مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1638|ئىنكاس: 24

بەخىت بۆشۈگىدە ياشاۋاتىمەن ،ئەمما ئۇزۇنغا بارمايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەسەن-ھۈسەن ياش تۆكتى.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95907
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 09:38:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەخىت بۆشۈگىدە ياشاۋاتىمەن

                                  ئەمما ئۇزۇنغا بارمايدۇ                         

قارا يامغۇر تامچىسى                               dCiAelD6DAAA&bo=9AFNAQAAAAABAJ4!&rf=photoDetail.jpg

  بۇرۇندا بىر قىز تۇلۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ناھايتى ئۇماق بىر قىز بارىكەن.ئۇ قىزنىڭ ئىسمى شىرىنئاي ئىكەن،ئىسمىغا لايىق شۇنداق تاتلىق قىز ئىكەن.شىرىنئاي شۇنداق بەخىتلىك ئىكەن.ئاتا-ئانىسى،ساۋاقداشلىرى دوسلىرى،ئىشقىلىپ ھەممىسى ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىكەن.ئەمما تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كىم بىلسۇن دەيسىز؟ئۇ قىزنىڭ ئاق قان كېسىلى بارىكەن.ئاتا-ئانىسى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ شىرىنئاينىڭ يىلىكىگە ماس كېلىدىغان يىلىك تاپالماپتۇ.يىغلاپتۇ قاخشاپتۇ ھىچ ئامال تېپىلماپتۇ.ئاخىرى ئۈمۈدىنى ئۈزۈپتۇ.ئەمما شىرىنئاي ھاياتتىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ باقمىغان ئىكەن،ھاياتقا ئۈمۈت بىلەن قارايدىكەن.ئۆزىنىڭ ئۇزۇنغا بارماي ئۆلۈپ كېتىغىنىنى بىلسىمۇ ناھايتى خۇشال ياشايدىكەن.

  شىرىنئاي ئوقۇيدىغان سىنىپ كولىكتىۋى ئىنتايى ئىناق ئىكەن.ئوغۇللىرى قىزلىرىنى ئاسرايدىكەن،قوغدايدىكەن.قىزلىرىبولسا ئوغۇللارنى ئاكىلىرىدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلىشىدىكەن.ئىشقىلىپ ھەممە بۇ سىنىپنىڭ ئىتىپاقلىقىغا قايىل ئىكەن.شىرىنئايغىمۇ ساۋاقداشلىرى بەك ئامراق ئىكەن.شىرىنئاي دائىم قىزىق يۇمۇرلارنى ئېيتىپ،قىزىق ھەركەتلەرنى قىلىپ ساۋاقداشلىرىنى كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكۈچە كۈلدۈرۋېتىدىكەن.ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاق قان كېسىلى بارلىقىنى بىلىدىكەن.ئەمما ئۇنىڭدىن يىراقلاشماي ئەكىسچە ئۇنىڭ ھالىدىن ئىنتايىن ياخشى خەۋەرئالىدىكەن،سىنىپتا ھىچ ئىش قىلدۇرمايدىكەن.ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسا تەسەللىي بېرىدىكەن.شىرىنئاي ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى،ئىناق بىر سىنىپ كولىكتىۋىدا ياشىغانلىقىدىن خۇش بولىدىكەن،پەخىرلىنىدىكەن.

  بىر كۈنى شىرىنئاينى مەكتىۋىدىكى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشى:«سەندە ئاق قان كېسىلى بار ،نىمىشقامەكتەپكە كېلىسەن،كېسىلىڭ يۇقۇپ قالىدۇ،بىزدىن يىراق تۇر»دېگەندەك گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپتۇ.شىرىنئاينىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بوپتۇ.يۈرەكلىرى ئازاپتىن پارە-پارەبوپتۇ،پۇچىلىنىپتۇ.ئەمما يەنەلا چىشىنى چىشلەپتۇ.بۇ گەپلەر شىرىنئاينىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ قۇلۇقىغا يېتىپ بېرىپتۇ-دە،ھېلىقى ئوغۇل بالىنى ئىزدەپ بېرىپ ئۇبالىنى تىللاپتۇ،ھەمدە شىرىنئايدىن كەچۈرۈم سورىغۇزۇپتۇ.شىرىنئاي يىغلاپ كېتىپتۇ.بۇ ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا تۇنجى قېتىم يىغلىشى ئىكەن.ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازار يېگىنىنى بىلىپتۇ،ھەم كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپتۇ،ئۇنى كۈلدۈرۈپتۇ.شۇنداق قىلىپ شىرىنئاي يىغلاشتىن توختاپتۇ.

  كۈنلەرنىڭ ئۆتىشگەئەگىشىپ شىرىنئاينىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپتۇ.ۋاقتىمۇ ئاز قاپتۇ.بىر كۈنى شىرىنئاي مەكتەپكە كەلمەپتۇ.ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى يوقلاپ بېرىپتۇ.قارىغۇدەك بولسا شىرىنئاي بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىرئۇستىخان بوپ قاپتۇ.چىرايىدا قان دىدارى قالماپتۇ.لەۋلىرى چاك-چاك يېرىلىپتۇ.ساۋاقداشلىرى دوختۇرخانىغا كەلگەندە شرىنئاي ئۇخلاۋاتاتتىكەن،شۇنداق شېرىن . شۇنىڭ بىلەنساۋاقداشلىرىنىڭ شىرىنئاينى ئويغاتقۇسى كەلمەي كۆڭلى يېرىم ھالد اقايتىشىپتۇ.ئەتىسى مەكتەپكە كېلىپلا ساۋاقداشلىرى شىرىنئاينىڭ تۈگەپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپتۇ-دە دەرسلىرنى تاشلاپ دوختۇرخانىغا چېپىپتۇ.ئۇلار دوختۇرخانىغا كەلگەندە شىرىنئاي ئاللا بۇرۇن جان ئۈزگەن ئىكەن.شىرىنئاي كۆزى ئۇچۇق پېتى كېتىپتۇ،خۇددى بۇ دۇنيادىن رازى بولمىغاندەك...

  دوختۇرخانا ئىچى يىغا ئاۋازىغا تولۇپتۇ.خۇددى يەر زىمىنمۇ شىرىنئاينىڭ كەتكىنىگە كۆزى قىيمىغاندەكسىم-سىم يامغۇرى بىلەن ياش تۆكۈپتۇ.

  شىرىنئاينىڭ ئۈچنەزىرىسىنى بەرگەن كۈنى شىرىنئاينىڭ ئاپىسى شىرىنئاينىڭ بىر پارچە خېتىنى شىرىنئاينىڭ سىنىپ باشلىغىنىڭ قولۇغا تۇتقۇزۇپتۇ.

   خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن:            

بەخىت بۆشۈگىدە ياشاۋاتىمەن،ئەمما ئۇزۇنغا بارمايدۇ

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋاقداشلىرىم،ئەڭ ئاۋال سىلەرگە دەيدىغىنىم سىلەرگە كۆپ رەھمەت.سىلەر بۇ خەتنى كۆرگەن چېغىڭلاردا مەن ئاللا بۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن ياق سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان بولىمەن.مەندەك ۋاپاسىز ساۋاقدىشىڭلارنى كەچۈرڭلار،سىلەر بىلەن بىللە تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرمەيلا تۇرۇپلا بالادۇر خوشلاشقىنىمنى كەچۈرۈڭلار.ئەمما مەن بىرئاجىز بەندىدە نىم ئامال،مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ،ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا بىللە قاتنىشىپ،ئوپچە سۈرەتكە چۈشكۈم بارىدى،ئەمما ئامال بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.

   ساۋاقداشلىرىم،سلەر بىلەمسىلەر؟بىزنىڭ سىنىپ بىرئىناق ئائىلىگە ئوخشايدۇ.مىھىر-مۇھاببەتكە تولغان.كۈلكە چاقچاققا تولغان.مەن بىزنىڭ سىنىپنى .ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.سىلەردىن قەتئىيلا ئايرىلغۇم كەلمەيدۇ.ئەمما كىممۇ بۇنداق تەغدىرنى ئۆزگەرتەلىسۇن.ساۋاقداشلىرىم،سىلەر بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلىرىم بەخىت بۆشۈگىدە ياشىغان كۈنلىرىم،ئەمما بىلىمەن،ئۇزۇنغابارمايدۇ. شۇڭا سىلەر بىلەن ئۆتكەن كۈنۈمنى شۇنداق قەدىرلىدىم،ئەمما يەنىلا شۇنداق تېز ئۆتۈپ كەتتى.ساۋاقداشلىرىم مەن كەتكەندىن كېيىن سىلەرنىڭ تېخىمۇ ئىجىل-ئىناقئۆتۈشۈڭلارنى،ھەممىڭلارنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىڭلارغا يېتىشىڭلارنى،بەخىتلىك بولۇشۇڭلارنى تىلەپ

                                                                                شىرىنئايدىن

يېقىندا ئوقۇش پۈتتۈرمەكچى بولغان ساۋاقداشلارغا ھەم ئۆزۈمگە بېغىشلايمەن.            

  مەنبە:ئۆزقەلىمىمدىن (قارا يامغۇر تامچىسى)

  ئەگەر ئەسەرنى باشقا مۇنبەرلەردە ئىلان قىلماقچى بولسىڭىز مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tirikjassat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 10:07 PM  


ئاغرىدى بۇ يۈرەك دەرتلەرگە تولۇپ،
بىلمىدىم،نە قىلاي زەيپان قەلىبنى.
ھىجران مېنىڭ ئەڭ سىرداش دوستۇم،
ئۆزۈم  بىر تىرىك جەسەتلا بولۇپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4034
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 10:38:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئادەمدە مۇشۇنداق بىر ئىناقلىق بولغان بولسا ، ئۆلۈش ئالدىدىكى ئاددەممۇ ئەجەپمۇ باغرىم قانمىدى دۇنياغا دەپ كەتسە نىمە بولار دەيمەن

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 11:03:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلارنى تەۋرەتكەن يەتتە بۆۈكنى تاپقان ئىدىم،بەخت بۆشۈكى بىلەن سەككىز بوپتۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 11:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئنسانلارنى تەۋرەتكەن يەتتە بۆشۈكنى تاپقان ئىدىم،بەخت بۆشۈكى بىلەن سەككىز بوپتۇ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 11:17:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن  تەسىرلىك! مېنىڭمۇ  تولۇق  ئوتتۇرادا  ئۈچ  يىل  بىللە ئوقۇغان  بىر ساۋاقدىشىممۇ
ئالىي  مەكتەپكە  بېرىپ  ئىككىنچى  يىلى  بولغاندا  تۇيۇقسىز  تۈگەپ  كەتتى...ھەممە  
ساۋاقداشلار  ئۇنىڭ  ئۈچۈن  شۇنچىلىك  يىغا-زارە  قىلىشتۇق...شۇنداق  ياخشى  بىر
دوستىمىزدىن  ئايرىلىپ  قالغىنىمىزغا  ئىشەنگۈمىز  كەلمىدى، بىراق  ئامال  قانچە؟!
ئۇ  ئاللاھقا  ياراپتۇ...ئۇنى  تىنىچ  يولغا  سالدۇق، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ  تۆككەن  كۆز-ياشلىرىغا،
ئانىسىنىڭ  نالە-پەريادلىرىغا  ئادەم  چىداپ  بولالمايتتى...ھازىرغىچە  ئۇ  دوستىمىزنىڭ  ئانىسىنى

بۇرۇنقى  ساۋاقداشلار پات-پات يىغىلىپ  بېرىپ  يوقلاپ  تۇرىمىز، ئۈمۈدىمىز بىر  بولسىمۇ  ئۇنىڭغا
  ئاشۇ  ۋاقىتسىز  كېتىپ  قالغان  پەرزەنتىنىڭ  يوقلۇقىنى  بىلىندۈرمەسلىك...بىراق،بىز مىڭ  قىلساقمۇ
يەنىلا  ئۇنىڭ  ئۆزىنىڭ  يۈرىكىنى  يېرىپ  چىققان  يۈرەك-پارىسىنىڭ  ئورنىنى  بېسىپ  بولالمايمىز دە....

بۇ  دۇنيا  شۇنچىلىك  گۈزەلدۇر....ئامانەت  تاپشۇرىلىدىغان  ئاشۇ  پەيتلەردە  ئادەم  بۇ  دۇنياغا
شۇقەدەر  تويمايدۇ...ئاتا-ئانىسىغا، يارۇ-بۇرادەرلىرىگە، سىرداش  دوستلىرىغا، بۇ  دۇنيانىڭ  بارلىق
گۈزەللىكىگە  قانماي  ئاخىرى  كۆزلىرى  ئوچۇق كېتىپ  قېلىشىدۇ.......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 11:23 PM  


ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 11:24:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94244
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2013-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 11:30:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىلەر ئوتتۇردىكى مىھرى-مۇھەببەت كىشىنى ھەقىقىي سۆيۈندۈرىدۇ.  ئاشۇنداق كىشىلەر ئارىسىدا ياشاش ئادەمنى بەخت دۇنياسىغا چۈمدۇرىدۇ

تەربىيە-گىننى ئۆزگەرتىدۇ .

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100308
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2013-11-30
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 03:24:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخت دەپ قاپلا ! ۋاي تاڭ جۇما ؟! مەن تىخى ئۇ يەلىرىدىن بى خەۋەر ...

ماڭا ھازىر پۇل بولسىلا بولدى . شۇ خوش ياقىدۇ . جۇڭگۇچىلىقتا ھەممىىنى ياسايدىغىنى شۇ پۇل .

ئەسكەرتىش : ئىنكاسىمنى تەتۈرسىگە ئوقۇڭ ، يەنىلا چۈشىنەلمىسىىز ئوتقا قاقلاڭ ياكى سۇغا سېلىڭ ! رەھمەت

جان دادام ، ئەردەك دادام ، تاغدەك دادام . قوينى كەڭ جەننەت كەبى باغدەك دادام . ھەسرىتىم ئالەمگە سىغماس ئويلىسام ، نەدە سەن يولۇمدا گۈلخاندەك دادام .

ھەسەن-ھۈسەن ياش تۆكتى.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95907
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 10:17:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 03:24 AM
بەخت دەپ قاپلا ! ۋاي تاڭ جۇما ؟! مەن تىخى ئۇ يەلىرىدىن بى ...

كەچۈرسىڭىز،گېپىڭىزنىڭ تېگىگە يېتەلمىدىم.سىزدەك سۆز قابىليىتى يۇقۇرى ئۇستازلارغا قارىغاندا مېنىڭ تەجىربەم كاملىق قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە يا ئوتقا قاقلىغىلى يا سۇغا سالغىلى بولمىغان.ئېغىر كۆرمەي بىر چۈشەندۈرۋەتكەن بولسىڭىز....

ئاغرىدى بۇ يۈرەك دەرتلەرگە تولۇپ،
بىلمىدىم،نە قىلاي زەيپان قەلىبنى.
ھىجران مېنىڭ ئەڭ سىرداش دوستۇم،
ئۆزۈم  بىر تىرىك جەسەتلا بولۇپ.

ھەسەن-ھۈسەن ياش تۆكتى.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95907
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2013-7-14
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 10:17:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amarjan133 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-27 10:38 PM
ھەممە ئادەمدە مۇشۇنداق بىر ئىناقلىق بولغان بولسا ، ئۆل ...

راس دەيسىز قېرىندىشىم...ئەگەر بىزنىڭ مىللىتىمىزمۇ مۇشۇنداق بولغان بولسىدى،تەڭداشسىز كۈچلۈك مىللەت بولاتتى....

ئاغرىدى بۇ يۈرەك دەرتلەرگە تولۇپ،
بىلمىدىم،نە قىلاي زەيپان قەلىبنى.
ھىجران مېنىڭ ئەڭ سىرداش دوستۇم،
ئۆزۈم  بىر تىرىك جەسەتلا بولۇپ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش