مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 586|ئىنكاس: 5

ئەلناز: سېغىنىش كۈيلىرى-نەسىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 10:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                    سېغىنىش كۈيلىرى

                                                                                                                                                           نەسىر

  
      
    قاچانلاردىن باشلاپ  يۈرىكىمدە شۇنداق بىر سادا ياڭراۋاتقانلىقىنى
ئەسلىيەلمەيمەن. تەغدىرنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان ئاچچىق قىسمەتلىرى
ئىچ-باغرىمنى ئۈن-تۈنسىز تىلغىماقتا.سېنىڭ  مۈكچەيگەن قەددىڭ ھەر
قېتىم ئالدىمدا زاھىر بولغىنىدا پەرزەتلىك مەجبۇرىيىتىمنى ئادا
قىلالمىغانلىقىمدىن ئۈكۈنىمەن. ساڭا بىر چىنە ھۇرى چىقىپ
تۇرغان تاماقنى ئېتىپ ئەكىلەلمىگەنلىكىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. ئانا !
شۇنچە يىل جاپايىمنى  يەتكۈچە تارتتىڭ. تاھازىرغىچە بالا،پەرزەنت
ئىشقىدا ئوت بۇلۇپ كۈيىۋاتىسەن.ئەمما مەنچۇ؟ ۋاپاسىز بالاڭ  سېنىڭ  قان
تەرىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئەجىر مىھنەت مىۋىلىرىڭنى خاتىرجەم خەجلەۋاتىدۇ.
سەن بىر ئۆمۈر ئىشلەپ ئېلىشقا كۈزۈڭ قىيمىغان كىيىملەرنى
ئىككىلەنمەي ئېلىۋاتىدۇ. سەن چۈشۈڭدىمۇ كۈرۈپ باقمىغان ئىسىل تائاملارغا
بەھۇزۇر ئېغىز تىگىۋاتىدۇ...مانا بۇ سەن 9 ئاي 9 كۈن ئاچچىق تولغاق  يەپ
نەچچە ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ بۇ يۇرۇق دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ۋاپاسىز بالاڭ.
ھەر قېتىم چىرايىڭدىكى يول-يول قورۇقلاردىن چۈشۈرۈلگەن  تامغىلارنى
كۆرگۈنۈمدە ساڭا تىكىلىپ قاراشتىن ئۇيىلىمەن.ئانا،مەندەك ۋاپاسىز بالاڭنى
كەچۈرەرسەنمۇ؟ ياق ،مەن خاتالاشتىم، ئانا پۈتكۈل مىھرى-مۇھەببىتىنى
پەرزەنتكىلا ئاتىغان بۇلىدۇ.سەن ئەلۋەتتە  ئەپۇ قىلىسەن، چۈنكى دۇنيادىكى
ھەرقانداق بىر كۈچ سېنى مەندىن رەنجىشكە ھىچبىر سەۋەپ كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ.
چۈنكى سەن  ھەممىنى كۈتۈرۈشلۈك. رۇھىيىتىڭدىكى  ئەپۇچانلىق پۈتكۈل زىمىننى
تەسىرلەندۈرۈپ ئۆزىگە باش ئەگدۈرىدۇ.
ئانا !!! شۇنچە يىلدىن بۇيان سېنى تۇنجى قېتىم قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى
ئىتىراپ قىلدىم.ئىلگىرى سېنىڭ ئايدا ئەۋەتىدىغان ئاشۇ
پۇللىرىڭنى دەپ بولسىمۇ ( سېنى سېغىندىم جېنىم ئانا! ) دىگەن  بولسام. بۈگۈن
پۈتكۈل بەدىنىم  شۇنچىلىك تىترەپ تۇرۇپ سېنى چاقىرۋاتىدۇ.بالاڭ شۇنچە يىراق
شەھەردە بۈگۈن ئۈزىنىڭ نەقەدەر بىچارە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. چۈنكى ئاغرىپ
يېتىپ قالغان مۇشۇ دەقىقىلەردە سېنىڭ سەبى چاغلىرىمدا ھەر قېتىم يېتىپ قالسام
كىرپىك قاقماي  پايپىتەك بۇلۇپ بېشىمدا يىغلاپ ئولتۇرغان  سىمايىڭ،
ھەر ۋاخ نامىزىڭدا بەختىمنى  تىلەپ ئاللاھتىن يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئۈتۈنۈشلىرىڭ يادىمدا
تۇرسا ، ئىسىق سۇيقاشنى بىر قۇشۇق،بىر قۇشۇقتىن پۈتكۈل ئانىلىق مىھرىڭ بىلەن
پۈۋدەپ ئىچۈرۈشلىرىڭ يادىمدا تۇرسا  يات شەھەردە قەدرىڭ ھەقىقەتەن ئۈتۈلدى
جېنىم ئانا!!!!
  مەن ئەمدى  چوڭ بولغان ئوخشايمەن، نىمىنى قىلىش كىرەكلىكىڭنى ھىس قىلغان
ئوخشايمەن. جېنىم ئانا! !!  ئۈمىدىڭنى يەردە قويمايمەن.سېنىڭ ئەڭ ياخشى
پەرزەنتىڭ  بۇلۇش ئۈچۈن  ھەر ۋاقىت سېغىنىش كۈيلىرىمنى  ياڭرىتىپ تۇرىمەن.
سېنىڭ ئامانلىقىڭنى تىلەيمەن. ۋاپاسىزلىقىمنى ئەپۇ قىل ئانا!!!!
  


                             مەنبە: ئەلناز قەلىمىدىن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي530 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 10:30 PM  


بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5970
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2888 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 11:18:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ كۆزلىرىم نەمدەلدى. ئانامنى سېغىندىم .گۈلۈم ئانىڭىزغا  بولغان بۇ سېغىنىشلىرىڭىزنى ،نىدالىرىڭىزنى ئەمەليىتىڭىزدە  كۆرسىتىڭ ،دۇئاسىنى ئىلىڭ ،ئانىلار شۇنداق ئەپۇچان مېھرىبان ........
سىز بەخىتلىك ئىكەنسىز،مەن ئانامنى ئىزدەپمۇ چاقىرىپمۇ  تاپالمايمەن  ،سېغىنىمەن  دۇئا قىلىمەن ،ئاللاھىم شۇ جاپاكەش ئانىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن ،پەرزەنىتلىرىنىڭ مېھرىدىن  دىللىرى كۈلسۇن .
نەسىرىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم.....ھارماڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 11:27 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 1977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 12:42:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، ئاتا-ئانىلار پەرزەنت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغۇچىلار.
بۇنداق ھېسسىياتنى بالىلارنىڭ تولۇق چۈشۈنىشى ناتايىن،ئۇلار پەقەت پەرزەنتلىك بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقى چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ.
ياخشى يېزىپسىز.

سۆيۈشنى بىلمەي تۇرۇپ،سۆيۈلۈشتىن ئۈمۇت كۈتمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 578 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 01:35:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مىھر-مۇھەببىتى ئالەمشۇمۇلدۇر. ئەسىرڭىز ياخشى چىقىپتۇ.


    رەھمەت سىزگە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 04:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەلتەنەت  گۈلىدە  بېزەپ  جاھاننى،
  ئاق  سۈتۈڭ  يۈرەككە  پۈتتى  ئارماننى.
  تۈنلەردە  ياڭرىتىپ  ئەللەي  ناخشاڭنى،
  بالام  دەپ  ئاققۇزدۇڭ  تالاي  تاڭلارنى.
  سەن  مېنىڭ  ھاياتىم  قەدىردان  ئانا!


سەن  بولغاچ  باھاردەك  ئۆتىدۇ  قىشىم،
سەن  بولغاچ  كۆزلەردىن  ئاقمايدۇ  يېشىم.
سەن  بولغاچقا  كەم  ئەمەس  ھەر  كۈنلۈك  ئېشىم،
سەن  بولغاچ  كۆكلەرگە  يېتىدۇ  بېشىم،
سەن  مېنىڭ  ھاياتىم  قەدىردان  ئانا.


                  بارلىق  مېھرى  ئاتەش، مېھنەتكەش، جاپاكەش  ئانىلىرىمىزغا  تەقدىم!!!

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 04:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  يېزىپسىز..... ئۇلۇغ  ئانىلىرىمىز  ئامان  بولسۇن!

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش