|
|
|
|
12-ئاينىڭ 27- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئون سەككىزىنچى ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا بىيجىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خاندېرسېننىڭ ھالقىلىق ۋاقىتتىكى تۆت جازا توپنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى 9-92 نەتىجە بىلەن بىيجىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئون مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداقلا يىقىنقى ئۈچ پەسىللىك مۇسابىقىدە بىيجىڭ كوماندىسىغا ئۇدا بەش مەيدان ئۇتتۇرۇپ قۇيۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 26 نومۇر،10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سېنگېلدون 24 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 18 نۇمۇر، 9 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ شىرئەلىجان 13 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇۋىي 12 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 29-دىكابىر قارشى تەرەپ مەيدانىدا فۇجىيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.
شىرئەلىجاننىڭ چولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالار چوڭ تىزىملىگىگە كىرىش ئۈچۈن توردا بىلەت تاشلاش ئادىرىسى؛ http://cbachina.sports.sohu.com/s2013/cbaballot2014/
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى http://waskitbol.com/forum.php
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waskitbol0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 10:11 PM
|
|
|
|
|
|