مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14378|ئىنكاس: 51

ئازغانلار ۋە ئېزىۋاتقانلار(پوۋېست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 07:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           ئاپتورى – ي .ئا(ھايات)
(1)
-ۋاي ئاپام  
ئورنىدىن ئەمدىلا تۇرغان تۇنساگۈل ئېشىك تۈۋىدە تۇرغان ئاق كىيىملىك گەۋدىدىن خۇدىنى يوقىتىپ ۋارقىراپ سالدى.   
-ۋاي ئاپام ،ھېزىم ...
تۇنساگۈلنىڭ ئىككىنچى قىتىم قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، يىنىدا ياتقان ھېزىمنى ئۇيغاتماق بولۇپ قولىنى سوزدى. بىراق ھېزىم يوق ئىدى. ئۇنىڭغىچە ئېشىك تۈۋىدىكى ھېلىقى گەۋدە تامنى سىلاشتۇرۇپ ئېلىكتىر چىرىقىنى ياندۇردى.  
قورقۇپ كەتكەن تۇنساگۈل ئېشىك تەرەپكە ئىسەڭگىرەپ قارىدى. ئېشىك تۈۋىدە ئەرۋاھ ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئاق روباشكىسىنى كىيگەن يولدىشى ھېزىم تۇراتتى.   
-سەن ،سەن ،نېمە قىلىپ يۈرىسەن ، - تېخىچە قورقۇپ تۇرغان تۇنساگۈل ھېزىمغا تىل سالدى، - ھۇ بېشىنى يەيدىغان تاز ،ئادەمنى شۇنچىمۇ قورقىتامسەن ؟  
-يائاللا، ۋارقىراپ كەتسەڭ نېمە بولغاندۇدەپ ئېغىزىمغا گەپمۇ كەلمەي قالدى خوتۇن ، - ھېزىم خۇددىي ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.  
-يەنە نېمە بولسا بولاتتى ماڭا،- يۈرىكى ئورنىغا چۈشكەن تونساگۈل يولدىشىغا قاراپ تۇيۇقسىز كۈلۈپ تاشلىدى، - ساراڭ بولۇپ قالمىغانسەن ؟ بۇ نېمە قېلىق ئەمدى؟
- نېمىسىنى دەي ئەمدى ، -دېدى ھېزىممۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ، - بايا ئۇيغانسام زەھەر قىستاپ قاپتۇ.قارىسام بەك جىددىي .ئاستى –ئۈستۈمگە كىيسەم ئۈلگۈرۈلمەي قالماي دەپ شۇ قولۇمنى ئۇزاتساملا مۇشۇ چىققان شۇڭا...   
- ھۇ ،بېشىنى يەيدىغان تاز ،سەن قىلمىغان ئەمدى مۇشۇ ئىش قالغان زادى؟   
- بولدى ،بولدى خوتۇن ،قورققىدەك ئىش يوق. – ھېزىم سەل تۇرۇپ تۆۋەندىكىنى قوشۇپ قويدى، - ماۋۇ ئىشنى باشقىلارغا دەپ يۈرمە يەنە!   
ھېزىم بىرىپ ئېلىكتىر چىرىقىنى ئۆچۈردى. ئۇ ئاستا يوتقانغا كىرىپ ، تۇنساگۈلنى يېنىغا تارتتى.   
-ۋاي ،نىرى تۈرە ، - تۇنساگۈل ئۇنى ناز بىلەن ئىتتىردى. ھېزىممۇ بولدى قىلماي ئۇنىڭ يەلكىسىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى.  
-ماڭا قارا ،يەنە دەپ قوياي ،ماۋۇ ئىشنى ھېچكىمگە ...
-دەيمەن تازا .   
-قىنى شۇنداق قىلغىنىڭنى بىر كۆرەي ،- ھېزىم ئاچچىقىدا ئۇنى سېلكىشلىدى.   
- قولۇڭنى تارت مەندىن ، - تۇنساگۈلمۇ ئاچچىق بىلەن ئېيتتى، - مەن بۇ ئىشلارنى دەپ يۈرىدىغانغا كىچىك بالىمۇ ئەمدى.  
ھېزىم شۇندىلا قايتىدىن پەسكۈيغا چۈشۈپ تۇنساگۈلگە قايتا قولىنى ئۇزاتتى.   
تۇنساگۈل سەھەر ئۇرنىدىن تۇرۇپ ، چايغا ئوت قالىدى. ئۇنىڭغىچە ئۆيدە سۈت قالمىغانلىقىنى بىلىپ ، خوشنىلاردىن سوراش ئۈچۈن ئۇدۇل قوشنىسى ئادالەتنىڭ ئۆيىگە قەدەم تاشلىدى. ئىككى قوشنا دەرۋازا ئالدىدىلا ئۇچراشتى.  
-    ئەسسالام ئادالەت ، - سىزمۇ ئېشىك ئالدىنى تازىلاۋىتىپسىزدە ؟   
-    ۋۇي تونساگۈلمۇ سىز ، - ئادالەت چۆچۈپ كەينىگە ئۆرۈلدى.   
-    قارىسام ئۆيدە سۈت تۈگەپ قاپتۇ، - تۇنساگۈل سەل تۇرۇپ قوشۇپ قويدى، - كالىنى ئاخشام ھېزىم ئېتىزلىققا قالدۇرۇپ قويۇپ كەپتىكەن .شۇڭا ئازراق سۈت سوراپ كىرگەن قوشنام.  
-    قىنى ئۆيگە كېرىڭ .   
ئادالەت ئۇنى ئۆيگە باشلىدى.ئادالەت ئۇنىڭ قولىدىكى قاچىنى ئېلىپ سۇت ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كەتتى.  ئۇنىڭغىچە ئۇنىڭ يولدىشى قاسىممۇ ئۆيدىن تالاغا چىقىپ كەلدى.   
-    پاھ ، سەھەردە ھويلىدا بۇلبۇلنىڭ مۇڭلۇق سايرىغىنى بىكار ئەمەسكەندە ، مانا ئەسلى تونساگۈلنىڭ كىرىشىدىن بېشارەت بىرىپتىكەندە. –دېدى قاسىم سەت ھېجىيىپ تۇرۇپ .   
-    تولا سەتلەشمىسىلە قاسىىماخۇن ، ھېلى ئادالەت چىقىدىغان بولسا ،بۇلبۇللىرىنىڭ تۈكى توزۇپ كەتمىسۇن يەنە .ھا ھا ھا *bC^X'  
تۇنساگۈلنىڭ تۇيۇقسىز كۈلكىسىدىن ھويلىدا دانلاپ يۈرگەن ئىككى مىكيان چۆچۈپ ،باغ تەرەپكە قاراپ قاچتى. بۇنى كۆرۈپ ھەر ئىككىسى يەنە قاقاقلىشىپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭغىچە ئادالەتمۇ ئۆيدىن چىقىپ كەلدى. ئۇ يولدىشى بىلەن تونساگۈلنىڭ كۈلۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ،قاپىقى سەل تۈرۈلدى دە ،قاسىمغا قاراپ :  
-چۈشلىرى بۇزۇلۇپ قالمىغاندۇ سىلىنىڭ ، ئىشلرىنى قىلسىلا ، - دېدى.   
تونساگۈلمۇ خىجىل بولۇپ ئۆزىنى دەرھال تۈزەپ ، گەپنى بۇرىدى.  
-    باشقىچە چۈشۈنۈپ قالمىسىلا ئادالەت ، شۇ ئېسىمگە بىر ئىش كېلىپ قىلىپ ، كۈلۈپ سالدىم شۇ .   
-    ئىككىڭلار تەڭ كۈلگۈدەك قانداق قىزىقارلىق ئىش ئىدى ئۇ ، - ئادالەت تەرىنى تۈردى، - قىنى مەنمۇ ئاڭلاپ باقاي تونساگۈل .   
گەپنى قانداق ئوڭشاشنى بىلمەي قالغان تونساگۈلنىڭ كاللسىغا تۇيۇقسىزلا ئاخشامقى ئىش كەلدى دە، ئويلانماستىنلا ئۇنى ئادالەتكە دەپ سالدى. -    ھا ھا ھا ، - كۈلكىدىن ئۆزىنى تۇتالماي قالغان ئادالەت بېقىنىنى تۇتقىنىچە سۇپا قىرىغىلا ئولتۇرۇپ قالدى. – ۋاي ئانام ، ۋاي قانداق قىلاي، نېمە دېگەن قىززىق ئىش بۇ.  
-    قوشنام بۇ ئىشنى باشقىلارغادەپ سالمىسىلا ھە، - تونساگۈل شۇنى دېدى دە، ئالدىراپلا ئۇ يەردىن ئايرىلدى.   
ئاياللار ئەنە شۇنداق . بىر گەپنى ئاڭلىدىمۇ بولدى. ئۇنى ئىككىنچى بىرىگە دېيىشكە ئالدىرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەخپىيەتلىك ساقلىتىمەن دېگەننىڭ ئۆزى بىر ساراڭلىق. تونساگۈلنىڭ ئويلانمايلا دەپ سالغان مەخپىيەتلىكى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا مەھەللىدىكى بىر قانچە ئايالنىڭ قولىقىغا بىرىپ يەتتى. ئەلۋەتتە، ئادالەتمۇ بۇنى ئۇلارغا ھېچكىمگە دېمەسلىك شەرتى بىلەن دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن كەچ كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا بۇ گەپ بۇ كىچىككىنە يېزىغا پۇر كەتتى. مەھەللە دوقمۇشىدا ئولتۇرغان بىر قانچە بىكار تەلەپلەرنىڭ ئېغىزىدىمۇ شۇ گەپ .  
-    ھەي ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟ ھېزىمنى ئاخشىمى ئايالىنىڭ روباشكىسىنى كىيىپ ئۇخلايدىكەن دەيدىغۇ؟   
-    ۋاي ،سەن تىخى ئەمدى ئاڭلاۋاتامسەن ؟ ئۇ ئايالى بىلەن توي قىلغاندىن بۇيان شۇنداق قىلىق چىقىرىۋاپتۇ .بۈگۈن ئايالى چىدىماي بۇ ئىشنى باشقىلارغا دەپتۇ.
-    ئۆزى ئايالىنىڭ روباشكىسىنى كىيىپ ،ئايالىغا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى كىيدۇرۇپ ،قوچاقلاپ ياتقۇدەك دەيدىغۇ؟   
-    ئاخشىمى ياتقاندا ئايالىغا يالغان بۇرۇت چاپلاپ قويىدىكەن .  
-    بىلسەم ،بىلمىسەم بۇ شۇ ئايالىنىڭ تىپىپ چىققان ئويۇنى .  
ئىنسان دېگەننىڭ ئېغىزىنى توسىۋالغىلى بولامدۇ زادى؟ «ھېزىم ۋەقەسى» بىر كۈن ئىچىدىلا ئەنە شۇنداق قولاقتىن –قۇلاققا، ئېغىزدىن –ئېغىزغا يېتىپ ،شەكلى ئۆزگىرىپ ،ئاجايىپ كۈلكىلىك گەپ –سۆزگە ئايلاندى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېزىمنىڭ يېقىن ئاغىنىسى تورسۇن كەچكە يېقىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بۇ ئىشنى ھېزىمغا ئېيتىپ ئۇنىڭدىن زادى بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى. ھېزىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، نە كۈلۈشىنى ،نە تىرىكىشىنى بىلمەي قالدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا يۈگۈرۈپ چىقىپ ياندىكى ئۆيدە ئىش قىلىۋاتقان تونساگۈلنى ئۇرۇپ –چەيلىۋەتكۈسى كىلىپ كەتتى. بىراق ئۆيدە تۇرسۇن بولغاچقا ئۇ ئۆزىنى تەستە تۇتىۋالدى. ئۇ ئاغىنىسىگە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. تۇرسۇنمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي كۈلۈپ كەتتى.  
تورسۇننى دەرۋازىغىمۇ ئۇزۇتۇپ چېقىشقا چىدىماي قالغان ھېزىم يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. يولدىشىنىڭ ئەلپازىنىڭ يامان ئىكەنلىكىدىن قورقۇپ كەتكەن تونساگۈلمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالدى. چۈشكە يېقىن بازارغا سەي –كۆكتات ئېلىش ئۈچۈن چىققاندىمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىدى. بايا ياندىكى ئۆيدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ قىلىشقان گېپىنى ئاڭلىدى.شۇندىلا ئۇ ئويلانماي دەپ سالغان سۆزىدىن ئۆزىنى قويارغا يەر تاپالماي تۇراتتى.   
-    خەپ سېنى ، ھۇ راسۋا قانجۇق ، - ھېزىم گەپنىڭ ئاخىرىنى دېمەيلا ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى. ئۇ تونساگۈلنىڭ « مەن ئېزىپتىمەن ،بولدى قىلىڭ »دېگىنىگىمۇ قارىماي ئۇنى ھارغىچە دۇمبالىدى. بىر چاغدا ئۇرۇپ ھارغان ھېزىم بىر چەتكە بىرىپ ئولتۇردى. ئۇ يانچۇقىدىن موخۇركا خالتىسىنى ئالدى دە، بىرتال يوگىدى. تاماكىنى كۈچەپ تۇرۇپ ئىچىگە تارتتى. تۇنساگۈل ياتقان جايىدا تېخىچىلا يېغلاۋاتاتتى.   
-    كۆزۈمدىن يوقال !  سېنىڭدەك قانجۇقنى ئەمدى كۆرەرگە كۆزەم يوق.  
-    يوقالسام يوقالدىم ، - تۇنساگۈل بىردىنلا ئورنىدىن چاچراپ تۇردى. – نېمە گەپ قىلمىسام ھەددىڭدىن ئاشىسەن . سەن ھاراقكەش تازغا چۈشۈپ قالغان تونساگۈل يوق ئەمدى.  
تونساگۈل شۇنداق دېدى دە، ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. دەرۋازا قاپقىقىنىڭ داراڭلاپ ئېچىلىپ –يېپىلىشىدىن ئېسىگە كەلگەن ھېزىم بىردىنلا چۆچىگەندەك بولدى.بىر ئازدىن كىيىن ئۇ بىرنەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردى. ھېزىم دەرۋازا ئالدىغا چىققاندا تۇنساگۈل ھېچيەردە كۆرۈنمىدى.   
تۇنساگۈللەرنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە بولۇپ ، ھېزىم ئۇنى ئۆيىگە كەتتى دەپ پەرەز قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. بىراق ،تونساگۈلنىڭ ئانىسىدىن قورقۇپ ئۆيگە كېرىشكە پېتىنالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە كىرىشتىن نومۇس قىلدى.   
تونساگۈل شۇ يامانلاپ كەتكىنىچە بىر ئاي بۇ ئۆيگە قەدەم باسمىدى.


داۋامى جىددى يېزىلىۋاتىدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Azizan + 108 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:50:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزۈمدىن يوقال !  سېنىڭدەك قانجۇقنى ئەمدى كۆرەرگە كۆزەم يوق.  
-    يوقالسام يوقالدىم ، - تۇنساگۈل بىردىنلا ئورنىدىن چاچراپ تۇردى.

يۇقارقى مۇناسىۋەتتىن قارىغاندا ئازغانمۇ ،ئېزىۋاتقانمۇ ئۆزىمىز.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100845
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:24:46 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلاندى تۈگىدى بولسۇن بولدى، بىر نۇرنى كۆرسۈتۈپ بىرەممىگەن ئەسەرنى ئۇقۇغۇم يوق

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:57:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەخسەن مىجەزىمدىن ئېلىپ ئېيتسام ماڭا مۇشۇنداق پوۋېسىتلار ئۇچۇراپ قالسا ئايىماي ئوقۇۋېتىمەن ، ئەمما ئوقۇپ كىلىپ ئايىغى يوقلىقىنى بىلىپ قالسام سەل ھاياجانلىنىپ قالىمەن .
شۇ ھاياجىنىمدىن ئازراق تەسىرات قالدۇرۇپ قوياي ، تېما ئىگىسىگە ئىلھام بوپ قالا :

مۇشۇندا ئاخىرى يوق بىر نىمىنى يازغان ئادەم ماڭا ئۇچۇراپ قالسا ھە ! ئاللا كارامەت . ئاشۇ چىرايلىق كاللىدىن بىرنى قوياپ بۇرنىدىن شاتۇت ئاغىزىدىن شانپان قۇلىقىدىن پونتان ئاقتۇرۋېتىپ ، ھە ! قىلە گېپىڭنى ، ئادەم چالغىلى بەك ئۇستىكەنيا سەن سەت . سوراپ باقاي ؛ ئاخىرنى يازامسە ياز مامسە ؟. يازىمە دىسە ماڭا بېرىپ نۇر تىزلىكىدە ياز . ياز مايمە دىسە پۇكۇندىن سىقىپ تامغا قاتتىق بىرنى ئۈستۈرۋەتكەندىن كىيىن يۈرىكىنىڭ ئاغىزىغا ئېغىر بىرنى تىزلاپ ......... ھاي ، ھاي !!! ئۆزۈمنى بېسىۋالاي جۇما ، نىمىلەنى دەپ كەتتىم مەن ؟! تېما ئىگىسى ئىنكاسىمنى كۆرۈپ ئايلىنىپ كەتمىسۇن يەنە ... ھا ھا ھا . شۇڭا تېما ئىگىسى ئېلاننى ئازراق قىستۇرۇپ ئاخىرنى تىزرەك يوللىۋېتىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ... بولمىسا ئەينا مەن يۇقاردا دىگەندەك بوپ قالمىسۇن !!!




ئىنكاسىم سەل قوپال بوپ قالغان چىراي ، نەقىل ئالىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭما شاش باللا . مەن سىلەر دەيدىغان گەپنى مۇشۇ ئىنكاسىمنىڭ ئاستىغا چىرايلىقچە يېزىپ قوياي ... رەھمەت

تېما ئىگىسىگە بىر نەرسە ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك زەھەردەك گەپ قىلىدىغان گۇيكەن ماۋۇ !!!


جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101061
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2013-12-19
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 12:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايىسز، داۋامىغا ئىنتىزارمەن ........

ئالەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار، ئادەمنىڭ ئىچىدە ئالەم.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:31:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى چاينى قىنىق دەملەپ قويۇپ ،ئىمتىھانلانى قايرىپ قويۇپ ،ئىڭەكنى جوزىغا يۆلەپ قويۇپ ساقلايمىز.ئۇ ئايال ياخشى قىلماپتۇ.تاياقنىمۇ ھەق يەپتۇ،يەنە نىمىگە يامانلاپ كىتىدۇ ھە!

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66373
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3551
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 03:50:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئەسەر دىگەننى ھەممىنى يېزىپ بولۇپ ئاندىن چىقارساڭلار بولمامدۇ دەيمەن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100626
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2013-12-8
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 04:36:29 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ۋاي ئەسەر دىگەننى ھەممىنى يېزىپ بولۇپ ئاندىن چىقارساڭلار بولمامدۇ دەيمەن!!




‏شۇ ئەمەسمۇ  ھەممىنى يېزىپ بۇلاپ بىۋاستە يوللىساڭلا بىزنىڭ  ۋاقتىمىزمۇ تىجىلىدۇ

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 06:55:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0102. يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 11:24 PM
باشلاندى تۈگىدى بولسۇن بولدى، بىر نۇرنى كۆرسۈتۈپ بىرە ...

پوۋىستنى بىرلا قېتىمدا يېزىپ پۈتتۈرگىلى بولمايدۇ . توغرا چۈشۈنۈڭ .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-30 06:57:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-30 03:57 AM
شەخسەن مىجەزىمدىن ئېلىپ ئېيتسام ماڭا مۇشۇنداق پوۋېسىت ...

مەنمۇ بۈگۈن بىر پوۋىستنى باشلاي دەيمەن . بۇنداق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنىڭ بىر قەلەمدە پۈتۈشى مۇمكىنمۇ ؟ يېزىشتىن يالتايتىپ قويىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش