مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1359|ئىنكاس: 8

<ھەربىي ئەۋلىيا> ژۇكوۋنىڭ مەنسەپتىن تۇيۇقسىز قالدۇرۇلىشىنىڭ سىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65609
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 04:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

<ھەربىي ئەۋلىيا> ژۇكوۋنىڭ مەنسەپتىن تۇيۇقسىز قالدۇرۇلىشىنىڭ سىرى


مارشال گېئورگىي كونستانتىنوۋىچ ژۇكوۋ سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق ھەربىي ئالىمى بولۇپ ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان . بەزىلەر ئۇنى <ھەربىي ئەۋلىيا> دەپ ئاتايدۇ . ئەمما نۇرغۇن كىشى سوۋىت ئىتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنى تۇيۇقسىز بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىلىپ تاشلانغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلمەيدۇ .
1953 - يىلى مارتتا سىتالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، مالېنكو ، مولوتوۋ ، خرۇششېۋ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھاكىمىيەت بىشىغا چىقىشنى ئويلىدى ، ئەمما سىتالىن ھايات چىغىدا شەخسىي نوپۇز تۈزۈمىنى ئورناتقانلىقتىن ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھوقۇق تارتىۋىلىشىغا يول قويۇلمايتى . شۇنىڭ بىلەن خرۇششېۋ ئالدى بىلەن بېرىيانى يوقىتىشنى قارار قىلدى . بۇ چاغدا ئۇ ژۇكوۋنى ئىسىگە ئالدى . ژۇكوۋ بىلەن بېرىيا سىتالىن ھايات چىغىدىلا زىدىيەتلىشىپ قالغانىدى . شۇنىڭ بىلەن خرۇششېۋ ژۇكوۋغا : <مەركىزىي كومىتېت ھەيئەت رىياسىتى بېرىيا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقچى ، ئۇنى قولغا ئىلىشىمۇ مۇمكىن ، سىز ۋاقتىدا ھەرىكەتلىنىشكە تەييارلىنىڭ> دەپ تېلېفون بەردى . 1953 - يىلى ئىيوننىڭ ئاخىرقى كۈنى بارلىق ئىشلار خرۇششېۋنىڭ لايىھەسى بويىچە ئوڭۇشلۇق بولدى ، ئۇ ژۇكوۋنىڭ ياردىمىدە بېرىيانى قولغا ئالدى . شۇنىڭ بىلەن ژۇكوۋ ئوڭۇشلۇق ھالدا يىڭى بىر كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى .
بېرىيا كۆزدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن ، خرۇششېۋ ، مولوتۇۋ ، مالېنكو قاتارلىقلارنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ سىياسەت - فاڭجىنلارنى بەلگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى زىدىيىتى بارغانسىرى ئۆتكۈرلەشتى ، خرۇششېۋ چەتكە قىقىلدى . ئۇلار خرۇششېۋنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماقچى بولۇشتى .
1957 - يىلى ئىيوننىڭ باشلىرىدا مالېنكو ، مولوتوۋ قاتارلىقلار خرۇششېۋنىڭ فىنلاندىيىگە زىيارەتكە چىقىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ، <تەختتىن چۈشۈرۈش پىلانى> نى تۈزدى . خرۇششېۋ زىيارەتتىن قايتىپ كىلىپلار ، لېنىنگراد شەھرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 250 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى . يېغىندا مالېنكو باشلامچىلىق بىلەن خرۇششېۋنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى . كۆرەش ئەۋجىگە چىققاندا ، ژۇكوۋ يىغىن زالىغا كىردى . ئۇ : < يولداشلار ، يىغىن ئىچىلىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى مالېنكو مەن بىلەن سۆزلىشىپ ، مېنى يىنىغا تارتتى . بىراق مەن خرۇششېۋ تەرەپتە تۇرىمەن!> دېدى .
شۇنىڭ بىلەن خرۇششېۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىلىپ تاشلاش پىلانى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى . ژۇكوۋ بولسا خرۇششېۋنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى . ئۇ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كاندىدات ئەزالىقىدىن رەسمىي ئەزالىقىغا ئۆستۈرۈلدى ، ئەمما ھوقۇقنىڭ ئۆسۈشى ئۇنىڭ ھالاكىتىدىن دېرەك بىرەتتى .
1957 - يىلى 4 - ئۆكتەبىر ژۇكوۋ يۈگۈسلاۋىيە ۋە ئالبانىيىگە زىيارەتكە مېڭىشى بىلەنلا خرۇششېۋ قىرىمدىكى دەم ئىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، موسكۋاغا قايتىپ كەلدى ۋە ژوكۇۋنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى . ئۇ ھەربىي قىسىمنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ، 19 - ئۆكتەبىر ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، <سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ئارمىيىلىرىدە پارتىيىنىڭ سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر> نى ماقۇللىدى ، <قارار> ژۇكوۋ بىلەن تەبىئى ھالدا توقۇنۇشۇپ قالاتتى ، بۇ نوقتا خرۇششېۋغا ئايان ئىدى . 26 - ئۆكتەبىر ژۇكوۋ موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ ، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشتى . ئۇ يىغىندا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى . خرۇششېۋ يىغىندا : < ژۇكوۋ مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا چوقۇم تەدبىر قوللىنىش كېرەك ، پارتىيىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىمىغان ھەر قانداق ئادەمنى ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭ تۆھپىسى بولسىمۇ كەچۈرۈشكە بولمايدۇ> دېدى ، ئاخىردا ژۇكوۋنىڭ بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى .
سوۋېت كومپارتىيىسى ئومومى يىغىنى ماقۇللىغان قاراردا ژۇكوۋنىڭ بىر قانچە جىنايىتى كۆرسىتىلگەن ، يەنى : بىرىنچى ، سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ؛ ئىككىنچى ، ئارمىيە ئىچىدە شەخىسكە چوقۇنۇشنى يولغا قويغان ؛ ئۈچىنچى ، پارتىيىۋىلىكى ساپ ئەمەس ، پارتىيىنىڭ ئۇنىڭ تۆھپىسىگە بەرگەن باھاسىنى توغرا چۈشەنمىگەن ؛ تۆتىنچى ، سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ دېپلوماتىيە سىياسىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى چۈشۈنىشتە تەۋەككۇلچىلىك خاھىشى ئېغىر . ئۇنىڭدىن باشقا ، ژۇكوۋ : <مېنىڭ بۇيرۇقۇمسىز ئارمىيىدىكى بىرمۇ ئەسكەرنى مىدىرلىتىشقا بولمايدۇ> دېگەن . بۇ ئۇنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئۈستۈن قويغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ، دىيىلگەن .
شۇنىڭدىن كېيىن ژۇكوۋ ئۆيىدە بىكار ئولتۇرغان . 1964 - يىلى برېژنىۋ خرۇششېۋنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىنمۇ ، ئۇنى ئىشلەتمىگەن . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى ئىنتايىن غېرىپلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن . 1995 - يىلى مايغا كەلگەندە روسىيە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە ، ژۇكوۋنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ، ئۇنىڭ مىس ھەيكىلى موسكۋا قىزىل مەيدانغا ئورنىتىلغان .

<كونا خەۋەرلەر گېزىتى> دىن ئىلمىرە ھۈسەنجان تەرجىمە قىلغان .

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 2009 - يىللىق 15 -ماي سانىدىن ئىلىندى .

يوللىغۇچىدىن :
ژۇكوۋ 1896 - يىلى 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تۇغۇلۇپ 1974 - يىلى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 78 يىشىدا ۋاپات بولغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-28 02:17 PM  


ئەسلىنى ئۇنۇتقان-ئاسىيدۇر!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 04:14:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلگەندىن كېيىن نامى ئەسىگە كەپتۇدە .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1065
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 10:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئېغىزىدىن كەتكەن،يەنى خىروششىۋنىڭ ئالدىدا «مىنىڭ روخسىتىمسىز سوۋىت تەۋەسىدە بىرمۇ تانكا مىدىرمايدۇ»دەپ سېلىپ (ھەربى ئىچىدە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىاۋىتى زور ئىدى)ئۈزىنىڭ نىيتىنى ئاشكارلاپ قويغان.قايسى ماتىريال ئىكەنلىكى ئىسىمدە قالماپتۇ.بۇنداق ئادەمنى ھېچقانداق باشلىق ئىشلەتمەيدۇ،چۇقۇم كۆزدىن يۇقۇتىدىغان گەپ.ئۇرۇش قىلىشنى بىلگەن ئادەمنىڭ سىياسىنى چۈشۈنىشى ناتايىن.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65723
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4013
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 07:15:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇش قىلىشنى بىلگەن ئادەمنىڭ سىياسىنى چۈشۈنىشى ناتايىن
   توغرا ، بىراق ھەممىسىنى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-29 11:09:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەينى چاغدا گىرمانلارنى يېڭىپ ، بېرلىننى ئىشغال قىلغان ،سىتالىننى ئورنىدا مەھكەم ئولتۇرغۇزغان ئادەم دەل ژوكوۋ ئىدى. دەل تورداشلار دىگەندەك ھەربىي تالانتى بولغان بىلەن سىياسىي كاللا بولمىسا ھامان سىياسىينىڭ قۇربانى بولىدىغان گەپ.

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئالۋاستې گېنېرال

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17141
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5395
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 02:21:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇشۇ

تۇغۇلغاندا تەڭ ئدۇق تەڭرې ئالدېدا، تەڭ ئەمەسمېز بېزلېكېن دەۋېر ئالدېدا. ك     

ئالۋاستې گېنېرال

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17141
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5395
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 02:22:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ژوكوۋ  ھەربىي

تۇغۇلغاندا تەڭ ئدۇق تەڭرې ئالدېدا، تەڭ ئەمەسمېز بېزلېكېن دەۋېر ئالدېدا. ك     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65609
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3578
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-11-17
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 06:00:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار  !  مەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ  تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ، ‹‹ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى› ‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى› لارغا مۇناسىۋەتلىك فىلىم بىلەن تەمنىلەپ بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ! ياردەم قولۇڭلارنى ئايىمايغايسىلەر!  رەخمە

ئەسلىنى ئۇنۇتقان-ئاسىيدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98731
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 03:23:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا ئادەم بەزى چاغلاردا دۆت بولۋالمىسا ئازگالغا چۇشۇپ كىتىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش