sikiltar يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 11:40 PM 
باش سۈرىتىمگە قارىسڭىز مىنى بىر ئاز چۈشىنىپ قالسىىز . ...
سىز راستىنلا سىكرىتارمۇ ياكى شۇنداق دەپ قۇيۇۋالغان گەپمۇ ؟
مۇنداق دىسەم باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ . ھازىر بىزنىڭ يۇرۇتلاردىكى كەنت سىكرىتارلىرنىڭ نۇرغۇنى ئاللىقاچان مىليونىرلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ بولدى. بەزى شەھەر ئەتراپى يېزىلىرىدىكى كەنت سىېكىلتارلىرىدا بار پۇل،تاپقان يۈز-ئابروي ، كىبىر-تەمەننا شەھەر باشلىقىدىمۇ يوق .
ئەگەر سىز راسلا سېكىلتار بولۇپ قالسىڭىز،شۇنى ئۇنتىماڭ ،سىز ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ تۆۋەن لېكىن سانى ئەڭ كۆپ بولغان دېھقانلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسىلا ئەمەس بەلكى ۋەكىلى . سىز ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىسىز. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەنپەئەتى سىز بىلەن بىۋاستە باغلانغان. سىز سىياسەتتىن پايدىلنىىپ ئۇلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ،پايدىلىق ئىشلارنىمۇ قىلىپ بېرەلەيسىز. شۇنداقلا مۆرىتى كەلسە نەپسىڭىز ئۈچۈن يەنە شۇ سىياسەتنىڭ پۇتقىدىن پايدىلنىپ ئۇلارنى شۈلۈپ قاقشال قىلۋىتەلەيسىز، نارازى بولغۇچىلارنى يېزىدىن چىقارمايلا ئەدەپلەپ ،يۇقىرىلاپ ئەرز قىللامايدىغان قىلۋېتەلەيسىز.
مەن ئەزەلدىن سىكىلتار دىگەنلەرنى ئادەم قاتارىدىن چىقىرۋەتكەن . بىراق سىز مىسرانىمدەك مۇنبەردە مۇھىم تېمىلارغا پىكىر قاتناشتۇرۇپ يۈرگىنىڭىزگە قاراپ، سىزنى ھىلىقىدەك سىكىلتارلار بىلەن بىر قاتاردا دەپ ئويلىمايمەن . بەلكى خېلى بىلىملىك ،ۋىجدانلىق ئادەمدۇ دەپ ئويلىغاچقىلا شۇ گەپلەرنى يېزىپ يۈرۋاتىىمەن.
ئاكا، بىزنىڭ دىھقانلىرىمىز بەكلا نادان ھەم بىچارە. سىزدەك تورغا چىقالايدىغان ، تېمىلاردا ۋەزنى بار پىكرلەرنى بېرەلەيدىغان بىلىملىك سېكىلتارنى تۇنجى كۆرۈشۈم . شۇڭا سىزنىڭ ئاۋۇ پوق قوساق ،نەپسى بالا سىكىلتارلاردىن پەرقى بار ساپالىق ئادەم دەپ ئويلايمەن .
گەپنىڭ قىسقىسى ،ئاكا ، قولىڭىزدا ھوقۇق بار چاغدا شۇ دىھقانلىرىمىزغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە نەپ يەتكۈزۈپ تۇرغايسىز، بىزنىڭ مىللەت تۇزكور ئەمەس ،قىلغاننى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، ئاللا ئىگەممۇ ئىككى دۇنيادا سىزگە رەھمەت دەرۋازىسىنى كەڭ ئاچىدۇ.
كىچىك بولساممۇ ئاتىكاچىلىق قىلپ قويدۇم . قوپال كەتكەن تەرەپلەر بولسا مەندىن سىزگە ئۆزرە .