مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2190|ئىنكاس: 27

سائادەت ساتتار ئايتۇغنىڭ تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14053
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 10:53:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مىسرانىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سائادەت ساتتار ئايتۇغنىڭ تەرجىمھالى

       sadat.jpg

                     

سائادەت ساتتار ئايتۇغ  1975-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە سەنئەت سۆيەر دېھقان ئا  ئىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ساتتار مىجىت ئاكا ۋە ئانىسى دىلەيسەم روزى ئانا ئەدەبىيات-سەنئەتكە ھېرىسمەن كىشىلەردىن ئىدى. دادىسى ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ئاھاڭغا سېلىپ، دۇتتار تەمبۈر مۇزىكىلىرىغا سىڭدۈرۈپ چالاتتى. ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەتكە بولغان ھېرىسمەنلىكى سائادەتنىڭ كىچىكىدىنلا يۈرىكىگە ئەدەبىيات ئىشتىياقى سالغان. ئۇنىڭ  تۇنجى شېئىرى‹‹كىتاب›› 1987-يىلى  ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،ئون نەچچە پارچە ھېكايە،5پارچە ماقالە،3پارچە پوۋېستى،،‹‹كروران››ژورنىلى،‹‹جوڭگومىللەتلىرى››ژورنىلى،‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››ژورنىلى،‹‹كۈسەن مەدەنىيىتى›› ژورنىلى،‹‹‹شىنجاڭ سەنئىتى›› ژورنىلى،‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژورنىلى،‹‹يەكەن ئەدەبىياتى››ژورنىلى‹‹تۇرپان گېزىتى››،‹‹تۇرپان ژورنىلى››،‹‹دولان ژورنىلى››،‹‹شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى››،‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››،‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››،‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››...قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.قەشقەر ئۇيغۇر  نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹تىۋىشىسز كېچە››ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا 3پارچە ھېكايىسى تاللانغان.‹‹سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ››ناملىق شېئىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››نىڭ خەنزۇچە2013-يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان.
‹‹ گۇناھ قورغىنى›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتىغا،‹‹قىسمەت›› ناملىق ھېكايە-پوۋىستلار توپلىمىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتىغا تاپشۇردى.
ئۇ ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ‹‹شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى›› دا ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم شېئىر-قوشاقلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن‹‹بىلقۇت لوڭقىسى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹ باس-باس تورى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹مىسرانىم-مەشرەپ ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››،‹‹يانغىن ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى››....قاتارلىق ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇ شىنجاڭ ‹‹ھۆرىيەت كىنو-تىلىۋېزىيە شىركىتى››گە خىزمەتكە چۈشكەندىن بېرى قەلبىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە سەھنە-ئېكران سەنئىتى  ئىجادىيىتىگە ئاز بولمىغان يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇ ھازىر ‹‹ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە شىركىتى›› ئەدەبىي ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ ئىشخانا  مەسئۇلى بولۇپ، شىركەت ئىشلىگەن كۆپلىگەن ئېكران ئېلانلىرىنىڭ سىنارىيەسى،ئېلان سۆزى، ئېلان لايىھەلىرىنى يازغان. ئۇ يەنە ‹‹شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى››دە يېقىندا ئىشلىنىۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى‹‹مىليون گۈل››فىلىمىنىڭ مەيدان خاتىرىلىگۈچىسى ۋە مەزكۈر تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ  ئاساسلىق
سىنارىستلىرىنىڭ بىرى .
ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

مەنبەسى --ئەپەندىم تورى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 12:29 AM  


تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4224
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1659 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:01:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائادەت ساتتار ئايتۇغ خانىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:39:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللانغان سىرلىق تىۋىش دىگەن ھېكايىسى شۇنداق يارىغان ئىدى ماڭا .  ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەرلىرىمۇ ياخشى .  
ئائىلىسىگە بەخىت ، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن  .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:50:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خانىمنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44551
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15774 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:00:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائادەت خانىمنىڭ ھەممە تەرەپكە تەڭ ماسلىشىپ ، مىسرانىم مۇنبىرگە تۆھپە قوشۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم . سائادەت خانىمنىڭ ئىشلىرغا ئۇتۇق ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن !

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:02:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائادەت ساتتارنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق،ئائىلىسىگە بەخىت ، تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.  

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 01:05:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياغلىقڭنى ئارتىۋال موما

ياغلىقىڭنى ئارتىۋال موما،
  پاخما باشتا نە قىلسۇن ئىمان.
    سەن بىلەمسەن چاچ ئۇچۇق تۇرسا،
قەبرىلەردە قىينىلار ئىنسان .

ياغلىقىڭنى ئارتىۋال موما،
ساڭا ھېچكىم بولماس تۇسالغۇ.
بىز ھەممىمىز قايتىمىز ھەققە،
بىلسەڭ دۇنيا بىزگە قۇنالغۇ.

دەرسەن بەلكىم «ياغلىق ئارتمايمۇ،
تالاي ياخشى ئىشلارنى قىلدىم.
ئاللاھ بىلەر دىلىمدىكىنى ،
غەيرىيلەردەك تۇرسىمۇ ئەپتىم.

يىتىملارنى يۈلەۋاتىمەن،
مەرىپەتتە نامىم بار مىنىڭ.
بۇ سىياقىم تاقاشتى كىمگە،
تەنتەك شائىر كارىڭ نە سېنىڭ».

ئەگەر شۇنداق ئويلىغان بولساڭ،
خاتالاشتىڭ چۇقۇم جان موما.
نىيەت ئەمەل ئىككىسى بىردەك،
قۇبۇل بولماس بىرى كەم بولسا.

*رەسۇلىمىز ئېيتقان ئەمەسمۇ،
غەيرىيلەرگە ئوخشىسا گەر كىم.
جۈملىسىدىن ئەنە شۇلارنىڭ،
ئۇنداق كىشى ئەمەس ئۈممىتىم.

ئويلاپ باقە چايداندا سۈيۈڭ،
قىزىق تۇرار ئېتىلسە ئاغزى.
ئۇچۇق تۇرسا مۇزلايدۇ چۇقۇم،
ئىنكار قىلماس بۇنى ھېچكىشى.

ياغلىقىڭدۇر چايدان ئېغىزى،
ئىتىلسە گەر مۇزلىماس سۈيۈڭ.
يالىڭاچلىق  باشلىنار چاچتىن،
دىمە زىنھار يالغان بۇ سۈزۈڭ.



سېنىڭ تالاي ئىزگۇ ئىشلىرىڭ،
ئوخشىمىسۇن ئۇچۇق چايدانغا.
تۈزۈۋالغىن قىياپىتىڭنى،
قالماي دىسەڭ پۇشايمانلارغا.

شۇنچە بىلىم ئالسىمۇ كۆپلەر،
ئۆزگىلەردەك ياسىنار توۋا.
سەن ئىھسانغا ئىبادەتنى قوش،
قۇشالمىساڭ ئۇ چۇقۇم رىيا.

رىيا بىلەن قىلغان ئەمەلدىن،
تۇزۇپ كەتكەن سامان ياخشىراق.
جىڭ باسىدۇ پەقەت تەقۋالىق،
*سەييىدىمىز ئېيتقان ئاشۇنداق.

يۈرمە يەنە چاچنى كۆپتۈرۈپ،
ئارتىۋالغىن قېلىنراق رومال.
سەندە كۆپقۇ بىزلەرنىڭكىدىن،
سەئۇدىيغا بېرىشقا ئامال.



ئەۋرەتلەرنىڭ ئۇچۇقلىقىدىن،
چايقىلاركەن زىمىن غەزەپتە.
ھادىساتلار كەتمەكتە جىقلاپ،
يەر تەۋرەشلەر بىشارەت ئەنە.........

جېنىم موما رەنجىمە مەندىن،
دىمەي دىسەم كۆيدى بۇ دىلىم.
مەن ناتۇنۇش قېرىندىشىڭمەن،
لېكىن ساڭا تۇتاشتۇر مېھرىم.

ئاشتىم مانا مەنمۇ ئوتتۇزدىن،
تۈزىۋالدىم قىياپىتىمنى.
تەۋھىدىمنى يېڭىلاپ يەنە،
تېپىۋالدىم نۇرلۇق يۇلۇمنى.

جېنىم موما قېرىندىشىمسەن،
سەنمۇ مەندەك ياشىغىن ئەمدى.
سەندە بارى مەندە يوق لېكىن ،
تولدۇراركەن ئورنىنى زىكرى.



ياش-قېرى دەپ ئايرىماس ئۈلۈم،
كەتسە ئىنسان كەلمەيدۇ قايتا.
پايدا بەرمەس سۇنغان گۈزەللىك،
ياغلىقىڭنى ئارتىۋال موما.
ئاپتۇرى؛يانغىن
*-پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئاتىلىشى.

ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئانىنى تورداشلارنىڭ كىملەرگىدۇر قىياسلاپ غۇلغۇلا قىلىشىنى خالىمايمەن.مەن بۇئەسەردە ئۈبىكىتنى موما دەپ ئالغان بولساممۇ،بىراق بىزنىڭ نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگەن،خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى قىلىۋاتقان، جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ئۇرۇنلىرىدا نەتىجە يارىتىۋاتقان تۆھپىكار ئاياللىرىمىز, سەنئەتكارلار،مەنىۋىيەت ئالىمىدە  ئىزدىنىۋاتقان ئەدىبەلىرىمىز ،مائارىپنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدا ئىشلىگەن ،ئىشلەۋاتقان ئاياللار مومام، ئانام،،ئاچام،دوستۇم،سىڭلىم دىمەتلىك بۇلىشى مۇمكىن.شېئرى پىكىرنىڭ ئاھاڭدارلىقى ئۈچۈن موما دەپ ئالدىم.ھەر قايسى ساھە،قاتلاملاردىكى ھەر بىر ئايال دوستلارغا ئازراق بولسىمۇ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسىدى كەمىنە يانغىننىڭ قەلەم تەۋرىتىش مۇددىئاسى ئىشقا ئاشقان ھىساپلىنىدۇ.
2013-يىل يانۋار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 01:27:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائادەت ئايتۇغنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن! تېنىڭز سالامەت بولسۇن!

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 02:05:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇي....ماۋۇ  ئىشنى  كۆرۈڭ!  سائادەت  ھەدەم  بىلەن  بىر  يۇرتلۇق  ئىكەنمىزغۇ...
بەك  پەخىرلىنىۋاتىمەن  جۇمۇ....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-29 02:05 PM  


ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90729
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 398 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 02:14:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائادەت ساتتار ئايتۇغ خانىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش