دەرتمەن ئاشىق
ئەكبەر ئەھمەد تۈركلان
بىلمەيسەن دۇنيانىڭ مەلۈم چېتىدە،
چېھرىڭنى كۈرۈشكە ئىنتىزار بىرسى.
بىلمەسسەن سەن ئۇنىڭ ئاھ پىغانىنى،
ئۇنىڭدەك ئاشىقتىن يوق ئىككىنچىسى.
بىلمەيدۇ دەرتمەننىڭ ھالىنى ھىچكىم،
ئۇنىڭغا ھەمرادۇر چىدام ۋە سەۋىر.
مۇڭلىنىپ ئۇ شۇنداق ئەسلەيدۇ سېنى،
ئەسلەيدۇ بىر ئاشىق سۆزىڭنى ھەر بىر.
قەلبىڭدىن ئۇنىڭغا بەرمەسسەن ئۇرۇن،
لىكىن ئۇ ھەممىنى ساڭا ئاتىغان.
ئۇ شۇنداق بىر ئاشىق سەن ئۈچۈن مەڭگۈ،
مۇھاببەت كۈيىنى ئېيتىپ قانمىغان.
بىلمەيسەن ئۇنىڭ كۆپ ياش تۆككىنىنى،
بىلمەيسەن ئۇ غەمكىن بولغان شۇ قەدەر.
نى شىرمەت ئۇغلاننىڭ باشچىسى بولغان،
شۇ ئاشىق ئالدىڭدا ئاجىز نەقەدەر.
بىلمەيسەن دۇنيادا پەقەت سەن ئۈچۈن،
بىر ئاشىق ئۈن تىنسىز تۆلەيدۇ بەدەل.
تۈيماسسەن سەن ئۇنىڭ ھىجران دەستىدىن،
ئاققۇزغان يېشېنى گويا بۇلۇپ سەل.
يانمايدۇ ئۇ شۇنداق چەكسىمۇ ئازاب،
يانمىغان ئۇ مەڭگۈ ياۋلار تىغىدىن.
ئىزدەيدۇ بىر ۋىسال بۇ دەرتمەن ئاشىق،
ئىزدەيدۇ بىر گۈلنى سۆيگۈ بېغىدىن.
ئاق يوللار تىلەيمەن شۇنداق ئاشىققا،
ئۇنىڭدىن ياش ئەمەس ئاقتىغۇ زەرداب.
بۇ ھايات قىسمىتى قىلالماس ئۇنىڭ،
پاك سۆيگۈ ئىزلىگەن قەلبىنى بىتاب.
turklan
2013.12.07
shihezi university
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turklan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 03:57 PM