مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1840|ئىنكاس: 9

ت.ئا.قوشماق:ئەسقەر ئەھمىدىنىڭ ئىككى كىتاۋى نەشىر قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91298
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1357
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:57:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسقەر ئەھمىدىنىڭ ئىككى كىتاۋى بىرلا ۋاقىتتا كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى



قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسىى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىڭ كادىرى، ئىجتىھاتلىق ئەدىبىي تەرجىمان،  يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى  ئەسقەر ئەھمىدىنمىڭ  «مېھىر» ناملىق ئىجادى ھىكايىلەر توپلىمى بىلەن « روھ ۋە ماددا ھەققىدە ھىكايە» ناملىق تەرجىمە كىتاۋى يىقىندا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
     « مېھىر » ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا ئەسقەر ئەھمىدىنىڭ يىقىنقى 10 يىل مابەينىدە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان 88 پارچە ھېكايىسى ئىچىدىن  36 پارچە ھېكايىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،بۇ ھېكايىلەرنىڭ ۋەقەلىگى گەرچە قىىسقا، پىرسۇناجلىرى ئاز بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇش پۇرىغا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر بىر ھىكايىسى ئادەمگە ئۆزگىچە تەسىرات، ئۆزگىچە  تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن « خۇشامەت»، « بۇ قانداق  مەنتىقە»، « مېھىر»، « تېلەمچى باي»، « جىنازا»، « سىز قاچان مۇدىر بولىسىز ؟ » « قېتىقچى بالا» قاتارلىق ھېكايىلەر تاللىغان ۋەقەلىكلىرىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا ناھايىتى يىقىنلىغى، تېلىنىڭ يۇمۇرىستىك ۋە گۈزەللىگى، پىرسۇناجلار دېئالۇگلىرىنىڭ قىسقا ۋە مەزمۇنلىغى بىلەن  ئوقۇغان ھەر بىر كەتاپخاننى ئۇزۇنغىچە چوڭقۇر خېيال دەرياسىغا غەرق قىلىدۇ. « روھ ۋە ماددا ھەققىدە ھىكايە» ناملىق تەرجىمە كېتاۋىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى كورىيەلىك يازغۇچى كاڭ يىنچى ئەپەندى بولۇپ، بۇ كىتاپتا ئاساسەن بالىلارنىڭ زېھنى كۈچىنى ئاچىدىغان قىزىقارلىق پەلسەپىۋى ھېكايىلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ كىتاپ بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلېغىنى ئىچىش، ۋە  بالىلار تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. 1965 -يىلى 2-ئايدا قەشقەر شەھەرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئەسقەر ئەھمىدى 1987-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتىتنى پۇتكۇزۇپ، قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەخسىم قىلىنغان بولۇپ، 1993 – يىلغىچە مەزكۇر مەكتەپتە خەنزۇ تېلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.  1993-يىلدىن 2005-يىلغىچە قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدا، 2005 – يىلدىن 2007 - يىلغىچە قەشقەر شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى تەرجىمە ماقالىسى 1984- يىلى « قەشقەر گېزىتى» دە،  كېچىك ۋاختىمدىكى بىر ئىش» ناملىق تۇنجخ ئىجادى ھېكايىسى1988 – يىلى « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە  ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا  دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ 650 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. 90 پارچىغا يىقىن ئىجادىي ھېكايىسى ، 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ۋە مۇھاكىمە ماقالىلەرنى  ئېلان قىلىندى. ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە « ئىناق قەشقەر » ( 7 قىسىم ) « ئائىلە تاپشۇرقى » ( 3 قىسىم )قاتارلىق دەرىسلىك ۋە پايدىلنىش ماتىرىياللىرىنى تۈزۈش ،تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتى . ئۇنىڭدىن باشقا  « ۋۇدۇڭيۇن » (ئابلەت جۈمە تۇپراق بىلەن بىللە) ،« لېنىن ئۆكتەبىردە » ، « لېنىن  1918 –يىلىدا » ، « يولداش  لىيۇشاۋچى  ئەنيۈەندە » ، « يولداش ماۋزېدۇڭ  شىمالى  شەنشىدە »،  « تەرقىقى قىلۋاتقان ‹قەشقەر مائارىپى › » قاتارلىق 10 نەچچە پارچە تەرجىمە ۋە ئېجادى كىتابى نەسر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
ئەسقەر ئەھمىدى ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدىبىي تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك خەتتاتلار جەمىئيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىي تەرجىمانلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى. « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى » نىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 01:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10313
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3549 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازغۇچىغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:30:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازغۇچىغا ئۇتۇق تىلەيمەن !!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 01:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن . ھازىر كىتاب چىقارماق تەس بولۋاتقان ۋاقىتتا سزنىڭ كىتابىڭىزنىڭ نەشىرىدىن چىققانلىقىغا خوش بولدۇم.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 01:35:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتىقادلىق يازغۇچىلار خەلقىمىزنىڭ بايلىقى ! تىما ئىگىسى' ئىتىقادلىق قېرىندىشىم "قوشماق "نىڭ يازمىللىرىغا تەشنامىز!  .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99170
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 390
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 07:44:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەركەت تىلەيمەن

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4234
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20195
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1680 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 08:58:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1384 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 09:02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ، قوللاش يۈزىسدىن كىتاپخانىغا بارسام سېتىۋالىمەن .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96611
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2013-8-1
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 02:19:08 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موبارەك بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96384
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 12:09:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك  بولسۇن ئۇستازىم ،10يىلچە بولۇپتۇ مۇشۇ قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگىلى ،ئاجايىپ ئىستىبداتلىق ،مىھرىبان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بولىدىغان ،ئوتكەندە ئەسلىمە بولسۇن ئۇچۇن بۇ ئانا مەكتەپكە بارسام ئۇ ۋاقىتتىكى قەدىردان ئۇستازلار ئاساسەن يوق ،بەكلا ياشلىشىپ كىتىپتۇ ،ئەسلىدە بۇ پىشقەدەملىرىمىز يوتكىلىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش