مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12899|ئىنكاس: 69

ئىسلام ۋە تاشقى پىلانېتتىكى ھاياتلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13434
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 07:34:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام ۋە تاشقى پىلانېتتىكى ھاياتلىق


(تەرجىمە قىلغۇچى: تىلسىم)



مۇسۇلمانلار يەر شارىنىڭ بىردىنبىر ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان پىلانېت ئەمەسلىكىگە ۋە ئاللاھنىڭ ئالەمدە يەر شارىغا ئوخشاش باشقا پىلانېتلارنىمۇ ياراتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

65-سۈرە 12- ئايەت: ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.


ئىسلام دىنىدا، يەر شارى بىردىنبىر ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان پىلانېت ئەمەس. ئالەمدە يەر شارىغا ئوخشاش ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان باشقا پىلانېتلارمۇ ئەلۋەتتە مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە قۇرئان باشقا پىلانېتلاردىمۇ قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ.


42- سۈرە 29- ئايەت: ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئىي قىلىشقا قادىردۇر.
*****************************************************************************
بۇ ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىكى «جاندارلار» دېگەن سۆز ئىنگلىزچە تەرجىمىدە تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ «قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى» دەپ ئېلىنىپتۇ. باشقا مەنبەلەردىمۇ «مِن دَآبَّةٖۚ» سۆزىنىڭ يەر يۈزىدە ياشايدىغان قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى كۆرسىتىدىغان سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەرەبچىگە پىششىق قېرىنداشلارنىڭ تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
*****************************************************************************


يۇقارقى قۇرئان ئايىتىگە ئاساسلانغاندا، ئاسمانلاردىمۇ بىزنىڭ يەر شارىغا ئوخشاش قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى بار (پەقەت پەرىشتىلەرلا ئەمەس). ئەمەلىيەتتە قۇرئان ئاشۇ تاشقى پىلانېت جانلىقلىرىنىڭ بىر كۈنى يەر شارىغا كېلىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاشقى پىلانېتتىكى ئاشۇ جانلىقلار  يەر شارىغا كېلىش ئۈچۈن قۇرۇت تۆشۈكىنى ئىشلىتىدۇ.
ئاللاھ پەرىشتىلەرگە ئالەمنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ-كېلىشى ئۈچۈن بىر قاتناش ئۇسۇلىنى ئاتا قىلغان. قۇرئاننىڭ 70- سۈرە 3- ئايىتىدە ئۇلارنى «مەئەرج – مَعارِج» دەپ ئاتايدۇ ۋە شۇنداقلا پەرىشتىلەرنىڭ يىراق ئارىلىققا سەپەر قىلغاندا ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار بۇ «مَعارِج» لارنىڭ ئالىملار قۇرۇت تۆشۈكلىرى دەپ ئاتايدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدى.
بۇ بولسا قۇرۇت تۆشۈكىنىڭ بىر پارچە رەسىمى. speed-light-wormhole.gif

پەرىشتىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئالەمدىكى ھەرقانداق بىر جايغا سىز مۇشۇ بىر جۈملىنى ئوقۇپ بولغۇچە بېرىپ بولالايدىغانلىقىغا قاراڭ.


مۇسۇلمانلار يەنە قۇرۇت تۆشۈكلىرىنىڭ پەقەت پەرىشتىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈنلا بېرىلگەن ئەمەسلىكىگىمۇ ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى قۇرۇت تۆشۈكىنى «ئىسرا ۋە مىراج» دا بىر قېتىم ئىشلەتكەن (مىراج بولسا مەئەرجنىڭ بىرلىك شەكلى) (17- سۈرە 1- ئايەت). قۇرئان «يەجۇج-مەجۇج» تائىپىسىنىڭ قۇرۇت تۆشۈكى (مىراج) نى ئىشلەتكەنلىكىدەك يەنە بىر ئەھۋالنى تەسۋىرلىگەن.
بۇ تائىپە (ئىنسانلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيدىغان يەجۇج-مەجۇج) زېمىنغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇلار زۇلقەرنەين ئىسىملىك بىر ئادەم سالغان ئىككى توسمىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن. ئۇ بىر مىراجنىڭ ھەر ئىككى بېشىغا بىردىن ئىككى تۆمۈر توسما سالغان. مىراجنىڭ ئىككى بېشى ئىككى قۇلۇلە قېپىغا ئوخشايدۇ (زامانىۋى پەن-تېخنىكا تەسۋىرلىگەن قۇرۇت تۆشۈكىنىڭ كىرىش ئىشىكىگە تامامەن ئوخشاش).
wormhole-shell.jpg



قۇرۇت تۆشۈكى پۈتۈنلەي سۈزۈك ھالەتتە بولىدۇ بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ شەكلىنى ئۆزى قانداق جىسىمنىڭ ئىچىدە بولسا شۇ خىل جىسىمغا ئويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ تاغنىڭ ئىچىدە شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ شەكلىنى قۇلۇلە قېپى شەكلىدە تاغنىڭ ئىچىگە ئويغان. بۇ مىراجنىڭ ھەر ئىككى بېشى قۇلۇلە قېپى شەكلىدە. سۈرىدە تىلغا ئېلىنغان ئىككى قۇلۇلە قېپى بولسا مىراجنىڭ ئىككى كىرىش ئىشىكىدۇر.


زۇلقەرنەين تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنى تەڭ مىقداردا مىراجنىڭ ئىككى بېشىنىڭ ئارىسىدا بۆلگەن. ئاندىن ئۇ تۆمۈرلەرنى ئېرىتىپ مىراجنىڭ ھەر ئىككى بېشىغا بىردىن توسما ياسىغان. شۇنىڭدىن كېيىن مىراجدىن ئۆتكىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن يەجۇج-مەجۇج زېمىنغا بۇزغۇنچىلىق سالالمىغان. بىر كۈنى بۇ توسما بۇزۇلىدۇ شۇنداقلا يەجۇج-مەجۇج يەرشارىغا قايتا بۇزغۇنچىلىق سالىدۇ.


18- سۈرە 92- ئايەتتىن 99-ئايەتكىچە: ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى(92). زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان  (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى(93). ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى(94). زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي(95). ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى(96). ئۇلار (يەنى يەجۇج-مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى(97). زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»(98). ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر-بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىمىز(99).
***********************************************************************
يۇقارقى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكى ئايەتلەر بىلەن مەن بۇ تېمىنى تەرجىمە قىلغان مەنبەدىكى ئىنگلىزچە تەرجىمىدىكى ئايەتلەر ئارىسىدا قىسمەن پەرقلەر بار. چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن پەرقلىق جايلىرىنىلا ئۆزگەرتىشنى لايىق تاپىم: مەسىلەن:
زۇلقەرنەين (مىراجنىڭ ئىچدىكى) ئىككى توسمىنىڭ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، توسمىنىڭ سىرتىدا ئىنسانلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى(93).
ئۇلار (يەرلىك خەلقلەر): «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى(94).
ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى قۇلۇلە قېپىنىڭ (مىراجنىڭ ئىككى كىرىش ئىشىكىنىڭ) ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى(96).
ئۇلار (يەنى يەجۇج-مەجۇج قۇلۇلە قېپىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن) كىرەلمىدى، (تۆمۈر توسمىنى) بۇزۇشقىمۇ قادىر بولالمىدى(97).
***********************************************************************

ئەرەب تىلىدىكى «ٱلسَّدَّيۡنِ» سۆزىنىڭ مەنىسى «ئىككى توسما» دېگەنلىك بولىدۇ، ھالبۇكى بۇ سۆز باشقا تىللارغا «ئىككى تاغ» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان. ئەرەب تىلىدىكى يەنە بىر سۆز «ٱلصَّدَفَيۡنِ» نىڭ مەنىسى «ئىككى قۇلۇلە قېپى» دېگەنلىك بولىدۇ، ھالبۇكى بۇمۇ «ئىككى تاغ» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان. قۇرئاننىڭ خاتا تەرجىمە قىلىنىشى باشقا تىللاردا خاتا چۈشەنچىلەرنى بېرىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامال بار ئەرەبچە قۇرئاندىن پايدىلىنىڭ.


يەجۇج-مەجۇج تائىپىسى ئىككى توسمىنىڭ سىرتىدا (مِن دُونِهِمَا) توسۇپ قويۇلغان، ھەرگىز ئىككى توسمىنىڭ ئارىسىدا (مِن بينهما) ئەمەس. ناۋادا ئۇلار «ئىككى توسمىنىڭ سىرتىدا» بولسا، ئۇنداقتا قانداق بولۇپ توسۇلۇپ قالىدۇ؟
ئۇلار پەقەت ئىككىنچى توسما يەرشارىدا بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا توسۇلۇپ قالىدۇ. بۇ مىراجنىڭ ئىككىنچى بېشى يەر شارىدا بولىشىمۇ مۇمكىن، شۇنداقلا ئالەمدىكى باشقا ھەرقانداق بىر جايدا بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئۇ چوقۇم باشقا بىر پىلانېتتا. شۇنداق بولغاندا يەجۇج-مەجۇج  ئىككى توسمىنىڭ سىرتىدا توسۇلۇپ قالىدۇ بىراق يەر شارىدا ئەمەس باشقا پىلانېتتا توسۇلۇپ قالغان بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ توسمىلار بۇزۇلىدۇ شۇنىڭ بىلەن يەجۇج-مەجۇج تائىپىسى شۇ پىلانېتتىن يەر شارىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ.


ئىسلام دىنىدا ھاياتلىق يالغۇز يەر شارىغىلا باغلانغان ئەمەس. باشقا پىلانېتلاردىمۇ يەر شارىدىكىگە ئوخشاش ھاياتلىق مەۋجۇت. شۇنداقلا بارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.


17- سۈرە 44- ئايەت: يەتتە ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيىلەيدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۆزلەيدۇ)، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
16- سۈرە49-، 50- ئايەتلەر: ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار، پەرىشتىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىدۇ، ئۇلار (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتمايدۇ(49). ئۇلار ئۆز ئۈستىدىكى پەرۋەردىگارىدىن قورقىدۇ، ئۆزلىرىگە بۇيرۇلغاننى قىلىدۇ(50).

يەرشارىنىڭ ئۆزىدىلا يەر شارى بىلەن ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان يەنە بىر پىلانېتىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر قۇرۇت تۆشۈكى بار.



**************************************************************
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تېما ئىنگلىزچە مەنبەلەردىن تەرجىمە قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن ئەسلى يازمىنىڭ مەزمۇنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز پېتى تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم. ماقالىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئەسلى ماقالىنى يازغۇچى مۇسۇلمان بولماسلىقى چوقۇم. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىراپ ھاياجانلىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن ئۆزۈم ھەر بىرىڭىزلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ئاددى بەندىسى بولۇش بىلەن بىرگە، چەكسىز كائىنات سىرلىرىغا قىزىققۇچى خىيالپەرەسمەن. تەپەككۇر قىلىش ئىنسان بولۇشنىڭ بىر قىسمى بولۇپلا قالماي ئۈستىمىزدىكى مەجبۇرىيەتتۇر. مېنى ئايەتنى ئۆزگەرتىشكە پېتىنىپسەن دەپ ھۆكۈم پىچىۋەتمەسلىكىڭلارنى سەمىيمىلىك بىلەن سورايمەن. ئەسلى مەنبەدىكى تەرجىمە بىلەن سېلىشتۇرمىسام يازمىنىڭ تېخىمۇ چۈشىنىكسىز چىقىپ قېلىشى چوقۇم ئىدى.
ھەم مۇشۇ تېمىدىكى نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ كەڭ ئەقلىي ئويغاق قېرىنداشلىرىمنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://www.speed-light.info/islam_life_other_planets.htm


...Every man dies, but not every man really lives

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 917
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 309 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مەنمۇ تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگە بەك قىزىقىمەن،سۈرە فاتىھەدىكى جىمى ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پىەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر دىگەن ئايەتتە نىمىشقا ھەقتائالا ئالەم دىمەي ئالەملەر دەيدۇ،ئىنشائاللا ئۇزۇنغا قامماي ئۈشبۇ سىرلار يىشىلگۈسى.
    يەنە ئەرەبچىنى قانداق قىلسام تېزرەك ئۆگۈنەلەمەن،مەسلىھەت بەرسىڭىز،قۇرئاننى بەك چۈشەنگۈم بار

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!
زەنجىر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 03:23:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 04:01:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەنجىر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 03:23 PM
ئۇزۇندىن بۇيان  كاللامدىكى  بەزىبىر  چىگىش  سۇئاللارنى ...



ئەقلىڭىزگە باركاللا !

مەن ۋاقىتنىڭ سوزلىدىغانلىقنى ،قىسقىرايدىغانلىقىنى ، تۇرغۇنلىشىدىغانلىقنى  ۋە ئىچىدە ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا يەشكىلى بولمايدىغان باشقا ئالىمىي غەيىپكە ئۇللايدىغان بىر بوشلۇق مەۋجۇتلۇق بار ئىكەن دىگەن قاراشنى بىر يەردە ياكى ماتىريالدا كۆرمىگەن ، بىراق ئىژدىمائىي تۇرمۇشتا ھىس قىلغان . كىىيىن ئېنىشتىيىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بەزى ماتىرياللرىدا ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئالىملارنىڭ تەرجىمە يازمىللىرىدا تىلغا ئىلنغانلىقنى كۆرۈپ كۆزۈمنىڭ ئاددىي كۈزتۈش نەتىجىسەدە مۇشۇنچىلىك بىر نەرسىنى ھىس قىلغىنىمنى گەرچە ئاڭلىغانلار قوبۇل قىلالمىسمۇ ئۆزۈممۇ بولسا بىر ئىشلارنىڭ تېگىگە يىتىپتىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم .

     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100845
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2014-12-26
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 05:45:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيھەمبىرمىز بىركىچىدە يەنە بىر شەھەرگە بارغاندا ئۇلار نىمىنى كۆرگەنكەن؟؟؟ ئۇلار يولدا مېڭىۋەسەك تاڭ ئاتمايلا بېرىپ قالدۇق دىگەنمىدۇ؟؟ ياكى كۆزمى يۇمۇپ ئاچقىچىلا بېرىپ بېرىپ قاغانمۇ؟  بۇنىڭغا يىتەرلىك ماتىريال بولسا بۈلەك سەۋەپ چىقىدۇ '''

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 06:05:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەنجىر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 03:23 PM
ئۇزۇندىن بۇيان  كاللامدىكى  بەزىبىر  چىگىش  سۇئاللارنى ...

مەنمۇ  سىز  بىلەن  ئوخشاش  ئويدا  بولىۋاتىمەن.....
ئۇنداقتا  ‹ ۋاقىت  تونىلى › ھەقىقەتەن  مەۋجۇت  ئىكەندە؟؟؟

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 06:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ :‹ ئىسلام دىنىدا ھاياتلىق يالغۇز يەر شارىغىلا باغلانغان ئەمەس. باشقا پىلانېتلاردىمۇ يەر شارىدىكىگە ئوخشاش ھاياتلىق مەۋجۇت. شۇنداقلا بارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ.›..................‹ئىسلام دىنىدا، يەر شارى بىردىنبىر ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان پىلانېت ئەمەس. ئالەمدە يەر شارىغا ئوخشاش ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان باشقا پىلانېتلارمۇ ئەلۋەتتە مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە قۇرئان باشقا پىلانېتلاردىمۇ قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ.›

تاشقى  پىلانتتىكى  جانلىقلارنى  بىز  ياشاۋاتقان  زېمىنغا  ھامان  بىر  كۈنى كېلىدۇ› دەيدىغۇ...
بۇرۇن  تاشقى  پىلانت  ئادەملىرى  توغرىسىدىكى  فانتازىيىلىك  فىلىملەرنى  كۆرەتتىم، ناۋادا
ئۇلارنىڭ  ئۆزىنى  ئۇچرىتىپ  قالسام  .......  ۋاي  ئاللاھ!!!  چوقۇم  ھوشۇمدىن  كېتىپ
  قېلىشىم  مۇمكىن....
.

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7096
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 07:08:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ پاھ... ئاجايىپ بىلىملەردىن خەۋەردار بولدۇم. قۇرئان كەرىمنىڭ خاسىيىتىگە ھەقىقەتەن گەپ توغرا كەلمەيدىكەن

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13434
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 07:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barter يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 02:50 PM
مەنمۇ تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگە بەك قىزىقىمەن،سۈرە ...

سىزگە ئەرەبچىنى قانداق ئۆگىنىش توغرىسىدا ياخشىراق جاۋاب بېرەلىشىم ناتايىن. مەنمۇ قۇرئان ئوقۇشنى ئاتا-ئانامدىن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئۆگەنگەن ئادەتتىكى ئادەممەن. لېكىن بىر تىلنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن جەريان كېتىدۇ. مۇمكىن بولسا ئەرەبچىنى سىستېمىلىق ئۆگىتىدىغان مەلۇم ئادەم ياكى ئورۇننىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلسىڭىز ئۈنۈمى تېزراق بولىدۇ ھەم كېيىنكى ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگىنىشىڭىزگە ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ. دەرسلىكتىن پايدىلىنىپ ئۆزۈملا ئۆگىنىمەن دېسىڭىز ئۇمۇ بولىدۇ، بىراق ئىرادىڭىز چىڭ بولمىسا باشقا ئېلىپ چىقماق قىيىن. يىغىپ ئېيتقاندا ھەرقانداق بىر تىلنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا گەپ قىلالايدىغان ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆگىنەلەيدۇ، سۆزلەش دېگەن ئىنساننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى. كېيىنكىسى تىرىشچانلىق ۋە ئۈزلۈكسىزلىكتىن كېلىدۇ...

...Every man dies, but not every man really lives

ئويغان ئىنسان!!! بۇ چۈش ئەمەس.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1061
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13434
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 678 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 07:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەنجىر يوللىغان ۋاقتى  2013-12-28 03:23 PM
ئۇزۇندىن بۇيان  كاللامدىكى  بەزىبىر  چىگىش  سۇئاللارنى ...

ئىسكەندەرنىڭ كۇھىقاپقا بارغان ھېكايىلىرىنى مەن ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن. لېكىن بىر قىسىم رىۋايەتلەرنىڭ مەلۇم رىئاللىقنىڭ كۆپتۈرمىسى ئىكەنلىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنى دەرھال ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلىشقا بالدۇرلۇق قىلسىمۇ لېكىن پىكىر قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئىنكار قىلىشمۇ ئاقىلانىلىك بولماسلىقى مۇمكىن.
سىزنىڭ ئايرۇپىلان، ئۇچار قۇشلار يوقاپ كېتىدىكەن دېگەن جايىڭىز «بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك رايونى» دېگەن شۇمۇ؟

...Every man dies, but not every man really lives
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش