مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1400|ئىنكاس: 9

سىز ئاناممۇ (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 07:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىز ئاناممۇ   

(ھېكايە)   



                                                       جاڭ خۇي 

      
2005-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەچقۇرۇن، يالغۇز چىراق نۇرى ئاستىدا دەرس تەييارلاۋاتاتتىم، توساتتىن تېلېفۇن جىددىي جىرىڭلاپ كەتتى. مەن تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئېلىپ « ۋەي» دېيىشىمگە قارشى تەرەپتىن سەل تارتىنغان ھالدا، «سىز ئاناممۇ؟»دېگەن بىر قىزچاقنىڭ گۈدەكلەرچە سىپايەئاۋاز كەلدى.
       --- سىز كېمنى ئىزدەيسىز؟--- مەن قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنىڭ تەسىرىگە ئوچرىغان بولسام كېرەك، ياكى بۇ گۈدەك قىزنى قورقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇممۇ قانداق، ئىنتايىن بوش ئاۋازدا سۇرىدىم.       --- مەن ئانامنى ئىزدەيمەن، سىز ئاناممۇ؟--- ئۇنىڭ ئاۋازىدا بىر خىل سۇباتلىق، تولۇپ تاشقان ئۈمىدۋارلىق، چوڭقۇر تەلپۈنۈش ھېسياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.   
      مەن ئۇنىڭ ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان قىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن قەستەن ۋاقىتنى ئۇزۇنغا سوزۇش ئۈچۈن:      --- سىز( كېم بولىسىز؟)،--- دەپ سۇرىدىم قىزچاقتىن.   
     --- مەن چى چىغۇ!--- قاراشتا قىزچاقتا ھېچقانداق قۇرقۇش يوقتەك، تېلېفۇندا مېنى قورقاتماقچىدەك، ئاۋازىنى تېخىمۇ قاتتىقراق چىقىرىۋاتاتتى.   
    مەن قارشى تەرەپنىڭ «هأ-هأ» دەپ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، قىزچاق ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. مەن يوقۇرى ئاۋازدا توۋلىدىم:    --- قىزچاق ئانىڭىزنى دەرھال ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ، سىز قەيەردە؟ 
قىزچاق بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ يىغلاپ تۇرۇپ:    --- ئانا، مەن يالغۇز ئۆيدە، مەن بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن. مەن تېخى تاماقمۇ يېمىدىم، داداممۇ قايتىپ كەلمىدى. ئانا سەن نېمىشقا تېخىغىچە قايتىپ كەلمەيسەن؟ دادام سېنى ناھايىتىمۇ يىراق جايغا كەتتى، سەن ئەقلىڭگە كەلگەندە، قايتىپ كېلىدۇ دېگەن،---دېدى.
يۆرەك باغرىم ئىرىپ ئېقىپ كەتتى. قىزچاقنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مېنى بىرخىل ئاچچىق ئازاپ ۋە بىئاراملىق ھېسياتى چىرمىۋالدى. مەن ئانىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن قارشى تەرەپكە:  
   --- ئوبدان قىزىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئەگەر سەن ئاناڭنى سېغىنىپ كەتسەڭ ماڭا تېلېفۇن قىلغىن بولامدۇ،--- دېدىم.  
     ئۇ خۇشال بولغان ھالدا، تېلېفۇن دەپتىرىدىن مېنىڭ ئېسمىمنى تېپىپ، تېلېفۇنىمنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ ئىنتايىن مەمنۇن بولغان ھالدا:   
     --- ئانا، سېزنى تولىمۇ تەستە تاپتىم، بەزىدە سېزنى ئىزدەپ تېلېفۇن قىلغاندا ئاڭلىغىنىم قېرى مۇماينىڭ ئاۋازى بولدى، مەن تېلېفۇننى دەرھال قويۇۋەتتى. يەنە بەزىدە بىر تاغامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭللدىم، مەن ئانامنى ئىزدەيمەن دېسەم، ئۇنىڭ شۇم نىيەت بىلەن سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلاپ يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالدىم، بىراق مەن قورۇقمىدىم، سىزنى تۇققۇزىنچى قېتىم تېلېفۇن قىلىپ، ئاندىن تاپتىم. مەن راستىنلا تولىمۇ خۇشال،--- دېدى.  
      ئەمەلىيەتتە مەن ئەمدى قىزچاقىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلىپ بولالمايۋاتاتتىم، بۇ نېمە دېگەن بىتەلەي قىز-هة؟ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا بىرنەچچە كۈنگىچە ئۆينىڭ تېلېفۇنى جىرىڭلاپ تۇردى، تېلېفۇن جىرىڭلىغان ھامان، مەن ئېتىلىپ بېرىپ تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ بارا-بارا قىزچاقنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىپ يەتتىم. ئۇ چۇڭچىڭدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن، يەنى مېنىڭ قىزىم بىلەن تەڭتۈش كېلىدىكەن. ئۇ سىنىپىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەن، مەن يەنە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ جاڭ بېيچى، ئەكىلەتمە ئىسمىنىڭ چى چى ئىكىنلىكىنى بىلدىم.  
     8-ئاي، مەكتەپ تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كېيىن مەن يولدىشىم بىلەن قىزىمىزنى ئېلىپ بېيجىڭغا بېرىپ، توپتوغرا بىر ئاي ساياھەت قىلدۇق.  
     ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى تېلېفۇن قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، تېلېفۇننى چى چى ئالغان ئىدى! قارىغاندا ئۇ ئىنتايىن ئازابلانغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ھەر كۈنى كەچتە ئۆيگە تېلېفۇن ئاپتۇ، ئەمما تېلېفۇننى ئالغىلى ئادەم چىقماپتۇ.
    --- ئانا، سەن نەگە كەتتىڭ؟ مەن ھەمىشە ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ بەك زىرىكىپ كەتتىم. ئانا مەن سېنىڭ مېنى ئويناتقىلى ئاپىرىشىڭنى تولىمۇ سېغىنىپ كەتتىم.   
    يۈرۈكۈم پىچاق تىققاندەك ئاچچىق ئېچىشىپ كەتتى. بىچارە بالام ، مەن ساڭا ،مەن قىزىمنى بېيجىڭغا ئويناتقىلى ئاپاردىم دېيەلەمدىم؟ مەن ساڭا يالغان سۆزلەشكە باشلىدىم:  
   --- ئاناڭ تەتىلدە كاماندۇرۇپكىغا چىقتى، كېيىن چوقۇم سېنى ئېلىپ خالىغان يەرلىرىڭگە ئويناتقىلى ئاپىرىدۇ.
    چارەكلىك ئىمتىھان ئاياغلاشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، چى چىدىن نەتىجە تېلېگرامىسى كەلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا 99نومۇر ئېلىپ، پۈتۈن سىنىپ بويىچە بىرىنچى بوپتۇ. ئىككىنچى بولغان ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمى يې لىلى بولۇپ 98نومۇر ئاپتۇ، تېخى ئاپىسى ئۇنى يەنە بىر چوڭ شاكىلات بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ. ئۇنىڭ پارتىدىشى جاڭ خۇاسەي 72نومۇر ئالغان ئىكەن دادىسى ئۇنى ئۇرۇپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن:   
     --- دادىڭىز سىزنى قانداق مۇكاپاتلىدى؟--- دەپ سۇرىدىم. ,      خىلى ئۇزۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن جاۋاب كەلدى:   
      --- دادامنىڭ ئەزەلدىن مەن بىلەن كارى يوق، نەچچە قېتىم مۇئەللىم تاپشۇرۇق دەپتەرگە ئائىلە باشلىقىنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ كېلىڭلار دېگەندە، مەن دادامنىڭ ئىمزاسىغا ئوخشىتىپ ئۆزۈم ئىمزا قويۇپ ئاپارغان ئىدىم ، نەتىجىدە مۇئەللىم مېنى قاتتىق تەنقىت قىلىپ، سەمىمىيەتسىز بالا دېدى. ئانا سەن قاچان قايتىپ كېلەلەيسەن؟ سەن قايتىپ كەلسەڭلار تاپشۇرۇق دەپتىرىمگە ئىمزا قۇيىدىغان ئادەم بار بولىدۇ.       مەن كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋالالمىدىم:      --- چى چى ، ياخشى ئوقۇڭ، ئانىڭىزنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈڭ، ئۇ قايتىپ كېلىپ چوقۇم سىزگە ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە نەتىجىڭىز ياخشى بولماي قالسا، ئانىڭىزمۇ كاسىڭىزغا ئۇرۇپ جازالايدۇ.       قارشى تەرەپتىن بىر ھازا ئالقىش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ گەپنى تارتىۋېلىپ، تاتلىق ئاۋازى بىلەن:  
     ---ئانا، خوش!--- دېدى.   
     ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، چى چىدىن يەنە تېلېفۇن كەلدى. ئۇ خۇشال ھالدا ماڭا:  
    --- ئانا، ماتېماتىكا ئىمتىھان قەغىزىمىزنى تارقىتىپ بەردى. مەن ئاران 72نومۇر ئاپتىمەن. راست دەۋاتىمەن ئانا، سىز دەرھال كېلىپ مېنىڭ كاسامغا ئۇرۇڭە! !    مەن بۇ خۇشاللىقتىن ھاياجاندا تىترەپ كەتتىم. مەن بۇنىڭ چى چى كاسىسىغا ئورۇپ جازالىتىش ئۈچۈن مىڭ بىر جاپادا ئويلاپ تاپقان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. نېمە دېگەن ئادەمنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان غوبارسىز قەلىب-هة! كۆڭۈلدىكىدەك چۈش كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن قىلىنغان، تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان«ئۇلۇغ جاسارەت»!  
     مەن چى چىنى ئىنتايىن قاتتىق تەنقىت قىلىدىم. ئۇ مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ:   
     --- مەن يەنە سىزگە يالغان ئېيىتتىم، ئەمەلىيەتتە، مەن 97نومۇر ئالدىم. مەن پەقەت يالغان ئېيتىش ئارقىلىپ سېنى كۆرۈۋېلىشنى ئويلىغان،--- دېدى.
      ئۇدا بەش كۈن ھەر كۈنى كەچ مەن چى چىنىڭ تېلېفۇنىنى ساقلىدىم، 6-كۈنى يېرىم كېچە سائەت ئىككى بولغاندا تېلېفۇن تۇيقسىز جىددىي جىرىڭلاپ كەتتى. تېلېفۇننى بىر ئەركىشى ئالغان بولۇپ، ئىنتايىن ئۇڭايسىزلانغان، ئىككىلەنگەن ھالدا:   
    ---سىلى... كەچۈرۈڭ، مەن چى چىنىڭ دادىسى. بالا بەك قىززىتىپ، جۆيلۈپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ سەل ماغدۇرۇمغا كېلىۋالسام ئانامغا تېلېفۇن قىلىمەن. ئۇ ماڭا، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن يەنى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى توغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دېگەن، مەن       ئانامنى كۆرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن...... دەيدۇ،--- دېدى.  
    بىردىنلا يۈرۈكىمنى بىرسى سۇغۇرىۋالغاندەك بولۇپ كەتتىم: ,  
     --- چى چى ، ئۇ نېمە بولدى؟ نېمىشقا ئانىسى ئۇنىڭ يېنىدا يوق؟  
قارشى تەرەپ تويۇقسىز ئاۋازىنى پەسەيتىپ:     --- سىز ئۇنچە جىددىيلەشمەڭ، چى چىنىڭ ئۆپكىسى ياللۇغلىنىپ قالغان ئىكەن، ئەھۋالى ئاللا قاچان ياخشىلىنىپ كەتتى. بىزنىڭ ئىشىمىزنى كېيىن يەنە سىزگە دەپ بېرىمەن،--- دېدى. مەن:     --- بولدىلا، تېلېفۇننى چى چىغا بېرىڭ،--- دېدىم.   
    ---ئانا...ئانا...!---دېگەن ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلاشقا ئىنتىزار بولغان بىر ئاۋاز يۆرەكلىرىمنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى.
    ---ئانا مەن ئاغرىپ قالدىم، ھازىر دوختۇرخانىدا، باشقا ھەممە بالىلارنىڭ ئانىسى بار، يىڭنە سانجىغاندا ئۇلار يەنىلا يىغلايدۇ. مەن ئىنتايىن قەيسەر، مەن پەقەت سېنىڭ قېشىمغا كېلىپ ماڭا ھەمراھ بولۇشىڭنى ئارزۇ قىلىمەن. ئانا سىز قايتىپ كېلىپ مېنى كۆرگىلى كېلەمسىز؟  
     مەن بۇغۇزىمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك تۇرۇپلا قالدىم. خېلى ئۇزۇندىن كېيىن پەقەت بىر جۈملىلا گەپنى قىلالىدىم:     --- ئوبدان بالام، ئاناڭ چوقۇم قايتىپ كېلىپ سېنى كۆرگىلى بارىدۇ. 
     11 -ئاينىڭ 10-كۈنى، پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن، مەن بىر چوڭ شاكىلات سېتىۋېلىپ، ئۇنى چىرايلىق قەغەز بىلەن ئوراپ، ئۈستىگە: مېنىڭ يۈرەك پارەم چى چى توغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! دەپ يازدۇردۇم ۋە چى چى ئوقۇغان مەكتەپكە بېرىپ، ئۇنىڭ سىنىپ مۇدىرى ياڭ يۈشيا مۇئەللىمنى تاپتىم. ياڭ مۇئەللىم ماڭا: ساۋاقداش جاڭ بېيچى ئىنتايىن سۈيۈملۈك ئوقۇغۇچى. تەقدىرنىڭ كاجلىقى ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى بىر تۇققىنى بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن، ئاڭلىسام ئەسلىدە ئۇ بىر يىلدىن كېيىنلا يولدىشى ۋە قىزىنى يۆتكەپ چىقىپ كەتمەكچى بوپتىكەن، بىراق ئوقۇشقا چىقىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە ئۇ يولدىشىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. جاڭ بېيچى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قەتئىي تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئوقۇيدۇ، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كام ئۇچرايدىغان قىز. ياڭ مۇئەللىم سۆزلىگەچ بىر تاپشۇرۇق دەپتەرنى ماڭا سۇندى. بۇ بىر چىرايلىق پۇچۇركا بىلەن يېزىلغان تاپشۇرۇق بولۇپ، تېمىسى«مېنىڭ ئانام» بولۇپ، ماقالە مۇنداق يېزىلغان ئىدى:  
     «مەن ئانامنى كۆرۈپ باقمىغان، دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ تولىمۇ يىراق جايغا كەتكەن ئىكەن. بىراق مەن داۋاملىق تېلېفۇندا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق، مېنى باقىدىغان پىڭ ھەدەمنىڭ ئاۋازىدىنمۇ يېقىملىق. ئۇ مېنى ناھايىتىمۇ يىراق يەردىن كۆرگىلى كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار، ئۇ بولسىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئانام مېنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىمگە ئىمزا قويۇپ بەرسە....»  
     يېنىش،يېنىشلاپ ئوقۇپ كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. مەن ياڭ مۇئەللىمگە:
    --- چى چىنىڭ بارلىق تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىنى ئېلىپ بېرىڭ، مەن ھەممىسىگە ئىمزا قويۇپ بېرەي، دېدىم. مەن ھېلىقى ماقالە تاپشۇرۇقىنىڭ ئاخىرىغا بىر ئابزاس باھا يېزىپ قويدۇم: «قىزىم، ماقالىنى قالتىس ياخشى يېزىپسەن، ئاناڭ كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى. سېنىڭ توغۇلغان كۈنۈڭدە ئاناڭ ساڭا بىر قاپ شاكىلات ئىبەرىتتى، بۇ ساڭا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات. كېلەريىلى توغۇلغان كۈنۈڭدە ئاناڭ سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.»  ""
     مەن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بالىغا ئازراق بولسىمۇ تەسەللىي بېرەلەيمەنمۇ بۇنى بىلمەيمەن، بىراق مەن كېيىنكى كۈنلىرىمدە، مۇمكىن قەدەر بالامنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئانا بولۇش ئۈچۈن بالامنىڭ قەلبىگە بىرتامچە بىر تامچىدىن سىڭىپ كېتىشكە قەسەميات قىلدىم.  

«ياشلار كۆزنىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 6- ئايلىق سانىدىن
  
  
ئەنۋەر يۇنۇس ئۆزقۇت تەرجىمىسى

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 766
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10123
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4058 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:06:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ئىچىنىشچلىق ھە ......ئاللاھ بۇ كۈنلەرنى كۆرسەتمىسۇن .رەھمەت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98720
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:41:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلار ئۇلۇغ ئانىلار ئۇلۇغ يەنىلا ئانىلار ئۇلۇغ ، ئانىلار پەرزەنىتلەر تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە قەدىرلىنىشى كېرەك . كونىلار ئېيتقان ئىكەن ‹مەن كۆيەرمەن بالامغا بالام كۆيىدۇ بالىسىغا› دەپ
لېكىن مەن ئۆزەمگە ئىشىنىمەنكى ئەگەر مەن پەرزەنتلىك بولۇپ قالسام چوقۇم ئانامنى پەرزەنتىمدىنمۇ ئۈستۈن كۆرۈمەن ئىنشائاللا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك ھېكايىكەن . مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر ھېكايە بارغۇ دەيمەن ناتۇنۇش بىر ئەرنى دادام دەپ تېلفۇن ئۇرىدىغان . ئۇ ئەرمۇ بالىغا دادىلىق مېھرىنى بىرەتتى .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100021
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2013-11-24
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 12:11 PM
تەسىرلىك ھېكايىكەن . مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر ھې ...

مەن سىز دىگەن ئۇ ئەسەرنى ئوقۇماپتىكەنمەن

http://www.iptihar.net/bbs/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 12:36:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
madina520 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 12:29 PM
مەن سىز دىگەن ئۇ ئەسەرنى ئوقۇماپتىكەنمەن

مەزمۇن جەھەتتىن ئوپمۇئوخشاش . ياخشى ئەسەرلەر بىر نەچچە قېتىم يوللىنىپ كەتسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 04:38:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك ھېكايىكەن،ياخشى يازمىلارنى يوللاۋاتىسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100780
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 05:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

ئانا بىر دۇنيا،ئاتا بىر دۇنيا،ئىككىسى ھەقىقىي بىرلەشكەندىلا بالىلارنى گۈزەل دۇنيا قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80622
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3753
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2014-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 06:59:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق  تەسرلك يېزۋەتتىڭز  تاسلا قالدىم  يىغلاپ  تاشلىغلى...............ھەي  نىم  ئش  بوپكەتتى  ھە ھازىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100902
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 713
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-18 01:35:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaqvr يوللىغان ۋاقتى  2013-12-29 12:11 PM
تەسىرلىك ھېكايىكەن . مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر ھې ...

ھەئە ، مەنمۇ ئاڭلىغان ، لىكىن ئۇنىڭ مەزمۇنى بۇنىڭغا قارىغاندا قىسقا ئىدى .ئۇنىڭدا بالنىڭ دادسى ئۆلۈپ كەتكەن.
    تېمىڭزنى تولمۇ ياقتۇردۇم ،  بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئوتۇق تىلەيمەن.

تولمۇ تەتۈر تاناسىپ ھايات،
خىل-خىلغا كەلمىگەن ئەجەپ.
بۇلبۇل ئاشىق زۇۋانسىز گۈلگە،
كۈيچى كاككۇكنى قاقشىتار زەينەپ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش