مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3562|ئىنكاس: 32

ئالتۇن بىلەيزۈك(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:28:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەنبە كۈنى ئىدى. ئەتىگەندىلا ئىشىك قېقىلدى، كىچىك ئوغلۇم چىقىپ ئىشىكنى ئېچىۋىدى، قوشنىمىز سارىخان ھەدەم تارتىنغان ھالدا كىرىپ كەلدى. ئولتۇرۇپ ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن:

−ئۇكام، خەۋەرلىرى بار، كىچىك كېلىنىمىزنىڭ قىرىقى توشقىلى بىر- ئىككى ھەپتە بولۇپ قالدى، شۇڭا چىرايلىق يارىشىقىنى قىلىپ ئەكېلىۋالايلى دەپ ئالدىنقى ھەپتە دادىسى بىلەن 1000 يۈەن پۇل ئېلىپ بارساق، «قىزىمىز مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ھەر قايسىلىرىغا ئوماققىنا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، شۇڭا، بىر تال بىلەيزۈك ئېلىشسىلا» دەپ ئاغزىمىزنى تۇۋاقلاپ يولغا سالدى. نەچچە كۈندىن بېرى سودا قىلىپ تاپقان پۇلىمىزنى يىغىپ 500 يۈەن قىپتىمەن، لېكىن بازاردا 1500 يۈەنگە ھەرگىزمۇ بىلەيزۈك كەلمەيدىكەن. يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنمىساق بولامدۇ، ئۇكام، مۇشۇ پۇل بىلەن بىر ئامال قىلىپ ياندۇرۇپ ئەكېلىلى دېگەن. ئايال قۇدام ئايشەمخان ئادەمگە گەپ بەرمەيدىغان بىر ئايال، شۇڭا ئۆزلىرى كادىر بولغاندىكىن گەپنى يارىشىقىدا قىلىپ، ئاسانراق بىر ياندۇرۇپ ئەكېلىدىغاننىڭ ئامالىنى قىلىشىپ بېرەمدىكىن دەپ كىرىۋىدىم،−دېدى.

ـ قاچانراق بارىدىغان ئىشتى؟ ـ دەپ سورىدىم.

ـ سائەت بىرلەردە بارساق بولارمىكىن دەيمەن. -
ـ ماقۇل سارىخان ئاچا، مەن بىللە باراي، ئايال قۇدىلىرى بىلەنمۇ خېلى سالام-سائىتىمىز بار، يۈزۈمنى قىلار. 
ـ رەھمەت ئۇكام، شۇغىنىسى ئاران بىر كەلگەن دەمئېلىشلىرىدە ئىشلىرىنى قىلغىلى قويماي...
سارىخان ئاچا شۇنداق دېگەچ تۇتقىنىمغا ئۇنىماي خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. چۈشكىچە ئۆيلەرنى تازىلاپ، بالىلارغا چۈشلۈك تاماق ئېتىپ بەرگەندىن كېيىن، جابدۇنۇپ سارىخان ئاچامنىڭكىگە چىقتىم. ئۇلارمۇ تەييار بولۇپ تۇرۇشقانىكەن.

قۇدىلارنىڭ ئۆيىمۇ ئانچە يىراق بولمىغاچقا، ھايال بولمايلا بېرىپ بولدۇق. ئىشىك ئالدىغا بېرىشىمىزغىلا ھەشەمەتلىك ھويلىدىن ئايشەمخان ئاچا چىقىپ كەلدى. ھەممەيلەن بىلەن كۆرۈشۈپ سالاملاشقاندىن كېيىن بىزنى ئادەم ئەيمەنگىدەك ياسىداق ئۆيگە باشلىدى.
قول سۈيى ئېلىنىپ، چاي تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، سارىخان ئاچام كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قارىدى، مەن «ئاۋۋال ئۆزلىرى گەپ باشلىسىلا» دېگەندەك كۆز ئىشارىسى قىلدىم. سارىخان ئاچا:
−ئەمدى قۇدام، بىز ئۇششاق تىجارەتچى خەقنىڭ ھال كۈنى تايىنلىق بولىدىكەن، بىر ھەپتىدىن بۇيان، سودا-سېتىق قىلغان پۇلىمىزنى يىغىپ، ئۆتنە-يېرىم قىلىپ دېگەندەك ئاران دېگەندە 1500 يۈەن قىپتىمىز، ئاز بولسىمۇ...،− دەپ ئاغزىدىن چىقىرىپ بولغۇچە، ئايشەمخان ئاچا:
−نېمە دەۋاتىلا سارىخان، تىجارەتچىدەك گەپ قىلسىلا، 1500 يۈەنگە بىلەيزۈك ئەمەس، تۈزۈكرەك ئۈزۈكمۇ كەلمەيدۇ جۇمۇسىلا ھازىرقى بازاردا.
−بىزنى ئويلىمىدى دەمدىلا قۇدام، بىزمۇ ئويلىغان، ئەمدى، بالا بولغاندىن كېيىنمۇ پۇل كېتىدىغان گەپ، قولىمىزغا كۆپرەك پۇل كىرگەندە بىزمۇ قاراپ تۇرماسمىز،−دېدى سارىخان ئاچا قىزارغان ھالدا.
−ئۆتكەندە بىز بىر ئامال قىلىلى دەپ كېتىۋىدىلە، ئامال قىلغانلىرى مۇشۇمىدى، مەن بارغۇ، بۇ بالىنى ئەتىۋارلاپ، كۆز قارىچۇقۇمغا دەسسىتىپ چوڭ قىلغان. ھەر قايسىلىرىغا بىر تال بىلەيزۈك ئېغىر كەلگەن بولسا قېپقالسۇن، بالا دېگەن ئاش-نان يەپ چوڭ بولىدۇ.
−ئايشەمخان ئاچا، بالىلار چىرايلىق ئۆتسە، قىلمىغاننى قىلىۋالغىلى بولار، ھەر قايسىلىرىمۇ پۇل-ئاش كۆرگەن ئادەم بولغاندىكىن،−دېدىم مەنمۇ گەپ قىستۇرۇپ. :

−ۋاي بۇلارنىڭ تولا تەرىپىنى ئالمىسىلا خانىم، تويدىمۇ قولىمىز قىسقا ئىدى، كېيىن ئېپبېرەرمىز دېسە ماقۇل دېگەن گۇناھ ئۆزۈمدە، شۇ چاغدىمۇ نىسىي قالغان بىلەيزۈك يەنە نىسىي قالسا قانداق بولىدۇ؟- دەپ توڭ تەگدى ئايشەمخان ئاچا.   
  
ئەمدى ماڭىمۇ گەپ قىلىشقا يول قالمىغان ئىدى.  

−بىزمۇ ئېلىپ بەرمەيدىغان يەردە ئەمەس قۇدام، ئىككى بالا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، شۇڭا قولىمىز بەك قىسقا كېپقالدى. ئۇنداق تەڭلىكتە قويمىسىلا،−دەپ يېلىندى سارىخان ئاچا.  
  
ـ ۋاي قۇدام، تولا گەپنى يورغىلاتمىسىلا بولدى. ئاۋۇ مەرەمنىساخاننىڭ قىزى تۇغۇۋىدى، بىلەيزۈكتىن بىرنى، بىر جۈپ ئۈزۈك ئېلىپ يۆتكىدى. مەن بىر تال بىلەيزۈككە كۈچى يەتمەيدىغان قەلەندەرلەرگە قىز بەرگەن ئادەم بولغاندىكىن، ئۆزۈمنىڭ شورى، بولدى، قىزىمىزنىڭ خېتىنى بەرسىلە،−دېدى ئايشەمخان ئاچا تەرىنى تۈرۈپ.  
ـ ۋاي نېمە دېگەنلىرى بۇ، كىمكەن قەلەندەر؟ بالىمىزنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئېگىز ئوقۇرغا ئېسىلغان گۇناھىمىز بار، نېمانداق قاملاشمىغان گەپ قىلىدىلا؟−دېدى سارىخان ئاچا ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا.
−سىلى قەلەندەر، ئالتۇندەك ئوغۇل تۇغۇپ بەرسە بىر تال بىلەيزۈككە چىدىمىغان ئادەم قەلەندەر بولماي نېمىدى، بولدى، قىزىمنىڭ خېتىنى بەرسىلە.  
  
−ماقۇل، شۇنداق قىلىلى، قىزلىرىنى بايغا بېرىۋالارلا، يۈرسىلە خانىم، بۇ ئايالنىڭ ئۈنچىۋالا يۈزسىزلىكىنى بىلمەي، سىلىنىمۇ باشلاپ كەپتىمەن،−دەپ سارىخان ئورنىدىن قوزغالدى.   
  
−ۋاي، يول بولسۇن، تېزەكلىرى چۈشۈپ قالمىسۇن، تېز بولۇشسىلا، −ئايشەمخان شۇنداق سېسىق گەپلەر بىلەن ئۇزىتىپ قويدى.  

سارىخان ئاچاملار بىلەن ياقىمىزنى چىشلىگەن ھالدا يېنىپ چىقىشتۇق. قارىماققا خېلى ئوڭلۇق كۆرۈنىدىغان ئايشەمخان ئاچىنىڭ بۇنچىۋالا ئوسال مىجەزىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.
ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلار ئاجرىشىپ بالىنى يېتىم قىلىشتى.  

ھەي، بىزدە شۇنداق ئالتۇن بىلەيزۈك، ئالتۇن ئۈزۈكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان يېتىم بالىلاردىن يەنە زادى قانچىسى باردۇرـ ھە؟  

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85145
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 04:41:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا قانداق ئاتا -ئانىلاردۇ شۇ،مېنىڭ ئاپامنى يودۇشۇم بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرسە بولغىدەك جۇمۇ،مەن بوشانغاندا ماڭا 200كويغا بىر مايكا ئېلىپ كەپتىكەن،ئاپام چاندۇرماي يەنە ‹مەيلى بالام سەن كىيمىگەن كىيىم كېچەك،تاقىمىغان ئالتۇن جابدۇق ئەمەس تۇمۇشۇڭلار خاتىرجەملا بولسا مەن ئېلىپ بېرىمەن› دەپ ئۆزى ماڭا قىزىمغا بىر مۇنچە نەرسە كېرەك ئېلىپ يولغا سالغان،مانا ھازىرغىچە قىزىمنى ئۆزى بىر قوللۇق بېقىپ بېرىۋاتىدۇ،بىزدىن بىر ئەقەللى ئىچىدىغان سۈتىنىڭمۇ پۇلىنى ئالغىلى ئۇنىمايدۇ،كىيىم كېچەك ،ئىچىدىغان دورا ھەممىسى ئىنى -سىڭىللىرىم تەمىنلەيدۇ دېسەممۇ بولىدۇ،بولمىسىغۇ يولدوشۇم تەرەپنىڭ تورمۇشى ناچار ئەمەس.تېخى بىزدىن ياخشى دېسەممۇ بولىدۇ.

ياغە تاغ يامغۇرۇم تازا يېغىپ كەت ،                                   مۇڭلانغان غېمىمنى بىرگە ئېلىپ كەت.                                كۆزلەردىن ياش ئاقتى بىلدۈرمە بىرگە  ،                              گەر بولسا گۇناھىم پاكىز يۇيۇپ كەت.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12766
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31787
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4675 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 04:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم ئاتا -ئانىلار بار خۇددى مۇشۇ ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەندەك ئابرويپەرەسلىك،ھەشەمەتچىلىك قىلىپ ،بىر ئوبدان ئۆي تۇتىۋاتقان پەرزەنتلىرىنى بەختسىز قىلىپ،بالىلىرىنى يېتىم قىلىدىغان........

ئەمەلىي تۇرمۇش كارتىنىسى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

بىلەتتىم ئۆزگىگە تەۋەلىكىڭنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85965
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 04:45:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بىلەيزۈك ئۈچۈن بىر بالىنى يىتىم قىلىشقا قانداق چىدىغاندۇ يۈرىكى

ئازابلىرىم ئۇنتۇپ كەت مېنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 766
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10123
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4058 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 04:55:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ئابرويپەرەسلىك بۇ .....تويماس خوتۇنكەن ئۇ ....ۋاي ئۆلسەك قالىدۇ شۇ ئالتۇن بىلەيزۈك ،ئالتۇن جابدۇقلار ، ئەلۋەتتە بىر بالىنى يىتىم قىلغىچە چىرايلىق ئۆيى تۇتقۇزسا بولمامدۇ . بىر بىلەيزۈكنىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ . قىزنى بۇزغان ئانىسى دىگەن مانا مۇشۇ .ئىشقىلىپ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن جۇمۇ !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزنىڭ ئانىسىغۇ بىلەيزۈكنى دەپ ئاجراشتۇرۋاپتۇ ، لىكىن قىزىدىن ئاجراشقۇڭ بامۇ يا بالاڭنى باقامسەن دەپمۇ سورىمىغانمىدۇ ؟

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 2009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7509
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1202 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:13:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللا توۋا دېگىلۈك،مانداق ئىشلار بىزنىڭ بېشىمىزغا كەپ قالسا چاتاق جۇمۇ،مەنغۇ تېخى توي قىلمىغان لېكىن شۇنداقتىمۇ بېشىمىزدا بولىدىغان ئىش بولغانكىن ئادەمنى ئەنسىرتىپ قويىدىكەن،ئاۋۇ بالا تۇغقان خىنىم گەپ قىلمايلا يېتىپلا بەرگەن ئوخشىمامدا؟؟؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 2009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7509
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1202 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:16:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 05:00 PM
قىزنىڭ ئانىسىغۇ بىلەيزۈكنى دەپ ئاجراشتۇرۋاپتۇ ، لىكىن ...

شۇ شۇ،مەنمۇ سىزدەك ئويغا كەپ قېلىپ ئۇ خانچاقنىڭ نېمە دېگىنىنى بىلگۈم كەپ قالدى دەيمەن؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:32:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر جەمىيتىمىزدە بۇنداق ئىشلار كۆپ

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100780
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:33:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ،ئىنساپ نەلەرگە يوقالغاندۇ،بۇدۇنيادا شۇ بالىدەك ئابرويپەرەسلىك،پۇل ،مال-دۇنيا دەپ تۇغۇلۇپلا يىتىم قالغانلاردىن كەلگۈسىدە قانداق بالىلار يىتىشىپ چىقار~~~؟كىچىكلىكىدە ھېچنىمە بولمىغان بىلەن چوڭ بولغاندا چاتاق  دەيمەن،ھەي ئىنسانلار ياخشىراق ئويلىنىڭلار تۇرمۇش ئىشىڭلانى~~~~~~~!

ئانا بىر دۇنيا،ئاتا بىر دۇنيا،ئىككىسى ھەقىقىي بىرلەشكەندىلا بالىلارنى گۈزەل دۇنيا قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش