مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4395|ئىنكاس: 40

شەھىدانە خۇتەندىكى ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:09:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شەھىدانە خۇتەندىكى ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ئابدۇشۈكۈرھاجىم

  بۇ يازمىنى ئۇل زاتى مۇبارەكنىڭ  ئىجازىتىسىزلا مۇنبەرداشلارغا سۇنغىنىمنى پاك رەببىم ئەپۇ قىلغاي.ئۇل زاتى مۇبارەك ئەيىپكە بۇيرۇمىغاي!
     قېرىنداشلار ،قايسى كۈنى بىرتوردىشىمىز ساۋاقدىشىنىڭ كېسىلى توغرىلىق ياردەم سۇرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىريازما يوللىغان ئىدى.ئىنكاس ئارقىلىق مەن بۇ ئالىمنى تەۋسىيە قىلدىم.ھەم پاك ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن بۇ زاتى مۇبارەكنى مۇنبەرداشلارغا بىر يۇلى تۇنۇشتۇرۇشنى لايىق تېپىپ بۇ يازمىنى يېزىۋېتىپتىمەن.
شەھىدانە خۇتەن ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھەكىم-ئۈلىمالارنىڭ كۆپلىكى بۇ يۇرتنىڭ يەنە بىر خاسلىقى ئىنشائاللاھ!
بۇ يەردە مەن تىلغا ئالماقچى بولغان زاتى مۇبارەكنىڭ نام-شەرىپى بولسا ئابدۇشۈكۈر ھاجىم.
مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەدقاسىم يازغان تىبابەت ئۇستازلىرىمىزدىن تۇردى ھاجىم ۋە ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ ھاجىم ناملىق ئىككى قىسىملىق بىئۇگىراپىك ئەسىرىدە تەسۋىرلىگەن مۆھتەرەم ئالىم تۇردى ھاجىمنىڭ نەۋرىسى.
تۇردى ھاجىم ئەينى زاماندىكى داڭلىق ھەكىملەرنىڭ بىرى بۇلۇپ 20-ئەسىر ئۇيغۇر تىبابەت تارىخمىزدا نامى ئەڭ ئاۋۋال تىلغا ئېلىنىدىغان زاتى مۇبارەكلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ ئاجايىپ كۈچلۈك ئەقىدە ئىخلاس ۋە دىل كۈيەرلىك ئىچىدەئۇيغۇر تىبابەت كەسپى بىلەن بىر ئەسىردىن ئارتۇق مەشغۇل بۇلۇپ ئىنسان جىسمانىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان روھى ۋە تەبىئى ۋەيرانچىلىقلارنى يېڭىپ ئەسىردىن ھالقىغان ھاياتى ۋە تىبابەت كەسپىدىكى ئۆزگىچە ئىقتىدارى بىلەن مۆجىزە ياراتقان زاتتۇر.ئۇنىڭ 110نەچچە ياشقا كىرگەندىمۇ گۈس-گۈس دەسسەپ مېڭىپ ھەرەمگە ئىككىنچى قېتىم ھەجگە بېرىشى ،ئۇنىڭ بىر ئەسىر ئىلگىرى تۇنجى قېتىم ھەج سەپىرىگە ئاتلانغاندا دىلىغا ئىلىم ئۇرۇقىنى چاچقان ئۇستازىنى يول ئۈستىدە بىر ئايغا يېقىن يۈدۈپ ماڭغىنىغا ئوخشاشلا ،ھەرەمنىڭ پادىشاھىنىلا ئەمەس بۇ مۇقەددەس جايغا توپلانغان يەتتە ئىقلىم كىشىلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان(مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەقاسىم ئاكىنىڭ تۇردى ھاجىم ناملىق كىتاۋىنىڭ مۇقەددىمىسىدىن ئالدىم)
   مانا مۇشۇ زاتى مۇبارەكنىڭ نەۋرىسى ئېسىل بىر جەمەتتە تۇغۇلۇپ ،تىبابەتچىلىكنىڭ ھۈجەيرىسى تۇمۇر-تۇمۇرلىرىغا سىڭىپ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدە ئۈسۈپ  تەقۋا چوڭ بولغان بۇ زاتى مۇبارەكنى بىلمەيدىغانلار مېنىڭچە خېلى كۆپ.چۈنكى رىياكارلىق ۋە داغۋازلىق ئاۋۇپ كەتكەن زاماندا ئېلانلاردا نىجاسەتكە ئۇلاشقان چىۋىندەك گىژىلداپ  قۇلاققا ئارام بەرمەيۋاتقان داۋالاش ئاپپاراتلىرى،ۋە ئاللاھنىڭ غەزەپ قىلىشىدىن قورقماي ئازراق پۇلغا يالغان گۇۋاھلىق بىرىپ ئىكرانلاردا تۆكمە بۇلۇپ كەتكەن چولپان ئاتلىقلار بۇلۇڭ –پۇچقاقلاردىكى ئاۋامغا تۇنۇش بۇلۇپ كەتكەن بىلەن ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز كېسەل كۈرىۋاتقان بۇنداق ئالىملارنى ئەلۋەتتە كۆپ ئادەم بىلمەيدۇ.بۇ ئالىمنى مۇنبەرداشلارغا تۇنۇشتۇرۇشتا مېنىڭ قىلچە شەخسى غەرىزىم يوق.پەقەت  بېشىغا كۈن كىلىپ غەمدە قالغان مۇئمىنلەرنىڭ ئۈمۈد چىرىقىغا بىر تامچە بولسىمۇ كىرسىن بۇلۇپ قالسا ئاللاھ مەندىن رازى بۇلۇرمىكىن دەپ بۇ ئالىمىمىزنى مۇئمىنلەرگە تەۋسىيە قىلدىم.ئەمىسە قېرىنداشلار بۇ قۇرلارغا نەزەر سالغايسىزلەر.     
   قاچاندۇر بىر چاغدا ئىنىمدىن بىر خوشنىسىنىڭ ئاشقازان راكى دەپ دېئاگنۇز قۇيۇلۇپ ئۈرۈمچىدىن يېنىپ كېلىپ ،بىر ھەكىمنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن راكتىن شىپا تاپقانلىقىنى خۇددى بىر چۆچەك ئاڭلىغاندەك تۇيغۇدا ئاڭلىغان ئىدىم.قىسقىسى ئېتىقادتىكى  چولتىلىق ئىنساننى نۇرغۇن شەكلەنمەسلىككە تېگىشلىك نەرسىلەردىن شەكلەندۈرۈپ،ئەكسىچە نۇرغۇن ئىشىنىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەپسەتىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قۇيىدىكەن.بىر مەزگىل ئۈتۈپ كەتتى .ئائىلىمىزگە بىرسىناق كەلدى .يەنى ئۈچۈنچى يەڭگەم ئېغىر بىر كېسەل بىلەن خېمىيەلىك داۋالاندى.بۇ ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىنىشى بولغاچقا ھەممەيلەن خۇددى مۇشۇ كەمگىچە رەببىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ،بىر يۇلىلا ئاللاھقا ئېسىلدۇق.دېمىسىمۇ ھاياتى دۇنيانىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن بىز رەببىمىزنى يۈرەكتىن ئەمەس بەلكى تىلىمىزدىلا تۇنۇيدىغان ھالغا كەپقاپتىكەنمىز.ئاللاھقا سانسىز شۈكرىلەركى؛-بۇسىناق ھەممەيلەننىڭ غەپلەتلىك سەزگۈسىنى ئېچىۋەتتى.
   ئاللاھ ئۆز مەرھەمىتى بىلەن بىزنى ئۇل زاتى مۇبارەك بىلەن ئۇچراشتۇردى.ئۇ ئاغزىدىن ئاللاھنىڭ زىكرى چۈشمەيدىغان،روھىدىكى نۇر زاتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاجايىپ تەقۋا بىر ئالىمكەن.
ئۇ ئالىم بىزگە«ھازىر قالايمىقان دورا بەرمەيلى .دوختۇر چوڭ بىركېسەلنىڭ گېپىنى قىلمىغانمىدى؟دەپ سورىغاندائاكام ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتتى.ئۇ ئالىم «ئۈرۈمچىگە يەنە بىر چىقىپ كېلىڭلار»-ئاندىن دورا يازاي دېدى.چۈنكى يەڭگەم 2-قېتىملىق خېمىيەلىك داۋالىنىشتىن قايتىپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى.قىسقىسى بۇ ئالىم تۇمۇر تۇتۇش ئارقىلىق يەڭگەمنىڭ كېسىلىنى ۋە خېمىيەلىك داۋالىنىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگەن ئىدى.نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرۇپ بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ سۆزلىرىنى شۇ قەدەر كۈڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاشقا تىرىشتىم.چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرى ،ئاللاھ ئىلىم بەرگەن دوستلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا داخىل بۇلۇشمۇ ئاللاھنىڭ بىر خېل نېئمىتى ئىدى.ئالىمنىڭ يېنىدىكى دوستىغا ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە.«بۇ قېتىم كەئبىدە يەنە ئاللاھقا ئېسىلىپ ئىھ !ئاللاھ !ئالدىمغا كەلگەن بىمارلارنى سامان بەرسەممۇ ،تۇپا بەرسەممۇ،شىپا بۇلىدىغان قىلىپ بەرسىلە دەپ دۇئا قىلدىم.بىمارلارغا يازىدىغان دورا ئاساسەن ئوخشاش.ھەممىسى شىپا قىلدى دەپ كېلىدۇ.ئاللاھ شىپالىق بەرمىسە ئالتۇن،كۈمۈشتە دورا ياسىساقمۇ بىكار»مانا بۇ ئاللاھ ئىلىم بەرگەن زاتلارنىڭ بايانى ئىدى.كۈتۈش زالىدا ئاكام بۆرتالادىن كەلگەن بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئون يىل بۇرۇن يۈرەككە كۆۋرۈك سالىدىغان بۇلۇپ 2-دوختۇرخانىدا داۋالانغانىكەن.بىراق پۇلى يەتمەي كۆۋرۈك سالدۇرماپتۇ.يەنەبىر قازاق ياتاقدېشى كۆۋرۈك سالدۇرغان ئىكەن.ئالتە ئاي ئۆمۈر كۈرۈپ تۈگەپ كېتىپتۇ.كېيىن بۇ كىشى بۇ ئالىمنىڭ دورىسىنى يەپ تۆت يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەكشۈرتسە ،بۇرۇن تەكشۈرگەن دوختۇرلار قانداق داۋالاندىڭ ساپ-ساق بۇلۇپ كېتىپسەن دېسە ئۇكىشى ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ
گېپىنى قىلسا بۈلۈمدىكى خەنزۇلارمۇ كۈرۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىپتۇ.ئۇ ئاكامغا «كەلمىسەممۇ بۇلاتتى بىراق خۇتەننى ساياھەت قىلغاچ ھاجىمنى كۈرۈپ كېتەي دەپ كەلدىم» دەپتۇدەك.بۇ تېخى ئادەتتىكى بايانلار.كېسەللەر نۆۋەت كۈتۈش زالىدا تاملارغا قارىسىڭىز ساپلا«ئاللاھنىڭ شىپاسى، ھاجمنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن پالانى راكتىن ساقايغان پالانچىدىن تەقدىم........دېگەندەك لەۋھەلەر تۇلۇپ كەتكەن.ئەلۋەتتە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىمارلارغا سەۋەپ قىلىدىغان ئابدۇشۈكۈر ھاجىمدەك زاتى مۇبارەكلەر  ئۇنداق لەۋھەلەرنى چوڭ بىلمەيدۇ.بىراق مۇسۇلمانى كامىللىقنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مۇئمىنلەر ئاتايىن چوڭ كۈرۈپ تەقدىم قىلغان سۈرەتسىز تەشەككۈرلەر بىلەن تولغان  نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلمىسا ،دىل ئازار بۇلۇپ قالمىسۇن دەپلا تاملارغا ئېسىپ قۇيىدۇ.
ھازىرغە قەدەر ئۇل زاتى مۇبارەكنى 5-6قېتىم كۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم.مۇشۇنداق ئالىملارنى كۈرۈپ تۇرۇشمۇ  كىشىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن.مەن ئويلايمەن ئېغىر كېسەل بىلەن بېشىغا غەم چۈشكەن مۇئمىنلەرنىڭ بۇ ئالىم بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ ئاللاھنىڭ بىر خىل نېئمىتى ئىكەن.ئالىمنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلاپ تۇرغاندا (5-6ئادەم بىر يۇلى كىرىدۇ،بىرسى كۈرۈنۈپ بولسا چىقىپ كېتىدۇ،ئاندىن ساقلاپ تۇرغان بىرسى ئۇنىڭ مۇبارەك يېنىغا كېلىدۇ)
ئىككى  بىر ئايال كۈرۈندى.بىر ئايالغا ھاجىم« يولدىشىڭىز قېنى دېۋىدى،ئۇ ئايال ئالدىراش كېلەلمىگەن دىدى.ئۇ ئايال چىقىپ كەتتى.بىللە كىرگەن بىر ئادىشى ئالىمغا « بىز يەكەندىن كەلدۇق ،دوستۇمنىڭ نېمە كېسىلى بولسا ماڭا دېگەن بولسىلا»-دېۋىدى ھاجىم ئۇزۇن تۇرۇپ«ئادىشىڭىزنى پۈتۈن بەدەنلىك قان تازلىمىساق بولمايدۇ.بالىياتقۇدا سىفلىسنىڭ مىكروپى بايقالدى»-دېگەن ئىدى.زامانىۋى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى  نەچچە كۈندەچىقىرىپ بىرىدىغان دېئاگنۇزنى تۇمۇر تۇتۇپلا دەپ بىرىدىغان ،ھەتتا كىشىلەر ئالىمنىڭ كېسەل بايقاش ئىقتىدارىنى  سىناش ئۈچۈن 2-دوختۇرخانىنىڭ دېئاگنۇزىنى يانچۇقىغا قاتلاپ قۇيۇپ بىخرامان قىياپەتتە  كۈرۈنگەندە، ئالىم 2-دوختۇرخانىنىڭ زامانىۋى ئاپپاراتلىرى بايقىيالمىغان تەرەپلەرنىمۇ دەپ بەرگىنىدىن ھەيرانە-ھەس بولغان ئىشلار ،راك ،ئەيدىز كېسەللىرىنىمۇ تۇمۇر تۇتۇپ بىلىشلەر،يۈرەككە كۆۋرۈك سالغان،بەدەننىڭ قايسى ئەزاسىغا  ئوپپىراتسىيە پىچىقى تەككەنلىكىنىمۇ تۇمۇر تۇتۇپ دەپ بېرىشلەر... ئالدىغا كەلگەن بىمارلارنىڭ( ئاللاھ قەلبىنى ئېچىۋەتكەنلەر بولسا ) ئەقىدە-ئىخلاسىنى تېخىمۇ زىيادە قلىۋېتەتتى.         ئەلۋەتتە بىزنىڭ قانچىلىك ياشىشىمىز لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەندۇر.لېكىن ئەجىلى مۇسەممادا رىسقىمىز توشمىغانلا بولسا ،ھەرقانداق كېسەلنىڭ شىپاسى بار.راك ،ئەيدىز ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يامان كېسەل بولسىمۇ پاك ئاللاھ ھەممە كېسەلنى شىپاسى بىلەن ياراتقان.گەپ بىزنىڭ ئەقىدىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە ئاللاھقا بولغان ئىخلاسىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىغا مۇناسىۋەتلىك.مانا يەڭگەممۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ياخشى تۇردى.ئۆز ۋاقتىدا ئابدۇشۈكۈر ھاجىم ئۇنى«خېمىيەلىك داۋالىغاننىڭ بىر چىنە سۇغۇق سۇچىلىكمۇ ئۈنىمى بولماپتۇ»دېگەن ئىدى.سەدىقە –زاكات بىلەن،ئىبادەت بىلەن ،دۇئا بىلەن ،قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇنىڭ چىرايىمۇ تۈزۈلۈپ كەتتى.ئويلايمەن ،ئاللاھ ياخشىلىق ئىرادە قىلغان بىمارلارلا بۇ ئالىم بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگەبۇلاتتى.بىراق«گۈھەر ياتىدۇ سايدا،تۇنىمىساڭ نېمە پايدا »دېگەندەك بەزى كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلسا« قويۇڭا  تىۋىپ دېگەننى ئادەم گوللايدۇ »دەپ سۇغۇق ئېيتىدىغانلارمۇ بار.بىراق ھېچقىسى يوق. ئاللاھ قەلبىنى ئېچىۋەتكەن مۇئمىنلەر ئۈچۈن ( ھەقىقەتەن ئوپىراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك جىددى كېسەللەردىن باشقا ،) تۈمەنلەپ پۇلنى كۈتۈرۈپ چوڭ شەھەرلەرگە بارغاندىن ئاللاھ ئىلىم بەرگەن نەپسى پاك ۋەلىيلىرىنىڭ    بىر چىمدىم دۇرىسى ئەۋزەل!چۈنكى ئالىملارنىڭ دۇئاسى ئىجاۋەتتۇر!!!
بۇ ئالىمنىڭ يېنىغا كەلمەكچى بولغان قېرىنداشلار تاكسىچى قېرىنداشلارغا  دىيانەت مېھمانخانىسىنىڭ يېنىدىكى ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ دوختۇرخانىسىغا ياكى لوپ بېكەتكە ئاپىرىپ قۇيۇڭلار دېسەڭلار بۇلىدۇ.
بۇ ئالىم يازدا ئاللاھنىڭ سىنىقىغا دۈچ كېلىپ  مۇسىبەتلىك بۇلۇپ قېلىپ بىرمەزگىل كېسەل كۈرەلمىگەن ئىدى.(پاك ئاللاھ ئالىملارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن  قىلىپ ئىلمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي) ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كېيىنچە يىراق-يېقىندىكى مۇئمىنلەرنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن دۈشەمبە ۋە پەيشەمبە كۈنىلا كېسەل كۈرىدىغان بولغان.ئەمدىلىكتە جۇمئى كۈنىدىن باشقا كۈنى كېسەك كۈرىدىكەن.باشقا ۋىلايەتتىن كەلگەنلەر بىز باشقا ۋىلايەت شەھەرلەردىن كەلگەن دەپ تىزىملىتىپ قويسىلا نۆۋەت ساقلىماي كۈرۈنەلەيدىكەن.بۇرۇن كېچە سائەت 3تە نۇمۇر تارقىتاتتى.بىراق ھازىر كۈندۈزى سائەت 4لەردە نۇمۇر تارقىتىدىكەن.ئەتىسى ناماز بامداتتىن يېنىپ ئاندىن كېسەل كۈرۈشكە باشلايدىكەن.ئۇ ئالىمنىڭ ئالدىغا بارماقچى بولغانلار چۇقۇم ئىككىنچى قەۋەتتىن نۇمۇر ئېلىڭلار.چۈنكى ئۈيىنىڭ ئىشىكى يېنىدىلا  نۇرغۇن تىۋىپلەر بار.ئىنساپلىقلىرى بولسا ئىككىنچى قەۋەتنى كۆرسىتىپ قۇيىدىكەن،ئىنساپ قىلمىغانلىرى بولسا ئۈزىلا دۇرا بىرىپ يولغا سالىدىكەن.ھەتتا بىر ئالىمىمىزغىمۇ ئۈيىنىڭ يېنىدىكى ئاشۇ تىۋىپلار ھاجىمنىڭ تۇرالغۇسىنى كۆرسىتىپ قويماي بىر مۇنچە پۇللۇق دورا بەرگەنىكەن. نۆۋەت ساقلاش زالىغا كىرسەڭلار،ئۈرۈمچى،يەكەن،قاتارلىق ۋىلايەت شەھەرلەردىكى بىمارلار تەقدىم قىلغان تەشەككۈرنامىلەر تاملارغا تولغان.قېرىنداشلارنىڭ باشقا تېۋىپكە ئۇچرىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇلارنى دەپ قويدۇم.بېشىغا كېسەللىك بىلەن سىناققا دۈچ كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى  ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن شىپا تېپىپ،پەرىز ئەمەللىرىنى ئۇرۇنلاپ ،مۇسۇلمانى كامىللاردىن بۇلۇپ دۇنيا-ئاخىرەتتە سائادەتمەن مۇئمىنلەردىن بۇلىشىنى پاك ئاللاھتىن تۈۋەنچىلىك بىلەن تىلەيمەن.
بۇ تىمىدا بەزىلەرنىڭ بەندىنى زىيادە ماختاپسەن دەپ پىتنە قىلىشىنى ياقتۇرمايمەن.مەن پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى بىلەن مۇشۇنداق بىر ئالىمىمىز بارلىقىنى بىلمەي قالغان مۇسۇلمانلارغا تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ تىمىنى يازدىم،چۈنكى مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ھەققى بار.كېسەل دىشۋارلىقىدا روھى سۇنغان قېرىنداشلار روھىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار!!ئۈمۈدسىزلىك شەيتانغا خاس سۈپەتتۇر.كېسەلگە داۋالانماسلىق مۇئمىننىڭ ئىشى ئەمەس!چۇقۇم سەۋەپ قىلىشىمىز لازىم!!!كېسەلگە سەۋەپ قىلىش تەقدىر-ۋە قازا-قەدەرگە ھېچقاچان زىت ئەمەس!!!بەلكى ئاللاھتىن كەلسە داۋالانمىساممۇ ساقىيمەن،ئاللاھ پۈتمىسە داۋالانساممۇ پايدىسى يوق دىيىش ئىمانغا دەخلىسى بۇلىدىغان ئىش!!!!!ئاللاھنىڭ كېسەل سىنىقىغا دۈچ كەلگەن قېرىنداشلار ،ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ بۇ ئالىمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىڭلار.پاك ئاللاھ سىلەرنى ئۈمۈدسىز قالدۇرمايدۇ.ھەممەيلەنگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-29 12:27 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7347
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1782 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:27:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇشۇنداق تىلسىملىق بىر يۇرت،  خوتەندە  ئەپلاتوننىڭ قۇدىسى غازباي (غازىباي ئەمەس)  بايقىلىۋىدى، جۇڭگودىكى نۇرغۇن كىشىلەر تاڭ قالغان، كېيىنرەك، 6-ئەسىردە ياشىغان شىرخان خۇسۇسىدا ماتېرىيال تىبەت ۋەسىقىلىرىدىن ئاشكارا بولۇۋىدى، جۇڭگولۇقلار ھاڭۇ-تاڭ قېلىشتى! دېمەن بۇ خوتەن مۇشۇنداق خىسلەتلىك، سىرلىق يۇرت، چۈنكى ئۇ تالاي خىسلەتلىك ئىنساننى خىسلەتلىك تالانتى بىلەن ئۆز قوينىغا ئاپرىدە قىلىدۇ ...

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83429
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:34:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەقىقەتەن ئىلىملىك زاتكەن، ئاللا ئىلمىنى زىيادە قىلسۇن!
   چوڭلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان خوتەنگە بىر بېرىش ئارزۇسى بار ئېدى، ئىنشائاللا نىسىپ بولغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:39:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگەتەشەككۈر.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100845
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:17:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادرىسى قېنى خەتلەر چوڭ تازا ئۇقىياممىدىم ،، تىلفۇندا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:25:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلاملىق توغرىدىكى ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:26:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلاملىق توغرىدىكى ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62163
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 752 سائەت
تىزىم: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت قېرىندىشىم ياخشى ئۇچۇردىن بىرنى يوللاپسىز....

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44551
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15774 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىۋىپ بولسا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭلار . تېما يوللۇغۇچىغا تەشەككۈر !

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78332
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3674
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 01:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇ  كۆرىنگەن  ھەقىقەتەن توغرا تاپىدۇ  كىسەلنى  !!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش