مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1276|ئىنكاس: 21

«بىلىپ »ياخشىلارنى چاقىرىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يالپۇز تىۋىشلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11440
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 11:38:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«بىلىپ »ياخشىلارنى چاقىرىدۇ


خاسىيەت ساملاق يالپۇز


گۈل سۇنۇلغان قوللاردا گۈللەرنىڭ ھىدى بولىدۇ ،سىزنىڭ خالىس قىلىنغان  كىچىككىنە  كۆڭلىڭىز بىر مۇھتاجلىق ئىلكىدە قالغان قىرىنداشلىرىمىزغا قىلغان ئالەمچە ئىللىقلىقتۇر ،دوستۇم بۇ مىسكىن قەلىپلەر مىھىر- مۇھاببەت بىلەن ياشنىسۇن  ،مۇھەببەت بىلەن ئىچىلسۇن سۇنغان كۆڭۈللەر ،ئىللىقلىق ئۈچۇن سۇنۇلغان شۇ قوللاردىن ،باسقان ئىزىڭلاردىن گۈللەر ئۇنسۇن .ئاشۇ بىچارە قېرىنداشلىرىمىزغا مۇھاببەت ئوتىنى ياقايلى.بۇئوت شۇنداق گۈرۈلدەپ كۆيسۈنكى  ئەتىيازدىمۇ؟يازدىمۇ؟كۈزدىمۇ؟زىمىستان قىشتىمۇ ئۈزىنىڭ ئىللىق ھارارىتىنى يوقاتمىسۇن.مىھىر-مۇھاببەتكە تەشنا دىللار ئىللىسۇن.

...زىمىستان قىشتا سىز ئىسسىق ئۆيىڭىزدە ئولتۇرغاندا سوغاق ئۆيدە دۇگدىيىپ ئولتۇردىغانلارنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟

ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۇرگىنىڭىزدە ئايلاپ يىللاپ يىڭى كىيىم تۇگۇل ئاران كۇنىنى ئىلىۋاتقان غىرىپ يىتىم -يىسىرلارنى ئويلىدىڭىزمۇ ؟ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن جەم بولغاندا باققۇچىسىز قارۇغۇچىسىز قالغان بالىلار ،بوۋاي مومايلارنى ئويلىدىڭىزمۇ ؟

ئۇلارغا مىھىرلىك كۆزلىرىڭىز بىلەن قاراپ باقتىڭىزمۇ ؟يۈركىڭىزدىن ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلىدىڭىزمۇ ؟سىز ئويلايسىز چۇنكى سىز بىر يۈرىكى گۇپۇلدەپ سۇقىۋاتقان ئىنساندە سىز .

مىھرىبان ئاتىلار جەمىيىتى ،مىھرىبان ئانىلار جەمىيىتى جەمىيىتىمىزدىكى ئاقكۆڭۇل ئاكا - ھەدىلىرىمىز تەرپىدىن قۇرۇلۇپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ ، ئەمما بىز ياشلارچۇ ؟ دەۋەرنىڭ تايانچى ،جەمىيەتنىڭ يۇرىكى بولۇپ جاسارىتى ،قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان  بىز ياشلار ئاشۇ داداش، ئاپاش ،ئاكاش ئاچاشلاردەك بولالمامدۇق ؟ بىزدە غىرىپلارنىڭ بىشىنى سىلىغىدەك ، سوغوقتا قالغانلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلغىدەك ،باققۇچىسىز قالغانلارغا قارۇغىدەك ماغدۇر يوقمۇ؟

ياق ،بىزدە ماغدۇر بار ...بىز ياشلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بىرلەشسەك چۇقۇم بىزمۇ باشقىلارغا مېھىرلىك قولىمىزنى سۇنالايمىز .

يانچۇغۇڭنىڭ بىر بۇرجىگىدە پۇرلۇشۇپ كەتكەن،ئەمما ئىسل داستىخاندا ئوتتۇرغا چىقىشقا جۇرئەت قىلالمايدىغان پارچە-پۇرات پۇللىرىڭنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ كەت.بەلكىم بۇ پۇللىرىڭنى ئۈيۈڭدىكى ئەركە قوزاڭ قۇبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن.ئەمما ئاشۇ بىچارە نىمجانلار يايراپ كېتىدۇ.ئەل سەندىن رازى بۇلىدۇ،دىللار سەندىن سۇيۇنىدۇ...

سىز بىر تامچە ئەمما سىز كۆلگە قۇشۇلسىڭىز كۆل دەرياغا قۇشۇلسىڭىز دەريا دىڭىزغا قۇشۇلسىڭىز دىڭىز بولىسىز .

قىنى بىزگە قۇشۇلۇپ ئوكياندەك مېھىر مۇھاببىتىڭىزنى  قاغجىرىغان تەشنا يۈرەكلەرگە يەتكۇزۇڭ.

مىھىرلىك بۇلاقتەك تۇگىمەس ساخاۋەت ،

ياشنىسۇ چىچەكلەپ ياشلاردا ھايات .

قاقاقلاپ بىر كۇلسۇن بارچە كائىنات ،

كەل دوستۇم  بىلىپقا بولايلى  قانات .

بىز شۇنداق مىھىرلىك-بۇلاق ھاسىل قىلايلىكى،بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى تا ئاخىر زامانغىچە كۇۋەجەپ ئاقسۇن.تاما-تاما كول بۇلار بۇ ئاۋالقىلارنىڭ يەكۇنى ئەمەسمۇ؟

«بىلىپ» ئۈمۈد ئىللىقلىق يەتكۇزۇش خەير-ساخاۋەت توپىمىز 2013-يىلنىڭ بىشىدا جەمىيىتىمىز ياشلىرى ،جەمىيەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى ئالاھىدە ناچار ،ياشانغانلار شۇنداقلا ئۇقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم بىرىش جەمىيەت پاراۋانلىقى ،خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا تۆھپە قۇشۇنى ئارزۇ قىلىش ئىستىكىدە بارلىققا كەلگەن ئىللىقلىق يەتكۇزۇش توپى .

«بىلىپ» ئۈمۈد توپى قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر  ئىغىر كىسەللەرگە نەق مەيدان ئىئانە پائالىيىتى ، ياشانغانلار ساناتورىيىسىنى يوقلاش پائالىيىتى  ،گاس گاچىلار مەكتىپىنى يوقلاش پائالىيىتى ئۇقۇشسىز بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باھار بايرىمى دا ئاھالىلەر كومىتىتىغا چۇشۇپ ھال سوراش پائالىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائى پاراۋانلىق خەير ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ  جەمىيىتمىزدىكى ياخشى كۆڭۈللۇك كىشىللىرىمىزنىڭ ،ساخاۋەت ئىگىللىرىنىڭ ياردىمىدەئۇلارنىڭ مىھىرلىك كۆڭلىنى ئەڭ  ئىھتىياجلىق كىشىللىرىمىزگەبەردۇق .

توپىمىز قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نۇرغىنلىغان دوسلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئۇزلۇكسىز توپىمىزغا قۇشۇلىشى نەتىجىسىدە ئازغىنە 10 ئادەمدىن ھازىرقى پۇتكۇل ئاپتۇنومىيە تەۋەسىدە ۋەكىللىك تارماقلىرى بار بولغان ئۆزىگە خاس تەسىر دائىرسى بار خەير - ساخاۋەت توپىغا ئايلاندى .

بىز سىزنىڭ داۋاملىق تۇردە بىزنى قوللىشىڭىزنى بىز بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ئاشۇ مۇھتاجلىق ئىلكىدە تۇرۋاتقان ھەر مىللەت قىرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ شۇلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۇتىشىگە ھەمدەم بۇلىشىڭىزنى سورايمىز .سىز مەن بىز ھەممىمىز مىھىرلىك قولىمىزنى بىرەيلى .«بىلىپ» بىز ياشلارنىڭ مىھىر-مۇھاببەتلىك قوللىرى بىلەن تىخىمۇ كۆپلىگەن  كىشىلەرگە ياردەم قىلغۇسى،   «بىلىپ »ياشلارنى ،ياخشىلارنى بىزگە قۇشۇلۇشقا چاقىرىدۇ .

بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز ،سىزنىڭ قوللىشىڭىز «بىلىپ »ئۈمۈد ئىللىقلىق يەتكۇزۇش كوللىكتىۋىنىڭ ئۆتمۇشى بۈگۈنى ئەتىسىنىڭ كاپالىتى .

شۇنداقلا تورداشلارنىڭ مەزكۇر تىمىدا قەستەن چاتاق تاپماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن . كونا كىيىملىرىڭىزنى ياكى بەش كوي ئون كوي بىرىشنى خالىمىسىڭىز مۇشۇ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قوللاپ قۇيۇڭ .

ساخاۋەتنى قوللاشمۇ بىر ساخاۋەت . بىراق ھەيران قالدىم بەزى كىشىلەرنىڭ ساخاۋەتنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتتى دەپ داۋراڭ سالغىنىدىن ...ئەگەر مۇشۇ ساخاۋەت جەمىيەتلىرىنى قۇرغان كىشىلەردە مىليونلاپ پۇل بولغان بولسا باشقىلارنى بۇ جەمىيەتكە قاتنىشىڭ دەپ تەشۋىق قىلىپ يۇرمەس بولغىتى ، ئۇلار پەقەت ئۆز يىنىدىكى ئىشىنغان پۇللىرى بىلەن باشقىلاردىكى ئىشىنغان پۇللارنى جەم قىلىپ قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلىدۇ خالاس .

بۇنىڭ نەرىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم . ئوڭ قول بەرگەننى سول قول بىلمىسۇن بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ھەقىقەتقۇ ...

پەقەت مەقسەت باشقىلارنىڭمۇ ئىشىنغان ئازغىنە پۇللىرىنى بىرىشنى خالىسا نۇرغۇنلىغان خالىس كىشىلەرنىڭ ئاز ئازدىن بەرگەن پۇللىرى يىغىلسا خىلىلا جىق پۇل بولمامدۇ ؟بۇ پۇللارنى كىيىملەرنى ھەقىقى ياردەمگە كىرەكلىك كىشىلەرگە ئاپىرىپ بەرگەننىڭ نەرى خاتا ؟؟؟

تەشۋىقات رەسىملىرىدىكى ئۇ كىشىلەر پەقەت شۇ جەمىيەتتتىكى يىغىلغان پۇل ھەم لازىملىق نەرسىلەرنى تارقىتىپ ئاشۇ بىچارىلەرگە ئاپىرىپ بىرىشكە مەسئۇل خالىسى پىدائىلار خالاس . ئۇلارنىڭ دەم ئىلىش كۇنلىرى ئىشى يوقمۇ ؟ماڭىدىغان يولى يوقمۇ ؟ مۇشۇ سوغوقتا كىشىلەرنى قاچان كىيىم پۇل ئەكىلىپ بىرەركىن دەپ كۇنلەپ كۇنلەپ دوقمۇشتا تۇرشى ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىش تاپالماي زىرىكىپ قىلغىنىمۇ ؟ ئويلاپ بىقىڭلار ،كىچىككىنە كاللاڭلاردا مۇلاھىزە قىلىپ بىقىڭلار ؟ سىلەرمۇ مىھىرلىك ئىللىق قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار...

ئەمما ھەقىقى جىق پۇل بەرگەن ھەم پىچىتى بۇزۇلمىغان  يىڭى كىيىملەرنى چىن كۆڭلىدىن بەرگەن كىشىلەرچۇ ؟ئۇلارنى ئۇ رەسىملەر ئارىسىدىن تاپالمايسىلەر.ئاشۇ رەسىملەر كەينىدىكى كۇرۇنمەس خالىس نىيەتلىك كىشىلەر نۇرغۇن .

رەسىم بىلەن قىلغان ئىشىنى چىقىرىشتىكى مەقسەت ئاشۇ خالىس نىيەتلىك كىشىلەرگە بەرگەن كۆڭلىنى قايسى جايغا ئىشلەتكىنى بىلدۇرۇش شۇنداقلا تىخىمۇ كۆپ ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز سىپىگە قۇشۇلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ ،بىرقىسىم كىشىلەر بەرگەن پۇل ماللىرىنىڭ نەگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى سۇرۇشتۇرىدۇ چۇنكى ئۇلار پۇللىرىنىڭ تىگىشلىك جايغا بارماي باشقىلارنىڭ چۆنتىكىگە چۇشۇپ كىتىشىنى خالىمايدۇ.دىمىسىمۇ ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا چۇنكى ھەممە ئىشنىڭ ھىساۋى بار .ئۇلار سۇرۇشتۇرۇپ ھەقىقى مىيىپ .ھەقىقى قارىغۇچىسى يوق يىتىم ،ياشانغان بوۋاي مومايلارنى يوقلاۋاتىدۇ بۇنىڭ نەرى خاتا ......

ئاشۇ ساخاۋەتنىڭ شەكلىنى مۇلاھىزە قىلغان كاللىڭىزنى خاپا بولماي قانداق قىلسام جىقراق پۇل تىپىپ باشقىلارغا مۇھتاج بولماي يىتىملار مەكتىپى ،ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرارمەن دىگەنگە سەرىپ قىلىڭ ،مىڭ ئېغىز كاپ كاپتىن بىر قىتىم شىپ شىپ ماڭغان ئەۋزەل.

خاپا بولماي ھەرقايسى جايلاردىكى بىلىپ ئەزالىرى ئالاقىلىش نۇمۇرۇڭلارنى مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار قاتىشىنى خالايدىغان كىشىلەر سىلەرنى ئىزلەپ تىپىۋالسۇن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YALPUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 11:43 PM  


قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5059
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:49:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇكوللىكتىپقاقانداق ئەزابولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش دىگەندەك تەپسىلاتلارنى بىلىشكەبولارمۇ،شەرتىم چۈشسەمەنمۇبۇتوپنىڭ بىرئەزاسى بولۇپ گەرچەئۆزۈمدىن ئېشىنغۇدەك دەرىجىدەئېقتىسادىم بولمىسىمۇمەندىنمۇتۆۋەن ئەھۋالدىكى قېرىنداشلىرىمغاكىچىككىنەبولسىمۇياردىمىم تەگسەدىگەن ئۈمۈدتىمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
vincent + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن./static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:59:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇندىداردىن ھەر ۋاقىت بىلىپ توغۇرلۇق خەۋەرلەرنى كۈرۈپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ قىلغان ساۋابلىق ئىشلىرىنى كۈرۈپ ئۇلارغا راسلا قول قويدۇم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:30:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 10:49 AM
بۇكوللىكتىپقاقانداق ئەزابولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ...

ئىختىسادى جەھەتتىنلا ئەمەس مەنىۋى جەھەتتىنمۇ ئىلھام بەرسەكمۇ بولىۋىرىدۇ،ئۇنىڭمۇ پايدىسى كۆپ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:49:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ ساخاۋەتنىڭ شەكلىنى مۇلاھىزە قىلغان كاللىڭىزنى خاپا بولماي قانداق قىلسام جىقراق پۇل تىپىپ باشقىلارغا مۇھتاج بولماي يىتىملار مەكتىپى ،ياشانغانلار ساناتورىيەسى قۇرارمەن دىگەنگە سەرىپ قىلىڭ ،مىڭ ئېغىز كاپ كاپتىن بىر قىتىم شىپ شىپ ماڭغان ئەۋزەل


بۇ سۆزلەرنىڭ  خىلى جىنىبا،  ياخشى چىقىپتۇ

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40188
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1296 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:01:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىلىپ خەيرى-ساخاۋەت كوللىكتىۋىگە تەقدىم


رۇستەم قاراسۇ


نېمە قىلسا بىلىپ قىلدى <بىلىپ> تىكىلەر،

ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سونۇپ ھەر يانغا.

ئەل غېمىنى غېمى بىلدى <بىلىپ> تىكىلەر،

مېھىر بىرىپ ئۈمۈد ئاتا قىلىپ نىم جانغا.


تەسىرلەنمەي تۇرسۇن قانداق ئىنسان بالىسى،

جەنۇب-شىمال ھەممە يەردە بىلىپ مارىشى.

ئاغرىق مىسكىن يېتىملەرنىڭ كۆپتۇر نالىسى،

شۇنداقلارغا مېھىر بىرىش ھەر كىمنىڭ ئىشى.


تاما-تاما كۆل بولىدۇ دىگەن نەقىل بار،

شۇ نەقىلدىن ئىلھام ئالغان <بىلىپ> تىكىلەر.

خەيرى-ئىھسان ساۋابلىققا بولايلى بىز يار،

يالغۇز ئاتتىن كارۋان ياخشى بىردىن ئىككىلەر.


بىلسۇن دىگەچ <بىلىپ> دەپتۇ نامى-ئىسمىنى،

بىلگەنلەرگە ئالقىشىم بار ئەلنىڭ نامىدىن.

گەر ئۇپراتسا ياخشىلىققا ئادەم ئۆمرىنى،

مەڭگۈ ئۆچمەس نۇر قالغۇسى ھايات شامىدىن.


رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش  2013.12.19.كۈنى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YALPUZ + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97490
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-9-1
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 09:12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيازما  بۇنداقلا كۆمۈلۈپ كەتسە بولمايدۇ ....  باشقۇرغۇچىلارنىڭ نادىر تېمىلار قاتارىدىن قىلىپ قويىشىنى كۈتىمەن ...

يالپۇز تىۋىشلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11440
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:51:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rustorahbar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 09:01 PM
بىلىپ خەيرى-ساخاۋەت كوللىكتىۋىگە تەقدىم
رۇستەم قاراس ...

ئىسىل ئىنكاس  ئۇكام . رەھمەت  قوللىغىنىڭىزغا .....
قەلەملىرىڭىز بەرىكەت  تاپسۇن .

قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....

يالپۇز تىۋىشلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11440
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:53:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 10:49 AM
بۇكوللىكتىپقاقانداق ئەزابولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ...


رەھمەت  .ئاشۇنداق خالىس كۆڭلىڭىزگە..
بۇگۇن ئالدىراش بوپ قالدىم ھەرقايسى  جايلاردىكى بىلىپ  باش يىتەكچىلىرىنىڭ  نۇمىرىنى يوللاپ قۇياي دىسەم ، ئەتىگىچە  تىپىپ  مەن يوللاپ قۇياي ، ھەرقايسى ۋىلايەتتىكى يىتەكچىلەرنىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YALPUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-29 10:55 PM  


قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....

يالپۇز تىۋىشلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11440
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 10:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyol يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 10:59 AM
مەن ئۇندىداردىن ھەر ۋاقىت بىلىپ توغۇرلۇق خەۋەرلەرنى ك ...

قوللىغىنىڭىزغا  رەھمەت ...

قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش