|
|
|
|
بۇرۇن بىر ژۇرنالدا پىدىگەننى قەلەمچى قىلىپ تۇغراپ، ئەينەك شىشىگە سىلىپ ، ئاندىن ئېغىزىدىن يىڭنە سانجىپ قۇيۇپ، مانتىغا ئوخشاش دۈملىگەندە ئىچىدىكى ھاۋا قىزىپ شالاڭلىشىدىغانلىقى، ئاندىن، قازاندىن ئىلىپلا تۈشۈك ئورنىغا پىلاستىر چاپلاپ، ئېرىتىلگەن قارامايغا ئېغىزىنى مىلىپ قۇيۇپ، ئاندىن تۇڭلىمايدىغان ئورۇندا ساقلاپ ، قىش بولغاندا يىسە يېڭى پىتى تۇرىدىغانلىقىنى ئۇقۇغان ئىدىم.
ئىسىڭلاردا بارمىكىن، بۇ يىل بازاردا تاسما پۇرچاق باشقا يىللاردىكىدىن قىممەتلىدى ھەم ئىچكىرىگە شىنجاڭدىن ئاپىرىپ، باھادا داۋالغۇشمۇ بولدى. ئەسلى ئىچكىرىگە ئاپىرىپ ئىسكىلاتقا سالغان، شۇڭا باھا ئۈسۈپ كەتكەن.
مۇشۇ يىقىنقى يىللاردىن تاسما پۇرچاقنى قىشلىقى ھەر كىلوسىنى 30 يۇەندىن ساتقان، بۇيىل قارىسام 20 يۈەنكەن،
مىنىڭچە تۇلىمىز تاسما پۇرچاقنى تۇڭلاتقۇنىڭ ئىچىدە كۆپ بولغاندىمۇ بىر ھەپتە ساقلىغىلى بۇلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
مىنىڭ ئالدىنقى ‹‹سەي-كۆكتاتلارنى ۋاكۇئوملۇق ساقلايدىغان تىمامدا ئېيتىلغاندەك ئوراپ، ئاندىن سۇغۇق ساقلىساقچۇ؟...
مەن بۇ نۇقتىدا ئويلىنىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، چۇنكى تاسما پۇرچاق باشقا سەيلەرگە ئوخشاش پارنىكتا چىقارغىلى بۇلىدىغان سەي ئەمەش، پارنىكتا چىقاردۇق دىگەندىمۇ ياز بۇلۇپ، تىمپىراتورا خېلى يۇقىرلىغاندا ئاندىن چىقىدۇ.
بەزىلەر رەسىمدىكىدەك سىۋەتلەرگە سىلىپ، ۋاكۇئوملۇق قاپلاپ ئاندىن سۇغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلايدۇ، تىخىمۇ ئۇزاق ساقلايدىغانلار بولسا پۇلاتتىن ياسالغان يۇمىلاق شەلىككىك ئېغىزى ھىم ئىتىلىدىغان (نىفىت،سۇ تۇشۇيدىغان باك) باكلارغا قاچىلاپ، ئىچىدىكى ھاۋانى تارتىۋىتىپ 0دىن 5گىرادوسقىچە مۇھىتتا ساقلايدۇ.
توڭلىتىش تېخنىكىسى بۈگۈنكى دەۋىردە بىر يۇقىرى تېخنىكا بولمىغاندىكىن يۇرتلاردىكى توڭلاتقۇ ياساش ئۇستىلېرىنى چاقىرىپ، شۇلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ياسىۋالسىمۇ بۇلىدىغان ئاددى بىر ئىش دەپ قارايمەن، ئاساسلىقى تىمپىراتورىنى كونتۇرول قىلىش، ئاندىن يۇچۇقلاردىن كىرىدىغان ھاۋانى كىچىك بىر ناسوس بىلەن تارتىپ چىقىرىپ تۇرۇش(تۇڭلاتقۇنىڭ كىچىككىنە كومپىسسورىمۇ بۇلىدۇ)، مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن بىۋاستە سەي ساقلايدىغان سۇغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا قويسىمۇ بۇلىدۇ.
ئاندىن سۇغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىنىڭ تىمپىراتورىسى يۇقىرىراق بولغان ۋاقىتلاردا تەڭشەپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئايرىم بىر 500ۋات ئەتراپىدىكى كومپىسسور بىلەن باكنى سىرتىدىن سۇۋۇتۇپ تۇرىدىغان قىلىپ قويسىمۇ بۇلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر چەتئەل تورلېرىدا بۇلىشى مومكىن، دۆلىتىمىزدە بۇ تېخنىكىلار مەخپى ساقلىنىدۇ.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-29 09:32 AM):
ئەگەر ئادەتتىكى پۇلات باكنى كۈپتۈرمە سۇلياو بىلەن ئورىۋىتىپ، ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ مىتال قىپىغا توڭلىتىش نەيچىسىنى ئوراپ تەييارلىسىمۇ كۆپ چىقىم بولمايدۇ. يەنە بىر كىچىك قۇۋۋەتلىك ناسوس ئىچىدىكى ھاۋانى قەرەللىك تارتىپ تۇرىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسا بۇ نەرسىنى قىش بولغاندىلا ئىچىپ ئىچىدىكى باقلىنى ئاچىقىپ سىتىۋەتسىڭىز بولدى دىگەن گەپ، ئۆزىڭىز ياسىسىڭىزكۆپ بولسا 20000 يۈەنگە 10 توننا باقلا سىغىدىغان ئىسكىلات پۈتۈپ قالىدۇ.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-12-29 07:37 PM):
يەنە تىخى باكلىق(سۇ ياكى نىفىت تۇشۇيدىغان) ئاپتۇموبىللارغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا ۋاكۇئوملۇق تۇشۇش ماشنىسى قىلىۋالسىڭىز سۇلۇق مىۋە-چىۋىلەرنى نەچچە ھەپتىلىك ئۇزۇن يوللارغا تۇشىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
|
|
|
|
|
|