىسى بولغان ئويغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تەلەپپۇز قائىدىسىگە زىت ھالدا، ئۇنىڭ «ئورتۇ» شەكلىنى ئەمەس، بەلكى غەربىي تۈركىي تىللىرىنىڭ ئادىتى بويىچە «ئوردۇ- ئوردا» شەكلىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، دىل (غەربىي تۈركىي تىللىرىنىڭ ئايرىم گورۇپپىسىدا)- تىل (ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزىدا)، داغ (غەربىي تۈركىي تىللىرىنىڭ ئايرىم گورۇپپىسىدا)، تاغ (ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزىدا)، دەيۋې (غەربىي تۈركىي تىللىرىنىڭ ئايرىم گورۇپپىسىدا)، تېۋە- تۆگە (ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزىدا)، تېرەن (ئۇيغۇر تىلى تەلەپپۇزىدا)، دېرىن (تۈركىيە تۈرك تىلى) دا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش. بۇ بىر سۆزدىكى بىر خىل خۇسۇسىيەتنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئۆزگىرىش ياسىمىغانلىقى، خاس ئاتالغۇنىڭ بەزىلىرىدە تۇراقلىقلىق ئالاھىدىلىكنىڭ بولىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە. يەنە بىر تەرەپتىن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا شەرىقى تۈركىي تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇش بىلەن بىرگە، غەربىي تۈركىي تىلىنىڭ ئېلېمېنتلىرىمۇ ساقلانغانلىقىنى مۇشۇ «ئوردا» سۆزى بىلەنلا ئەمەس، يەنە باشقا سۆز-ئاتالغۇلار ئارقىلىقمۇ ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، «دالا-تالا»سۆزى ۋە باشقىلار.مەسىلەن، «دالا-تالا»دېگەن سۆزنىڭ ھەر ئىككىلىسى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا ساقلىنىغلىق.
«كەند» (Känd) سۆزى قەدىمكى زاماندا «كەن» (Kän) دەپمۇ ئاتالغان. «دىۋان»دا بۇ ئاتالغۇلار مۇنداق شەرھلەنگەن:‹1›«كەن، كۈنچىقىش تەرەپتىكى ھەر بىر شەھەر نامىغا‹كەن›(Kän) سۆزى قوشۇلىدۇ. بۇ سۆز ‹كەند(Känd)›سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلىدۇر» .‹2›«كەند، كەنت، شەھەر. شۇنىڭدىن ئېلىنىپ قەشقەر‹ئوردۇكەند ــ Ordukänd›دېيىلىدۇ، بۇ‹خان تۇرىدىغان شەھەر، مەركەز›دېگەن بولىدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ياخشى بولغانلىقتىن، ئافراسىياپ شۇ يەردە تۇرغان. بۇ يەر تۆۋەن چىندۇر. شئېردا مۇنداق كەلگەن:
كەلڭىزلەيۈ ئاقتىمىز،
كەندلەر ئۈزە چىقتىمىز.
بۇرخان ئەۋىن يېقتىمىز،
بۇرخان ئۈزە سىچتىمىز.
(كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق، كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق. بۇتخانىنى يېقىتتۇق، بۇت ئۈستىگە چىچتۇق)  .‹3› «كەند، ئوغۇزلار ۋە ئۇلارغا يېقىن يەردىكى خەلقلەر تىلىدا‹يېزاـ كەنت›دېگەن بولىدۇ، زور كۆپچىلىك تۈرك خەلقلىرى تىلىدا ‹شەھەر›دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئېلىنىپ، فەرغانە شەھرىگە‹ئۆزكەندــ ǒzkänd، نامى بېرىلگەن، بۇ‹ئۆز شەھىرىمىز›دېگەن بولىدۇ. يەنە شۇنىڭدەك‹سەمىزكەند ـــSämizkänd ›مۇ چوڭ شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇنى پارىسلار‹سەمەرقەند ــSämärqkänd ›دەيدۇ» . «كەند كۆكى، يۇرت كۆكى، قارىسى، يەنى شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى باغلار، بوستانلار» .
«مانكەند، قەشقەرگە يېقىن بىر شەھەرنىڭ نامى. كېيىن خاراب بولغان» .[ «دىۋان»نى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ ئىزاھاتى بويىچە: «بۇ شەھەر خارابىسى ھازىرغىچە‹mänggän-mankänt›نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە، شۇ شەھەر يېنىدىكى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيە توققۇزاق بازار ئىچى مەھەللىسىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتىلىدۇ» .]
    «كەند»(Känd) سۆزى «دىۋان»دا تىلغا ئېلىنىشتىن ئىلگىرى تارىم ۋادىسىكى قەدىمكى خەلقلەر قوللانغان«تۇمشۇق تىلى» دا«Katha»، «ئۇدۇن تىلى»دا«Kantha»شەكلىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان .  تۇمشۇق تىلى بىلەن ئۇدۇن تىلى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى زامانلاردا ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بەزى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ يەرلەشكەن ساكلار تىلىنىڭ بىر دىيالېكتلىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  بۇ يەردە ئۇقۇرمەنلەرنى گاڭگىرتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ساكلار ۋە توخارلار ھەم ئۇلارنىڭ تىلى  توغرىسىدا  مۇنداق ئىقلىما بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:
‹1›ساكلار توغرىسىدا شىنجاڭ قامۇس نەشرىياتى تەھرىراتى تەييارلىغان، جۇگگو ئېنسىكلوپېدىيە نەشرىياتى 2002- يىلى خەنزۇچە نەشر قىلغان  «شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيەسى»نىڭ 53- بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ساكلار... قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 8-ئەسىرلەردىن كېيىن، ساكلار ياۋروپا-ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسمىدا شەكىللەنگەن... مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىر ئەتراپىدا، ئېلى دەريا ۋادىسى، چۇ دەريا ۋادىسى ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىق قىلىدىغان يېرى بولغان. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 176-يىلى... تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق ئۇدۇن (بۈگۈنكى خوتەن) بوستانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەنلىرى تەدرىجى ئىكىنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئولتۇراقلاشقان ئاھالىغا ئايلىنىپ،11-ئەسىردىن كېيىن، بارا-بارا غەربى يۇرتقا كۆچكەن قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىشىپ كەتكەن. ساكلارنىڭ تىلى ھىندى-ياۋروپا تىلى سىسىتېمىسىنىڭ شەرىقى ئىران تىلى تارمىقىغا تەۋە».
‹2› تۇخارلارنىڭ تىلى توغرىسىدا ئىلمىي خادىملارنىڭ قارىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇنداق:  جۇڭگولۇق تىلشۇناس لىن مېيسۇن ئەپەندى   تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، تارىم ۋادىسىدىكى ھىندى- ياۋروپا تىل ىسستېمىسىغا تەۋە تىلنى توخار تىلى گۇرۇپپىسى ۋە ساك تىلى گۇرۇپپىسى دېگەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا قايىل قىلارلىق كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ.
  توخار تىلى ھۆججەتلىرى ھىندىستاننىڭ قەدىمكى يېزىقى ـــ بىراھمى يېزىقىدا يېزىلغان. تارىم بوستانلىقىنىڭ شىمالىدىكى كۇچا، قاراشەھەر (يەنجى)، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى قوچو قەدىمگاھى ۋە دۇنخۇاڭدىكى بۇددا مىڭئۆيلىرىدىن زور بىر تۈركۈم توخار تىلىدىكى بۇددا ۋە مانى دىنى پۈتۈكلىرى، ئەمچىلىك رىسالىلىرى، توختامنامە ۋە ھېسابات ھۆججەت ۋەسىقىلىرى تېپىلغان. دەسلەپ كىشىلەر بۇ خىل تىلنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1984- يىلى نەشر قىلغان «جۇڭگو مىللىي قەدىمكى يېزىقلار تەتقىقاتى» خەنزۇچە نەشرىنىڭ 56-بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەلىك تىلشۇناس مۇللىر(Mullir) توخار تىلىدىكى «مايتىرى سىمىت» نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىدىن ئۇنىڭغا بىر پاكىتنى بايقىغان. ئۇنىڭدا بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى يېزىلمىنىڭ «Toγri» دەپ ئاتالغانلىقىى ئايان بولغان.  شۇنىڭ بىلەن مۇللېر  بۇنداق نامى يوق تىلغا ‹توخار تىلى› دەپ نام بەرگەن.
    تىلشۇناسلارنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، گەرچە توخار تىلى شەرققە تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىنىڭ شەرىقى تارمىقى بولغان ساتىم( Satim )  تىلى گۇرۇپپىسىدىكى تىللار بىلەن مەسىلەن، سانسكرىت تىلى، پەھلىۋى  تىلى بىلەن خېلى كۆپ پەرقنى ساقلاپ قالغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىنىڭ غەربىي تارمىقى بولغان كىنتۇم (Cintum) تىلى گۇرۇپپىسىدىكى تىللار، مەسىلەن، كىرىت تىلى، ئىتالىيان تىلى قاتارلىقلارغا خېلى يېقىن تۇرغان. بۇلاردىن باشقا، توخار تىلى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1400 - يىللاردا كىچىك ئاسىيادا تارقالغان كىنتۇم (Cintum) تىلى گۇرۇپپىسىدىكى خېتىت تىلى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بولغان. بۇلارلا ئەمەس، توخار تىلى تېكىستلىرىدە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىغا كەڭ دائىرىدە جايلاشقان ئەڭ قەدىمىي پروتو دراۋېدلارنىڭ تىلىغا ئۇيغۇن بولغان ئېلېمېنتلار كۆرۈلگەن. ئالىملار يەنە قەدىمكى كروراننىڭ ساك تىلى دىيالېكتىدا توخار تىللىرىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى بايقىغان. بۇ ئەھۋالغا مىلادىيە 7 - ئەسىردە ياشىغان شۈەنزاڭ مىلادىيە )600-664- يىللار( نىڭ «بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت خاتىرىلىرى»(«大唐西域记») ناملىق كىتابىدا ھازىرقى نىيە بىلەن چەرچەن ئارىسىدىكى بىر جاي)ئاۋرىل  ستەيىن« ئەندىرە»(Andira) دەپ كۆرسەتكەن جاي(نى «كونا توخار دۆلىتىدۇر» دەپ يازغىنى دەل توغرا كېلىدىكەن.
   بىراھمى يېزىقى  ۋەسىقىلىرىدە كۆرۈلگەن توخار تىلى ئىككى خىل دىيالېكتقا ئايرىلغان. بىر خىلى، كۈسەن(كۇچا) ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، «غەربىي توخار تىلى»، «كۈسەن تىلى»  دەپ ئاتالغان؛ يەنە بىر خىلى، قاراشەھەر (ئاگنى) بىلەن قوچو ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، «شەرىقى توخار تىلى»، «ئاگنى(قارا شەھەر) تىلى» دەپ ئاتالغان. تىل خۇسۇسىيىتىدىن قارىغاندا، كۈسەن دىيالېكتى ئاگنى دىيالېكتىغا قارىغاندا بۇرۇنراق. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرىياتى  1988 – يىلى خەنزۇچە نەشر قىلغان لىن مېيسۇن ئەپەندىنىڭ «قۇملۇقتىكى قەدىمكى  پۈتۈكلەر-جۇڭگودىن تېپىلغان قارۇشتىچە ۋەسىقىلەرـ沙海古卷» دېگەن ئەسىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، توخار تىلىنىڭ ئۈچىنچى بىر دىيالېكتى بولسا كروراندىن تېپىلغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردە ئۇچرايدۇ. قارۇشتى يېزىقى ئەسلى قەندىھار تىلىنى خاتىرىلىگەن بىر خىل يېزىق، بىراق تارىم بوستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە كۆرۈلگەن تىل ساپ قەندىھار تىلى بولماستىن، بەلكى يەرلىك تىل دىيالېكتلىرىنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت ئىكەن. ئەنگلىيەلىك تىلشۇناس ت. بۇرروۋنىڭ تەھلىلىچە، بۇ خىل يەرلىك دىيالېكت توخار تىلى دىيالېكتى ئىكەن)، تۇمشۇق تىلى «سۇلى تىلى»(سۇللاغ تىلى)، بارچۇق(بارىسچۇق) تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تىللارنىڭ يىلتىزىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرگەندە، «كەند»سۆزى ئەسلى «ئارىيان تىلى»  دىن كەلگەن سۆز بولۇپ، ئۇ شىنجاڭغا كىرگەن ساك تىلى تۈركۈمى ۋە توخار تىلى تۈركۈمىنىڭ تەلەپپۈز فورمىسىدا، ئازراق پەرقلەنگەن شەكىلدە ئورتاق قوللىنىلغان . مەسىلەن، ھىندى- ياۋروپا تىل سىستېمىسى ساتىم (Satem) تىلى گورۇپپىسىدىن ئىبارەت شەرىقى تىل تۈركۈمى (سانسكرىت تىلى، پەھلىۋى تىلى) گە، كېنتۇم (Centum) تىلىدىن ئىبارەت غەربىي تىل تۈركۈمى (كېرىت تىلى، ئىتالىيان تىلىغا يېقىن) گە بۆلۈنگەن . بۇنىڭدىكى كېنتۇم (Centum) ئاتالغۇسىنىڭ ئۆزىكى«Cent» (كېنت، ياكى كەند - كەنت») بولۇپ،«كېنتۇم (Centum) تىلى»، «كەنت تىلى»، يەنى «شەھەر تىلى ـــ شەھەرلىكلەرنىڭ تىلى» دېگەن مەنىنى بېرىدىغانلىقى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم. بۇ تىل مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 1400-يىللار ئەتراپىدا كىچىك ئاسىيادا تارقالغان كېنتۇم تىلى گورۇپپىسىغا تەۋە ھېتىتلار (Hettiteــ赫梯  ) نىڭ تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مانا مۇشۇ ئورتاق ھىندى- ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىن كېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ساك تىلى ۋە توخار تىلى گورۇپپىلىرىدىكى سۆزلەر بىلەن بىرلىكتە، ساكلار ۋە توخارلارنىڭ بىر تۈركۈمىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەگىشىپ، تارىم ۋادىسىدا قالدۇرۇلغان مىلادىيەدىن كېيىنكى يىللاردىن، مىلادىيە 9-،10- ئەسىرلەرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى يازما ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىي تىللارغا ــ ئۇيغۇر تىلىغا تارىخىي مىراس سۈپىتىدە كىرىپ كېلىپ «دىۋان» نى ۋاسىتە قىلغان ھالدا دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ، «كەنت»، يەنى يېزىلاردا مەھەللىدىن چوڭ، يېزىدىن كىچىك بولغان ئاھالىلار نۇقتىسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.
شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەكى، «كەنت» سۆزىنىڭ «كەن» دېگەندەك ئىككى خىل تەلەپپۇز قىلىنىشىدەك بىر خىل تىل ھادىسىسى بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر،ئارتۇشتا   ئەينەن ساقلانغان. مەسىلەن، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ يېزىسى يۇقىرىقى قازىرىق كەنتى (ئەسلىدىكى قورغان يېزىسىغا تەۋە) ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرىقى قىسمى «تۈتۈرگى ـــ تۈتۈرك»، تۆۋەنكى قىسمى يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن «كەن» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ .ئارتۇش شەھرىنىڭ ئۈستۈن ئارتۇش يېزىسى  يەرلىك كىشىلەرنىڭ تىلىدا يەنە «يەتتە كەن»(كەنت)دەپمۇ ئاتىلىدۇ  ھەم ئۆز ئىچىدە «يۇقارقى كەن»(كەنت)،«تۆۋەنكى كەن»(كەنت)دەپ ئايرىلىدۇ.ئۈستۈن ئارتۇشتىكى ئەڭ چوڭ يۇرت بولغان ئىكىساق 29 مەھەللىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ئۇنىڭ مەركىزىي مەھەللىسى «كەن مەھەللىسى»دېيىلىدۇ. ئومۇمەن،ئۈستۈن ئارتۇشتىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ تىلىدا «كەنت»سۆزى«كەن»دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ .  يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەندەك «دىۋان»دا تىلغا ئېلىنغان «مانكەنت» دېگەن نام «مەنگەن» دېگەن تەلەپپۇز شەكلى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلىدۇ.بۇنىڭدىكى «مانى»سۆزى«مەن»گە،«كەن»سۆزى«گەن»گە ئالماشقان.
ساك، توخار تىللىرىنىڭ سۆزلەر لۇغىتى ئاختۇرۇپ كۆرۈلىدىغان بولسا، بۇ سۆزنىڭ ئەسلىي ساناق سانلاردىكى «يۈز» (100) دېگەن مەنىسىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولىدۇ.  ئۇنداق بولسا، «يۈز» دېگەن سۆز قانداق قىلىپ كەنت، شەھەر مەنىسىنى بېرىدىغان سۆز بولۇپ قالغان. بۇ: يىراق قەدىمكى زاماندا، ئىنسانلار  ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇپ، ئۇرۇق، قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىكىنچىلىك ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەر-ئىكىن ئىگىلەپ، مەھەللە، يۇرت، بازار، قورغان، شەھەر بەرپا قىلىپ، مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەن. يەنى قەدىمكى ئىنسانلار ھايۋانلار دۇنياسىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىنسانلاردا كۈچلۈك ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئادىمىي مۇشتۇمزورلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن بىرقانچە ئادەم ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدىغان بىر خىل خاھىش پەيدا بولغان. بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئىتنىك تەركىپلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن دەلىللەپ كۆرۈشكە   ئەرزىيدۇ. مەسىلەن، قەدىمدە ئۇيغۇرلار«ئون ئۇيغۇر» (يەنە توققۇز ئوغۇز) دەپمۇ ئاتالغان. بۇ ئەسلىي «ئون كىشى»دىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن ئۇرۇقلار بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. شۇنداق بولغاچقا، ئەسلىي تېگى-يىلتىزىنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ خەلق «ئون» سانى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۆزەك ئۇرۇقى ياكى يادرو قەبىلىسىنى ئاتاپ كەلگەن. ئىنسانلارنىڭ دەسلەپ «ئون كىشى»لىك بىر گورۇپپا، يەنى ئۇرۇق بولۇپ ئۇيۇشۇشتا سان ئۇقۇمىنىڭ رولى چوڭ بولغان. ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى ساناق ساناش ئادىتى بارماقلىرى بىلەن ھېساب چىرىقىرىش بولغان. يەنى ئىپتىدائىي كىشىلەر سانلارنى دائىم بارمىقى بىلەن ھېسابلىغان. بىر ئادەمنىڭ ئىككى قولىدا ئون بارماق بولىدىغانلىقى ئىنسانلارنىڭ بەدەن تۈزىلىشىدىكى بىر ئالاھىدىلىك. ئەڭ دەسلەپكى كىشىلەرنىڭ سان ئۇقۇمىدا، ئەنە شۇ بارماققا تايىنىپ سان ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن «ئون» سانى ئەڭ چوڭ سان ھېسابلانغان. شۇنداق ئونلۇق سان ئۇقۇمىغا ئاساسەن ئادەملەر ئوندىن- ئوندىن بولۇپ گورۇپپىلىشىش بىلەن بىرگە، ئورتاق قولغا كەلتۈرگەن دارامەتنى ھەم شۇ سان بويىچە تەقسىم قىلىشقان. بۇنىڭ بىلەن ئون سانى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە مۇقەددەس سان بولۇپ مۇقىملاشقان. كېيىنچە، كىشىلەر توپى كۆپىيىپ، يۈزلۈك، مىڭلىق، تۈمەن (ئون مىڭ) لىق نىسبەت بويىچە ئارتىپ بارغان بولسىمۇ، ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك، نىشاننىڭ ئېنىق بولۇشى، مەركىزىي نۇقتىدىن داجىپ كەتمەسلىك  ئۈچۈن لەشكىرىي قوشۇننىڭ قۇرۇلمىسىدا «ئون لەشكەر»، «ئونبېشى»(ئونباشى)، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا «ئون تۈتۈن»، «ئون بېشى» فورمىسى ساقلىنىپ كېلىنگەن. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن «ئون كىشى» دىن تەركىب تاپقان ئۇرۇقلارنىڭ كۆلىمى كىچىك، كۈچى ئاجىز، نوپۇزى تۆۋەن بولۇپ، ئۇنى كۆپەيتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، «ئون»غا توپلام شەكلىدە قوشۇلغان سانلار «يىگىرمە، ئوتتۇز، قىرىق، ئەللىك، ئاتمىش، يەتمىش، سەكسەن، توقسان»، ئاخىرى، «ئون» نىڭ ھەسسىلەنگەن سانى «يۈز»گە كېلىپ، ھېسابلاشتىكى بىر بىلىش باسقۇچىنى، بىر تارىخىي دەۋرنى ئاخىرلاشتۇرغان. كىشىلەرنىڭ توپى «يۈز ئادەم» گە يەتكەندە ئۇرۇق ئەزالىرى كۈچكە تولغان بىر باسقۇچقا باردۇق دەپ ھېسابلىغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. دەل شۇ چاغقا كەلگەندە، «يۈزتۈتۈن»، «يۈز بېشى»(يۈزباشى) دېگەن ئۇقۇملار شەكىللىنىپ بولۇنغان. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سۈيى ئەلۋەك، ئوت- چۆپى مول، ھاۋاسى سالقىن بولغانلىقتىن شۇ يەردە ئۆسىدىغان ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئىنسانلار قايتا تېرىپ ئۆستۈرۈپ، مەدەنىي ئۆسۈملۈككە ئايلاندۈرۈشقا تەمشىلىۋاتقان، بۇنىڭغا ياندىشىپ، ئۇرۇقلارنى مۇۋاپىق پەسىلدە، مۇۋاپىق تۇپراققا تېرىپ، ئۈندۈرۈشكە كۆزى يەتكەن ئادەملەر ئۇنىڭغا پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن، ئىكىن يەردىن ئايرىلماي، شۇ جاي ئەتراپىغا يەرلىشىش يولىنى تۇتۇپ، شۇ يەرگە كۆنۈشكە باشلىغان پەيتتە «كەند» سۆزى ئەسلىدىكى ساناق سان ئۇقۇمىدىن بىر قاتلام مەنىسى كىڭىيىپ، «يۈزلۈك، يۈز ئادەملىك، يۈز تۈتۈن، يۈز ئادەملىك مەھەللە، يۈز كىشىلىك يۇرت» دېگەن مەنىگە ئىگە بولغان. مانا بۇنىڭدىن «كەند» (يەر نامى) سۆزى كېلىپ چىققان . ئەمدى مەلۇم بىر «كەند» كېڭىيىپ، ئاھالىسى كۆپىيىپ چوڭايغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى «كەند» سۆزى تاشلىنىپ قالماي، بەلكى، ئۇ «بالىق-شەھەر» ئۇقۇمىنى ئاڭلىتىدىغان بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل تارىخىي ھادىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەھەللە قۇرۇلمىسىدا ساقلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقى بىر تارىخىي پاكىت بولۇپ تۇرماقتا. مەسىلەن، ئىلى دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە- يۇرتلاردا «يۈز» سۆزى قوشۇلۇپ كېلىدىغان «كەند» لەردىن 80 نەچچىسى بار بولۇپ، ئۇلار بۈگۈنكى كۈنگىچە «تۇرپانيۈزى»،«جېلىليۈزى»، «توختىيۈزى» دېگەندەك سۆز شەكلىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇ «تۇرپان يۈزلىكى»، «جىلىل يۈزلۈكى»، «توختىيۈزلۈكى»، يەنى «جىلىلنىڭ يۈز كىشىلىك مەھەللىسى ـ جىلىل كەنتى»، «توختىنىڭ يۈز كىشىلىك مەھەللىسى ـ توختى كەنتى» دېگەن مەنىدە.
20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا دولان ئۇيغۇرلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان تۈركولوگ  روسىيىلىك تېنىشىف مۇنداق يازغان: «دولان ئاھالىلىرى ‹يۈزلۈك›نى بىرلىك قىلىدىكەن، ھەر بىر يۈزلۈك ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتى بار ئىكەن. (ئۆز كەنتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن)، مەسىلەن،قاغىمۇش يۈزلۈك (қaγïmuč yüzlük) ،قۇمباش يۈزلۈك(қumbač yüzlük)،بېشىرىق يۈزلۈك(bečï erïқ yüzlük) قاتارلىقلار .
ئىلمىي خادىملار بۇنى چۈشەندۈرۈپ:«‹يۈزلۈك›نى بىرلىك قىلىش»قەدىمكى تۈركىي تىللىق قەۋملەرنىڭ ھەربىي تۈزۈم ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  يەنى بۇ خىل ئالاھىدىلىك بويىچە‹ئۇرۇش قىلىش بىلەن ئائىلە ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈش، كۆچۈش بىلەن چارۋىچىلىقنى ماسلاشتۇرۇش، چەكلىك ئاشلىق بىلەن يېمەك- ئىچمەكنى تەمىنلەش› مۇددىئاسىغا يەتكىلى بولاتتى دەپ يازىدۇ.  
«كەنت» سۆزىنىڭ مەنە قاتلىمىدىن بىلىنىشىچە، ساكلار بىلەن  توخارلار ئۇرۇقداشلىق دەۋرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا دېھقانچىلىق  بىلەن شۇغۇللىنىشقا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۈز ئادەم (ئائىلە) نى بىرلىك قىلغان ئاساستا كۆچمەن تۇرمۇشتىن يەرلىشىپ، ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشكە باشلىغان چاغدا، «كەنت»سۆزى ئەسلىدىكى ساناق سان ئۇقۇمىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يۈز ئادەم (يۈز ئائىلىك ئادەم) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەر دېگەن مەنىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن. كېيىن ساكلار بىلەن  توخارلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ يەرلىشىشى بىلەن، «كەنت» سۆزى باشقا بىر قاتار مەدەنىيەت ھادىسىلىرى بىلەن بىر قاتاردا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.
«يۈز»نى ئۆزەك قىلغان ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىسى داۋاملىق تەرەققى قىلىپ، «يۈز» نىڭ ھەسسىلەنگەن سانى«مىڭ»، يەنىمۇ بىر مۇساپە ئىلگىرلەپ «مىڭ» نىڭ ھەسسىلەنگەن سانى «ئون مىڭ» ياكى «تۈمەن» ئۇقۇمىغا يېتىپ بارغان ھەم ئۇلار «ئون مىڭ» ياكى «تۈمەن» نى ساناق سانلاردىكى بىر پەللە (ياكى دەرىجە)، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىكى بىر ھالقا (ياكى بوغۇن) دەپ ھېسابلىغان. مىڭ تۈتۈن، مىڭ بېشى ۋە تۈمەن تۈتۈن، تۈمەن بېشى دېگەن ئاتالغۇلار بۇ قاراشنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ قارىشىدا، ئون ئادەم، يۈز ئادەم، مىڭ ئادەم، ئون مىڭ ئادەم قاتارلىقلار بىرلىشىپ، بىر ئۇرۇق، قەبىلە، قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغاندا، ئون ئادەمدىن تەركىپ تاپقان ئۇرۇق ئىچىدە ئونلا ئادەم بولىدۇ، يۈز ئادەمدىن تەركىپ تاپقان ئۇرۇق ياكى قەبىلە ئىچىدە يۈزلا ئادەم بولىدۇ، مىڭ ئادەمدىن تەركىب تاپقان قەبىلە ياكى قەبىلە ئىتتىپاقىدا، مىڭلا ئادەم بولىدۇ، ئون مىڭ ئادەمدىن تەركىب تاپقان قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەركىبىدە، ئون مىڭلا ئادەم بولىدۇ، دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئون، يۈز، مىڭ، تۈمەن دېگەنلەر بىر خىل ئابستراكت ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە قېتىلغان ئادەملەرنىڭ ئاز كۆپلىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇئەييەن دەرىجىدە ئازىيىپ ياكى كۆپىيىپ بارغان بولۇشى كېرەك.
بۇ مۇھاكىمىدە «ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە دىھقانچىلىق بولغان» دېگەن ئۇقۇمنى قانداق چۈشنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئادەتتە، ئىنسانشۇناسلىق پەنىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانلار ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىن قەبىلىچىلىك دەۋرى، قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرى قاتارلىق تارىخىي باسقۇچلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. مەيلى ئۇرۇقداشلىق دەۋرى بولسۇن، مەيلى قەبىلىچىلىك ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرلىرى بولسۇن، بۇ دەۋرلەر ئادەتتە، كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋرنىڭ ئاساسىي ئىگىلىكى يىغىپ- توپلاش، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت، ئۇ چاغلاردا ئىكىنچىلىك ئىگىلىكى ئاساسىي ئىگىلىك قىلىنمىغان. لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيا، بالقاش، قارا دېڭىز ساھىللىرى ئەينى زاماندا ھاۋاسى سالقىن، پەسىللەرنىڭ پەرقى ئاز، ئوت- چۆپلەر مول، سۈيى ئەلۋەك، يامغۇر- يېشىن مول بولغان يەر بولۇپ، 7– 9 مىڭ يىللار بۇرۇن بۇ رايوندا بۇغداي تېرىلغان.  شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، ساك، توخارلار ۋە ئۇلار قەۋم بولۇپ شەكىللەنگەن تېررىتورىيەدە ياشاپ، بەلگىلىك ئىز قالدۇرغان قەدىمكى ئىنسان تۈركۈملىرى ئەنە شۇ يىراق دەۋرلەردىكى ئۇرۇقداشلىق باسقۇچىدىلا، باشقا بەزى رايونلاردىكى ئۇرۇق- قەبىلىلەردىن پەرقلىق يۇسۇندا، ياكى بىر قەدەم ئالدىن مېڭىش ھېسابىغا، يۈز ئادەم (يۈز ئائىلىلىك) نى بىرلىك قىلغان ھالدا، قەبىلىچىلىك دەۋرى،  قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرلىرىنىڭ بولۇشىنى كۈتمەستىن، ئۇرۇقداشلىق دەۋرلىرىدىلا، تارىخىي مۇساپىگە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قەدەم بېسىپ «كەنت» لەرگە يەرلىشىشكە باشلىغان بولۇشى ئىھتىمال. مۇشۇنداق بىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش بولمىغان بولسا ئىدى، «كەنت» سۆزى ساناق سان«يۈز»(100)نى بىرلىك قىلغان ئاھالىلار ئولتۇراق نۇقتىسى بولغان«كەنت»كە، ئۇنىڭدىن «بالىق-شەھەر» گە تەرەققىي قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر بۆلىكى شەرققە سۈرۈلۈپ، تۈركىي تىللارغا- تارىم  ۋادىسىغا كىرىپ ئىز قالدۇرمىغان بولاتتى.
ۋاھالەنكى، ساك، توخارلاردىن پەرقلىق يۇسۇندا، باشقا كۆپچىلىك ئىرىقلاردا، «يۈزلۈك» (يۈز تۈتۈن، يۈزبېشى، يۈزباشى)، «مىڭ»لىق (مىڭ تۈتۈن، مىڭبېشى، مىڭباشى)، «ئونمىڭ »لىق (تۈمەن تۈتۈن، تۈمەن بېشى، تۈمەنباشى) ئۇقۇمغا كېڭەيگەندىن كېيىن، ئىكىنچىلىك، ئولتۇراقلىشىش- يەرلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. بەزىلىرىدە بولسا، مەسىلەن، شىنجاڭدىكى بەزى مىللەتلەردە بۈگۈنكى كۈنگىچە ئولتۇراقلىشىپ بولالماسلىق ۋە دېھقانچىلىققا كۆنۈپ بولالماسلىق ھادىسىسى  ساقلىنىپ كېلىنمەكتە. بۇ بىر پۈتۈن ئىنسانلار تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئايرىم قۇرۇلمىسىدا ئومۇميۈزلۇك ھالدا بىر لىنىيە، بىر تۈز سىزىق بويىچە راۋاجلىنىپ كېلىنمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  
ساك، توخار تىللىرىدىكى «Cent»( Cänt- Känd )، يەنى «كېند، كەنت» سۆزىدىكى « K- C»(ك) تاۋۇشى ئۇنىڭ  ئايرىم تىل گورۇپپىسىدا «S» (s-س) ۋە (j-ج)تاۋۇشلىرىغا ئالمىشىدىغان ھادىسە بولغان. مەسىلەن،«Satem»(ساتېم) دېگەن سۆز «Sant-Sent»دېگەن تۈپ سۆزگە «ئىم» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلىشى، سۆز ئوتتۇرىسىدىكى «n» تاۋۇشى چۇشۇپ قېلىشى بىلەن ياسالغان سۆز بولىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ساك، توخار تىللىرىنىڭ ئايرىم دىيالېكتىدىكى تەلەپپۇز قىلىنىشى بولۇشى ئىلمىي قاراشتىن چەتلەنمىگەن. مەسىلەن، ئىپتىدائىي ئىران تىلىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2900-يىلىدىن 2600-يىلىغىچە بولغان ئالتىنچى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يۈز» سۆزى «Sata» (ساتا) دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان . مانا بۇنىڭدىن «Sata» سۆزىنىڭ «sent-sant» (سانت-سېنت) نىڭ ئىخچاملاشقان شەكلى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. «پىرسەنت» (Pirsänt) سۆزىدىكى «سەنت ـ سېنت» (sant-sent)، «خوجەنت» (Hojänt)، «تىجەن ـ تىجەنت» (Tijän-Tijänt) سۆزلىرىدىكى «سەنت- سېنت» يۈز(كەنت) دېگەن ئۇقۇمنى، «جەنت – جەن» سۆزلىرى «كەنت-كەن»، يەنى «يۈزلۈك، يۈزلۈك ئائىلە (ئادەم)»، «كەنت- شەھەر» ئۇقۇمىنى ئاڭلاتقان بولىشى ئىھتىمالغا يىقىن. ئۇندىن سىرت، «پىرسەنت»سۆزى «بىر ساننى يۈزگە كۆپەيتىش»  دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىدىغان بولۇپ، بۇ سۆز ھىندى- ياۋرۇپا تىللىرىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان تىلى پورمىسىغا كېرىپ ئەنە شۇنداق «بىر ساننى يۈزگە كۆپەيتىش»دېگەن مەنىدە ئىستىمال قىلىنىۋاتقانلىقىغا خېلى يىللار بولغان. يېقىنقى بىر قانچە ئەسىر مابەينىدە، ياۋروپا تىللىرى (رۇس تىلىدىن بولسا كېرەك) دىن   ئۇيغۇر تىلىغا يەنە «سېنت» دېگەن سۆزمۇ كىرىپ قوللىنىلىدىغان بولغان. بۇ«سەنت –كەند-جەند-قەند» سۆزلىرىنىڭ ۋارىيانتىمۇ قانداق؟ «سېنت» سۆزى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى تىل ئىستېمالىدا، ئادەتتە «بىر سېنت پۇلنىمۇ تىجەپ خەجلەيدۇ» دېگەندەك سۆز- جۈملىدە ئىشلىتىلىدۇ. «خۇجەنت» پارىس- تاجىك  تىلىدا «Хуҷанд»، روس تىلىدا «Худжанд» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بولۇپ، تاجىكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ  شەھىرى. 1932 -1992-يىللىرى ئارىلىقىدا قەدىمكى نامى ئالماشتۇرۇلۇپ «لېنىنئاباد» دەپ ئاتالغان. مىلادىيە 10-ئەسىردە پارىسچە يېزىلغان «ھۇدۇدۇلئالەم» نىڭ 25-بابىدا «خۇجەند، مەزكۈر رايۇننىڭ ئاساسلىق جايى»دەپ تىلغا ئېلىنغان. بۇ خۇجەند(خۇ+ جەند) سۆزىدىكى «خۇ»نىڭ مەنىسىنىڭ نېمىلىكىنى باشقىلارنىڭ، ياكى كېيىنكى ئىزدىنىشگە قالدۇرۇپ، «جەند-جەنت»نىڭ «كەند-كەنت» بىلەن بىر سۆز ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرىۋالغاندا،  «تىجەن»(تى+  جەن) سۆزىدىكى «تى+تېھ»نىڭ مەنىسىنىڭ نېمىلىكىنى يەنە ھەم باشقىلارنىڭ ياكى كېيىنكى قېتىملىق يېشىپ چىقىشغا قالدۇرغىنىمىزدا، «جەن» نىڭ «جەند-جەنت»نىڭ قىسقارغان شەكلى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ «كەند-كەنت» سۆزنىڭ ۋارىيانتى بولۇشى لازىملىقىنى ئويلاپ يېتىشىمىزنىڭ ئاساسىي يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. «تىجەن» بولسا ئۆزبېكىستاندىكى قەدىمكى بىر دەريانىڭ نامى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئارتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسىدىكى بىر كەنت (بۇ چوڭ تىجەن)، سۇنتاغ يېزىسىدىكى بىر مەھەللە (بۇ ئەسلىي «پارچە تىجەن»دەپ ئاتىلىپ، جانلىق تىلدىكى بۇزۇلۇش نەتىجىسىدە «پاچچەن»دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قالغان)، كالتايلاق (كاتتايلاق) يېزىسىدىكى بىر كەنت نامى. «تىجەن» نامىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشلىتىلىش تارىخىنىڭ قايسىسىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى بىلىشكە ھازىرچە ئېنىق قاراش يوق. ئافغانىستاندىكى«قەندىھار»(Kändähar) شەھىرىنىڭ نامى ھەم «كەند»بىلەن ئالاقىسى بولۇپ، ئۇنىڭ سۆز تەركىبىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادا «كەند» سۆزىنىڭ قوللىنىلىشىنىڭ دائىرىسىنى ئۈگىىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ «كەند -غار-خار» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ قوشۇلىشىدىن ياسالغان ئىسىمدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىمۇ «ك»تاۋۇشى «ق» تاۋۇشىغا ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئەسلى «كەندخار-كەندغار-كەندگار» بولۇشى كېرەك. دېمىسىمۇ، بەزى تىللاردا بۇ ئاتالغۇ «گاندارا- گاندخار-گاندخارا-گاندخارى» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا سۆز بېشىدىكى «ك»تاۋۇشى «گ» تاۋۇشىغا ئالماشقان.
«ھۇدۇدۇلئالەم»دە«كەند»بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى«س.كەند»(55 p)، «پەنجكەنت» (117p)،«جىمكەنت»(118p)،«ئۇركە نت»(127p).«جاماگاند ـ جارماكەند» (135p)، «شىبناكەند» (135p)، «گۇزگان (خۇشكەند)» (140p)، «ساركەنت» (145p)، «سەمەرقەند»(154) ،«چارمانگەن»(چارمانكەند؟156)،«ناۋنىجكەنت» (158p)،«فاكەنت» (158p)، «ئاخسىكەنت» (159p)، «باغاشكەن»(باغاشكەنىت؟159)، «خۇۋاكىنت»(p159)، «يۇكەنت»( 160p)،«بىكەنت» (162p)، «نۇجكەنت» ( 162p )،«كىرجاكەنت» ( 163 p)،  «بىناكەنت» (p163)، «سانكەنت» (p163)، «سودىكەنت»(p163) ،«لىفكەنت» (p166)،  «جەند» (p170) قاتارلىق يەر ناملىرى خاتىرلەنگەن.  
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىستېمالىدا قوللىنىلىۋاتقان «دېھقان»(Dehqkan) دېگەن سۆزمۇ «كەند» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك. «دىۋان»دا تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما تىلشۇناسلار تەرىپىدىن پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان دەپ قارىلىدىغان بۇ سۆز «دېھ + قان» دېگەن ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى «دېھ» نى ئالدى قوشۇمچە دەپ (ئۇنىڭ ئايرىم مەنىسى بار،يەنى ئۇ«ئون»دېگەن ساناق ساننىڭ ئاتىلىشى بولىشى كېرەك) ھېسابلاپ تۇرساق، ئۇنىڭدىكى «قان» بۆلىكى «قەند ــ كەند» نىڭ قىسقارغان شەكلى ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە بولىدۇ. بۇ ئەسلىي «دىھكەند- دىھكاند» بولۇشى كېرەك. «دىۋان» دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى پارس تىلىدا «ك» تاۋۇشىنىڭ «ق»تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدىغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، يۇقىرىدا «دىۋان» دا «سەمىزكەند» نىڭ پارسلار تەرىپىدىن «سەمەرقەند» دېيىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «سەمەرقەند» ئاتالغۇسى كېيىنكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر (مەسىلەن، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر) تەرىپىدىن «سەمەرقەن» دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان. شۇنداق بولغاندا، «دېھقان»دېگەن ئاتالغۇ «يۈز»(كەنت-كەند) دېگەن سۆزى يىلتىزىدىن تەرەققىي قىلىپ «يۈزلۈك ئائىلە ئولتۇراقلاشقان يەردىكى ئىكىنچى ـ تېرىمچى» مەنىسىنى ئاڭلىتىپ، «يەر تىرىغۇچى»، «ئېكىنچى» ئۇقۇمى بولۇشى ئىھتىمالغا يېقىن.
مەلۇمكى، مىلادىيەنىڭ ئالدى كەينىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا  ئاساسەن ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ ئىران تىلى تۈركۈمىنى مەركەز قىلغان پارىس تىلى  گورۇپپىسىدىكى ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭ مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەت تىپلىرى بىلەن بىرلىكتە تەسىرلىك ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ئاتالغۇ ئىرانى تىلى تەلەپپۇزى بويىچە (مەسىلەن، « sant-sänt-sent-sata-sat﹢im») قوللىنىلىپ كېلىنمەستىن، بەلكى، كېيىنكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى ئاجىزراق بولغان «كېنتۇم»تىلى تۈركۈمىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە قوللىنىلىپ كېلىنگەن. بۇنىڭدىن، «كەنت»سۆزى «كېنتۇم»تېلى تۈركۈمىگە تەۋە توخار تىلى مەدەنىيىتى تەسىرى بىلەن (ئەينى زاماندىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان) دەسلەپكى چاغلاردا تۇراقلىشىشقا باشلىغان ۋە يەر-جاي ناملىرىدىكى نىسبىي مۇقىملىق ئۆلچىمى بويىچە بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆز شەكلىنى ئەينەن ساقلاپ كەلگەن.
«ئوردۇكەنت» نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا كۆرۈلىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلارمۇ ساقلانغان. مەسىلەن، شەرقشۇناس فۇن لىكوك 1904-1907-يىلى قاراخوجىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر كەمتۈك ۋاراقنى تېپىۋالغان بولۇپ، ئۇ مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك «ئىككى يىلتىز نوم»نىڭ پارچىسى بولۇپ، ۋاراق پارچىسىدا «قۇتلۇق يىلى قۇتلۇق ئاي قۇتلۇق كۈن» دە «يۇقىرى مەرتىۋىلىك تەڭرى (تۈركىي چارۇق) نىڭ شەھىرى ئارغۇ تالاس ئۇلۇغدا پۈتۈلدى. پۈتۈشتىكى مەقسەت ‹ئون ئوق ئىلىدىكى مۇشرىكلار›ئۈچۈندۇر» دېيىلگەن. ۋاراقتا يەنە جاكان كەنت (ياركەنت)،«ئوردۇكەنت» (كاشغەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى خانئۆي قەدىمكى ئىزى)، چىگىل بالىق (كاشغەر ئەتراپىدا)، كاش-كەش (بۈگۈنكى كاشغەر شەھىرى رايونى) قاتارلىق ناملار بار بولغان. ئىلگىرى بەزى ئالىملار «‹ئونئوق ئىلىدىكى مۇشرىكلار ›ئۈچۈندۇر» دېگەن جۈملىگە ئاساسەن، مەزكۇر ۋاراق پارچىسىنىڭ يېزىلغان تۆۋەن چېكىنى مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى دەپ قارىغان. شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭدىكى «ئوردۇكەنت» بالاساغۇن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق، «ئوردۇكەنت» ئەمەلىيەتتە مىلادىيە 893 ~894 - يىلىدىن كېيىن «كاشغەر»نى كۆرسەتكەن. شۇنىڭغا ئاساسەن، مەزكۇر ۋەسىقىنىڭ يېزىلغان ۋاقتى مىلادىيە 894-يىلىدىن كېيىن دەپ پەرەز قىلىنغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «ئوردۇكەنت» دېگەن نام «سۇلى» (سۇللاغ) نىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلگەن. يەنى، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانى بىلگە كۆل قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق ئەينى زاماندا سامانىيلار پادىشاھى ئىسمائىل بىن مەھمۇدنىڭ ھۇجۇمىنىڭ سەۋەبى بىلەن تالاستىن ۋاز كېچىپ، كاشغەرگە كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ۋاقتى مىلادىيە 893-يىلى ئىدى. تارىخىي ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئوغۇلچاق «سۇلى» (سۇللاغ) نىڭ ئورنىغا «كاشغەر» نى ئىشلەتمەستىن، بەلكى، «ئوردۇكەنت» نى ئىشلەتكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ نام ئوغۇلچاق يىگەنى (جيەنى) سۇتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنگىچە داۋاملاشقان . ۋاقتى مىلادىيە 910-يىلىغا توغر كېلىدۇ دېگەن قاراش بار .
خۇلاسە قىلغاندا،«ئوردۇكەنت»دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئالتاي تىلىسىستېمىسىدىكى«ئوردۇ»بىلەن ھىندى-ياۋرۇپا تىل سىستىمىسىغا تەۋە «كەنت»  سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان خاس ئاتالغۇ بولۇپ، «خاقان شەھرى،پادىشاھ تۇرىغان شەھەر»، «پايتەخت، مەركەز»، ياكى «ئولتۇراقلاشقان شەھەر» دېگەن مەنىنى بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دەسلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ بۇنداق بىرىككەن شەكلى«دىۋان»دا خاتىرىلەنگەن. بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىپ، بىر مەنىنى ئاڭلىتىشى يالغۇز تىلشۇناسلىقتىكى بىر ئاتالغۇ مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك زىمىندا «ئوردۇ»نى ۋە «كەنت»نى بىر بەلگە قىلغان بىر بۆلۈك قەدىمكى شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ مىللىي قوشۇلىشىدىن ئىبارەت تارىخىي بىرلىشىشنىڭ ئىنكاسى دېيىشكە بولىدۇ. بىر قاتار مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىڭ تارىخىي جەريانى ۋە ئۆزگۈرىشىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئادەملىرى ئۇيغۇرلار بولىشى كېرەك،دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى يىتەكچىلىكىدە يېزىلغان «شىنجاڭنىڭ  قىسقىچە تارىخى»ناملىق كىتاپتا شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ، (غوبى ئۇيغۇرلىرى، يەنى شىمالىي يايلاق ئۇيغۇرلىرى،خەنزۇچە ئاتىلىشى بويىچە:漠北回纥) غەربىي رايۇندا يەرلىك خەلقلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىللە كۆرەش قىلىش، بىللە ئەمگەك قىلىش، بىللە ياشاش جەريانىدا، تەدرىجى ھالدا ئۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەرلىك  خەلقلەرمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخىمۇ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ» . دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى يېتەكچىلىكىدە يېزىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتنىك مەنبەسى غۇبى چۆللىكى (شىمالىي يايالاق،خەنزۇچە ئاتىلىشى بويىچە:漠北-نەقىلچىدىن)نىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ۋە تە ڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى، شۇنىڭدەك تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىې قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيەسى»دە تارىم ئويمانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن ساكلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەنگەن .
   نوپۇزلۇق ئىلمىي قاراش بويىچە بولغاندا،« ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسىنى بىر تەرەپتىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىرىدىن مىلادىيە 3 - ئەسىرگىچە گوبى يايلىقىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدا ياشاپ كەلگەن(乌揭) دىڭلىڭ ۋە ئوغۇز لارغىچە سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن . يەنە بىر تەرەپتىن تۇرپان ئويمانلىقىدا (ۋە تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم قەدىمكى دېھقان مىللەتلەرگىچە سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن» .
    تەتقىقادچى لى شىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى» (厉声主编《中国新疆历史与现状》)ناملىق كىتاپتا «(قەدىمكى) ئۇيغۇرلار (回纥) نىڭ مەنبەسى شىمالىي دىلار (北狄) دۇر ». «(ھازىرقى) ئۇيغۇرلار (维吾尔族) كۆپ مەنبەلىك مىللەت بولۇپ، ئاساسلىقى موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان يەرلىك ئاھالىلارنىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن» دەپ يېزىلغان .
   ئارخئولوگىيەلىك ماترىياللار ۋە يازما ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى يەرلىك (نىسبى) ئاھالىلارنىڭ ئىچىدە ساكلار بىلەن تۇخارلارنىڭ تۇتقان ئورنى خېلى چوڭ بولۇپ كەلگەن. ئۇنداق بولسا، ئۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولغان، بۇ توغرىلىق ئالىملارنىڭ ئىلمىي قاراشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
تارىم-تەڭرىتاغ رايۇنىدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەر ئىچىدە ساكلار ۋە توخارلارنىڭ تەسىرى ئالاھىدە چوڭ بولغان، جۈملىدىن، ئۇلار قالدۇرغان مەدەنىيەت ئىزلىرى جەزبىدارلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەلمەكتە. «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر قامۇسى»دا مۇنداق يېزىلغان: «ساكلار قەدىمكى مىللەت...(ئۇلار) ئوتتۇرا ئاسىيادا ئولتۇراقلاشقان. ئېلىمىزنىڭ ئىلى دەريا ۋادىسى، پامىر ئىگىزلىكىدىمۇ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ساكلار بولغان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ‹ساك›دېگەن بۇ نام تارىخ سەھنىسىدىن يوقولۇپ، ئۇيسۇنلار، ئۇلۇغ ياۋچىلار ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى باشقا قەدىمكى قەۋملەرگە قېتىلىپ كەتكەن» . تارىخشۇناس جۇۋېيجۇۋ «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى مەسىلىسى ھەققىدە»ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆيكەن: «...شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ساكلار نىڭ بىر قىسمى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا يەرلىك مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن، ئاخىرى يەنە يەرلىك مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنى تەشكىل قىلغان، مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ساكلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاستىلىك ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىتنىك مەنبەلىرىدىن بىرى» .
توخارلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىرىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى، پروفىسسۇر خې شىڭلياڭ   ئەپەندى قارا شەھەردە ياشىغان توخارلار كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن قوۋملار قاتارىغا قوشۇلغان دەپ  تەكىتلىگەن بولسا ،توخارلارنىڭ قاراشەھەر (يەنجى)، كۈسەندە مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى ئويلىشىپ كۆرگەندىن كېيىن، «قاراشەھەر، كۈسەنلىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە كېرىپ كەتكەنلىكى شۈنھىسىز»دەپ ھېسابلىغان . فرانسىيەلىك شەرقشۇناس ر. گروسسىي «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،  ئۇيغۇرلار  ۋارىسلىق قىلىپ، پايدىلانغىنى ‹توخار› دۇنياۋى ئەدەبىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىدى» دېگەن (بۇنىڭدا پەقەت ئەدەبىيات ھادىسىسىلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، ۋارىسلىق قىلىنغانلىرى ئىچىگە يەنە باشقا مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنىمۇ كىرگۈزۈش ئىلىمدىن چەتلىگەنلىك بولمايدۇ، ئەلۋەتتە- نەقكىلچىدىن). ئەمدى، ئەدەبىيات تارىخى ۋە  مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى لى يۇڭ ئەپەندى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق مۇلاھىزىلەر ئارقىلىق مۇنداق مەنتىقىي پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن: «جەمئىيەت تەرەققىياتى تۈپەيلى، تارىم ۋادىسىدا  ياشىغان توخارلار ۋە ساكلار، جۈملىدىن ئۇلاردىن بۇرۇن ياشىغان دارۋىدلارنىڭ ئېتنونىملىرى تارىختىن ئۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي ئۆلۈپ كەتكەن ئەمەس، خۇسۇسەن ئۇلار تەرىپىدىن يارىتىلغان، داۋاملاشتۇرۇلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يۈكسەك سەۋىيەلىك ئىقتىساد - مەدەنىيەت ترادىتسىيەلىرى  يوقىلىپ كەتكەن ئەمەس. مىلادىيە 10 - ئەسىردىن باشلاپ بۇ خىل ئىقتىساد - مەدەنىيەت ترادىتسىيەلىرى تۈرك - ئۇيغۇر تىللىرى شەكلىدە نامايان بولدى. دېمەك، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئەڭ ئاۋۋال توخار ۋە ساكلار ئۇنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنداق مەنتىقىي يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇكى، تارىم ۋادىسىنىڭ ھىندى-ياۋرۇپا تىل سىستىمىسىغا تەۋە قەدىمكى ئاھالىسى ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يىراق ئۆتمۈش ئەجدادلىرىنىڭ ئاساسى ياكى غولىدۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى ئېتىبارى بىلەن تارىختا ‹غەربىي يۇرت› دەپ ئاتالغان تارىم ھاۋزىسىدىن قۇمۇل بوستانلىقلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىندىكى قەدىمىي  ئاھالىنىڭ ئەۋلادىدۇر» . لى يۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ قارىشىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشنى كېيىنكى مۇھاكىمىگە قالدۇرۇپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ ئاساسىي روھىي بويىچە، ۋە يۇقىرىدا نەقىل ئېلىپ تەكىتلەنگەن باشقا مۇئەللىپلەرنىڭ قارىشىنى چۆرىدەپ   پىكىر ئېيتىپ، شۇنى دېيىشكە بولىدۇكى، «ئوردۇ» بىلەن «كەنت»نىڭ بىرلىشىپ دەل مىلادىيە 9-، 10-،11-ئەسىردىن باشلاپ «ئوردۇكەنت»تىن ئىبارەت  يېڭى بىر تارىخىي ئۇقۇمنى ئاڭلاتقانلىقى مۇھىم تارىخىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تىل ھادىسىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى
                                                               
     ئىزاھاتلار:

  1.  مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»(ئىبراھىم مۇتىئى،ئىمىن تۇرسۇن،مىرسۇلتان ئوسمانۇف قاتارلىقلار تەييارلىغان)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1981-يىل نەشرى، 1-توم، 168-بەت.
2.  يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش.
3.  سىماچيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987-يىلى 9-ئاي (ئۇيغۇرچە) 1- نەشرى، 399-،400- بەتلەر.
  4. يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش.
5.   يۇقىرىقى ئەسەر 235-بەت.
6.   پائۇل پىللىيۇت: «غەربىي يۇرت، جەنۇبىي دېڭىزلارنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسى ھەققىدە دەلىللەشكە دائىر تەرجىمىلەر مەجمۇئەسى» 5 – توپلام ، خەنزۇچە نەشرى ، 148-بەت.
7.   يولۋاس ئوبۇلقاسىم: «ئۈستى ئوچۇق مۇزېي قەشقەر»،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى،117-بەت.
  8.  ئادىل مۇھەممەد تۇران: «قەشقەردىكى قەدىمكى ئىزلار»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2001-يىلى نەشرى، 101-بەت.
9.   پائۇل پىللىيۇت: «توخار تىلى ۋە كۇچا تىلى»، «غەربىي يۇرت، جەنۇبىي دېڭىزلارنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسى ھەققىدە دەلىللەشكە دائىر تەرجىمىلەر مەجمۇئەسى»، خەنزۇچە نەشرى، 126-بەت،.
10. مەھمۇد كاشغەرىي: : دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985-يىلى نەشرى،1-توم ، 442- بەت.
11.   يۇقىرىقى ئەسەر، 1-توم،447-،448-بەتلەر.
   12.   يۇقىرىقى ئەسەر،1-توم،448-،449-بەتلەر.
  13.    يۇقىرىقى ئەسەر،3-توم،182-بەت.
  14.    يۇقىرىقى ئەسەر،3-توم،215-بەت.
15.    يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش..
   16.    «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى»(HISTORY CIVILIZATION OF CENTRAL ASIA-Ⅳ) نىڭ 4-تومى (بۇ كىتاپ ب د ت ئىلىم-پەن مائارىپ تەشكىلاتى-‹UNESCO›نىڭ رىياسەتچىلىكىدە، M.S.ASIMOV,C.E.BOSWORTH  قاتارلىق پروفىسسۇرلارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە يېزىلغان بولۇپ، ئىنگىلىزچە نۇسخىسى 2000-يىلى ، خەنزۇچە نۇسخىسى 2010-يىلى جۇڭگو تاشقى ئىشلار تەرجىمە-تەھرىرلىك نەشرىيات شىركىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.) بۇ كىتاپنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ 278-بېتىدە مۇنداق يېزىلغان:«ساكلارنىڭ ئىككى خىل يېزىق تىلى بولغان، بۇلار تارىم ئويمانلىقىدىن چىققان تۇمشۇق تىلى(Tumshuqese) ۋە خوتەن تىلى(Khotanese).ئۇلارنىڭ ۋاختى 7- ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە.
  17.   خۇاڭ جىنخۇا:«ئۇدۇن يېزىقى تەتقىقاتىدىن بايان»،«جۇڭگو مىللىي قەدىمكى يېزىقلىرى تەتقىقاتى»(«中国民族古文字研究»)غا كىرگۈزىلگەن، جۇڭگو مىللىي قەدىمكى يېزىقلىرى تەتقىقاتى جەمئىيىتى تۈزگەن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى، 1984-يىلى،  خەنزۇچە نەشر قىلغان.

18.   «يىپىك يولىدىكى قەدىمكى تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان»  (بۇ ماقالىنى دوكتۇر لىن مېيسۇن يازغان بولۇپ،بۇ ئاپتۇرنىڭ «غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى» [西域文化»林梅村著] ناملىق كىتابىغا كىرگۈزىلىپ، بېيجىڭ شەرق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995-يىلى خەنزۇچە نەشر قىلىنغان. شۇ كىتاپنىڭ133-، 134-بېتىدە مۇنداق نەقىل بېرىلگەن: «تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئارىيانلار ئىككى چوڭ قەبىلىلەر گورۇپپىسىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلار، توخار تىلى گورۇپپىسى ۋە ساك تىلى گورۇپپىسىدىن ئىبارەت». « 19 -  ئەسىرلەردىلا، ياۋروپالىق تىلشۇناسلار ھىندىستاندىكى سانسكرىت تىلى بىلەن ئىراننىڭ ئاۋېستا تىلىنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن. كېيىنچە، كىشىلەر يەنە بۇ ئىككى قەدىمكى ئاسىيا تىللىرىدا گرامماتىكىلىق قۇرۇلما جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى تەلەپپۇز جەھەتتىمۇ ياۋروپادىكى گرېك ۋە لاتىن تىلى بىلەن يېقىن ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى نەزەرىيەسى بارلىققا كەلدى. بۇ نەزەرىيە تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىغا تەتبىقلىنىپ، مۇنداق پەرەزنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساس بولدى: ھىندىلار، ئىرانلىقلار ۋە ياۋروپالىقلار (بىر قىسمى) تارىختا بىر خىل تىلنى قوللانغان، شۇنداقلا  ئورتاق بىر ئەجدادى بولغان. ھىندىلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئېپوسى ‹رىگاۋېدا› دا ھىندى - ياۋروپالىقلار ‹ئارىيانلار› دەپ ئاتالغان. شۇڭا، ھىندى - ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ خىل ئورتاق تىلى ‹ئارىيان تىلى› دەپمۇ ئاتالغان. ئارىيانلار كۆچمەن قوۋملاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەم زامانلاردىكى يۇرتلىرى ئارال دېڭىزى  (里海) ساھىلى ۋە جەنۇبىي رۇسىيە يايلاقلىرىدىن ئىبارەت بولغان. ئاھالىلەرنىڭ بارغانسېرى غولدىشىغا ئەگىشىپ، ئارىيانلار تەدرىجىي يوسۇندا كۆپلىگەن قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000 - يىللار ئەتراپىدا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، يېڭى يايلاقلارنى ئىزدەشكە كىرىشكەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى گرېتسىيە ۋە ئىتالىيىگە، بىر قىسمى ئىران ئېگىزلىكىگە كىرگەن، يەنە بىر قىسمى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامۇ ۋە سىر دەرياسىدىن ھالقىپ، ھىندىستانغا كىرگەن.(  ۋ. پېتېرسىن: «19 - ئەسىردىكى ياۋروپا تىلشۇناسلىق تارىخى»، پەن نەشرىياتى، 1958- يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 308 -، 339 – بەتلەر).
19.   مەسىلەن، توخار تىلىنىڭ  Aدىيالېكتىدا «Känt»،B دىيالېكتىدا«Kante \ Känte»شەكلىدە قوللىنىلغان؛ شۈۋېنكەن: «توخارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تەتقىقات»(«吐火罗人起源研究»徐文堪) ، كوئىنلۇن نەشرىياتى،  بېيجىڭ، 2005-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 83-بەت.
  20.  لىن مېيسۈن:«غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى»(«西域文化»林梅村著) بېيجىڭ، شەرق نەشرىياتى، 1995-يىلى خەنزۇچە نەشرى.، 134-بەت.
21.   ئوسمان قاسىم قاتارلىقلار: «قازىرىق سەنئەت كۇرژىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلى، 1995-يىلى 3-سان..
  22.  فرانسىيىلىك ئىكىسپىدىتسىيىچى پائول پىللىئوت 1906-يىلى شىنجاڭغا كەلگەندە يازغان « پائول پىللىئوت ئىكىسپېدىتسىيە خاتىرىسى»دە ھەم «ئۈستۈن ئارتۇش يەتتە كەنتتىن تەركىپ تاپقان ئىكەن» دەپ ياغان.(يەنى بىلار:قايراق،ئېكىساق،يولچى،تاقۇت،ئۇچا،بەيساق،دېھقانلاردىن ئىبارەت ئىكەن). ئۇنىڭ يۈننەن خەلق نەشىياتى تەرىپىدىن 2001-يىلى نەشر قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىغا قارالسۇن.
23.   ئىسمائىل ھاجى بايانى،2012-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى،ئۈرۈمچى.
24.   شۈۋېنكەن: «توخارلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تەتقىقات »19-بەت.

   25.  مىگوۋېرن: (ئامېرىكا) (Prof.William Montgomery McGovern) نىڭ توخارلارنى تىنچلىقپەرۋەر ئىككىنچى مىللەت ئىدى دېگەن بايانى، بۇ قاراشنىڭ بىر تولۇقلىمىسى بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر» دېگەن كىتابى(جۇڭخۇا نەشرىياتى 1958-يىلى خەنزۇچە نەشرى،26-بەت..   
  26..  تېنىشىف: «دولانلار ۋە ئۇلارنىڭ تىلى»،«تىل ۋە تەرجىمە»ژورنىلىنىڭ 1988-يىلى 4-سانى،خەنزۇچە.
  27.  لى شۇخۇي: «‹تارىم›نىڭ ئېتىمولوگىيەسى، سۆز مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى »،2007-يىللىق 6-سان، خەنزۇچە نەشرى.

28.    ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى كوپېت تېغىنىڭ ئالدى تەرىپىدە جەيتۇن مەدەنىيىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولغان بولۇپ، ئۇ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 7-5 مىڭ يىللار بۇرۇنقى چاغقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە ئەشۇ چاغلاردا يېزا- ئىگىلىك ئىقتىسادى مەدەنىيىتى مەيدانغا كەلگەن. ئۇ يەردە بۇغداي ئۆستۈرۈلگەن. ب. م. ماسسۇن (روسىيە) :«ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئورنى»، «ئاخىئولوگىيەلىك پايدىلىش ماتىرىيالى» (考古选参考文献)، 3-4-بىرلەشمەسان، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشرىياتى 1978-يىلى، بېيجىڭ، خەنزۇچە نەشرى،1 -7 ،3-4-بەتلەر؛ ب د ت پەن- مائارىپ تەشكىلاتى (UNESCO) يېتەكچىلىكىدە يېزىلغان، رۇۋ چۈەنمىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ۋ.ساليانېد :«خۇراسان ۋە ئامۇ دەرياسى رايونىدىكى يېڭى تاش قۇرال دەۋرىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىلغان مەھەللىلەر ھەم باشقا مەھەللىلەرــ شەرىقى ئىران، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئافغانىستان»، «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى»، جۇڭگو تاشقى ئالاقە تەرجىمە نەشرىياتى شىېركىتى، ب د ت پەن- مائارىپ تەشكىلاتى، 2002-يىلى بېيجىڭ نەشرى، 1-توم، 112- بەت.   
       29.  ج.خارمات: «ھىندى- ئىرانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇشى: ھىندى-ئىران تىلى»، «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى» ، ب د ت پەن- مائارىپ تەشكىلاتى (UNESCO) يېتەكچىلىكىدە يېزىلغان، رۇيچۈەنمىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ، جۇڭگو تاشقى ئالاقە تەرجىمە نەشرىياتى شىركىتى، ب د ت پەن- مائارىپ تەشكىلاتى،2002  -يىلى بېيجىڭ نەشرى، 1-توم، 273- بەت.
30.   ئابدۇرېھىم ھاشىم: «ئاتۇش» (Ⅰ)، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2005-يىلى نەشرى، 121-،122-بەتلەردە «ئۆزبېكىستان س س س ر تارىخى»، تاشكەنت ئۆزبېكچە نەشرى،83-84-بەتلەردىكى مۇنۇ بايانلاردىن نەقىل كەلتۈرگەن: «يۇنان تارىخچىسى سىترابونىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،تىجەن دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىنى بويلاپ يۈرگەن پەرنە دەپ ئاتىلىدىغان داخ خەلقلىرىدىن بىرىنىڭ داھىسى نەسلى-نەسەپ جەھەتتىن ساك، ئارشاك ئىرانغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئۇنى بويسۇندۇردى».
   31.   ئابلەت نۇردۇن تەرجىمىسى: «ھۇدۇدۇلئالەم» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2003-يىلى نەشرى، 117-،118-،127-،135-،140-،145-،154-،156-،158-،159-،160-،162-،163-،166-،170-بەتلەر.
  32.  لى شۇخۇي: «دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنبەسى، ئىرقىي ئالاھىدىلىكى ۋە تىل ئالاھىدىلىكى»، «غەربىي يۇرتنىڭ تارىخ- مەدەنىيىتى»، 1 -توپلام ، پەن نەشرىياتى،2006-يىلى 1-ئاي خەنزۇچە نەشرى، 237 –بەت.
  33.   گاۋيۇڭجيۇ مەسئۇللىقىدا يېزىلغان: «ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن شىنجاڭنىڭ تارىخشۇناسلىقى ۋە مىللەتشۇناسلىقى توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2004-يىلى، خەنزۇچە نەشرى،86-بەت.
34.  ليۇزىشاۋ: «ئۇيغۇر تارىخى» ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىلى، خەنزۇچە نەشرى، 147-بەت.
  35.  ئىلگىرى «كەنت»سۆزىنى تۈركى سۆز دەپ قارىغان ئەھۋال بولغان. مەسىلەن، بۇ ھەقتە نيۇرۇچېن، نيۇرۇجىلارنىڭ «‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›نىڭ بىرىنچى تومىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا يەر-جاي ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات» («غەربىي يۇرتنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى»‹西北史地›،1987-يىلى 2-سان، لەنجۇۋ،خەنزۇچە) ناملىق ماقالىسى ۋە باشقىلارغا  قارالسۇن.
  36.   ئابىتاكىئو(ئەنبۇجيەنفۇ)«غەربىي ئۇيغۇر خانلىقلىرى تارىخى تەتقىقاتى»(«西回鹘国史研究»安部健夫著)،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1985-يىلى، ئۈرۈمچى، خەنزۇچە نەشرى،287 – بەت.
   37.  «شىنجاڭنىڭ  قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،1984-يىلى نەشرى،1-قىسىم،237-بەت.
38.    «شىنجاڭ ئېنسىكلوپېدىيەسى»(«新疆百科全书») جۇگگو ئېنسىكلوپېدىيەسى نەشرىياتى، 2002-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 53-بەت.
39 . چيەن بوچۈەن مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيغان: ئوغۇزخان رىۋايىتىدىكى بايانلارغا قارىغاندا، ئۇغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ئورماننىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇراقلاشقان. ئوغۇز دېگەن مىللەت نامى بىلەن يىراق قەدىمكى دەۋردىكى ئوغۇز (乌揭) ۋە ۋېي،جىن ، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلار دەۋرىدىكى ئېگىز قاڭقىلىقلار (高车部)  نىڭ ئاساسىي قەبىلىسى بولغان ئوغۇز(乌护) نىڭ ئاھاڭى بىر –بىرىگە يېقىن ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «ئوغۇز»(乌揭)لار بىلەن كېيىنكى«ئوغۇز» (乌护) لاردىنئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «ئوغۇز»(乌揭)لار بىلەن كېيىنكى«ئوغۇز» (乌护) لاردىن كېلىپ چىققانلىقى ئىھتىمالغا بەك يېقىن. [ چيەن بوچۈەن «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى»(يۈسۈپجان ئىلى تەرجىمىسى) ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىلى نەشرى، 193 –بەت.]
40.   «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتى يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىل نەشرى، 8-، 9- بەتلەر.  
41.  «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى خەنزۇچە نەشرى، 32-33- بەتلەر، ئۇيغۇرچە نەشرى 68- 69- بەتلەر.  
  42.  «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر قامۇسى»(«新疆民族辞典») ،شىنجاڭ خەلق نەشرېىياتى 1995-يىلى خەنزۇچە نەشرى. 33-بەت.
  43.   «‹ئۇيغۇرلار›قاتارلىق ئۈچ كىتاپ مەسىلىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى»
  ) «等三本书问题讨论会论文集 ‹维吾尔人›»)،فېڭ داجېن مەسئۇللىقىدا تۈزۈلگەن،138-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
   44. خې شىڭلياڭ: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېتىقادى»،«مىللەت تەتقىقاتى»(«民族研究») ژۇرنىلى، 1995 - يىللىق 6 - سان، خەنزۇچە، بېيجىڭ ؛
45.  خې شىڭلياڭ «شىنجاڭدىكى مىللىتلەرنىڭ ئەئەنىۋى جەمىيىتى ۋە مەدەنىيىتى» («新疆民族传统社会与文化»)  309- بەت، سودا نەشرىياتى،2003-يىلى خەنزۇچە نەشرى ,بېيجىڭ.
46.    ر. گروسسىي: «يايلاق ئىمپېرىيىلىرى»(«草原帝国»)، چىڭخەي خەلق نەشرىياتى، 1991 - يىلى نەشرى، 147 – بەت، شىنىڭ.
  47.   لى يۇڭ: «ئۇيغۇر خەلق كلاسسىك مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يىراق ئۆتمۈش ئىقتىساد - مەدەنىيەت ۋە ئېتنىك ئاساسى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى  ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1995 - يىللىق 2 – سان.

  
بۇ ئەسەر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنېلى 2012-يىللىق 1-سان 76-87 -بەتلەردىن ئېلىنىپ يوللاندى

     تورغا يوللىغۇچى :خوجا نىياز


  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 11:25 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 04:43:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز يوللۇق تىكىن ئەپەندىم شۇنداق چوڭقۇر قىزىپ ، ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بىرىپسىز .
قەشقەردە ئوردا كەنىت  دەپ رىستۇراندىن بىرسى .

گەپ ئىغىزدىن چىقماستا ، گەپنى ئادەم باشقۇردۇ ، ئىغىزدىن چىقىپ بولغاندا ، گەپ ئادەمنى باشقۇردۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش