ئادەتتە ئائىلىگە كەڭ بەلۋاغ تورى ئورناتقاندا مۇناسىۋەتلىك خادىم سىزگە كەڭ بەلۋاغ تورىڭىزنىڭ تېزلىكىنى ئېيتىپ بىرىدۇ، مەسىلەن، 2M ياكى 4M دىگەندەك. ئۇنداقتا سىزنىڭ كەڭ بەلۋاغ تېزلىكىڭىز ئۇلار دىگەن ئۆلچەمگە يەتتىمۇ؟ 4M لىق تور نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ ئۇنىڭ چۈشۈرۈش تېزلىكى سىكۇنتىغا قانچە مىگابايت؟ دىگەندەك سۇئاللارغا بەلكىم مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملەر توغرا جاۋاپ بىرەلمەسلىكى مۈمكىن.
ئادەتتە كەڭ بەلۋاغ شىركەتلىرى دەۋاتقان تېزلىك مىگابىت ھەر سىكۇنت دىگەن بىرلىكنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ 4M دىگىنى ھەر سىكونتىغا 4 مىگابايت ئەمەس بەلكى ھەر سىكونتىغا 4 مىگابىت دىگەندىن ئىبارەت.
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇچۇر تېخنىكا ئوقۇغۇغان ھەر بىر ئادەمگە مەلۇمكى بىر بايىت سەككىز بىتقا تەڭ. شۇنداق بولغاندا 4M لىق تور بار ئۆيدە بىرنەرسە چۈشۈرسىڭىز ئۇنى مىگابىتقا ئايلاندۇرسڭىز ئاران يېرىم مىگابايتلىق سۈرئەت بىلەن چۈشۈدۇ دىگەن گەپ.
يەنى 2M نى 1024 كە كۆپەيتسىڭىز 2048 كىلوبىت بولىدۇ. بۇنى سەككىزگە بۆلسىڭىز ئاندىن توغرا بولىدۇ.
مۇنداقچە دىگەندە 2M دىگەننى توغرا ئاتىساق سىزنىڭ تور سۈرئىتىڭىز 2
Mb/s بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ نەزەرىيەۋى چۈشۈرۈش تېزلىكى: 256KB/s ئەمەلى چۈشۈرۈش تېزلىكى 103--200kB/s بولىدۇ.
شۇنداق بولغاندا 4M لىق كەڭ بەلۋاغ تورىنىڭ نەزەرىيەسى چۈشۈرۈش تېزلىكى 512KB/s بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە 200---440kB/s ئەتراپىدا چۈشۈرۈش تېزلىكىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
دىمەك 8M بولغاندىكى چۈشۈرۈش تېزلىكى تېزلىكى 1MB ھەر سىكۇنتقا يېقىنلاشسا ئاندىن توغرا بولىدۇ.
مەنبە: بىلتاپ ئىنتېرنېت ئۇچۇر كاتالوگى
http://www.biltap.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا biltap.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-28 10:13 PM