پادىچى بىلەن پادىشاھ
چۆچەك
بۇرۇن ئۆتكەن زاماندا، يىراقتىكى ماكاندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىگەن. ئۇنىڭ يالغۇز بىر ئوغلى دەريادا سۇغا چۆمۈلۋاتسا، تۇيۇقسىز بىر دولقۇن كېلىپ شاھزادىنى ئېقىتىپ كېتىپتۇ.
قىرغاقتا مال بېقىۋاتقان بىر پادىچى بۇئەھۋالنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، مىڭبىر جاپا-مۇشەققەت بىلەن شاھزادىنى قۇتقۇزىۋاپتۇ.
پادىچىنىڭ پىداكارلىقىدىن مىننەتتدار بولغان پادىشاھ ھېلىقى پادىچىنى ئوردىغا تەكىلىپ قىپتۇ ۋە خەزىنچىنى چاقىرىپ، خەزىنىنىڭ ئىشكىنى ئىچىشقا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
پادىشاھ پادىچىغا:
ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن بۇ خەزىنىدىن ئۆزۈڭ قانچىلىك كۆتۈرەلسەڭ، شۇنچىلىك مال-دۇنيا ئېلىۋالغىن، بۇ، شاھزادىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن ئىنئامىم بولسۇن،-دەپتۇ.
پادىچىنڭ يىنىدا نان سالدىغان كونا خورجۇندىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئىكەن. شۇڭا پادىچى دەرھال ئۆيگە قايتىپ، ئۆيدىن يۇڭ تاغاردىن بىرنى ئېلىپ قولتۇقىغا قىسپتۇ-دە، ئوردىغا قاراپ مىڭىپتۇ. يولدا ئۇنىڭغا ئاپئاق ساقىلى مەيدىسىگە چۈشكەن، ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىىزىل ، سالاپەتلىك بىر بوۋاي ئۇچراپتۇ. بوۋاي پادىچىغا:
-ھەي يىگىت، ئۆزۈڭدىن چوڭغا سالام-سائەت قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، شۇنچە ئالدىراپ نەگە كېتىۋاتسەن؟-دەپتۇ.
-پادىشاھنىڭ ئەتۋارلىق يالغۇز ئوغلىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۋالغاندىم، شۇنىڭ سۆيۈنچىسى ئۈچۈن مۇنۇ تاغارنى ئېلىپ پادىشاھنىڭ خەزىنىسىدىن ئىنئام ئالغىلى كېتىۋاتىمەن.
ئاپئاق ساقال بوۋاي پادىچنىڭ قولدىكى تاغارنى كۆرۈپ، كۈلۈپ كېتىپتۇ-دە، ئاندىن ئۆزنىڭ يانچۇقىدىن كىچككىنە بىر خالتىنى چىقىرىپ:
-سېنىڭ ئۇ تاغىرىڭغا جىق نەرسە سىغمايدۇ، مە، مۇنۇ خالتىنى ئېلىۋال. بۇ مال-دۇنيانى سالسا-سالسا توشمايدىغان خالتا،؛ دەپتۇ.
پادىچى بىر ئىشنىپ بىر ئىشەنمەي دەرگۇماندا قاپتۇ، لېكىن بوۋاينىڭ رايىنى قايتۇرماسلىق ئۈچۈن خالتىنى ئېلىپ پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە كىرىپتۇ ۋە خەزىندىكى مال-دۇنيانى ھېلىقى خالتىغا قاچىلىغلى تۇرۇپتۇ. پادىشاھ بىلەن ۋەزىرلەرمۇ خەزىنىدە كىرىپ پادىچنىڭ ھەركىتىنى كۆرستىپتۇ. پادىچى ھە دەپ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى خالتىغا سېلىشقا باشلاپتۇ. ئاز ئۆتمەي خەزىنە يېرىملىشپ قاپتۇ. بىراق، خالتا يېرىممۇ بولماپتۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەجەپلەنگەن پادىشاھ ينىدا قاراپ تۇرغان ۋەزىردىن سوراپتۇ.
-ھەي ۋەزىر، بۇ نېمە كارامەت؟خەزىنىمىز قۇرۇپ كېتەي دەپ قالدى، ئەمما، ئاۋۇ پادىچىنىڭ كۆزۈمدەك خالتىسى ھېچ توشمايدىغۇ؟!
-ھەي پادىشاھ ئالەم،-دەپتۇ ۋەزىر،-بۇ كارامەتنىڭ سىرنى مەن ئوبدان بىلىمەن. بۇ پادىچنىڭ ئىلىپ كەلگىنى ئادەتتىكى خالتا ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ تويماستىن نەپسىدىن پۈتكەن ئاچكۆزلۈك خالتىسى، خام سۈت ئەمگەن ئادەم بالىسنىڭ مال-دۇنياغا تويماسلىقنىڭ سەۋەبى دەل شۇنىڭدا. شۇ ۋەجىدىن ئادەمنىڭ قورسقى تويسىمۇ، كۆزى تويمايدۇ.
-ئەمدى قانداق قىلىمىز، خەزىنە قۇرۇقدىلىپ قالدىغان بولدى!-دەپ ئۆكۈنۈپتۇ پادىشاھ.
-مەن خالتىنى توشقۇزۇشنىڭ ئامالىنى بىلمەن،- دەپتۇ ۋەزىر ۋە پادىشاھنىڭ يىنىغا كېلىپ ئۇنىڭ خالتىسغا بىر چىمدىم توپا سالغانكەن، ھېلىقى خالتا شۇ زاماتلا لىقمۇ لىق توشۇپتۇ.
مەنبە:بۇلاق ژورنىلىنىڭ 1992-يىلى ئومومىي 41-سان
http://dahai.kawsar.cn/index.php تور ئادىرسىمىز: