مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1865|ئىنكاس: 25

يېڭى يىللىق پىلانىڭىزنى تۈزدىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99441
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-11-10
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:47:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سۈيۈملۈك مۇنبەرداش ئۇيغۇر قېرىندىشىم، ئالدى بىلەن ئۇشبۇ تېمىنى كۆرۈپ ئولتۇرغان سىزنىڭ كەلمەكچى بولغان يېڭى يىلىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يىڭى يىلىڭىز بەخىتكە تولغاي!
  كونا يىلىنى ئۇزۇتۇپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشقا ساناقلىقلا كۈن قالغان مۇشۇ دەملەردە،  بىزدىن يىراقلىشىپ تارىخقا ئايلىنىشقا قاراپ مېڭىۋاتقان ئۇشبۇ يىلدا بىزدىن ۋاقتىسىز ئايرىلغان تۆھپىكارلىرىمىز، پىشىۋالىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، شۇنداقلا ھەرخىل سەۋەپلەربىلەن ئۇ دۇنياغا بىزدىن بۇرۇن كىتىپ قالغان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنى، تۇققانلىرىمىزنى، دوست يارەنلىرىمىزنى ئەسلىمەي تورالمايمىز، ئەلۋەتتە!
شۇنداقلا ئۇلارنىڭ روھىغا سېغىنىپ چەكسىز قايغۇرۇش بىلەن بىللە، ئىنسان ھاياتى ھەققىدە، ۋاقىت، زامان ھەققىدە قىممەتلىك ئويلىنىشقا ئىرىشىپ تېخىمۇ زور كۈچكە تولىمىز.
    يەككە ھايات ئەنە شۇنداق بىركۈن-بىر كۈندىن ئۆتۈپ، ئاي ئۈتۈپ، يىل ئۆتۈپ ئاخىرىدا توپا ئاستىغا كىرىپ تۈگەيدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى چۈشۈنۈپ يىتىمىز. ھەمدە بىز ئىنتايىن تەلەيلىك ھالدا يېڭى بىر يىلغا ئۇلاشىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ خۇداغاچەكسىز ھەمدۇسانالار ئىيتمىز، بىزگە مۇشۇنداق ياخشى تەن، ھاۋا، سۇ، جان ئاتا قىلغان، ئاددىسى بىزنى كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ قىممەتلىك تېمىلارنى كۆرەلەيدىغان پۇرسەتنى ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن چەكسىز مىننەتدارمىز.
    يىڭى يىلدا قانداق ئارمىنىڭىز بار؟ دىگەن سوئالغا بەلكىم ھەركىمنىڭ جاۋابى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن پەنلەردە يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىپ ئۈچتە ياخشى بۇلۇش، ياخشى ئالى مەكتەپ ئۆتۈش، سودىگەر ئۈچۈن پۇلنى جىق  تېپىش، دوختۇرخانىلار ئۈچۈن كىسەلنى كۆپ داۋالاش، ساقچىلار ئۈچۈن ئوغرىنى كۆپ تۇتۇش، مەمۇرلار ئۈچۈن تىزرەك ئەمىلى بىلەن مائاشى ئۆسۈش، دىھقانلارئۈچۈن يەردىن يەنىمۇ ھوسۇل ئېلىش، ناخشىچى ئۈچۈن يەنىمۇ ساز ناخشىلارنى ئېيتىش، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن تۇتقان سىنىپى ئەلاچى بۇلۇش، ئائىلە ئاياللىرى ئۈچۈن ئىرى بىلەن بالىلىرىنى ياخشى كۈتۈش... ... ... ... بولىشى مۇمكىن.
    لېكىن ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ كونا يىلنى خۇلاسىلەپ، يېڭى يىلنى پىلانلايدىغان ئادىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ قەدىرلىك قېرىندىشىم، سىز بىرۋاراق ئاپئاق قەغەز بىلەن بىر تال قەلەمنى ئېلىپ، ئۆينىڭ ئىچىدىن ئىشىكنى ئىتىپ قويۇپ، كۆزۈڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ، مەن ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا نىمە ئىشلارنى قىلدىم؟
بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى ئىشلارنى ياخشى قىلالىدىم؟
قايسى ئىشلارنى ياخشى قىلالمىدىم؟
قايسى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلمىدىم؟
قايسى قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالدىم. قىلغان پايدىلىق ئىشىم نىمە؟ پايدىسىز ئىشىمچۇ؟ مۇشۇ بىر يىلدا نىمە ئىش مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتكە ئىگە بولدى؟ ..... .... ....
دەپ كونا يىلىنى خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە يېڭى يىلدىكى ئارمان، پىلانلىرىڭىز ھەققىدە ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟
  پىلانسىز ئىش قىلىش خۇددى دېڭىزدا رولچىسىز ماڭغاندەك، نىشانسىز ماڭغاندەك بىر ئىش. پىلان تۈزۋالساق، تۈزمىگەندىن مىڭ مەرتىۋە ياخشى.
  كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ،
مەن كەلمەكچى بولغان يېڭى بىر يىلدا قانداق ئادەم بولىشىم كېرەك؟
مەن ئۆزۈم ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟
قايسى كىتاپلارنى ئوقۇشۇم، قانچىلىك كىتاپ ئوقۇشۇم كېرەك؟
مەن ئۆزۈمنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن نىمىلەرنى ئۆگۈنۈشۈم كېرەك؟ تىل ئۈنۈش، كومپىيوتىر ئۆگۈنۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇش.....
مەن ئائىلەم ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟
مەن ياخشى دادا، ياخشى ئانا بۇلۇش، ياكى ياخشى پەزىت، ياخشى قېرىنداش بۇلۇش ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى
قىلىمەن؟
بالام ئۈچۈن، ئايالىم ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشم كېرەك؟
مەن قىلىۋاتقان ئىشىمنى قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ئوقۇشنى، خىزمەتنى قانداق قىلىشم كېرەك؟
يۇرتۇم ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟
مىللىتىم ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟
دۆلەت ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشم كېرەك؟
دۇنيا ئۈچۈن نىمە ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟

ياخشى ئويلىنىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قەغەزگە ئالدىرماي، چالا قويماي خاتىرلەپ چىقسىڭىز، ئاندىن يەنە كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ مۇشۇنىڭ ئىچىدە قايسىى ئىش مەڭگۈلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە، قايسى ئىش ئەھمىيتى يوق؟ دەپ يەنە بىر-بىرلەپ تاسقاپ چىقسىڭىز. سىز ئۆزڭىزدە بىرخىل كۈچنىڭ ئۇيغۇنۇپ سىزنى ھەركەتكە ئۈندەۋاتقانلىقنى بايقايسىز!
ئەگەر ھەممە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مۇشۇنداق پىلان تۈزۈپ، پىلان بويىچە ياشايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرەلىگەن بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە!
شۇ تاپتا، كەلمەكچى بولغان يىڭى يىلدا بىزگە كەلمەكچى بولغان بەخىت، ئامەت، ئاسايىشلىقلارنى، تەرەققىياتلارنى، ياخشىلىنىشلارنى، ئەھۋالىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنىگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىغا قاراپ خوشال بولماقتىمىز، ئاددىسى ئۈمۈد ۋە ئارمان بىزنى توختاۋسىز تىرىشىشقا، ئۈزۈمىزنىڭ ئاخرىقى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈندىمەكتە!
  ئىشىچى-دىھقان، زىيالىيلار، سودىگەلەرلەر، ئوقۇغۇچىلار، بارلىق قېرىنداشلار يىڭى يىل شادلىقىغا تەشنا بولماقتا! قەلبىمىز تېخىمۇ ئۇلۇغلۋار غايىلەر بىلەن نۇرلانماقتا!
ئاخرىدا پۈتۈن مۇنبەرداش قېرىنداشلارنىڭ، رايۇنىمىزدىكى بارلىق خەلقىمىزنىڭ كەلمەكچى بولغان يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئىنشائاللاھ، بۇ يېڭى يىلىمىز تېخىمۇ بەخىتكە قاراپ يول ئالغان، تىنىچ -ئاسايىشلىققا تولغان، ئىدىيەدە تېخىمۇ ئازاد بولغان، گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان، خەلقىمىز ئارىسىدىن تېخىمۇ كۆپ ئالىملار، تۆھپىكارلار يىتىشىپ چىققان، مىللىتىمىز دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، ئوخلاپ ياتقانلار ئويغانغان، كەمبەغەللەر بېيىغان، ئاغرىقلار ساقايغان، مەكتەپكە ئوقۇيالمىغانلار ئوقۇيالىغان، ئۆيى يوقلار ئۆيگە ئىرىشكەن، ئەڭ مۇھىمى ئۆز-ئارا مىھرى مۇھەببەت كۈچەيگەن، باراۋەرلىك تىخمۇ يۈكسەكلىككە كۆرتۈرۈلگەن،
ياشاش مۇھىتىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، يېشىللىق كۆپەيگەن، ئادەملەر تېخىمۇ بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمگەن بىر يىل بۇلۇشىنى تىلەيمەن.

مەنبە: ئۆزۈم

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2913 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 11:32:47 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن  يېڭى يىلدا نېمىلەرنى قىلىش توغۇرسىدا  پىلان تۇزۇپ قويدۇم ،ئۇلۇغ رەببىم شۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرشۇم ئۇچۇن ماڭا ئۆمۇر،غەيرەت ئاتا قىلغاي .
بارلىق ئەزىزلىرىمنىڭ يېڭى يىلدا خۇشاللىقلارغا ،نەتىجىلەرگە،بەخىتلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن .

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13816
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 12:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم! ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز، مەن تېخى يېڭى يىلدا قانداق پىلان تۈزسەم بۇلا دەپ باش قاتۇرۋاتقان ، مۇشۇ توغىرسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم با ر

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79445
يازما سانى: 663
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2012-4-28
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:15:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يىڭى يىلدا ئاللا نىنىش ئامانلىقنى بەرسە بىر قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگنىش پىلانىم بار يىللاردىن بىرى ئەدەبىي كىتاپلارنى ئوقۇپ كەپتىمەن ئەمدى يىڭى كىتاپلار چىقسا تۇنجى نەشىرنى ئىلىپ قويمەن كىيىن ئوقۇش ئۈچۈن لىكىن ھازىر ئوقمايمەن …ئاۋال بىر قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگنىمەن 2-پىلان تىجارەتنى تىخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئازتوللا ئىختىسات توپلايمەن…
3-پىلان دا بۇيىل مىسرانىم دىكى باللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇق لاشتۇرۇپ شۇلاردىن ئاز دىگەندە 10باللا بىلەن يۈزتۇرانە كۆرشۈپ پىكىرلىشىپ مىللەت ۋە جەميەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىشقا تىرشىمەن بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئىششى ئۈچۈن سىلەرگە تايىنمەن1509093930چ چ قوشۋىلىڭلار قوشقاندا مىسرانىمدىن پالانى ئەزا دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭلار…
4-پىلان بولسا ھەۋەس ئىشتىياق يەنى كەپتەر لەرنى ياخشى بىقىپ تەربىيەلەپ قەشقەردە ئۆتكۈزىلدىغان 300كىلومىتىرلىق 500كىلومىتىرلىق مۇسا بىقلەردە ياخشى نەچىدىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:45:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما يوللاپسىز ! ھەممىمىز ئويلىنىپ بىقىشقا ۋە قولىمىزغا قەغەز قەلەم ئىلىپ يىزىپ بىقىشقا تىگىشلىك ، مەنمۇ ئاستا ئۆيگە قايتىپ قەلەم تەۋرىتىپ باقسام بولغۇدەك.
ياخشى پىلانلارنى ئويلىغان دوسلار بولسا ،ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويسا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس( تىما ئىگىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس)

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 263
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1712 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:03:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ئويلاشمىدىم ،چۈنكى 3 كۈن ئىچىدە نىمە ئىش بۇلىدۇ بۇنىسى بىزگە نامالۇم..............شۇڭا پالانى كۈنى مانداق قىلىمەن پوكونى كۈنى ئانداق قىلىمەن دىيىش سەل بىمەنىىلىك مەنچە .بۇ مىنىڭلام ئويۇم ،باشقىلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن...........تىللايدىغانلا چىقىپ قالمىسۇن دەيمەنغۇتىما ئىگىسى جاپا تارتىپىسز ،بۇ تىمىڭىز بەلكىم نۇرغۇن دوسلارنى ئويلاندۇرشى مۈمكىن .نىمە ئىش قىلساق بۇلار دەپچۇ ............

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2705 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:07:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىدىكى ھاياتىمغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن شۇڭا ىلان تېخىمۇ يوق .  چۈنكى ئۆيدىكى ھېساپ تالاغا توغرا كەلمەس.....
ئىمانىمىزغا كاپالەتلىك قىلالىساق ھەر بىر كۈنىمىز ۋە رىسقىمىزغا ئاللاھ ئۆزى كېپىل.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 03:13:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئويلاپ قويدۇم1. 2013-يىلى ئاساسلىقى 2 كىتابنى تۈزۈتۇش ئىشنى قىپىتىمەن.2
. خىزمىتىمدە يامان ئەمەس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتىمەن. 3. بىيىت توغۇرسىدا ماتىرىيال توپلىغىلى بەك ئۇزاق بولغاندى بىراق ئەمدىلەتىن شۇ ئەسەرنى يېىزپتىمەن.
4. شئىر يىزىپتىمەن. ئەسەرلىرىمدىن 4 پارچىنى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلدۇرۇپتىمەن.
بىراق كۈندە ئەسەر يازىمەن دىگەن پىلانىمنى ۋۇجۇدقا چىقرالمىدىم.
5.كىتاب ئوقۇيمەن دىگەن ئىدىم شۇنى قىلالىپتىمەن. ھەم شۇ كىتاب توغۇرىسدا خاتىرە يازىمەن دىگەن ئىدىم شۇنى قىلالىپتىمەن.
6. كىتاب ئىلىشنى ئويلاشقان ئىدىم. بۇنىڭدا كىتابتىن شىنجاڭ مەدەنىيىتى ھەممە سان تولۇق . قەشقەر ژورنىلىدىن، مايتاغ ژورنىلى ، ئالتە شەھەر مەكتۈپلىرى ...قاتارلىق كىتابلاردىن 20 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئاپىتىمەن.
7.ئۆيدىكلەر قارىشىمەن دىگەن ئىدىم. بۇ ئىشلارنى قىلالدىم. ئۆيدىكلەرگە ياردەم قىلشقا تىگشىلىك ئىشلارغا كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ياردەم قىلىدىم.
8. ياردەم قىلدىغان كىشلەر گە ياردەم قىلىش توغۇرسىدا ئويلاشقان ئىدىم. شۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدغا چىقاردىم.
9. مال دوختۇرلۇق ئۇيغۇرچە تور بەت يوقلىقىغا خاتىمە بىرىش ئۈچۈن بىر تور بەت قۇردۇم.
مانا بۇ مىنىڭ 2013-يىللىق پىلانىمنىڭ ئەمەلگە ئىشىش تۈرلىرى.
كىينكى يىلى تىخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىڭەيتىش ئىشنى قىلىمەن.

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 03:44:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا.....‹ئۆيدىكى ھېساپ تالاغا توغرا كەلمەس› دەپتىكەن، بۈگۈن  ئۇلۇغۋار  پىلانلارنى  
تۈزۈپ  قويسام  ،  ئەتە  بۇ  جېنىم  تېنىمدە  بارمۇ-يوقمۇ، بۇنىسى  ئاللاھنىڭ  ئۆزىگە
ئامانەت  ئەمدى.....

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

مۇھەببەتسىمان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23196
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7450
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2010-12-21
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 03:49:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈمدە تۈزۈپ قويغان،بىر جۈملىگە ئىخچاملاپ ياتاق ئۆينىڭ،ئىشخانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چاپلاپ قويۇشنى ئويلاۋاتىمەن.

مەن شۇنداق بىر جىسىم مۇھەببەتسىمان...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش