مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7838|ئىنكاس: 58

ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96127
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-7-20
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:37:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالەمدىن ئۆتتى


      

  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ باشلامچىسى، ئۇستاز تەرجىمان، پېشقەدەم نەشرىياتچى توختى باقى ئارتىشى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.
        توختى باقى ئارتىشى 1922-يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئىتارچى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939-يىلى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنگە كېلىپ، بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلىيەلمەي ئامالسىز مەكتەپتىن چېكىنىپ «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشچى، ھەرپ تىزغۇچى، تەھرىر بۆلۈم خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 1942-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە ئەينى چاغدىكى ئۈرۈمچى ساقچى ئوفىتسېرلەر مەكتىپىدە ئوقۇغۇغان. 1944-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1946-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ «ھەقىقەت» گېزىتى ۋە «ئالغا» گېزىتىدە تەرجىمان، مۇھەررىر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قاتنىشىپ، تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ لۇشۈن ئەسەرلىرىنى ئىزچىل تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن. 1962-يىلىدىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1986-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.
        توختى باقى ئارتىشى  كۆپ يىللىق تەرجىمانلىق ھاياتىدا سىياسىي نەزەرىيىۋىي ئەسەرلەر، پەن-تېخنىكا ئەسەرلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، گېزىت-ژۇرنال ماقالىلىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەزمۇن ۋە ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللاندى: «يېڭى باتۇرلار»، «تۈن يانغاندا»، «كەپىگە ئۈچ قېتىم زىيارەت»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى» (22 توم) قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى؛ «تەرجىمە تەجرىبىلىرىدىن تەرمىلەر»، «لۇشۈن تەرجىمە توغرىسىدا»، «تەرجىمە توغرىسىدا»، «قانداق تەرجىمە قىلىش كېرەك؟» قاتارلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازدى؛  «كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟»، «ھەق گەپ قىلغان گۇناھ ئەمەس» (2 توم)، «كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يول» قاتارلىق ماۋزۇلاردىكى تاللانما تەرجىمە توپلاملىرىنى نەشردىن چىقاردى، «چۈشنىڭ ماھىيىتى ۋە تەبىرى» ناملىق چڭ ھەجىملىك ئىجادىي تەرجىمە ئەسىرىنى نەشرگە تاپشۇردى.







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahammatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-29 11:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97733
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 656 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:37:56 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازىمزنڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ……

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:44:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 793 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:51:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرسۇن!!!ھەقىقەتەن مول ھوسۇللۇق تەرجىمان ئىدى بۇ زات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13251
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 639 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:53:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاللاھ ئۇستازىمىزنىڭ ئىلىم يولىدا بىر ئۆمۈر تەر تۆككىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالىي شاپائەت ياغدۇرسۇن،ئامىن.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83429
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:57:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇ دۇنيالىغى ياخشى بولغاي!
  مەرھۇم تېرىشچانلارنىڭ ئۆلگىسى، مېھنەتكەشلەرنىڭ ئۆلگىسى، تۆھپىكارلارنىڭ ئۆلگىسى ئېدى. يېشىنىڭ شۇنچە چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي كىتاپ كۆرۈشنى ۋە مېھنەت قىلىشنى تاشلىمىغان، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەلگە ھوسۇل بېرىپ كەلگەن مۆتىۋەر زات ئېدى!...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32266
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3415 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 01:01:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىم يولىدا بىر ئۆمۈر تەر تۆككىنى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرسۇن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7430
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 01:03:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1 ئايلىق خىزمەتدىشىم ئىدى، ھەق رەھمىتىگە كېتىپسىز، اللەھنىڭ جەنەتتىن جاي بېرىشىگە دۇئا قىلىمىز!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 564
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5387
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1190 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 01:05:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇستازغا اللاھ جەننەتتىنئورۇن بەرگەي ...

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 980
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45951
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6616 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 01:22:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي...............يەنە بىر تىلشۇناس  تەۋەررۈك ئالىمىمىزدىن ئايرىلىپتۇق! قۇدرەتلىك اللاھ مەرھۇمغا جەننەت، ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا سەۋرى-تاقەت ئاتا قىلغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 01:26 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش