‹‹ناۋا››غا يىڭى يىللىق يىڭى تەكلىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك <<ناۋا پىرۇگىراممسى>>نىڭ ئاپتۇر،رىجىسۇر،دىكتۇر-رىياسەتچىلىرى،فىلىم ئىشلىگۈچى ئەپەندى-خانىم قىزلار!...يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان <<يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!>> مەن-<<ناۋا>>پىرۇگىراممىسىنىڭ دائىملىق كۆرۈرمىنى،قىزغىن ئىشتىراكچىسى...شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پىرۇگىراممىنىڭ رىياسەتچىلىرىگە،سەنئەت پىشۋالىرى-باھالىغۇچىلارغا،مۇتەخەسىسلەرگە،تاراتقۇلار ۋەكىللىرىگە،نەخمەيداندىكى كۆرۈرمەن دوسىتلارغا ئالى ئىھتىرام بىلدۈرۈش بىلەن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەكلىپنى سۇنماقچى؛ 1-كەسپى ماھىرلار بىلەن ئىشتىن سىرت(مەخسۇس سىستىمىلىق تەربىيەلەنمىگەن)ماھىرلارنى ئايرىپ قاتناشتۇرسا... 2-ئۆسمۈرلەرنى ئايرىپ قاتناشتۇرسا... 3-ھەر بىر ماھىرنىڭ ئىلىپ كەلگەن ئىجادى نۇمۇرلىرىنى تولۇق ئورۇنداشقا شارائىت يارىتىپ بىرىپ ھەر بىر سەنئەت نۇمۇرىغا بىرىلگەن نۇمۇرنى خاتىرلەپ ئەڭ ئاخىرىدا ئىرىشكەن ئومومى نۇمۇرىنى جەملەپ خۇلاسە چىقارسا...بۇنداق بولمىغاندا بىر قىسىم ماھىرلارنىڭ ياخشى نۇمۇرلىرى سەھنىگە چىقالماي شاللىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك ياش-ئۆسمۈرلەرنى ئايرىم قاتناشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىلىپ كەلگەن نۇمۇرلىرىنى قايتا-قايتا باھالاپ چوڭلار ئىيىتشقا توغرا كىلىدىغان نۇمۇرلارنى كىچىكلەر ئىيتىۋالىدىغان<<يايرىم>>،<<گۈزەلىم>>دىگەندەك مىللى ئادىتىمىزگە ياد ئىسىملار چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن. ناۋا پىرۇگىراممىسى بولسا مەدەنيەت تارقىتىدىغان ھەم جەمىيەت-خەلق ئارىسىدىكى كۆمۈلۈپ قالغان سەنئەت خۇمار خەلق ۋە ئىجادىيەت بايلىقلىرىنى قىزىپ چىقىدىغان،نامايەت قىلىدىغان كاتتا بىر سەھنىدۇر...بۇ سەھنىنىڭ كارامىتىدىن تىخمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن يۇقارقى تەكلىۋىمنى <<شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى>>دىكى ئالاقىدار كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن؛سادىق كۆرۈرمەن-مىخچى
|