بەخىت تىلەش
ئاجىزنىڭلا بەختىنى تىلەش،
ئەمەس ئەسلا ئىنسان خىسلىتى.
كۈچلۈكلەرمۇ بولىدۇ ئاجىز،
ھاياتلىقنىڭ شۇدۇر قىممىتى.
تىللىماڭلار بولماڭلار ھەيران،
قىرانلارغا تىلىسەم بەخىت.
ھەممىمىزگە ئايانغۇ ھايات،
ئەبەدلىككە بولمايدۇ تەخىت.
يۈكسەكلىككە چىقىپسەن بۈگۈن،
پەگاغىمۇ چۈشىسەن بىر كۈن.
بۇ ئەزەلدىن ئۆچمەس ھەقىقەت،
غەنىمەتتۇر شۇڭا بۇ بۈگۈن.
قۇياشنىڭمۇ پاتمىقى ھەر كەچ،
ھاياتلىقتا بۇ بىر ھەقىقەت.
شۇڭا باچىغا تىلەيمەن بەخىت،
باچە ئەلگە ياغقۇسى شەپقەت.
سېخى قۇياش چاچار نۇرىنى،
جانلىق جانسىز بارچىغا ئوتقاش.
شۇڭا مەنمۇ تىلىدىم بەخىت،
قىران ئاجىز قېرىغا ئوخشاش.
يېڭى يىلدا يېڭىچە ئامەت،
نىسىپ بولسۇن بارچە ئاۋامغا.
ئاددى بولسىمۇ تىلىدىم بەخت،
نىمە يەتسۇن چىن تۈز سالامغا .
مەنبە سېخى
مۇنبەردىكى بارلىق ئەزىزلەرنىڭ يېڭى يىلدا ساغلام بەختلىك بولىشىنى تىلەيمەن