Uch degen yer namining kelip chiqishi
« ئۇچ » يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى
مەھمۇد كاشغەرى ۋە «ئۇچ » نامى
خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى)
ئۇچتۇرپان تارىختا ئونسۇ(بەزى ماتىرياللاردا شەھرىبەر-بەر)،ئۇچ ۋە ئۇچتۇرپان دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنگەن . ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس توختالغانلىقىم ،ئىلمىي ژورناللاردا ۋە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇيەردە توختالمايمەن (ئاقسۇ ئەدەبىياتى» 2003-يىللىق 4-ساندا «ئونسۇ-ئۇچ، ئۇچتۇرپان ۋە قۇم-ئاقسۇ يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «ئۇچ دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ئىلمىي ژورنېلى 2004-يىللىق 4-سانغا قاراڭ. «ئۇچتۇرپان دېگەن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا» ،« شىنجاڭ ياشلىرى» ،1998-يىللىق 2-سانغا قاراڭ) .
« ئۇچ » يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى دېگەن بۇ ئىلمىي تەتقىقات ماقالام كېيىن 2005يىلى قەشقەردە ئۆتكۇزۇلگەن « مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىغىنى تەبرىكلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ‹‹ مەھمۇد كاشغەرى ۋە «ئۇچ » نامى » دېگەن نامدا ئوقۇلغان.
«ئۇچ» -قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى.بۇ توغرىدا «تاڭنامە .جۇغراپىيە تەزكىرسى» دە، تىلشۇناس، ئالىم، مەھمۇدكاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ « قۇتاتقۇ بىلىك» داستانىدا, مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ، مەھمۇد جورراسنىڭ«تارىخى رەشىدى- زەيلى»، موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ھەمىدى» ۋە باشقا تارىخى ئەسەر، ساياھەتچى خاتىرلىرىدە كۆپلىگەن مەلۇ ماتلار قالدۇرۇلغان.
ھازىرقى ئۇچتۇرپان، ئاقچى ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى (ئونسۇ)نىڭ غەربىي شىمالىدىكى جايلار) ئارال،تۇمشۇق ،چاغراق ئەتراپىدىكى جايلار 1958-يىلى6-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر) «ئۇچ» دەپ ئاتىلاتتى . بۇجايلارنىڭ قەدىمدە «ئۇچ»دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا ، 11-ئەسىردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى ، جاھان تۇرۇكشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۇركى تىللاردىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە توۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئۇچۇرتىمىز :
«ئۇچ-Uch –مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى »(1-توم ، 49-بەتكە قاراڭ )،
«توشقان دەرياسى –ئۇچ شەھەرىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى »(1-توم666 - بەتكە ،قاراڭ )،
«چاغلا–ئۇچ شەھەرىنىڭ چېتىدىكى يايلاقنىڭ ئېتى»( 1-توم،561-بەتكە قاراڭ)،
«بەدەلئارت –ئۇچ بىلەن بارسىغان ئوتتۇرسىدىكى بىر داۋان »(1-توم 510-بەتكە قاراڭ ) ،
« باي –باي يىغاچ ، ئۇچ بىلەن كۇچا ئارىسىدىكى ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى »(3-توم ،216- بەتكە قاراڭ )، «ئايكۆل – ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى » (3-توم ، 186-بەتكە قاراڭ ).
يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادقۇ بىلىك» داستانىنىڭ 1594-غەزىلىدە :«نە دەيدۇ ئۇچ ئوردۇ بېگى ئاڭلىغىل، بىلىپ سۆزلىمىش سۆز، ئىشىلىتىپ ئەقىل »دەپ يېزىلغان بولسا ،3815-غەزىلىدە :« نېمە دەر ئىشىتىكىن ئۇچ ئوردۇ خانى ، ئۇنىڭ ئەلگە دۇرۇس مەشھۇر سۆزىنى »○1 دەپ بايان قىلىنغان . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، ھازىرقى ئۇچتۇرپان 10-ئەسىردىن ئىلگىرى «ئۇچ»، «ئۇچ ئوردۇ» دەپ ئاتالغان ، ھەتتا «ئۇچ ئوردۇ»دا «ئۇچ ئوردۇ بېگى»، «ئۇچ ئوردۇ خانى» تۇرغان . مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۇسۇپ خاس ھاجىپلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىنىڭ تارىخى قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇچتۇرپان بۇندىن 1400-يىل ئىلگىرىلا يەنى كۆك تۇرك خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 552-745- يىللار ) ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 605-846- يىللرا)دا «ئۇچ»دەپ ئاتالغان. بولمىسا مەھمۇد كاشغەرى دەۋرىدە ئۇنى «ئۇچ»مەشھۇر بىر شەھەرنىڭ نامى دەپ ئاتىمىغان بولار ئىدى .دەلىل شۇكى ، تاڭ قۇشۇنلىرى مىلادىيە 630-يىلى شەرقى تۇرۇك خانلىقىنى يۇقاتقاندىن كېيىن ، ئارقىدىنلا غەربىي تۇرۇك خانلىقىنى يۇقۇتۇشقا كىرشىپ ،648- يىلىغا كەلگەندە غەربىي تۇرۇك خانلىقىنىڭ يۇلتۇز ۋادىسىدىكى ئوردىسىنى گۇمران قىلدى ، كۇچا تاڭ قۇشۇنلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى . «ئارقىدقنلا تاڭ قۇشۇنلىرى ئۇچ تەۋەسىگە يېتىپ كېلىپ، ئونسۇ ئايمىقى ( ) نى تەسىس قىلدى . ئۇنسۇ ئايمىقى تۇرۇشلۇق ئورۇن چوڭ تاشبالىق دەپ ئاتالغان بۇلۇپ، ئۇ (ئۇچ) ئىدى »○2. بۇ مەلۇماتقا قارىغاندا ، ئۇچتۇرپان مىلادىيە 600-يىللىرى ئەتراپىدا «ئۇچ»دەپ ئاتالغان . شۇنىڭدىن باشلاپ مەھمۇد كاشغەرى ،يۇسۇپ خاس ھاجىپلار دەۋرى (مىلادىيە 1000-يىللا ) گىچە بولغان ئارلىقتا تەرەققى قىلىپ «ئۇچ» مەشھۇر بىر شەھەرگە ئايلانغان . «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا «ئۇچ ئوردۇ بېگى »، «ئۇچ ئوردۇ خانى » دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىغا قارغاندا ، قارخانىيلار خانلىقى دەۋرى (مىلادىيە 850-يىلىدىن 1212- يىلغىچە )دە ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر بەگلىرى ، ئۇيغۇر خانلىرە تۇرىدىغان ياكى مەركىزى خانلىققا ۋاكالىتەن كىچىك خانلىردىن بىرى ئىدارە قىلىپ تۇردىغان شەھەر بولغان. .
ھازىرقى ئاقچى ناھىسىدىكى بىر يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىمۇ «ئۇچ»دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ«ئۇچ» ھازىرقى ئاقچى ناھىيە تەۋەسىدە بولسمۇ ، لېكىن ئۇ قەدىمكى چاغلاردا « ئۇچ ئوردۇ خانلىقى تەۋەسىدىكى زېمىن ئىدى (ھازىر بۇ جايدا قەدىمكى شەھەر ۋە تۇر خارابە ئىزى بار). ئىلگىرى ئاقچى ئۇچتۇرپان ناھىسىگە تەۋە جاي بۇلۇپ ،1944- يىلى ئايرىم ناھىيە بۇلۇپ قۇرۇلغان .ئەمما تۇرلۈك سەۋەپلەرگە كۈرە 1950-يىلدىن كېيىنمۇ ئاقچى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى.
«توشقان دەرياسى »-- ھازىرمۇ ئۇچتۇرپانىڭ ئوتتۇرسىدىن ئېقىپ (شەھەر يېنى بىلەن) ئۆتۇپ ئاقسۇ دەرياسىغا قۇيۇلدۇ . لېكىن قارخانىيلار دەۋرىدىكى شەھەر ئورنى ھازىرقىدەك تۇشقان دەرياسىنڭ جەنۇبىدا بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ شىمالىدا ئىدى.
«چاغلا»- ھازىر«چاغراق » دەپ ئاتلىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار ھازىر ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى(1998-يىلى 10-ئايدا ئونسۇ دەپ ئۆگەرتىۋېتىلدى) گە تەۋە بولسىمۇ 1958-يىلى6-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر ئارال، چاغراق، تۇمشۇق، ئەتراپىدىكى جايلار ئۇچقا تەۋە زىمىن ئىدى.ئاقسۇدىن ئۇچقا ماڭغان كىشىلەرئارال، چاغراق، تۇمشۇق،يوللىرى ئارقىلىق مەھەللە ئارىلاپ مېڭىپ ئۇچقا يېتىپ باراتتى. ئۇچ شەھەرى ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى يېڭىئاۋات يېزىسىدىن 30 كىلومېتىر غەرىپتىكى غوڭرات مەھەللىسىدىكى توشقان دەرياسى بۇيىغا جايلاشقان بۇلۇپ،ئورنى ھازىرقى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە ئۇدۇل كېلەتتى. ھازىر بۇقەدىمكى شەھەرنىڭ سەلتەنەتلىك بىناكارلىق قۇرلۇشلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بۇلۇپ، ئايلانمىسى تەخمىنەن ئككى كېلومېتىر كېلىدىغان كونا قورۇق تام بىلەن قورشالغان شەھەر خارابىسى ۋە مازارلىق(مازاردىكى قەبرىلەرنى بەزىلەر، ئسلام دىنى تۈسىدە دىسە،يەنە بەزىلەر ،بۇئسلام دىنى تۈسىدىكى قەبرىلەرگە ئوخشىمايدۇ.بۇ تۇرپان تۇيۇقتىكى يارداڭلىق لېۋىدىكى بۇددا قۇببە-گۈمبەزلىرى شەكلىگە ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ-ئاپتۇردىن) قالغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ نامى ھازىرغىچە «قەدىمكى شەھەر» دەپ ئاتىلىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە (ئۇگوۋۇيۇەن تەرىپىدىن ئاپتۇنۇم رايۇن نوقتۇلۇق قوغدايدۇ دەپ تىزىمغا ئېلىنغان 3-دەرىجىلىك شەھەر خارابىسىنىڭ بىرسى.
«بەدەلئارت»- ھازىرمۇ«بەدەلئارت» دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر، ئۇئەينى ۋاقىتتا ئۇچ شەھەرىدىن بارسىغان (ئىسسقكۆلنىڭ شەرقى جەنۇبىي بويىغا جايلاشقان ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ چوڭ شەھەرلىردىن بىرى بۇلۇپ ، يەتتسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى ئىدى )غا ۋە بالاساغۇنغا بېرىشتىكى يول ئۇستىدىكى بىر داۋان ئىدى . قېدىمدىن بۇيان ئۇچ (ئۇچتۇرپان )خەلقى جۇمىلىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە قىسمەن شىمالىي شىنجاڭ خەلقى ئوتتورا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن 1950-يىللارغا قەدەر مۇشۇ «بەدەلئارت »يۇلى بىلەن سودا- قاتناش ۋە مەدەنيەت ئالاقىلىرى قىلىپ كەلگەن.○3
«باي-باي يىغاچ » بۇ سۆزدىكى« يىغاچ» سۆزى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنتۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن باي ناھىيىسى ھازىرغىچە «باي »دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
«ئايكۆل »-ھازىرمۇ «ئايكۆل»نامى بىلەن ئۇچتۇرپانىڭ شەرقى جەنۇبىي قىسمىدا ، ئاقسۇ شەھەرىگە قاراشلىق بىر يېزا نامى بىلەن مەۋجۇت. دېمەك،ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرى «ئۇچ» ھەققىدە ناھايتى پاكىتلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرغا قويغان ھەم «ئۇچ»نىڭ دائىرسى ، قوشنىلىرنىمۇ بىر-بىرلەپ كۆرسەتكەن ، شۇنداقلا «ئۇچ»شەھەرىنىڭ قارخانىيلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەم قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دەۋىرلەردە تۇتقان ئورنىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالىغان .
ئۇنىڭدىن باشقا ، مەھمۇد كاشغەرى «ئۇچ» خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ، «ئۇچ تىلى » توغرىسىدىمۇ ناھايتىى قىممەتلىك مەلۇماتلارنى قالدۇرغان:
«ئىلرۇك- قۇۋا ،سۇزاپ، ئۇچ تىلىدا»○5 ،«ساسىق- تەشتەك، ساپال قاچا . ئۇچ ۋە ئۇنىڭ نېرىقى تەرىپىدە تۇرىدىغانلارنىڭ تىلدا»○6 «كەستەر- تەشتەك .ئۇچ تىلىدا ○7 « شاپ- ئۆشلەڭگە ئوخشايدىغان بىرخىل ئوت، ئۇچتا ئۇنىڭ بىلەن كىيىم يۇيۇلىدۇ.بۇ ئۆسۇملۇكتىن شاخار ئېلىنىدۇ ○8 «تانا .تانەكچە-دانەكچە. يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ،ئۇچ ۋە ئارغۇ تىللىرىدا»○9 «يېزىخ-يېزىغۇت ئادىراسمان،كاشغەر تىلىدا ،ئۇچ ۋە بارسىغان تىلىدا ئەلدۈرۈك دېيىلىدۇ» ○10 .
ئۇنداق بولسا «ئۇچ»دېگەن بۇ نام قانداق بارلىققا كەلگەن؟ئۇنىڭ نېمە مەنسى بار؟
بۇ ھەقتە خېلى كۆپ سۈرۈشتۈردۈم،ئەل ئارىسىدا ھەرخىل چۈسەنچە-تەبىرلەر بار ئىكەن، مۇناسىۋەتلىك تارىخى ئەسەرلەرنىمۇ خېلىلا ۋاراقداپ چىقتىم . ئەينى ۋاقىتتكى تۈرك ئۆلكىلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەردىن يەنە «ھۇدۇدۇل ئالەم»، بىرونىنىڭ « ئەلقانۇن مەسئۇدى»، ئەل ئىدرىسنىڭ «نۇزھەت ئەل مۇشتاك» (مىلادى 1154- يىلى يېزىلغان) قاتارلىق ئەسەرلەرنى○11 كۆرۈپ چىقتىم. بۇئەسەرلەردە «ئۇچ»قا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن بولسىمۇ،ئەمما «ئۇچ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئۇچۇقلىما بېرىلمىگەن. پەقەت ئۇلۇق ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىلا 11-ئەسىردە تۈركى تىللىق قوۋىملەر ياشىغان تۈرك يۇرتلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ئۇلار توغرىسىدا ئشەنچىلىك مەلۇمات قالدۇرغان بولغاچقا ،ئۇنىڭ« تۈركى تىللار دىۋانى» دىكى «ئۇچ» ھەققىددە بېرىلگەن بايانلىرى «ئۇچ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىردىن-بىر ئاساس بۇلالايدۇ دەپ قارايمەن.مەسىلەن، 1-توم 49 - بەتتىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرگە قاراڭ:
1) اج üch ئۇچ ئۈچ يارماق (ساناق سان).
2 ) اج Uch ئۇچ - ئۇچ مەشھۇر بىر شەھەرىنىڭ نامى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن 3 ) اج och ئوچ تاغدا ئۆسۈدىغان بىرخىل دەرەخ.تۈركلەر قەلەمنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ ،ئۇنىڭدىن يەنە يىك ،ھاسا قاتارلىق نەرسىلەرنى ياسايدۇ. يەنە 2-توم 62- بەتتىكى تۆۋەندىكى قۇرلارغا قاراڭ: 1) ا وج uch ئۇچ نەرسىنىڭ ئۇچى، پۇتاق، شاق ئۇچى. 2) اوج uch ئۇچ چېگرا، چېگرادىكى ئەل . 3) ا وج uch ئۇچ بىرەر نەرسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى. يەنە تۆۋەندىكى بايانلارغا قاراڭ :
(1) ا وج Uch ئۇچ - ئۇچ مەشھۇر بىر شەھەرىنىڭ نامى (1-توم 49- بەتكە قاراڭ)
(2) « بەدەلئارت –اج Uch ئۇچ بىلەن بارسىغان ئوتتۇرسىدىكى بىر داۋان » 1-توم 51-بەتكە قاراڭ )
(3) «چاغلا– اج Uch ئۇچ شەھەرىنىڭ چېتىدىكى يايلاقنىڭ ئېتى»( 1-توم،561-بەتكە قاراڭ)
(4) «توشقان دەرياسى –اج Uch ئۇچ شەھەرىگە ئاقىدىغان بىر دەريانىڭ نامى »(1-توم666 - بەتكە قاراڭ )،
(5)«ئايكۆل –اج Uch ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى » (3-توم ، 186-بەتكە قاراڭ ).
(6)« باي –باي يىغاچ ، اج Uch ئۇچ بىلەن كۇچا ئارىسىدىكى ئۇچقا يېقىن بىر جاينىڭ ئېتى »(3-توم ،216- بەتكە قاراڭ )،
يۇقارقى پاكىتلارغا قارىغاندا ، ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى بولغان«ئۇچ» دېگەن بۇ نام : بىرىنچىدىن، يۇرىتنىڭ ئۇچى ،چېتى، چېگرا،چېگراغا جايلاشقان ئەل مەنىسىدىكى «ئۇچ» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان . ئىككىنچىدىن،تاغدا ئۆسۈدىغان «ئۇچ» دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققان بۇلىدۇ
لېكىن بىزمەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا كۆرسىتىلگەن «ئۇچ»قا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرلىشى ،يېزىلىشى،ئىملاسىغا زەڭ قۇيۇپ قارايدىغان بولساق، بالىق(شەھەر) نامىنى كۆرسىتىدىغان«ئۇچ» نىڭ ئىملاسى « اج » دەپ، «چېگرا،چېگرادىكى ئەل» دېگەندىكى«ئۇچ »نىڭ ئىملاسى« اوج» دەپ پەرىقلەندۈرۈلۈپ يېزىلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ پاكىتقا قارىغاندا،«ئۇچ»دېگەن بۇ يەر نامىنى «يۇرتنىڭ ئۇچى- چېتىى ، چېگرا، چېگراغا يېقىن ئەل »دېگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان «ئۇچ»(اوج) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراشنى چۇشەندۇرمەك تەستەك قىلىدۇ . شۇڭا، مەن«ئۇچ»دېگەن بۇ يەر نامىنى تاغدا ئۆسىدىغان ئۇچ (اج) دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمەن . بۇ ، خۇددى «ئاتۇش» دېگەن يەرنامى «ئارتۇچ» دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققىنىغا ئوخشاش.يەنى«ئارت» (تاغ، داۋان، ئېگىزلىك ) دېگەن مەنىدىكى سۆز بىلەن تاغ ،ئىگىزلىكتە ئۆسۈدىغان«ئۇچ»دېگەن دەرەخ نامىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن كېلىپ چىققىنىغا ئوخشاش ○12 مەھمۇد كاشغەرى «تۇركى تىللار دىۋانى» دا (1-توم ،49- بەتتە): ( (1 ج üch – ئۈچ ئۈچ يارماق (ساناق سان) ( 2 (اج Uch - مەشھۇر بىر شەھەرىنىڭ نامى ( ئىزاھاتتا ئۇچتۇرپاننىڭ قەدىمكى نامى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ) (3 (اج Och ئوچ - تاغدا ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ . تۇركلەر قەلەمنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ . ئۇنىڭدىن يەنە يىڭ،ھاسا قاتارلىق نەرسىلەرنى ياسايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. «ھۇدۇدۇل ئالەم»دېگەن ئەسەردە بولسا «ئۇچ »تاغ ئۆستىدە ○13دېيىلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا ، «ئۇچ»نىڭ تاغدا ئىگىزلىكتە ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ ئىكەنلىكى ناھايتى ئېنىق،« اج »خېتى Uch ئۇچ ھەم ئوچ Och دەپمۇ ئوقۇلىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇچتۇرپاندا «كۆكلەم ئۇچ »دەيدىغان بىر قەدىمى جاي بار .ئۇچتۇرپان تاغلىرىدا «ئۇچ»دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل قەدىمى دەرەخ بار . خەلقىمىز 1980- يىللارغا قەدەر ئۇنىڭدىن ھاسا ، چوت دەستىسى (ساپ)، پاختا ئىگىرىدىغان يىڭ ، پاختا ئىگىرىدىغان چىگىت ئايرىيدىغان چىغىرىق ئوقى،چىۋىق قاتارلىق ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ بازارلاردا ساتاتتى ياكى ئائىلىلەردە ئىشلتەتتى . شۇڭا مەن ، «ئۇچ» نامىنى ئالىم مەھمۇد كاشغەرى «تۇركى تىللار دىۋانى » ئەسىردە كۆرسۈتۈپ ئۆتكۈنىدەك تاغدا ئۆسىدىغان «ئۇچ»دېگەن دەرەخ نامىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارايمەن .
ئىزاھاتلار:
○1 يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتاتقۇ بىلىك» داستانى، 1984-يىلى، مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە ،364-، 788- بەتلەرگە قاراڭ.
○2 «يېڭى تاڭنامە .جۇغراپىيە تەزكىرىسى »،2-كىتاپ ، جۇڭخۇا كىتابچىلىق ئىدارىسى خەنچە نەشىرى ،1149-بەتكە ۋە«جۇڭگو ئىسلام تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»، نىڭشا خەلق نەشىرياتى 1982-يىلى خەنچە نەشرى ، 4- بەتكە قاراڭ .
○3 2002- يىل كۈزدە ئاقسۇ ۋىلايىتتى ۋەكىللىرى بىلەن قىرغىزىستان تەرەپ ۋەكىلىرى «بەدەل ئارت »يولىنى ،ياكى ئۇنىڭ شىمالىدىكى زىندان دەرياسنى بويلاپ ماڭىدىغان زىندان تاغ ئېغىزىنى ئېچىش توغرىسدا سۆھبەتلەشكەنىدى.
○5○6○7 مەھمۇد كاشغەرى:«تۈركى تىللار دىۋانى» 1 -توم 1981-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە ،142-495-، 597-بەتكە قاراڭ.
○8 ○9○10مەھمۇد كاشغەرى:«تۈركى تىللار دىۋانى» 3 -توم 1984-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە ، 212-324 ، 14- بەتكە قاراڭ.
○11 ○ 13 رامازان شېشىن (تۇركىيە ) :«ئەرەب- ئىسلام جۇغراپىيىلىرنىڭ تۇركلەر ۋە تۈرك ئۆلكىلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى »،1985-يىل تۈرۈكچە نەشىرىگە قاراڭ ○ 12 بۇھەقتە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار . ئىمىن تۇرسۇن« تارىمدىن تامچە »(ئىلمي ماقالىلەر توپلىمى )،1990-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى، 136-137-بەتلەر . قۇربانجان ئابلىمىت نۇرۇزى ،پالتاخۇن ئەۋلاخۇن:« شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 0200-يىل نەشىرى 2- بەتكە قاراڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-29 06:33 PM