مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1210|ئىنكاس: 5

يوللۇغ تېكىن: جۇڭگودا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى تەرجىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 10:52:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭگودا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ تۆرت قېتىملىق تەرجىمە   قىلىنىشىنىڭ باش- ئاخىرى

                              غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

                (شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن)


   تورغا يوللىغۇچى :خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن  


  

«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دىۋان»دېيىلىدۇ)جۇڭگودا ئىلگىرى-كېيىن تۆرت قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ،بۇ توغرىلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش«دىۋانشۇناسلىق»ياكى «كاشغەرىيشۇناسلىق»نىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېگەن مەخسەتتە بۇ ماقالا ئالاھىدە تەييارلاندى.

   «دىۋان»ⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىلىم دۇنياسىدا قايتىدىن نامايەن بولغاندىن كېيىن جۇڭگودىكى ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن.جۈملىدىن ئۇنى جۇڭگودا ئۈگىنىش، تەتقىق قىلىش،جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى مۇھىم خىزمەت قاتارىغا قويۇلغان.ئۇنىڭ جۇڭگو تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى  تولىمۇ تەسىرلىك جەريانلارنى باشتىن كەچەرگەن بولۇپ بۇنى تۆۋەندىكى تەپسىلارتلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

     تەييارلىق باسقۇچى: ⅩⅩ  ئەسىر كىرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە قول ئىلكىدە بار،نەزەر دائىرىسى كەڭرەك،تەرەققىپەرۋەر،ئىلغارلىققا مايىل بەزى كىشىلەر چەتئەللەرگە چىقىپ،ئۇ يەردىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ،يېڭىلىقلارنى چۈشۈنۈپ،ئىدىيە جەھەتتە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدىكى بۇرۇلۇش پەيدا قىلىشقا باشلىغان.جۈملىدىن،شىنجاڭنىڭ ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان كاشغەردىكى بىر قىسىم ھاللىق كىشىلەر بالاغەتكە يەتكەن بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ،بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلغاچ،بىر تەرەپتىن ھەج پەرزىنى ئادا قىلماق بولۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق،تۈركىيە، ئەرەبىستان،روسىيە، جۈملىدىن تاتارىستان قاتارلىق ئەللەرگە بارغان.بۇنىڭ ئىچىدە قۇتلۇق شەۋقى (1876-1937،ئىسىم پەمىلىسى: قۇتلۇق ئابدۇرېھىم،كېينچە قۇتلۇق ھاجى شەۋقى دەپ ئاتالغان، ‹شەۋقى›بولسا ئەدەبىي تەخەللۇسى)دادىسى بىلەن بىرگە تەخمەن مىلادىيە 1908-يىلى ئەرەبىستان-مەككىگە ھەج- تاۋاپ قىلىش ۋە تىجارەت ئىشى ئۈچۈن بارغان.ھەج -تاۋاپتىن كېيىن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى«جامىۇل ئەزھەر دارىلئۇلۇم»غا ئوقۇشقا كېرىپ،ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-قانۇنلىرىنى ئۆگەنگەن.ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن،دادىسى بىلەن بىللە تۈركىيىگە كەلگەن.تۈركىيىدىكى يېڭى مۇھىت،ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ،ئىستانبۇلدىكى ئالىي بىلىم يۇرتىغا كېرىپ ئوقۇشنى يەنە داۋاملاشتۇرغان،كېيىن بۇخاراغا كېلىپ،بىر مەزگىل ئوقۇغان[1].تۈركىيىدىكى چاغدا يەنە موسكىۋاغا بېرىپ،شەرق ئىنىتىتۇتىدا بىر قانچە يىل ئوقۇپ قايتقان[2]. تۈركىيىدىكى تىجارەت ۋە ئوقۇشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن،ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا 1915-1917-يىللىرى تۈركىيىدە كىلىسلى رىفات تەرىپىدىن تەييارلانغان «دىۋان»نىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىدىن بىرنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ،يۇرتداشلارغا كۆرسەتكەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئائىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان ئاتا مىراس كىتاپ]«مەسنەۋىي شېرىف»(جالالىدىن رۇمىنىڭ ئەسىرى)نىڭ مۇقاۋىسىغا مۇدەررىس ۋە شەيخۇلئىلسام مۇھەممەد سادىق كاشغەرى(مىلادىيە 1725-1849 –يىللاردا ياشىغان)تەرىپىدىن مىلادىيە 1836-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى يېزىلغان ۋە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان «ۋەخپىنامە»نى قايتا قولغا ئالغاندىن كېيىن،بەكلا ھاياجانلىنىپ،«كاشغەر»ناملىق مەشھۇر غەزىلىنى يېزىپ ئىلان  قىلغان.

بۇ شىئېر مۇنداق يېزىلغان:

           كۆرمىگىل كاشغەرنى كەم،بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،

           ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر.

           خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ،دۈشمەن بىلەن قىلغان كۆرەش،

           ئول شەھىدۇ،قەھرىمان ئالىپ ئارىسلانلار ياتۇر.

           نۇر چېچېپ‹قۇتادغۇبىلىك›خەلقنى قىلغان بەختىيار،

           خاس ھاجىپقا ئوخاش ئەھلى ئېرفانلار ياتۇر.

           يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى‹دىۋانى لۈغەت›،

           مەھمۇدىل كاشغەر كەبى ئەھلى شەرەپ-شانلار ياتۇر.

           ئەيلىگىل ‹شەۋقى›نى مەفتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچېپ،

           بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر[3].

    دېمەك،بۇ شىئىر 1920-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە يېزىلغان.

    قۇتلۇق شەۋقى ئاتا-بوۋىلىرىدىن مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مۇئەييەن تونۇشقا ئىگە بولغانلىقى،ھەم ئەينى زاماندا كاشغەردىكى بىلگە-ئۆلۈمالار ئارىسىدا مەھمۇد كاشغەرىي،يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا چۈشەنچە ۋە مەلۇماتلار تارقىلىپ تۇرىۋاتقانلىقى سەۋەبى بىلەن بۇ بۈيۈك ئەللامە-بۆگۈلەرنى مىللەت-خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇش،ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋەتەن تۈپرىقىدا قايتىدىن يۇرۇق كۆردۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشقا تۇتۇنغان.تۈرمۈش ھەلەكچىلىكى،ۋەزىيەتنىڭ تۇراقسىزلىقى،كۆڭۈل ئازادىلىكىنىڭ ئازلىقى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ خىزمەت كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن.1930-يىللاردىن كېيىن بۇ ئىشنى قولغا ئېلىپ ئىشلەشكە كېرىشكەن بولسا،ۋەزىيەتتە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولغان. يەنى ئارتۇش ناھىيىسىدىن مۇھەممەد ئېلى ئەپەندى(كېيىنچە مەمتىلى ئەپەندى دەپ ئاتىلىدىغان بولغان)لەر بىلەن بىرلىكتە«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش ئىشنى قولغا ئېىلىپ،ئىشنى يۈرۈشتۈرۈشكە باشلىغىنىدا ئەينى زاماندىكى شىنجاڭنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ،تۈرمىدە ئۆلتۈرىۋېتىلىشى بىلەن،«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش ئىشى توختاپ قالغان[4]،[5].ئەمما،ئۇلار باشلىغان بۇ خاسىيەتلىك خىزمەت جەمىيەتتە كۈچلۈك تەسر پەيدا قىلغان،ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولغان[6].ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىچە زامانغا خاس مەدەنىي ئويغىنىشىغا زول دەرىجىدە ئىلھام بولغان.   

     بىرىنچى،«دىۋان»نى ئىسمائىل داموللامنىڭ تەرجىمە قىلىش جەريانى.

   ئىسمائىل داموللام (ئىسمائىل ئابابەكرى، 1902-1954)، كاشغەر كونا شەھەر ناھىيە بەشكېرەم  يېزىسى لەنگەر كەنتىدە تۇغۇلغان.1909-1920-يىللىرى بەشكېرەم يېزىسىدىكى   ئىپتىدائىي  مەكتەپتە ۋە ئارتۇش مەشھەتتىكى سۇلتانەم مەدرىسىدە ئوقۇغان[7].1920-1924-يىللىرى كاشغەر توقام مەدرىسىدە بىلىم ئالغان[8].1924-يىلى كاشغەر توقام مەدىرىسنى تاماملاپ، غۇلجىغا چىقىپ 1939-يىللىرىغىچە،غۇلجا شەھرىدە،1945-يىلىىرغىچە ئالتاي شەھرىدە،1954-يىللىرىغىچە چۆچەك شەھرىدە ئىمامەتچىلىك،مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان.1945-يىلىدىن كېيىن يەنە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى،مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.1954-يىلى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىپ،ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يېغىنغا قاتناشقان.شۇ يىلى چۆچەكتە كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان.

ئىسمائىل دامۇللام 1945-1946-يىللىرى چۆچەك شەھرىدە«دىۋان»نى ئەرەپ تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئېلىپ،ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان.بۇ تولىمۇ شەرەپلىك بىر ۋەقە بولۇپ،ئۇنىڭ ئەينى زاماندا ئىشلىنىشىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى بار بولغان خىزمەت دەپ ھىساپلاشقا بولاتتى.

    ئىسمائىل داموللام كاشغەر توقام مەدرىسىدە ، مەدرىسنىڭ مۇدەررىسى ئالىم،داڭلىق مۇدەررىس ئابدۇقادىر (ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇۋارىس كاشغەرى،1862-1924) دامۇللامنىڭ قولىدا ئوقۇپ، ئۇنىڭ بىۋاستە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان ۋە «دىۋان»توغرىلىق ساۋات ئالغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئابدۇقادىر دامۇللام ئىسمائىل ئابابەكرىنى ئىلىغا يولغا سالىدىغان چاغدا  ئۆزى تۈركىيىگە بارغاندا ئېلىپ كەلگەن«دىۋان»نىڭ كىلىسلى رىفئەت تەييارلىغان مىخ مەتبەئەلىك نۇسخىسىنى ئىسمائىل ئابابەكرىگە سوۋغات قىلىپ بەرگەن ھەم كىمدە-كىم بولمىسۇن ھەم قاچاندا بولمىسۇن بۇ كىتاپنى ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.ئۇستازىنىڭ ئىيتقانلىرى نەچچە ئون يىل قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرغان ئىسمائىل ئابابەكرى  ئىلگىرى ئازدۇر-كۆپتۈر  ئىشلىگەنلىرى ئاساسىدا 1945-يىلىغا كەلگەندە «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى رەسمى قولغا ئېلىشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن.ئەينى زاماندا چۆچەكتە تۇرىۋاتقان سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى ،ئۇيغۇر زىيالىسى،جۈملىدىن ئىلغار پىكىرلىك شائىر مەنسۇر روزىباقىيوۋ (تەخەللۇسى:ۋەتەن ئوغلى)غا ئىيتقان.ئۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا تولىمۇ خۇشال بولغان.مەنسۇر روزىباقىيۇۋ ئىسمائىل دامۇللامغا ئۆزىنىڭ«دىۋان»دىن خەۋىرى بارلىقى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىممەتلىك كىتاپ ئىكەنلىكى،چوقۇم جۇڭگودا  تەرجىمە قىلىپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى،مۇبادا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ چىقالىسا سۆۋېت ئىتتىپاقىدا (ئالمۇتا ياكى تاشكەنت  شەھەرلىرىدە) نەشىر قىلدۇرۇپ بېرىشكە مەبلەغ ئاجرىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بىرگەن.بۇ گەپ ئىسمائىل دامۇللامغا قايتىدىن ئېلھام بېغىشلىغان.شۇنداق قىلىپ ئىسمائىل دامۇللام زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ،كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ،ئىلگىرى ئىشلىگەن كۆپ يىللىق تەييارلىقلىرى ئاساسىدا 1946-يىلىنىڭ ئاخىرىدا «دىۋان»نىڭ تەرجىمىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان.كاشغەردىن چۆچەككە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان خەتتات ياسىن قارى كىتاپنى خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە كۆچۈرىپ چىققان ۋە دامۇللامنىڭ ئايالى زەينەپخان قانائەتۇللابەگ (1911-1989)نىڭ يارىدىمى بىلەن كىتاپ ئەينى زاماننىڭ كىتابەتچىلىك ئۆلچىمى بويىچە تۈپلىنىپ،كۆن بىلەن پاتلىنىپ مۇقاۋىلانغان.بۇ خەۋەر تىز سۈرئەتتە چۆچەك شەھرى جۈملىدىن تارباغاتاي،ئالتاي،ئىلىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىگە تارقالغان.چۆچەك شەھرىدە چىقىدىغان ئۇيغۇرچە گېزىتلەردە(جۈملىدىن«بىزنىڭ تاۋۈش»قاتارلىق گېزىتلەردە) خۇش خەۋەر سۈپىتىدە ئۇچۇر بېرىلگەن.بۇنىڭدىن باشقا ئەينى چاغدا،يەنى1946-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا چۆچەككە  خىزمەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەھمەدجان قاسىمى ئىسمائىل دامۇللام بىلەن ئالاھىدا كۆرۈشۈپ،ئۇنىڭ«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقنىڭ  خاسىيەتلىك بىر ئىش بولغانلىقىنى،بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى چىن قەلبىدىن قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى،ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى، كىتاپنىڭ تەرجىمىسىنى يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىشىنى، مۈمكىن بولسا باشقا ئەرەپچە بىلىدىغان ئۆلۈمالارنى تەكلىپ قىلىپ،ئۇلارنى كىتاپنىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىى بىلەن ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا يارىلاشتۇرۇشنى، شارائىت پىشىپ يېتىلگەن ھامان ھۆكۈمەتتىن مەبلەغ ئاجرىتىپ نەشر قىلدۇرۇپ كەڭ تارقىتىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىيتقان.

تۇلۇقلىما: {ئىسمائىل دامۇللا تەرجىمە قىلغان نۇسخىنىڭ ئەلقەم ئەختەمنىڭ قولى بىلەن تاشكەنتكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلىشى ۋە سالىھ مۇتەللىپۇپنىڭ قولىغا چۇشۇپ كاشغەرلىك تۆت موللنىنىڭ تەرجىمە قىلىپ بېرىشى بىلەن ئۆزبېكچە تەرجىمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ھەقتە ئىمىن تۇرسۇن (ئەسلىمىسى)،يۈسۈپ ئىگەم بەردى،يۈسۈپجان ياسىن قاتارلقلار ئەسەرلىرىدە  پاكىت كەلتۈرگەن- خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن .}


يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسمائىل دامۇللام «دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخسىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ،ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن. 1957 -1958-يىللىرى[9] شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى قارمىقىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىدىكى خادىملار (مەسىلەن،نىمشىھىت،ئابلىمىت روزى،ئەرشىدىن تاتلىق  ،يەنە باشقا ئىدارىدا ئىشلەيدىغان ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىقلار) باشقا قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە قوليازمىلار قاتارىدا «دىۋان»نىڭ ئىسمائىل دامۇللام تەرىپىدىن قىلىنغان نۈسخىسىغا ئەھمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئۇنى ئۇقۇپ تەكشۈرۈپ كۆرگەن،ھەم ئۇنىڭغا نومۇر قويۇپ،ش ئۇ ئا ر  مۇزىيغا تەييارلىق كۆرۈش ئىشخانىسىدا ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەشۇ يىللاردا تەييارلانماقچى بولغان«ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»ئۈچۈن يېزىلىدىغان ماتىرىيالىغا بو توغرىلىق مەلۇماتنى كىرگۈزگەن.بۇنى ئەدەبىياتشۇناس ئابلىمىت روزى(1927-2000)[10]ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.يەنى ئۇ ئەينى يىللىرى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن  ئىسمائىل دامۇللام تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەن ۋە ئەينى يىلى ئورگىنالىنى تەييارلىغان «ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›ئەسىرى»ناملىق ماقالىسىدا بۇ توغرىلىق مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن.(بۇ ماقالا «ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى»دېگەن سەرلەۋھە بىلەن كېچىكىپرەك بولسىمۇ«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1981-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان،كېيىن«مەھمۇد كاشغەرى»ناملىق توپلامغا كىرگۈزىلىپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشر قىلىنغان )[11]. ئابلىمىت روزىنىڭ ئەشۇ ماقالىسدا مۇنداق   دېيىلگەن:« ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك› (تۇركىي تىللار دىۋانى)كىتابى 1957-يىلىنىڭ ئاخىرىىغا قەدەر شىنجاڭدا،پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مىقياسىدا تۇنجى نۆۋەت ئىككى قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.                                                                                                بېرىنچى قېتىم، 1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى،مەرھۇم ئەھمەدجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن چۆچەكلىك ئىسمائىل داموللام تەرىپىدىن ‹دىۋان›نىڭ 1-تومى تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.تەرجىمە سەۋىيىسىنىڭ يېڭى بولىشىغا قارىماي،‹دىۋان›دا بېرىلگەن لۇغەتلەرنىڭ ئەرەپچە ئىزاھلىرى ۋە شەرھى،قەدىمىي تىللارنىڭ گىرامماتىكىلىق قائىدىلىرىنى ئىمكان بار تولۇق ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.لۇغەتلەرنى تېپىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن،ئىسىملارغا ئوخشاش مەستەرلەر(پېئىلنىڭ ھەركەتنامى) نى ئالدىغا قويۇپ،بەزى لۇغەتلەرنىڭ مەنىسى ۋە كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئىزاھلار بىلەن قوشۇمچە قىلىپ،خېلى قىزغىنلىق ۋە مەئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەرجىمە قىلغان.لېكىن،ئۆز ئىستىلىغا مۇۋاپىق بەزى ئەرەپ ئاتالغۇلىرىنى كۆپرەك ئىشلەتكەنلىكىگە قارىماي،بەزى سەۋەپلەر بىلەن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان.»

1954-1956-يىللىرى ئىشلىنىپ ش ئۇ ئا ر مۇزىيغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن 1957-يىلى كونا ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدە بېسىپ چىقىرىلغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قول يازمىلىرى كاتولىكى»ناملىق كىتاپنىڭ 39-بېتىدە ش ئۇ ئا ر مۇزىيغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلارنى تونۇشتۇرغاندا مۇنداق ئۇچۇر بېرىلگەن:

«‹تۈرك لۇغەتلىرى دىۋانى كىتاپى›(2)،نومۇرى59 № ،72№،بۇ نۇسخا بېرىنچى تومنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ،1946-يىلى چۆچەكتە مەرھۇم ئىسمائىل داموللام تەرجىمە قىلغان.بۇنىڭ يۇقىرقى تەرجىمىدىن (ئەھمەد زىيائىي 1953-1954-يىللىرى،‹ئەمىلىيەتتە 1951-1953-يىللىرى تەرجىمە قىلىنغان-نەقىلچىدىن› تەرجىمە قىلغان نۇسخا كۆزدە تۇتۇلغان-نەقىلچىدىن) پەرقى، بۇنىڭدا تەرجىمان تولاراق ئەركىن پىكىر يۈرگۈزگەن.ئەمما تىلىدا خۇددى ئەرەپچىنى ئەرەپچىگە تەرجىمە قىلغاندەك تولاراق ئەرەپچە ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.ھەجمى : بويى 37،ئېنى 29، قېلىنلىقى 4 س م،232 بەت ».

بۇنىڭدىن بىلىنىدۇكى،ئىسمائىل داموللام تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ كىتابەت قىلىنغان«دىۋان»نىڭ تەرجىمە قىلىنىپ كىتابەت قىلىنغان بىر نۇسخىسى ئەينى زاماندا ش ئۇ ئا ر مۇزىيغا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىنىڭ ئىختىيارىغا ئېلىنىپ شۇ ئورۇندا  ساقلانغان ئىكەن.

ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىملىق كومىتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى سەيدۇللا سەيپۇللايۇپ (1918-2002) ئەپەندى بىلەن2000-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى(جۇمە) چۈشتىن كېيىن ئائىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە مەزكۈر ماقالا ئاپتۇرىغاا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئىيتىپ بەرگەن ئىدى.

1953-يىلى 9-ئايدا كاشغەردىكى (ۋالىلىق)خىزمىتىمنى ئاخىرلاشتۇتۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم.ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندە،بىر كۈنى كەچتە يوچۇن بىر ئادەم ئىشىكنى چېكىپ ئۆيگە كېرىپ كەلدى.ئۇ كىشى ئۆزىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ،ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن بوقچىسىنى ئېچىپ،«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ تەرجىمىسىنى ئالدىمدا قويۇپ،-ئاڭلىسام سىز كاشغەر(شەھرى ) دە ئەھمەد زىيائى ئەپەندىگە بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپسىز،مەنمۇ خېلى بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ چىققان ئىدىم.ئەھۋالدىن قارىغاندا مەن بۇ كىتاپنى يورۇقلۇققا چىقىرالمايدىغان ئوخشايمەن،مۇبادا ئەھمەد زىيائى ئەپەندى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى نەشىر قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا مەن تەرجىمە قىلغان بۇ تەرجىمە نۇسخىنى قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتىرىيالى قىلىپ ئىشلەتكەن بولساڭلار ياكى سېلىشتۇرۇپ پايدىلانساڭلار كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى، دېگەن.شۇنداق قىلىپ سەيدۇللا سەيپۇللايۇپ ئەپەندى ئۇ كىشىنىڭ خالىس ئۆتۈنىشىگە ئاساسەن بۇ تەرجىمە نۇسخىنى ئېلىپ قالغان.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆلكىلىك مەدنىيەت نازارىتىدىن يۈسۈپبەگ مۇخلىسۇپ   سەيدۇللا سەيپۇللايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ «دىۋان»نىڭ ئىككى خىل تەرجىمە نۇسخىسىنى(يەنە بىرى ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى ) تەشكىل نامىدىن ئېلىپ كەتكەن. سەيدۇللا سەيپۇللايۇپ ئەپەندى ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولغانلىقى،ئاساسەن سىياسىي،مەمۇرى خىزمەت بىلەن مەشخۇل بولغانلىقى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئەشۇ قېتىم «دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن مىھماننىڭ ئىسمىنى ئەسلىيەلمىگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇ كىشى ئۆزىنى ساۋەنلىك دېگەندەك قىلغان دېگەن يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.ماقالا ئاپتۇرىنىڭ قارىشىچە بۇ يوچۇن مىھمان ئىسمائىل دامۇللام بولىشى مۇمكىن.بۇنىڭ ئاساسىي قىلىپ مۇنۇلارنى دېيىشكە بولىدۇ.بىرىنچىدىن،ئىسمائىل دامۇللامنىڭ كەلگەن يېرى بىلەن بىر يول بولغانلىقى ئۈچۈن سەيپۇللايۇپ ئەپەندىنىڭ كاللىسىدا ئەشۇ مېھماننىڭ كەلگەن يېرى ساۋەن بىلەن چۆچەك ئارىلىشىپ قالغان بولىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، ئىسمائىل داموللامنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ھەقىقىتەن ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلۈپ،دەسلەپ ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر مەزگىل تۇرغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇسۇپبەگ مۇخلىسۇۋ،ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار بۇ نۇسخىنى كۆرگەن ۋە ئوقۇغان. ئۈچىنچىدىن،بۇ تەرجىمە نۇسخا شۇ يىللاردا ش ئۇ ئا ر مۇزىيغا تەييارلىق قىلىش باشقارمىسىنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزىلىپ،مەخسۇس نومۇر قويۇلۇپ، ئەنگە ئېلىنغان،جۈملىدىن  «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قول يازمىلىرى كاتولىكى» ناملىق كىتاپتا تونۇشتۇرۇلغان؛تۆرتىنچىدىن،ئىسمائىل داموللام 1953-1954-يىللىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسى كىڭەش يېغىنىغا قاتناشقان[12].

[تەكىتلەنمە: يەنە قوشۇمچى قىلىنىدىغان بىر ئىش مۇنداق.سەيپۇللايۇپ ئەپەندىنىڭ«دىۋان»نى ساۋەندىن كەلدىم دېگەن ئادەم تەرجىمە قىلغان دېگەن قارىشى1980-يىللارنىڭ ئالدى-كەيدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى بەزى كادىرلار ۋە زىيالىلار ئارىسىدا ئازراق مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان ئىكەن.تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ ئىلمىي خادىمى تاھىر تاشبايىف باشقا ئىشلار بىلەن 1986-يىلى5-ئاينىڭ 27-كۈنى ش ئۇ ئا ر مەسلىھەتچىلەر كومىتىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئابلىمىت ھاجىيۇپ(1917-1993) بىلەن سۆھبەتتە بولغان ۋە تەپسىلى خاتىرە قالدۇرغان.  خاتىرسىدە يېزىلىشىچە،ئابلىمىت ھاجىيۇپ «دىۋان»نىڭ تەرجىمىسى توغرسىدا تاھىر تاشبايېفقا شۇنداق دېگەن:ھازىر بەزىلەر «دىۋان»نى ساۋەندە تەرجىمە قىلغان دەپ يۈرۈشمەكتە.«دىۋان»نى تەرجىمە قىلغان ئىسمائىل دامۇللام ئىدى.ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا مەنسۇر ئەپەندى چىڭ(بەك)  قوللىغان  .ئۇ ئادەم سوۋېت(ئىتتىپاقى)كە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئەھمەد ئەپەندىم(ئەھمەتجان قاسىمى) مەخسۇس يوليورۇق بەرگەن.(يەنى)بۇ ئادەم مالىيە كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن.مىر سىيىت كامال دامۇللا ياردەملەشكەن.ساۋەندىن سەيپۇللايۇپقا كىم ئاپىرىپ بىرەتتى.ئىسمائىل دامۇللامنىڭ ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەن گەپ.ئۇ چاغلاردا ئۈرۈمچىگە بىر كۈندە كىرگىلى بولمايتتى.چۆچەكتىن چىقسا يا شىخودا،يا ساۋەندە بىر قونۇپ،كىرەتتۇق.بۈگۈن ساۋەندىن كېلىشىم دېگەن بولسا،سەيپۇللايۇپنىڭ ئېسىدە ئەشۇ گەپ تۈرۈپ قالغان.بىز ئىۆزىمىز قىلغان ئىشنى ئۆزىمىز بىلىمىزغۇ.مەنسۇر ئەپەندىم ئۆز ۋاقتىدا نەشر قىلىشقىمۇ ۋەدە قىلغان.ئۇ چاغلاردا مەنسۇر ئەپەندىلەرنىڭ دېگىنى چوقۇم ئورۇنلىنىدىغان ۋاقىت تۇرسا.گەپ دېگەننى ئاساسلىق قىلىش لازىم.گەرچە ئىشقا ئاشمىغان بولسىمۇ...1952-يىلى مەن خوتەنگە ۋالى بولۇپ كېتىپ قالدىم.ئۇ چاغدا ئىسمائىل دامۇللام چۆچەكتە قالغان ئىدى.1954-يىلى سىياسىي كېڭەش يېغىنىدا ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەندە «دىۋان»نىڭ تەرجىمىسنى سەيپۇللايۇپقا بەرگەنلىكىنى دېگەن.ئۇ چاغدا قەيەردە،قانداق بەردى،تازا تەپسىلى سورىۋالماپتىمەن[13]].

بۇ سۆھبەت خاتىرىسى  «دىۋان»نىڭ چۆچەكتە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى،ئۇنىڭ تەرجىمانىنىڭ ئىسمائىل دامۇللام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يارىدىمى بولىدۇ،ئەلۋەتتە.

مەزكۇر ماقالنىڭ لوگىكىلىق تەرتىبى بويىچە بولغاندا،ئىسمائىل داموللام نىمە سەۋەپتىن «دىۋان»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ قالغان،ئۇ تەرجىمىدە ئاساس قىلغان ئەرەپچە نۇسخىنى قەيەردىن تاپقان دېگەن مەسىلىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.چۈنكى،XVIII-XIX ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە باشقا بىر قاتار بولمىغۇر كەيپىياتلارغا ئوخشاش،ئېغىر مەنىۋىي كىرزىس يۈز بەرگەن.بۇنىڭ بىلەن بەزى ئەھۋالدا قەدىمكىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە سەل قاراش،ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرى،بۇيۇك بىلگە-دانىشمەنلىرى،قابىل-زەبەردەست يول باشلىغۇچىلىرىنى بىلەلمەسلىك، ئۇنتۇپ قېلىش،ئەستىن چىقىرىپ قويۇش، گالۋاڭلىق،ھاڭۋاقتىلىق، قاششاقلىق،نادانلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغان. «قۇتادغۇبىلىك»،«دىۋان»غا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىرىنىڭ يازما نۇسخىلىرىنى ئۆز يۇرتىدا، ئۆز قوللىرىدا ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتالمىغانلىقى بۇنىڭ بىر كىچىك مىسالى.مۇنداق ئەھۋالدا ئىسمائىل داموللام ھەرقانچە بىلىملىك،ئىقتىدارلىق،يولى كەڭ بىر زات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى چاغنىڭ قاراڭغۇ زۇلمەتلىك شارائىتىدا تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ،«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىشتەك چوڭ ئىشنى قولغا ئېلىشىنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بولىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئىبراھىم مۇتىئىي، ئوسمان مۇھەممەد ھاجىم(1918-2008)، ئابدۇرېشىت قارىم سابىت (1927-1989)،مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى (ئىشقىي،1914-1990)، ئابىلىمىت روزى،شېرىپ خۇشتار(1922---) قاتارلىقلار بىلەن 1981-يىللاردىن تاكى 2008- يىللارغىچە (بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھايات بولغانلىرى بىلەن) ئىلىپ بېرىلغان ھەر خىل شەكىلدىكى سۆھبەتلەردە بىلىنىشىچە،شۇنداقلا بۇ پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا،قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇقادىر دامۇللام قاتارلىق كاشغەردە ئۆتكەن ئۆلۈمالار شىنخەي ئىنقىلاب(1911-يىلى)ىدىن كېيىن چەتئەللەردە ئوقۇش جەريانىدا تۇركىيىگىمۇ بارغان، ھەم 1915-1917-يىللىرى كىلىسلى رىفئەت تەرىپىدىن تەييارلانغان «دىۋان»نىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ،ئىخلاسمەن ئۈلپەتلىرى،كاشغەرنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكلىرى ھىساپلانغان دانىش-ئۆلۈمالىرى بىلەن ئورتاق مۇتالىئە قىلىشقان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەرجىمە قىلىپ،ئانا تىلىغا ئاغدۇرۇپ ئۆز خەلقىگە تونۇشتۇرۇشنى مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىپ بۇ ئىشقا چىن دىلىدىن  نىيەت قىلىشقان.ئەپسۈسكى خىلمۇ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ شەرەپلىك خىزمەتنى تاماملىيالمىغان.ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىخلاسمەن شاگىرتلىرىدىن ھىساپلانغان ئىسمائىل داموللام كاشغەر شەھرىدە تۇرۇش جەريانىدا قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىقلارنىڭ ئاغزىدىن ۋە توقام   مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا،مۆھتىرەم ئۇستازىنىڭ ئاغزىدىن مەھمەد كاشغەرى ۋە«دىۋان»توغرىلىق تەسىرلىك بايانلارنى،ئوتلۇق لىكسىيىلەرنى ئاڭلىغان ،مۇبارەك كىتاپنىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ،ئىسسىق،پاك قولى بىلەن تۇتۇپ باققان ، ئالتۇن قۇرلىرىنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ باققان  .يەنە داموللام جۇشقۇن تالىپلىق ۋاقتلىرىدا،مەرىپەتپەرۋەر زات قۇتلۇق شەۋقىنىڭ،  ئۆلۈما ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «دىۋان»نى ئانا تىلغا تەرجىمە قىلىش توغرىسىدىكى ئوي-خىياللىرىغا ماسلاشقان،جۈر بولغان. يەنە تېخى ئابدۇقادىر داموللام   ئۆزى تۈركىيىدىن ئېلىپ كەلگەن «دىۋان» نۇسخىسىدىن بىرنى باشقا كىتاپلار قاتارىدا ئىسمائىل ئاخۇنغا سوۋغات قىلغان[14].مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر ۋەقە ھەم جەريان ئىسمائىل داموللامدا «دىۋان»دىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل تەۋەررۈك كىتاپنى ئەرەپ تىلىدىن ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىشتەك خاسىيەتلىك ئىشىنى قولغا ئىلىشقا سەۋەپ بولغان[15].

«دىۋان»نىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا چۆچەك شەھرىدە تەرجىمە قىلىنىشقا سەۋەپ بولغان ئىشلار قاتارىدا يەنە مۇنداق بىر ئىشنىمۇ سۆلەپ ئۆتمەي بولمايدۇ.

تارىخىي ماتىرىياللارغا قارىغاندا،1932-يىلى چۆچەكتىكى ئۆلۈما-زىيالىلار ئەستايىدىل كېڭىشىپ، چۆچەك شەھرىدە بىر قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ ئۇنىڭغا «مەھمۇدىيە ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى» دەپ نام بەرگەن.ئەسلىدە بۇ مەكتەپكە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مۇبارەك نامى بىلەن ئىسىم قويۇش كۈن تەرتىپكە قويۇلغان بولسىمۇ،لېكىن مىللىتارىس جىن شۇرېىننىڭ مائارىپتىكى تىرورلۇق سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن،مەكتەپ نامى قىسقارتىلىپ،يەنى«كاشغەرىي»دېگەن سۆز ئېلىۋىتىلىپ،يۇقىرقىدەك ئاتالغان.چۆچەك ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 1946-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋالى مەھەككىمىسىنىڭ تەستىقى بويىچە «مەھمۇدىيە مەكتىپى»دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغان.شۇنىڭ بىلەن بۇ مەكتەپ ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تۇنجى مەكتەپ بولۇپ قالغان[16].بۇنىڭدىن،چۆچەك خەلقى 1930-يىللاردىن باشلاپلا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىدە بولۇپ بولغان ياكى چۆچەكتە ئىسمائىل داموللامنىڭ«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىشىنىڭ مەنىۋىي ۋە مىللىي ئاساسىي تۇرغۇزىلىپ بولۇنغان،شۇنداقلا شەرت-شارائىتلىرى ئاساسەن پىشىپ قالغان، ھەمدە ئۆلۈما- زىيالىلارنىڭ زۆرۈرىي خىزمىتىكە ئايلىنىپ قالغان.مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئەھۋاللار ئىسمائىل داموللامنى تەخىرسىزلەندۈرگەن بولىشى كېرەك.

ئىسمائىل داموللام پەقەت بىلىملىك،ئىقتىدارلىق بىر دىنىي ئۆلۈما بولۇپ قالماستىن،پەننىي بىلىملەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئالىم كىشى بولغان.تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغىللىنىپ،ئۆزى دورا ياساپ نۇرغۇن بىمارلارنىڭ كىسىلىنى داۋالىغان. بەدىئىي ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ھەۋەس باغلىغان شۇنداقلا ئەدبىي  ئىجادىيەت  بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆڭلى ئويغاق،ھىسسىياتلىق ئەدىپلەردىن بولغان.ئۇ ۋاقىت چىقسىلا ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەلىشىر ناۋائىي، جالالىدىن رۇمىي،ئابدۇراخمان جامىي قاتارلىقلارنىڭ شىئىرلىرىنى بېرىلىپ ئۇقۇغان،مۇتالىئە قىلغان،ئالارنىڭ شىئىرلىرىنى بالىلىرىغا تەسىرلىك قىلىپ ئوقۇپ بەرگەن.بولۇپمۇ ئەلىشىر ناۋائىغا چوڭقۇر ھۆرمىتى بولغان.شاگىرىتلىرى ۋە بالىلىرىغا ئەلىشىر ناۋائىي ھەزرەتلىرى بىزنىڭ بۇيۇك شائىرىمىز،ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تىلى بىلەن ئىنتايىن پاسائەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان.ئۇنى ئوقۇش،ئۈگىنىش ، بالىلارغا چۈشەندۈرۈش.ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش ،مۇتالىئە قىلىپ،مەنىۋىي نەپكە ئېرىشىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە بۇرچىمىز دېگەنلەرنى ئەسكەرتىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۆيىدە نۇرغۇن كىتاپلار،قوليازمىلار بولغان.ئۇلارنى ئۆزى پايدىلىنىپ قالماستىن، ھاجەتمەرلەرگە، تالىپلىرى،ئىلىمخۇمار كىشىلەرگە بېرىپ تۇرغان.ئۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بىر قېسىم كىتاپلىرىنى بەزىلەر چەتئەلگە ئېلىپ كەتكەن،بىر قىسمى ئائىلىسنىڭ ئۈرۈمچىگە يۆكىلىپ كىلىشى بىلەن،ئاپتونۇم رايۇنلۇق مۇزىيغا تەييارلىق قىلىش ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن،بىر قىسمىنى ئۈرۈمچىدىكى يېقىن-يورۇقلار، جۈملىدىن ئۆلكىلىك مەدەىنىيەت نازارىتىدىكى بىر قانچە XX،XX كىشىلەر ئېلىپ كېتىشكەن.

ئىسمائىل داموللام  ۋەتەنپەرۋەر،خەلقچىل،مىللەتنى،يۇرتنى سۆيىدىغان ئالىيجاناپ روھقا ئىگە ئەزىمەت بولۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي،سىياسىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان. ئۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىلى سۈپىتىدە يېغىنغا قاتىنىشپ، ھەر مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنى قۇرۇشتەك شەرەپلىك ئىشىنى ئورتاق كېڭەشكەن، چۆچەككە قايتىپ بارغاندىن كېيىن قارشى ئېلىشقا چىققان نەچچە مىڭ ئاممىغا كومپارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاپتۇنۇمىيىلىك سىياسىتىنىڭ يونۈلىشى ۋە ئەۋزەللىكلىرى توغرىسىدا بىر قانچە رەت نۇتۇق سۆزلەپ،چۆچەك خەلقىنىڭ ۋەتەننى، كومپارتىيىنى،مىللىي ئاپتۇنۇمىيىلىك رايۇن تۈزىمىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ھىمايە قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ تەشۋىقاتچىلىق رولىنى ئونىغان[17].

ئىسمائىل داموللامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا«دىۋان»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى قالتىس ئەھمىيەتلىك بىر ۋەقە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.گەرچە ئۇنىڭ تەرجىمە ئەمگىكىنىڭ دېرىكى ئېلىنىش ئالدىدا تۇرۇلغان،تەتقىقات سورۇنىغا ئېلىپ چىقىلمىغان بولسىمۇ،ئەمما ئەينى زاماندىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېلىنغانلىقنىڭ ئۆزى[18] كېيىكىلەرنىڭ ئەسلىشىنى،ئىزدىنىشىنى،ئىلھام ئېلىشىنى ۋە قەدىرلىشىنى زۆرۈرىيەتكە ئايلاندۇرۇپ بولغان.دېمەك،ئۇنىڭ ئەجداتلار تەرىپىدىن ياندۇرۇپ بېرىلگەن ئېلىم-مەرىپەت چېرىقىنى ئۆچۈرۈپ قويماي، ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا،قاتمۇ-قات قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،تېنىم تاپماي ئىشلەپ، بۇ خىل چىراقنى ئەۋلاتلار ئارىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقانلىقى كېيىكىلەرنىڭ،ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ.

مەزكۈر ماقالا ئاپتۇرى 1980-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ يېغىن زالىدا ئابلىمىت روزىنىڭ««ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›ئەسىرى»ناملىق ئىلمىي دوكلاتى ئىچىدىكى«دىۋان»نى بىرىنچى قېتىم ئىسمائىل دامۇللام تەرجىمى قىلىپ چىققان دېگەن بايانىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۈزۈن يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىسمائىل دامۇللامنىڭ تەرجىمىھالىنى تۇرغۇزۇپ چىققان[19] ھەمدە «دىۋان»نىڭ    ئۈرۈمچىدە ئىككىنچى قېتىملىق تۈزىتىلگەن تەرجىمە نۇسخىسىنى نەشردىن چىقىرىدىغان چاغدا ئالاھىدە تەكلىپ بېرىپ،ئىسمائىل دامۇللامنىڭ نامىنى «دىۋان»نى تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزۈپ ساناشنى تەۋسىيە قىلغان ۋە بۇ ئىلمىي ۋە ئورۇنلۇق تەكلىپى «دىۋان»نىڭ يېڭى نەشر(مۇكەممەل نۇسخا)نى تەكشۈرۈپ بېكىتىش گورۇپپىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈپ«كىرىش سۆز»(34-بەت)مۇنداق يېزىلغان:«‹دىۋان›نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشى 1940-يىللاردا قولغا ئېلىنغان.قەشقەر بەشكېرەملىك ئىسمائىل دامۇللا(ئىسمائىل ئابابەكرى،1902-1954)چۆچەكتە 1946-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى تومىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان»[20].

    ئىككىنچى،«دىۋان»نى ئەھمەد زىيائىنىڭ  تەرجىمە قىلىش جەريانى.

   «دىۋان»نىڭ تەرجىمىسى ئىككىنچى قېتىم ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى(1913-1989)تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.بۇنىڭ تەرجىمە قىلىنىش جەريانى مۇنداق بولغان.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى خىزمەتلەرنى تەرتىپكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن خەلق ھۆكۈمىتى بىر قاتار ئىشلارنى ئىشلىگەن.شۇ قاتاردا كونا قوليازمىلارنى،قەدىمكى ئەسەرلەرنى يېغىش.رەتلەش،تەرجىمە قىلىش ئىشلىرى قولغا ئىلىنىپ،ئۇنىڭدىكى بەزى مۇھىم  ماتىرىياللار ئارخىپلاشتۇرۇلغان.شۇ قاتاردا كاشغەردىمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.1951-يىلى 7-ئايدا سەيدۇللا سەيپۇللايۇۋ كاشغەر ۋىلايىتىگە ۋالى بولۇپ تەيىنلەنگەن.بۇنى ياخشى بىر پۇرسەت دەپ بىلگەن جەنۇبىي شىنجاڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرىھىم ئىمىنىوۋ (1913-1994)مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن نازارەت ئاستىدا تۇرۇپ تارىخىي ھۈججەتلەر ۋە يەرلىك ئاخباراتلارنى رەتلەش ئىشىغا يارىلىشىۋاتقان ئەھمەد زىيائىنىڭ«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىپ چىقىشى توغرىلىق سەيپۇللايۇۋ ئەپەندىگە تەكلىپ بەرگەن.سەيپۇللايۇپ ئۆلكە مەسئۇللىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.جۈملىدىن،خىزمەت تەكشۈرۈش مۇناسىۋىتى ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋ بىلەن بىرگە كاشغەر ۋىلايىتىگە تەۋە كانسۇ رايۇنىغا بارغىنىدا  كېسەك قۇيۇش ئەمگىكىگە قاتنىشىۋاتقان ئەھمەد زىيائىنى جىپ ماشىنىسىنىڭ كەينىگە ئېلىۋىلىپ بىرگە كاشغەر شەھرىگە ئېلىپ  كەلگەن.ئەھمەد زىيائى سىرتقا چىقماسلىق بەلگىلەنگەن ئورۇندا «دىۋان»نى ئەرەپچە نۇسخىسى ئاساسىدا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان.يەنى ئۇنىڭ كۈندە تەرجىمە قىلغان قىسمى بەلگىلەنگەن خادىملار تەرىپىدىن ئاكىسى،كاشغەر ساقىيە مەدرىسىنىڭ مۇدەررىسى مۇھەممەدخان پەيزى (1909- 1975)نىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىلغان[21].مۇھەممەدخان پەيزى بولسا خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە ئۇدۇللۇق كۆچۈرۈپ چىققان.

«دىۋان»نىڭ ئەھمەد زىيائىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ ئىشلىنىشىدە ئابدۇرېھىم ئىمىنۇپنىڭ رولى چوڭ بولغان.يەنى ئابدۇرېھىم ئىمىنۇپ 1940-يىللاردىن 1946-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە سىياسىي مەھبۇس بولۇپ تۇرغان چېغىدا تۈرمىدىن سالامەت چىقىپ كىتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن مەلۇم بىر ئۇيغۇر زىيالىسى(ئوخشاشلا سىياسىي مەھبۇس بولسا كېرەك-ئاپتۇر)«دىۋان»نىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىنى ئۇنىڭغا يادىكار قىلىپ بەرگەن بولۇپ،ئابدۇرھىم ئىمىنىۇف بۇ كىتاپنى بىر قانچە يىل ياستۇقىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ يۈرۈپ ساقلاپ،تۈرمىدىن چىققاندا (يەنى ئۇ تۈرمىدىن 1946-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چىققان)كاشغەرگە ئېلىپ كەتكەن ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەھمەد زىيائىي تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭغا كىتەرلىك قەغەز،سىيا،كىرسىن قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ،بۇ ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان[22].

«دىۋان»نىڭ ئەھمەد زىيائىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ ئىشلىنىشى توغرىسىدا   ئەينى زاماندىكى ئىشلارنى بىلىدىغان،ئاڭلىغان،تەكشۈرۈپ كۆرگەن ئەدەبىياتشۇناس ئابلىمىت روزى«ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›ئەسىرى»ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازغان:

« دىۋان»نىڭ« ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمىسى 1952-1954-يىللىرى جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدە،كاشغەر ۋىلايىتىنىڭ بىرىنچى ۋالىسى سەيدۇللا سەيپۇللايۇۋنىڭ قىزغىن تەشەببۇسى،ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھەتتا ماددى جەھەتتىن خالىسانە ياردىمى ئارقىسىدا،يولداش ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن،بۇ تولۇق ئۈچ توم ئىدى.ئۇ ئالدىنقىسىغا نىسپىتەن خېلى يۇقۇرى سەۋىيىدە بولۇپ،تىل ئۇسلۇبى،ئەسلى سۆزلەرنىڭ توغرا تىرانسىكىرپىيىسىدە بېرىلىشىگە خېلى كۈچ سەرپ قىلغان.بولۇپمۇ،تەرجىمىنىڭ قوليازمىسى پۈتكەندىن كېيىن 8 باسما تاۋاقلىق دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئەسەرنىڭ ئەسلى ئەرەپچە نۇسخىسى،سول تەرىپىگە ئۇنىڭ تەرجىمىسى بېرىلىپ،ئەرەپ خېتىنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىدە كۆچۈرۈلگەن.1956-يىلى تەرجىمىسىنىڭ بۇ نۇسخسىنى كاشغەرنىڭ ئاتاغلىق ئۆلۈمالىرىدىن شائىر،مۇدەررىس مۇھەممەدخان مەخسۇم(پەيزى)دامۇللام،(كاشغەر شەھرىنىڭ)جانقۇرغان مەھەللىسىدىن مۇدەررىس مۇھەممەتئىمىن ھاجىم،(يەنە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن-نەقىلچىدىن) قاتارلىق ئەرەپ تىلىنىڭ مۇكەممەل ئۆلۈمالىرى كۆزدىن كۆچۈرۈپ،III تومنىڭ ئاخىرىقى بېتىگە:‹تەرجىمان ئەھمەد زىيائى ئەپەندىم ‹دىۋانۇلۈغەتىت تۈرك›ناملىق ناياپ ئەسەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ تەرجىمە قىلغان.بىز ئۇنىڭ ساپلىقىغا تامامەن قوشۇلۇپ ئۆز مۆھۈرلىرىمىزنى باستۇق›دەپ ئىمزالىرىنى قويغان»[23].

   [تەكىتلەنمە: ئابلىمىت روزى ئەپەندىنىڭ بۇ بايانىنىڭ ئاساسىي روھى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ، بىراق تەرجىمە قىلىنغان ۋاقىت، يەنى 1952-1954-يىللىرى سەل كەينىگە كەتكەن،چۈنكى سەيپۇللايۇۋ ئەپەندىنىڭ كاشغەردە خىزمەت ئىشلىگەن ۋاختى بولسا ئەمىليەتتە 1951-1953-يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئەرەپ تىلى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتكەن ۋاختىمۇ كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن.ئەسلى تەكشۈرۈپ بىكىتىلگەن ۋاقىتمۇ 1953-يىلى باش كۈز ئايلىرى بولىشى كېرەك.چۈنكى كىتاپنىڭ بىكىتىلگەن تەرجىمە نۇسخىسىنى سەيپۇللايۇپ ئەپەندى 1953-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلگەن.ئۇنىڭدىن باشقا تەكشۈرۈپ بىكىتكۈچىلەرنىڭ بىرىنىڭ نامىنى ئابلىمىت روزى ئەپەندى تىلغا ئالمىغان،بىراق «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىپلىرى»ناملىق كىتاپتا بۇ خىزمەتكە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن دېگەن(ئۆلۈما) كىشىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى ئېيتىلغان[24].بۇ كىتاپنى يازغۇچىلار بۇ مەلۇماتنى ئەھمەد زىيائىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان].

   ئابلىمىت روزىنىڭ مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى بولغان ماڭا ئاغزاكى يوسۇندا ئىيتىپ بېرىشىچە،1957-1958-يىللىرى(ياكى 1953-يىللاردىن كېيىن)«دىۋان» ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمىيىتى ھوزۇرىدا(بۇ جەمىيەت 1957-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدىكى مەلۇم ئىشخانىدا قويۇلۇپ) مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن ئۇقۇلغان ۋە مۇھاكىمىگە قويۇلغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن 500 يۈەن خەلق پۇلى ئاجرىتىلىپ،ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە ھەققى سۈپىتىدە بېرىلگەن.ئەھمەد زىيائى بىر قېتىم كاشغەر شەھرىگە قايتىپ بارغىنىدا بۇ پۇلنىڭ 200 يۈەنىنى ئاكىسى مۇھەممەدخان پەيزىنىڭ «دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كۆچۈرۈپ،تەكشۈرۈپ بەرگەنلىكى ھەققى ئۈچۈن ئالدىغا قويغىنىدا ئۇ كىشى تولىمۇ تەسىرلەنگەن ۋە بەكلا خۇشال بولۇپ،كۆزلىرىگە ياش ئالغان[25].بۇ گەپنى ئەھمەد زىيائى ئابلىمىت روزىغا ئاغزاكى ئىيتىپ بەرگەن.چۈنكى ئەينى زاماندا 500يۈەن خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ناھايىتى يۇقۇرى ئىدى.

   «دىۋان»نىڭ 1981-يىلى نەشىر  قىلىنغان Ⅰتومىغا  يېزىلغان «ئاتاغلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى‹تۈركى تىللار دىۋانى›»ناملىق «نەشرگە تەييارلىغۇچىلار»نىڭ«كىرىش سۆز»ىدە«1955-يىلى ‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشى قولغا ئېلىنغان ۋە قەشقەردە ئاكا-ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن بىرىنچى تەرجىمىسى قولدىن چىققان»دەپ يېزىلغان.

   بۇ ئابزاس گەپنىڭ ئاساسىي روھىي توغرا بولسىمۇ،بىراق بەزى ئۇقۇملاردا سەۋەنلىككە يول قويۇلغان.يەنى بىرىنچىدىن،«دىۋان»نىڭ تەرجىمە قىلىنغان ۋاقتى توغرا بولماي قالغان.بۇنىڭغا بۇنداق پاكىتلار ئارقىلىق تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ.مەسىلەن،«دىۋان»كاشغەردە سەيپۇللايۇپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان،.سەيپۇللايۇپ 1953-يىلى 9-ئايدا كاشغەردىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئۈرۈمچىگە قايتىدىغان چاغدا «دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىدىن بىرنى چامىدانىغا سېلىپ،ئېلىپ كەلگەن.يەنە،« قەشقەردە ئاكا-ئۇكا مۇھەممەت پەيزى بىلەن ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن بىرىنچى تەرجىمىسى قولدىن چىققان»دېگەن جۈملىدە مۇجىمەللىك بار.سەيپۇللايۇپنىڭ ئاغزاكى بايانىچە،«دىۋان»نى ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلىپ چىققان،ئاكىسى مۇھەممەد پەيزى تەھرىرلەپ،ئاققا كۆچۈرۈپ چىققان.يەنە بىرى، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەئەدەبىياتى قوليازمىلىرىڭ كاتولوكى»ناملىق كىتاپتا ئېنىق قىلىپ«‹دىۋان› ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن ... كاشغەر ۋالىسى سەيپۇللايۇۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان»دەپ ئىنىق يېزىلغان.ئۈچىنچىدىن، ئابلىمىت روزىنىڭ«ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›ئەسىرى»ناملىق ماقالىسىدا ئىنىق قىلىپ:«دىۋان»نىڭ« ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمىسى... ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن»دەپ يېزىلغان،تۆتىنچىدىن،ئابلىمىت روزىنىڭ 1980-1990-يىللار ئىچىدە مەزكۈر ماقالا ئاپتۇرىغا كۆپ قېتىم  ئاغزاكى بايان قىلىپ بېرىشىچە،«دىۋان»غا كىرىش سۆز يازغانلاردىن مەلۇم كىشى بىر تەرەپتىن ھەسەت قىلىپ،ئەھمەد زىيائىنىڭ ئىقتىدارىغا گۇمان بىلەن قارىغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭ«دىۋان»نى يالغۇز تەرجىمە قىلىشىغا ئەشەنچ قىلالماي،قەستەن ئاكىسى ئەھمەد زىيائىنىڭ   ئىسمىنى ئالدىغا قوشۇپ قويغان ئىكەن.بەشىنچىدىن،  «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىپلىرى»ناملىق كىتاپقا كىرگۈزىلگەن ھەم ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەغزىدىن بىۋاستە ئاڭلاپ يېزىلغان ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمىھالىدا «ئەھمەد زىيائىى ...‹دىۋا ن›نى(ڭ)   دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان...»دەپ يېزىلغان.

[تەكىتلەنمە: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىپلىرى»ناملىق كىتاپنىڭ 17-بېتىدە ئەھمەد زىيائىنىڭ «دىۋان»نى تەرجىمە  قىلىشى ھەققىدە توختالغىنىدا«ئەھمەد زىيائىى 1953-يىلى كاشغەرنىڭ سابىق ۋالىسى ئىمىنۇۋ ھامىدنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئارقىسىدا،ئۇلۇغ ئالىم...مەھمۇد كاشغەرىنىڭ نادىر ئەسىرى‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›نى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ،1955-يىلى 4-ئايدا ئۇنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان...»دېيىلگەن.بۇنىڭدا «سەيدۇللا سەيپۇللايۇۋ»نىڭ ئىسمى« ئىمىنىۇۋ ھامىد»قا،«1951-1953-يىللىرى» «1954-يىلى»غا ئالمىشىپ قالغانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان بايانلارنىڭ روھى ئاساسەن ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان ].

  «دىۋان»نىڭ ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ ئىشلەنگەن يىلى مەنبەلەردە ھەر خىل ئېلىنىدۇ.مەسىلەن،سەيپۇللايۇپ ئەپەندىنىڭ ئاغزاكى بايانىچە 1950-1953-يىللار؛ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەئەدەبىياتى قوليازمىلىرىڭ كاتولوكى»دا   «1953-1954-يىللىرى» ، ئابلىمىت روزىنىڭ«ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›ئەسىرى»ناملىق ماقالىسىدا«1952-1954-يىللىرى»؛  «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىپلىرى»ناملىق كىتاپتا«1953-1955-يىللىرى»دىيىلگەن.بۇنىڭ ئەڭ توغرىسى«1950-1953-يىللىرى»بولىشى كېرەك.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن،مەزكۈر ماقالا ئاپتۇرىنىڭ دەلىللەپ تەكلىپ بېرىشى بىلەن«دىۋان»نىڭ 2008-يىللىق ئىككىنچى قېتىملىق تۈزىتىلگەن نەشر نۇسخىسىغا«كىرىش سۆز»ئورنىدا بېرىلگەن«ئاتاغلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى‹تۈركى تىللار دىۋانى›»ناملىق ماقالىدا(34-،35-بەتلەر)«1951-1953-يىللىرى‹دىۋان›نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشى ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى سەيدۇللا سەيپۇللايۇف(1918-2002)نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن قەشقەردە ئاكا-ئۇكا مۇھەممەد پەيزى بىلەن ئاھمەد زىيائى تەرىپىدىن ئەسەرنىڭ تەرجىمە ئورىگىنالى قولدىن چىققان»دەپ ئۆزگەرتىلگەن.بىراق «قەشقەردە ئاكا-ئۇكا مۇھەممەد پەيزى بىلەن ئاھمەد زىيائى تەرىپىدىن»دېگەن جۈملە بۇرۇنقى نەشرنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاش ئۈچۈن ساقلاپ قېلىنغان.

«دىۋان»نىڭ ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ ئىشلەنگەن يىلىنىڭ ھەر خىل ئىلان قىلىنىپ قېلىشىنىڭ مۇنداق بىر ئارقا كۆرىنىشى بار ئىكەن.يەنى،«دىۋان»تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ،ئۇ ئىلگىرى-كېيىن قارا قەلەم بىلەن بەش نۈسخا كۆچىرىلىپ چىقىلغان.ئۇنىڭ بىر نۈسخىسىنى سەيپۇللايۇپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن،بىر نۈسخىسنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە   سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۈرۈشلۇق كونسۇلخانىسىغا  تاپشۈرۈپ بېرىلگەن.بىر نۈسخىسى كاشغەر ج خ ئىدارىسىدا ساقلانغان.ئىككى نۈسخىسىنى  ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن ئىۋەرتىلگەن قەدىمكى قوليازمىلارنى يىغىشقا مەسئۇل خادىم يۈسۈپبەگ مۇخلىسۇپ ئېلىپ كەتكەن.[26].مانا مۇشۇنداق بەش خىل نۇسخىنى كۆچۈرۈش بىر قانچە يىلغا سۆزىلىپ كېتىلگەن بولغانلىقى ئۈچۈن،كېينكىلەر ئاغزاكى بايان قىلغان تەرجىمە قىلىنغان يىلنامە مەسىلىسدە ئىگىز-پەسلىك كۆرىلىپ قېلىنغان بولسا كېرەك.

     ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان«دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمىيىتى ھوزۇرىدا 1954-1958-يىلىرىغىچە تۇرغان.ئۇنى يۈسۈپبەگ مۇخلىسۇۋ،ئىمىن تۇرسۇن،ئابلىمىت روزى،ئەرشىدىن تاتلىق،ئابدۇرېشىت ئىسلامى قاتارلىقلار كۆرگەن ھەم مۇتالىئە قىلىش ئىستىكىدە بولغان. ئىمىن تۇرسۇن،ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار بۇ ھەقتە بەلگىلىك ئىزدىنىشمۇ قىلغان[27].شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئەينى زاماندىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسئەت ئىسقاقۇۋغا ئالاھىدە دوكلات يېزىپ،ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغى بىلەن بۇ كىتاپنى نەشر قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.ئەسقەت ئىسقاقوپ «دىۋان»نى نەشر قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بىر گورۇپپا تەشكىللەپ،كىتاپنىڭ تىلىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ كۆرۈش،سىلىقلاپ ئىشلەشنى،بۈگۈنكى زامان ئۈيغۇر تىلىغا پۈتۈنلەي يېقىنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەم بۇ ئىشنى مىللەتلەر تىل يېزىق كومىتىتىغا تاپشۇرغان[28]. 1955-1960-يىللىرى ئەھمەد زىيائى ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلۈپ،ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمىيىتى ھوزۇرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش،نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرىغا قاتناشقىنىدا«دىۋان»نىڭ تەرجىمە تىلىغا يەنە بىر قېتىم ئىشلەشكە تەييارلانغان[29].

   1955-1957-يىللىرى ش ئۇ ئا ر مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدا مۇزىي قۇرۇلىشى يولغا قويۇلۇپ،شۇ چاققىچە توپلىنىپ،مەدەنىيەت نازارىتى،يازغۇچىلار جەمىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى قوليازمىلار،كىلاسسىك ئەسەرلەر مۇزىي ئىختىيارىغا ئېلىنغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەھمەد زىيائى،يۈسۈپبەگ مۇخلىسۇۋ،ئابلىمىت روزى قاتارلىقلار  90 نەچچە پارچا قەدىمكى ئەسەرنىڭ كاتولوگىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ،بۇلاردىن 70نەچچە پارچىسى دەسلەپكى قەدەمدە رەتلىنىپ،«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەئەدەبىياتى قوليازمىلىرىڭ كاتولوكى»ناملىق كىتاپچە قىلىنىپ 1957-يىلى كونا ئۇيغۇر تىلى ئۇسلۇبىدا بېسىلغان.كىتاپنىڭ بېسىلىشىغا شىنجاڭ يەرلىك مۇزىيغا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسى مەسئۇل بولغان ،  ئۇنىڭ ئىچىگە«دىۋان»توغرىلىق ماددىمۇ كىرگۈزلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «‹تۈرك لۇغەتلىرى دىۋانى كىتابى›(1)،نومۇرى: نومۇرى58 № ،129№،(بۇ نۇسخا ) ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن 1953-1954-يىللىرى كاشغەر ۋالىسى سەيپۇللايۇۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان.بۇ ئەسەر مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تىلچىسى مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرىنىڭ بۇندىن 10ئەسىر ئىلگىرى ئەرەپ تىلىدا يازغان ‹كىتاپ دىۋان لۇغەتىت تۈرك›ناملىق ئۇيغۇر تىلى ۋە گىراماتىكىسىغا دائىر مەشھۇر كىتابىنىڭ تەرجىمىسىدۇر.بۇ كىتاپ 3 توم بولۇپ،بىرىنچى تومى 472 بەت،ئىككىنچى تومى 246 بەت،ئۈچىنچى تومى 270 بەتتىن ئىبارەت.

ئەسەرنى تەرجىمان،بىر بەتنىڭ يېرىمىغا كىتاپنىڭ ئۆز ئەينىنى زىر-زەۋەرلىك ئەرەپ يېزىقى بىلەن پۈتتۈرۈپ چىقىپ ئىككىنچى يېرىمىغا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى خەتتى پارىسى بىلەن يېزىپ تامام قىلغان.

ئەسەر تولۇق.1956-يىلى مۇزىي ئىختىيارىغا ئېلىندى... »

[تەكىتلەنمە:بۇ باياندىكى 1953-1954-يىللىرى تەرجىمە قىلىندى ،دېگەن مەزمۇن يەنىلا ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان،بىراق قالغان مەزمۇنلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى.]

دېمەك،ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ش ئۇ ئا ر مۇزىيدا ساقلانغان].

تىلشۇناس،تەتقىقاتچى(پروفىسسور) مىر سۇلتان ئوسمانوۋ بىلەن 2000-يىلى يازدا ۋە 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىكى ئاغزاكى بايانىغا قارىغاندا،«دىۋان»نىڭ ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسى(يەنە بىر كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى بولسا كېرەك-نەقىلچىدىن) كېيىنچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىستىتى تىل-ئەدەبيات پاكۇلتىتىنىڭ قەدىمكى قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلىنىپ تۇرۇلغان ھەم مىرسۇلتان ئوسمانوۋ بۇ قوليازما نۇسخىنى ۋە بۇ نۇسخىنىڭ ئاخىرىغا  ئەھمەد زىيائى ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان«مەن بۇ كىتاپنى كاشغەر ۋالىسى سەيدۇللا سەيفۇللايۇفنىڭ ئەمىرى بىلەن كاشغەردە تەرجىمە قىلىپ چىقتىم»دەپ يېزىپ قويغان ئىنىق قۇرلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.بىراق ئاپەتلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ باشلانغان يىلى،يەنى 1966-يىلى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ مەسئۇلى مXXX ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرىسىتىت ئىشخانىسىدا كونا كىتاپلارنى يېغىپ ساقلىغان دەپ تەنقىت قىلىنىپ،ئەدەپلىنىشتىن ئىھتىيات قىلىپ،«دىۋان»نى ،يەنە«قۇتاتغۇبىلىك»نىڭ 1940-يىللاردا ئۈرۈمچىدە نامەلۇم بىر ئۆلۈمانىڭ تەرجىمە قىلغان نۈسخىسى(ئىسمائىل دامۇللام تەرجىمە قىلغان نۇسخا بولسا كېرەك-نەقىلچىدىن) قاتارلىق بىر قانچە كونا كىتاپلارنى قوشۇپ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ھالدا ئۇنىۋارىستىتىتنىڭ مەيدانىغا ئېلىپ چىقىپ ئاشكارە كۆيدىۋىتىشكە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.بۇ قېتىمقى كۆيدۈرۈلۈش جەريانىنىمۇ مىر سۇلتان ئوسمانۇۋ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.

ئەھمەد زىيائى«دىۋان»نى تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭ قايسى نۇسخىسىنى ئاساس قىلغان.بۇ ھەقتە شائىر ئەھمەد زىيائى ھايات چېغىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەن:«...1948-يىلى مەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن تۈزۈش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ،نەنجىڭغا سەپەر قىلدىم.نەنجىڭغا بېرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمدە مېنى ھەممىدىن بەك خۇشال قىلىدىغان مۇنداق بىر ئىش بولدى:مەن ئەقلىمگە كېلىپ شۇ كۈنگىچە كۆرۈشنى ئازۇ قىلىدىغان ۋە كۆرەلمىگەن ئىككى نادىر ئەسەر -‹دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك›بىلەن‹قۇتاتغۇ بىلىك›نى ئۈرۈمچىدىكى‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ›كۈتۈپخانىسى›دا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.بۇ كۇتۇپخانىدىكى كىتاپلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇيغۇر-تۈرك تارىخىغا ئائىت كىتاپلار بولۇپ،شۇ كىتاپلارنىڭ ئىچىدە‹قۇتاتغۇ بىلىك›نىڭ پەرغانە نۇسخىسى،‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›نىڭ مىسىر نۇسخىسىدىن ئۈچ توم بار ئىكەن.مەن نەنجىڭگە بېرىشتىن بۇرۇن شۇ كۇتۇپخانىدا ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم شۇ گۆھەر ئابىدىلەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.كېيىنكى چاغلاردا بىز ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›بىلەن‹قۇتادغۇ بىلىك›شۇ كۇتۇپخانىدىكى كىتاپلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن»[30].

بۇ باياندىن،«دىۋان»كاشغەردە شائىر ئەھمەد زىيائىنىڭ تەرجىمە قىلىشى ئۈچۈن ،ئۈرۈمچىدىكى رەھبىرى يولداشلار ۋە ئىلمىي خادىملار ئەينى زاماندا ئۈرۈمچى شەھرىدە  ئېچىلغان«يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى»غا قويۇلۇپ،كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇقۇلغان ۋە كېيىنكى كۈنلەرگىچە ئىلمىي خادىملارنىڭ قولىدا ساقلىنىپ قېلىنغان نۇسخىسىنى تېپىپ ئېۋەرتىپ بەرگەنلىكى ئۇقۇلىدۇ.بىراق،ئابلىمىت روزى،شەۋكەت ئابدۇرېھىملارنىڭ ئەسلىشىچە،«دىۋان»نىڭ كاشغەرگە كەلتۈرۈلگەن نۈسخىسىنى ئابدۇرېھىم ئىمىنۇپ ئۈرۈمچىدىن،يەنى تۈرمىدىن ئېلىپ بارغان.يەنى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى»غا قويۇلغان«دىۋان»نىڭ بىر نۇسخىسى مەلۇم بىر سىياسىي مەھبۇسقا ئايلانغان زىيالى بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك.

[تەكىتلەنمە:«يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇپخانىسى»بولسا 1945-يىلى XXX,XXXكىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسى كىتاپلىرى ئاساسىدا ئاچقان كۇتۇپخانا بولۇپ،ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ نەنلىياڭ كوچىسى(ئاياق مەھەللىسى)غا تەسەس قىلىنغان[31].]

بۇ قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى ئۈچۈن  شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ۋە مەدەنىيەت نازارىتىىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى يولداشلار ۋە ئىلمىي خادىملار بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان[32].كاشغەردە سەيدۇللا سەيپۇللايۇۋ،ئابدۇرېھىم ئىمىنۇۋ قاتارلىقلار بولسا بۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلاشقان.ھەتتا بۇ ئىككى رەھبىرى كادىر شەخسىي يېنىدىن مەبلەغ چىقىرىپ،بۇ خىزمەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغان[33].دېمەك،ئەينى زاماندا ئۇنىڭ چىقىمىنى ئاتچوت قىلىدىغانغا مەخسۇس بەلگىلىمە ياكى ئورگان   بولمىغان.ھەممىدىن ئەھمىيەتلىك بولغىنى،ئەينى زاماندا دۆلەت تېخى يېڭىلا ئازات بولغان،يېڭى جۇڭگو تېخى بالىلىق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان،شىنجاڭنىڭ سىياسى،ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى دېگەندەك تۇراقلىشىپ كېتەلمەيۋاتقان،بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي قارىشى ئازات بولمىغانلىقى ئۈچۈن،قەدىمكى كىتاپلارنىڭ قەدرىنى تونۇپ يېتەلمەيۋاتقان، بەزى كشىلەرنىڭ ھىسسىياتى تەۋرىنىپ تۇرىۋاتقان بىر شارائىتتا «دىۋان»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشى ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل تولىمۇ زور ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم ئىدى.ئەينى زاماندىكى رەھبىرى كەدىرلار،ۋە ئىلمىي خادىملار يۈكسەك سىياسىي ئاڭ،ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى،مىللىي ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇ خىزمەتنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يوسۇندا ئورۇنلىغان.ئېغىر بېسىملارغا بەرداشلىق بەرگەن،قاتمۇ-قات قېيىنچىلىقلارنى يەڭگەن.تەقدىرى بىلەن ئوينىشىشقا جۈرئەت قىلغان.

  تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى 1953-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە مۇدىر بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى كەسپداشلار بىلەن ئالاقىلىشىپ«دىۋان»نى نەشىر قىلىش ئىشىنى قولغا ئالماقچى بولغان.1956-يىلى نەشرىيات رەھبەرلىرىگە بۇ توغرىلىق ئىلتىماس خېتى يازغان.ئىلتىماس نەشرىيات ئارقىلىق باش مىنىستىر جۇئىنلەيگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن،باش مىنىستىر ئىلتىماسنى كۆرۈپ«ئەگەر،ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق كىلاسسىك ئەسىرى بولسا،چوقۇم (نەشىر قىلىپ)چىقىرىڭلار»دەپ تەستىق سالغان[34]. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم مۇتىئى ئەھمەد زىيائى تەرجىمە قىلغان«دىۋان»نىڭ ئورگىنالىنى بېيجىڭغا ئىۋەرتىپ بېرىش توغرىسىدا شىنجاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خەت يازغان.خەت شىنجاڭغا كېلىپ،ئىشلار ئۆز يولىغا چۈشكىچە،كىتاپ بېيجىڭغا ئېۋەرتىلمىگەن ھەم مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن«دىۋان»نى بېيجىڭدا نەشر قىلىش ئىشى كېچىكىشكە توغرا كەلگەن.

   «دىۋان»نىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق بىر پەرەزنى قوشۇمچە قىلىشقا توغرا كلىدۇ.يەنى،ئىسمائىل دامۇللام چۆچەكتە تەرجىمە قىلىش ئىشىغا كىرىشكەندە ئۇنىڭ يېنىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە خادىمى مەنسۇر ئەپەندى بولغان.جۈملىدىن مەنسۈر ئەپەندى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىسمائىل دامۇللامغا«دىۋان»نى تەرجىمە قىلدۇرماقچى بولغانمۇ،ياكى،ئىسمائىل دامۇللام ئۆزى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئېلىپ،مەنسۇر ئەپەندىگە خەۋەر بەرگەنمۇ،بۇ  كېينكى تارىخچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىگە قالدۇرىلىدىغان بىر نۇقتا.چۈنكى،ئىسمائىل دامۇللام كاشغەر توقام مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدا «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى كۆڭلىگە بۈككەن بولسىمۇ،ئەمما 1945-يىللارغىچە رەسمىي قولغا ئالالمىغانلىقى،«ئاتالمىش» مەنسۇر ئەپەندىلەر چۆچەكتە خىزمەتلەرنى يۈرۈشتۈرىۋاتقان ۋاقىتلاردا بۇ خىزمەت قولغا ئېلىنغانلىقى شۇنداق پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.بۇ بىر پەرەز بولسىمۇ،  كېينكىلارنىڭ ئىزدىنىشىگە يىپ ئۇچى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن،مەخسەتتە بۇ يەردە بۇ گەپلەرنى دىيىشكە توغرا كەلدى؛ئەندى«دىۋان»نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدا 1936-يىلى 3-ئىنتىرناتسىئونالغا ئەزا بولۇپ كىرگەن ئابدۇرېھىم ئىمىنىۇپنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭ بولغان.ئۇ كىشى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەۋەلقىدەكلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى،جۈملىدىن ئىلگىرى خىزمەت ئىشلىگەن كونسۇل خادىملىرىدىن(ياكى كونسۇللىرىدىن) باتىرىپ،بايجانۇف،ئوركىنىف قاتارلىقلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. جۈملىدىن«دىۋان»نىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى كونسۇلخانىغا تاپشۇرۇپ  بېرىش ۋەزىپىسىنى بېجىرىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان[35].بۇ خىل ئەھۋالدىن،«دىۋان»نىڭ شىنجاڭنىڭ ئىككى يېرىدە تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ كەينىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قولى بارمۇ نىمە،دېگەن پەرەزنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.مۇبادا شۇنداق بولىدىغان بولسا،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالدى بىلەن شىنجاڭدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بىلەن «دىۋان»نى ئۈيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھەم چوڭ ئىلمىي مەنپەئەتكە،ھەم تارىخىي بىلىم،جۇغراپىيىلىك بىلىم مەنپەئەتىگە ئىرىشمەكچى بولغان بولىش كېرەك.بۇ بىر غەيرىي ئەھۋال بولماستىن،بەلكى شۇ كەمگىچە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر پىلانلاپ كەلگەن ۋە قىلىپ كەلگەن ھەركەتلەرنىڭ بىرى،ئەلۋەتتە.

   ئۈچىنچى،«دىۋان»نى ئۇيغۇر سايرانىنىڭ  تەرجىمە قىلىش جەريانى.

   «دىۋان»1960-1965-يىللىرى ئارىلىقىدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سايرانى(1918-2007)،مۇھەممەد سالىھ قاتارلىق كىشىلەر تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان.بۇ قېتىملىق تەرجىمىنىڭ جەريانى مۇنداق باشلىنىپ،مۇنداق بولغان:

   ئۇيغۇر سايرانى1950-يىلى 10-ئايدىن 1956-يىلى 9-ئايغىچە ئالمۇتادا مۇئاۋىن كونسۇل ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن تۇرۇپ قالغان.ئۇ ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا ئۇيغۇر يازغۇچىسى قادىر ھەسەنوۋ،ئايالى،تىلشۇناس ئايشەم شەمىيىۋالار ئۆيىگە مىھمانغا چاقىرغان.مىھماندارچىلىققا يەنە بىر قازاق ئالىمىمۇ چاقىرىلغان ئىكەن.داستىخان ئۈستىدە قازاق ئالىمى ئۇيغۇر سايرانىغا مۇنداق دېگەن: گېزىتتىن ئاڭلىدۇق،جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قۇرۇلۇپتۇ،بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ.سىزگە دەپ قويىدىغان بىر گەپ بار،ھازىر بىر مەشھۇر ئەسەر بار،ئۇنى تاشكەنتتە (نەشىر قىلىش ئىشىنى) ئىشلەۋاتىدۇ،ئۇلار بۇ ئەسەر بىزنىڭ دەۋاتىدۇ،مەن ئۇلار كۆرسەتكەن ئاساسلارنى كۆرۈپ باقتىم،لېكىن بۇ ئاساسلار ئاساس دېگۈچىلىكى يوق ئاساسلار ئىكەن.ئەگەر ئاساس كۆرسىتىمىز دېسەك،بىزنىڭ ئاساسىمىز ئۇلارنىڭكىدىن كۈچلۈكرەك.لېكىن بۇ ئەسەر سىلەرگە تەۋە. ئالدى بىلەن بۇ ئەسەرنى سىلەر ئىشلەڭلار »دىگەن گەپنى قىلغان[36].ھەم بۇ ئەسەرنىڭ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋان»نى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بۇ گەپ ئۇيغۇر سايرانىغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان.ئۇ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىر قانچە يىل جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇرۇش،ئورگان تەسىس قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ،1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ «دىۋان»نىڭ تەرجىمىسنى ئىشلەشنى قولغا ئالغان.ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانى بولسا مۇنداق بولغان.يولداش بۇرھان شەھىدى 1956-يىلى قۇرۇلغان جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ،يىل ئاتلاپلا بېيجڭغا يۆتكىلىپ كەتكەن.ئۇيغۇر سايرانى پارتگورۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى،قوشۇمچە ئاكادىمىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن ھەم ئارقىدىنلا بېيجىڭغا پۇل ھەل قىلىش ۋە بەزى خىزمەتلەرگە كۆرسەتمە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن بارغىنىدا بۇرھان شەھىدى ئەپەندىگە«دىۋان»توغرىلىق ئالماتۇدا ئاڭلىغان گەپنى ئىيتىپ،بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتكەن.بۇرھان ئەپەندى دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ،ھەم «دىۋان»دىن خەۋىرى بارلىقىنى ئىيتىپ،ئۆيىدىن1945-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۈلپەتلىرى ئۆزىگە تەقدىم قىلغان«دىۋان»نىڭ تۈركچە تەرجىمىسىنى ئېلىپ ئۇيغۇر سايرانى بىلەن بىرلىكتە بېرىپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جىڭفۇغا باشقا خىزمەتلەر قاتارىدا «دىۋان»نى تونۇشتۇرۇپ،ئۇنى  تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئىيتقان.جاڭ جىڭفۇ بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشنىڭ ،ئاساسلارنىڭ تولۇق ۋە كۈچلۈك بولىشىنىڭ لازىملىقىنى جىكىلىگەن.شۇنداق قىلىپ،ئۇيغۇر سايرانى ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلىگەچ«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان.بۇ چاغدا ئۇنىڭ تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان ئۆزبېكچە نۈسخىسى ۋە تۈركىيەدە بېسىلغان ئەرەپچە نۇسخىسى قاتارلىقلار تەخ قىلىنغان.بۇرھان ئەپەندى ئۆزىدىكى «دىۋان»نىڭ نۇسخىسىنى ئۇيغۇر سايرانىغا بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر سايرانى تۈركچە ۋە ئۆزبېكچە نۈسخىسىغا. ئەرەپ تىلى مۇتەخەسىسى مۇھەممەد سالىھ ئەرەپچە نۇسخىسىغا قاراپ،«دىۋان»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان.1965-يىلى بۇ خىزمەت ئۇتۇغلۇق ئاخىرلىشىپ،ئاكادىمىيە رەھبەرلىكىگە نەشىر قىلىش ياكى ماي بوياق نۇسخىلىق قىلىپ بېسىپ،ئىچكى قىسىمدا تارقىتىش تەكلىپى بېرىلگەن.ئەپسۈسكى ئاپەتلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»باشلىنىپ كېتىپ،مىڭ بىر جاپادا ئىشلەنگەن «دىۋان»نىڭ تەرجىمە ئۆرگىنالى ئۆكتەم-كۆكەرمە«قىزىل ئىسيانچىلار»تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ،ئاخىرى يوقۇلۇپ كەتكەن[37].تېخى «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىپ چىقانلىق بىر خاسىيەتلىك ئىش بولماستىن،بەلكى بۇ ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىقلارنىڭ يەنە بىر گۈناھى بولۇپ،ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەدەپلىنىش جازاسى يەنىمۇ ئېغىرلىتىلغان.ھەتتا ئۇيغۇر سايرانىنىڭ «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش ئىشنى قىزغىن قوللىغان بۇرھان شەھىدى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»تازا ئەۋجىگە چىققان كۈنلەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىغا  تىركەپ ئېلىپ كېلىنىپ،دەھشەتلىك كۈرەش قىلىنغاندا، «جاسارەتلىك ئىسيانچىلار»«ھەيۋە» بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ،دىۋەيلەپ،  «ئەجەللىك گۇناھى»نىڭ  «چوڭى»قاتارىغا«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قويۇپ«ھىساپ»بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەم «سەن ئەشەددى يەرلىك مىللەتچى ئۈنسۈر، پانتۈركىست،ئەزەلدىن شىنجاڭنى پارچىلاش غەرىزىدە بولۇپ كەلگەن،تۈركلەرنىڭ كىتابىنى تۈركىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ،تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشنى پىلانلاپ،شىنجاڭدا پانتۈركىسىزىمنىڭ زەھەرىنى تارقاتماقچى بولغان،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ماتىرىيال ئاساسى تەييارلىماقچى بولغان.مۇشۇ ئىش راستمۇ»،دېگەندە،بۇرھان شەھىدى:بالىلىرىم،سىلەر دەۋاتقان ئۇ كىتاپ«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»،يەنى تۈركىي تىللارنىڭ لۇغەتلىرى توپلىمى،ئۇ ئىلمىي كىتاپ، ياخشى كىتاپ،ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئالىمىنىڭ كىتابى،ئۇنىڭدا مول بىلىم بار،ئەكسىيەتچى كىتاپ ئەمەس، ئۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان،زەھەر تارقىتىدىغان كىتاپ ئەمەس،تەۋەررۈك كىتاپ، دەپ مەردالىق بىلەن جاۋاپ بەرگەن.بۇ سالاپەتلىك پىشقەدەم رەھبەر شۇنداق ئىنىق،چۈشىنىشلىك جاۋاپنى تەكرار-تەكرار بەرگەن بولسىمۇ،بىراق، «جاسارەتلىك ئىسيانچىلار»بۇرھان ئەپەندىنى روھىي جەھەتتە سۇندۇرالماي،ئىبلىس قولىنى بۇ زاتنىڭ مۇبارەك تېنىگە قايتا-قايتا تەككۈزۈشتىن ئۇيالماي،ھايۋانى بەشىرىسىنى كۆرسىتىپ ياۋايىلارچە ھوزۇرلانغان[38].  

   «دىۋان»نىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق تەرجىمىسىنىڭ ئىشلىنىشى توغرىسىدا مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.يەنى،ئۇيغۇر سايرانى قاتارلىقلار ئەشۇ قېتىم«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلغاندا بىرىنچى،ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمە نۈسخىلار ئۈرۈمچىدىكى ئىلمىي ئورگانلار،جۈملىدىن ش ئۇ ئا ر مۇزىدا ساقلىنىپ تۇرۇغلۇق،يەنە نىمە ئۈچۈن تەكرار قولغا ئالىدۇ.ياكى،ئۇيغۇر سايرانى 1956-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە «دىۋان»نىڭ شىنجاڭدا تەرجىمە قىلىنغانلىق خەۋىرى پەسكويغا چۈشۈپ قالغانمۇ نىمە،ۋە ياكى ئۆزلىرى قايتا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنى نىيەت قىلغانمۇ قانداق،بۇمۇ بىر ئىزدىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا،ئەلۋەتتە.

   تۆرتىنچى ،«دىۋان»نىڭ ئىبراھىم مۇتىئى قاتارلىقلار تەرىپىدىن قىلىنغان تەرجىمە نۇسخىسى .

  1977-يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن «دىۋان»نى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىشىنى قولغا ئالغان.1978-يىلىنىڭ دەسلىپىدە «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1978-يىلى 9-ئايدا ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەييارلىق كۆرۈش گورۇپپىسى رەسمى قۇرۇلغان.شۇ يىلى 12-ئايدا سابىق ش ئۇ ئا ر يېزىق ئىسلاھاتى كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇسالام ئابباس ۋە مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى،ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەييارلىق كۆرۈش گورۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش چېن خۇا رىياسەتچىلىكىدە تىل ئىنىستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچى خادىملارنى ئاساس قىلغان ھالدا باشقا قېرىنداش ئورۇنلاردىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر  قاتناشقان«دىۋان»نى بۈگۈنكى  زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىللىرىغا تەرجىمە قىلدۇرىدىغان ئىككى مەخسۇس گورۇپپا قۇرۇلغان.بۇ گورۇپپا توپ-توغرا ئالتە يىل ھەمكارلىشىپ تىرىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە «دىۋان»نىڭ I،II،III توملىرى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم 1981-،1983-،1984-يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان.ئۈچ تومنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى(تەتقىقاتچى،يەنى پىروفىسسور)،مۇئاۋېن باش مۇھەررىرلىكىنى ئىمىن تۇرسۇن(ئالىي مۇھەررىر،يەنى پىروفىسسور)،،مىرسۇلتان ئوسمانۇۋ((تەتقىقاتچى،يەنى پىروفىسسور،II،III توملىرىنىڭ) قاتارلىقلار ئۈستىگە ئالغان. I تومىنى ئابدۇسالام ئابباس،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئابدۇرېھىم ھېبىبۇللا،دامۇللا ئابدۇلھېمىت يۈسۈفى،خەلىم سالىخ،ھاجى نۇرھاجى،ئوسمان مۇھەممەدنىياز،سابىت روزى،ئىبراھىم مۇتىئى،ئىمىن تۇرسۇن،مىرسۇلتان ئوسمانۇۋ (ئېلىپپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلغان،تۆۋەندىمۇ شۇنداق) قاتارلىقلار، II تومىنى ئابدۇسالام ئابباس،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، خەلىم سالىخ ،ئوسمان مۇھەممەدنىياز،سابىت روزى،ئىبراھىم مۇتىئى،ئىمىن تۇرسۇن،مىرسۇلتان ئوسمانۇۋ قاتارلىقلار،III تومىنى ئابدۇسالام ئابباس،ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، خەلىم سالىخ،ئوسمان مۇھەممەدنىياز،سابىت روزى،ئىبراھىم مۇتىئى،ئىمىن تۇرسۇن،مىرسۇلتان ئوسمانۇۋ قاتارلىقلار ئىشلىگەن.پۇتكۈل تەرجىمە،نەشىر قىلىش  جەريانىدىكى چىقىمنى دۆلەت ئۈستىگە ئالغان.ئۇنىڭغا قاتناشقان ئىلمىي خادىملارنىڭ كۆپچىلىكى دۆلەتنىڭ مۇئاشلىق خادىملىرى بولۇپ،بەزىلىرى قوشۇمچە دولەتنىڭ كاماندوروپكا پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان.

   «دىۋان»نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىمۇ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىنىپ ماڭغان.بىراق مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن نەشىر قىلىنىشى كېچىكىپ 2000-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بېيجىڭدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۈچ توم بولۇپ نەشر قىلىنغان.ئۇنىڭ I تومىنىڭ تەرجىمىسىگە خې رۈي،دىڭ يى،شياۋجۇڭيى،ليۇجىڭجيا قاتارلىقلار،II تومىنىڭ تەرجىمىسىگە شياۋجۇڭيى،ليۇجىڭجيا قاتارلىقلار،III تومىنىڭ تەرجىمىسىگە شياۋجۇڭيى قاتناشقان.

  «دىۋان»نىڭ 1980-يىللاردىن كېيىن جۇڭگودا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە قالتىس ۋەقە بولۇپ،جۇڭگونىڭ «دىۋانشۇناسلىق»ياكى «كاشغەرىيشۇناسلىق» تەتقىقاتىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە،دۇنيا «دىۋانشۇناسلىق»(«كاشىغەرىيشۇناسلىق»)  ئىشلىرىنىڭ تىخىىمۇ ئىلمىي،تىخىمۇ توغرا،تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.بۇنى ئەسلەش،مۇھاكىمە نۇقتىسى قىلىش تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى،يەنە مۇئەييەن ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بىر خىل  خىزمەت.

   «دىۋان»نىڭ تۆرتىنچى قېتىملىق تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدا مۇنداق بىر جەريان بولغان.يەنى ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى ئىبراھىم مۇتىئىي قاتارلىقلارنى بۇ ئىشقا ئىلمىي يىتەكچى قىلىپ تەيىنلىگەندىن كېيىن،ئىلمىي گورۇپپپا باشقا خىزمەتلەر قاتارىدا «دىۋان»نىڭ ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ قوليازمىسىنى ئىزدەپ ش ئۇ ئا ر ئارخىپخانىسىغا بارغاندا كىتاپ نومۇرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ كورلىدىكى   تارماق ئارخىپخانىغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.ئۇ يەرگە بارغاندا كورلا شەھرىنىڭ شىمالىدىكى تاغ ئىچىگە جايلاشقان تارماق ئارخىپخانىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان.بىراق ئەينى چاغ شارائىتىدا،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا تاجاۋۈز قىلىدىكەن،دېگەن ئىغۋانىڭ تەسىرى بىلەن،تاغ ئىچىدىكى ئارخىپلارنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ قارمىقىدىكى بىر مەھەككىمىنىڭ تەستىقى بولمىسا كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن   ئىبراھىم مۇتىئىي باشلاپ بارغان قوليازما ئىزدىگۈچىلەر ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ،  ،بۇ مۇرەككەپ يولنى ماڭغىچە،بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىپ،يېڭىدىن ئىش باشلاپ،قايتىدىن تەرجىمە قىلىشنى پىلانلاپ،شۇنداق قىلىپ،مۇۋەپپىقىيەت قازانغان[39].


            خۇلاسە


   «دىۋان»نىڭ ئاپتۇرى مەھمۇد كاشغەرى كاشغەر شەھرىنىڭ غەربىدىكى ئوپال يېزىسىدا تۇغۇلغان.قاراخانىلار خانلىقىنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ تىلشۇناسى.ئۇ كاشغەر قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قاتار شەھەرلەردە ئوقۇپ،ئىلمىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.كېيىنچە باغداتقا بېرىپ «دىۋان»نى يېزىپ چىققان.ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ،مەكتەپ ئېچىپ مۇدەررىسلىك بىلەن شۇغۇللانغان.ۋاپات بولغان چاغدا يۇرتىغا دەپنە قىلىنىپ،مەخسۇس قەبرە ياسالغان.مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر قاتارلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ قەبرىنى بىر خاسىيەتلىك ئورۇن سۈپىتىدە كۆرۈپ مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگەن.قەبرە ئەتراپىغا قەرەللىك يوسۇندا جەم بولۇپ،كوللىكتىپ ھالدا دۇئا-تىلاۋەت قىلغان.شۇنداق قىلىپ بۇ يەر ئىلىم ئەھلىنىڭ تەڭرىكەن-دانىشمەنلەرگە،ئالىملارغا سېغىنىدىغان،ئىلىم تەلەپ قىلىدىغان دەرگاھلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن.

  «دىۋان»جۇڭگودىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىلىم ساھەسىگە قوشقان كاتتا تۆھپىلىرىدىن بېرى.ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا،شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مەنسۇپ.يەنە بۇ قامۇس تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر قاتار خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخى،تىل تارىخى،ئەدەبىيات تارىخى،مىللەتشۇناسلىق تارىخى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ مۇھىم ئۇرۇننى ئىگىلەيدۇ.جۇڭگو ئۇيغۇرلىرى ئۆز تۇپرىقىدا «دىۋان»نى ئاپىرىدە قىلىپ،جۇڭگو خەلقى،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قاتار تۈركىي تىللىق خەلقلەر،جۈملىدىن پۈتكۈل دۇنيا خەلقى زوقلىنىدىغان مەنىۋىي بايلىققا ئايلاندۇرغان.ئۇنىڭ مۇئەللىپى بولغان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ئۈچۈن كاشغەرنىڭ ئەڭ كۆركەم ھاۋالىق جايى بولغان ئوپال يېزىسى ئازىق كەنتىنىڭ نورۇز بۇلاق دېگەن يېرىگە كۆركەم مەقبەرە ياساپ،زامانلارنىڭ دەھشەتلىك قايناملىرىدىن  ئاتلىتىپ ئالىمنىڭ ئالتۇندەك مىيىتىنى كۆزىنىڭ قارچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ،جىنى ۋە تېنى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىپ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، قەرەللىك يوسۇندا تىۋىنىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ،مىللىيلىكى كۈچلۈك بولغان ئۇدۇملۇق ئادەتلىرىنى سۇسلاشتۇرماستىن دەۋرىمىزگە يەتكۈزۈپ كەلگەن.

  XX ئەسىرنىڭ كېرىپ كىلىشى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇرلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ بارغان.مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش  بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن،بەلكى ئۇنىڭ مۇبارەك كىتابى بولغان«دىۋان»توغرىلىق ئىزدىنىشكە كېرىشكەن.ئەشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئابدۇقادىر دامۇللا،قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق كاشغەرنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئەزىمەتلىرى چەتئەللەرگە،جۈملىدىن تۈركىيەگە بارغىنىدا ئۇ يەردە بېسىلغان «دىۋان»نىڭ نۇسخىسىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېلىپ،بۇ ئۇلۇغ ئەسەرنىيۇرتداشلىرىغا ئىپتىخارلىق ھىسسىياتى بىلەن كۆرەك قىلغان،ئۇ ھەقتە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشنىڭ سىگىنالىنى چالغان.شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئىلىم ئەھلىلىرى«دىۋان»توغرىلىق مەخسۇس ئىزدىنىدىغان،ئۇنى ئۆز ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى،ئۆز خەلقىنىڭ بىلگە مەھمەد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى«دىۋان»غا بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلىگەن.بىرىنىڭ-كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ،«دىۋان»تەتقىقاتىنىڭ ئىزچىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.جۇڭگونىڭ «كاشغەرىيشۇناسلىق»ئىشلىرىنىڭ دۇنيا «كاشغەرىيشۇناسلىق»ئىشلىرىدا باشتىن-ئاخىر يىتەكچى  ئورۇندا  تۇرىشىنى ئاساسقا ئىگە قىلىپ بەرگەن.

  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،بىز ئەجداتلارنىڭ«دىۋان» ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى مەھمۇد كاشغەرى توغرىلىق ھارماي-تالماي ئىزدەنگەن،تىنىم تاپماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن،قاتتىق ئېغىرچىلىقلارغا،ئىيتىپ تۈگەتكۈسىز كۈلپەتلەرگە، دەھشەتلىك خېيىم-خەتەرلەرگە باش ئەگمەي،ئۇنى كەڭ ۋەتەنداشلىرىغا تونۇشتۇرۇش،ئىلىم نۇرلىرىدىن زوقلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ئاپىرىن ئىيتىش بىلەن بىرگە،ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە ئىشلىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى ئەسلەش،خاتىرىگە چۈشۈرۈش،ئۇ ھەقتە زامانداشلار ۋە ئەۋلاتلارنى خەۋەردار قىلىشنىڭ ئۆزىنى مۇبەرەكلەشكە تېگىشلىك خاسىيەتلىك بىر خىل خىزمەت دەپ ئىيتىشقا ئاساسىمىز بار.

    ئاخىرىدا شۇنى قەيت قىلىشقا بولىدۇكى،«دىۋان»نىڭ جۇڭگودا 1-،2-،3-قېتىملىق تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرى يۇرۇقلۇققا چىقمىغان بولسىمۇ،بىراق ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئىجىتىمائىي رول ۋە ئىجىتىمائىي قىممەتكە بولغان.

   بىرىنچى، «دىۋان»نىڭ قوليازمىسى XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە بايقالدىن كېيىنلا ، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى،جۈملىدىن جۇڭگو خەلقى بۇ كىتاپ توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە كېلىپ،ئىزدىنىشكە كېرىشكەنلىكىنى تارىخىي پاكىت ئاساسىغا ئىگە قىلغان.

  ئىككىنچى،شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى،جۈملىدىن جۇڭگونىڭ«دىۋان»تەتقىقاتىدىكى ئورنىنىڭ دۇنيا «كاشغەرىيشۇناسلىق»تەتقىقاتىدا ئىزچىل يۇسۇندا يىتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا  مۈمكىنچىلىك تۇغدۇرىدۇ.

   ئۈچىنچى،ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمە جەريانىنىڭ ھەممىسى ئەينى زاماندىكى شىنجاڭ جەمىيىتىدە مۇئەييەن ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغان.كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ خەۋەردىن ئىلھاملانغان،مەنىۋىي زوق ئالغان.ئۆز مىللىتى،ئۆز خەلقى،ئۆز ۋەتىنىگە بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئۆسۈشىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

  تۆرتىنچى،ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمە جەريانىنىڭ ھەممىسى ئائىلىدە،خۇسۇسىي ئىش سۈپىتىدە ئىشلەنگەن بولماستىن، بەلكى ئومۇمىي خەلقنىڭ،ئومۇمىي مىللەتنىڭ   ئىشى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن.بۇ ئىش ئەينى زاماندىكى بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ دىققىتىنى،خەيرى-خاھلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى ئەل-يۇرت يېتەكچىلىرىنىڭ،مۆتىبەر رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنىمۇ ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغان،قوللىشى،مەدەت ۋە ياردەم بېرىشى،ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.بۇ ئارقىلىق جەمىيەتنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇش،ئاۋام-پۇخرا ئارىسىدىكى مەرىپەتكە بولغان ئىنتىلىشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە رولى چوڭ بولغان.

   بەشىنچى،«دىۋان»نىڭ ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق تەرجىمىنىڭ بىرەر بەت ئورگىنالى تۆرتىنچى قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتىگە يېتىپ كېلىپ،پايدىنىلىنىش قىممىتىنى ھازىلاپ بەرمىگەن بولسىمۇ،بىراق،ئۇ كېيىنكى ئىشلارغا،بولۇپمۇ تۆرتىنچى قېتىملىق تەرجىمە جىزمىتىنى ئىشلىگۈچى ئىلمىي خادىملارغا كۈچلۈك مەنىۋىي ئىلھام بېغىشلىغان،روھىي جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن،«دىۋان»نىڭ تۆرتىنچى قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋىتىش،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يىتەكچى يۆنۈلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 1977-يىلىلا قولغا ئېلىنىشغا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلغان.«دىۋان»نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىنى باشلاشتىن ئىبارەت ھەققانىي تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدۇرغان،ئىلمىي خادىملاردىن تارتىپ رەھبىرى كادىرلارغىچە بۇ خىزمەتنىڭ خەۋىرى چىقىشى بىلەنلا ئۇنى قوللايدىغان،ئالقىشلايدىغان،يار-يۆلەكتە بولىدىغان كەيپىياتنى ھازىرلىغان.شۇنداق قىلىپ،جۇڭگودا«دىۋان»نىڭ تەرجىمە قىلىنىپ،نەشىر قىلىنىپ،جەمىيەتكە ئاشكارىلىنىشى،كەڭ ئامما بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرىشىشى،بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنىشى ۋە چوڭقۇرلىشىشى مۆلچەردىكىدىن ئالاھىدە تىز بولغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۈگۈنكى كۈندە مەھمۇد كاشغەرى ۋە«دىۋان»نىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان جۇڭگودا «كاشغەرىيشۇناسلىق»نىڭ جۇشقۇن مەنزىرىسىنى يارىتىشقا پايدىلىق ئىمكانىيەت ۋە ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرگەن.جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ خەلقارا «كاشغەرىيشۇناسلىق»ساھاسىدە يۈرەكلىك پىكىر پايان قىلىشى،ئىپتىخارلىق ھىسسىياتى بىلەن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئىلمىي كەيپىيات ھازىرلاپ بەرگەن.   

2008-يىلىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن باشقا ئالىملار قاتارىدا «مەھمۇد كاشغەرى يىلى»قىلىپ ئىلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ئاددى ماقالا ئالاھىدە تەييارلاندى.بۇنىڭدىن مەخسەت مەھمۇد كاشغەرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە تارىختا بۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ نامىنى، بۇيۇك ئوبرازىنى،تەۋەررۈك كىتابىنى ئەسلەش،يادلاپ تۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقارغان،تۆھپە كۆرسەتكەن ئالاھىدە كىشىلەرنىمۇ ئەسلەشنىڭ بىر خىل ئەھمىيەتلىك خىزمەت ۋە خاسىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت.

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا«دىۋان»توغرىلىق بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ئىزدىنىش،تەتقىقاتلار ئوڭۈشلۇق ھالدا داۋام قىلماقتا.مەلۇمكى،«دىۋان»يوقۇلۇپ كەتمىسىلا بۇ توغرىسىدىكى بىۋاستە تەتقىقات توختاپ قالمايدۇ.بىراق ۋاستىلىق تەتقىقات،جۈملىدىن مەن بۇ ماقالىدا يورۇتقان نۇقتىلار كۈچلۈك ۋاقىتچانلىققا ئىگە بولۇپ،ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى،ئادەملەرنىڭ قېرىشى، دەۋرنىڭ ئالمىشىشى بىلەن ئۇنتۇلۇپ كېتىشى، غۇۋالىشىپ كېتىشى ھەتتا يوقۇلۇپ كېتىش  مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقۇرى ئىدى.مەن 1978-يىلىدىن باشلاپ«دىۋان»تەرجىمە قىلىنىۋىتىپتۇ دېگەن خەۋەرنىڭ ئىلھامى بىلەن،«دىۋان»غا ئالاھىدە قىزىقىپ قالغان ئىدىم.شۇنىڭدىن باشلاپ،مەھمۇد كاشغەرىي ۋە«دىۋان»توغرىلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشنى زادىلا توختىتىپ قويمىغان  .مەن ئۇچراتقان كىشىلەردىن بۇ توغرىلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولساملا ئۇنى توپلاپ ماڭدىم.نەتىجىدە 1990-يىللاردا«ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىدا مەھمۇد كاشغەرىي»دېگەن ماقالىنى تەييارلاپ 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ،ئىلان قىلىشقا باشلىدىم.ئۇنىڭدا 18-19-ئەسىلەرنى ئاساس قىلىپ،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەھمۇد كاشغەرى ۋە«دىۋان»توغرىسىدىكى بىلىشىنىڭ تارىخى ئاساسىنى دەسلەپكى قەدەمدە يورۇتۇپ چىققان ئىدىم.ئەندى بۇ ماقالىدا «دىۋان»نىڭ دۆلەت ئىچىدە تۆرت قېتىلىق تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ باش-ئاخىرىنى يورۇتۇپ،زامانداشلار ۋە ئەۋلاتلارنىڭ«دىۋان»نىڭ يېڭى نۇسخىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئوڭايلا يورۇق كۆرمەي ،ئىيتىپ تۈگەتكۈسىز قېيىچىلىقلارنى تارتقاتلىقىنى،ئازاپلارنى چەككەنلىكىنى،ھەتتا قۇربانلار بەرگەنلىكىنى بىلىپ قويۇشنىڭ تارىخىي ۋە رىيال ئەھمىيىتنى سۆزلەپ ئۆتتۈم.بۇلار تارىخ بېتىدە ساقلىنىپ قالسا،ئەۋلادلارنىڭ پايدىلىنىشغا ئەرزىپ قېلىشىدا گەپ يوق،ئەلۋەتتە.

2008 -يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋە 10-ئاينىڭ 23-كۈنى دەسلەپكى نۈسخىسى يېزىلغان ۋە بۇ نۇسخا«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىدا ئىلان قىلىنغان؛

1010-يلى 7-ۋە9-ئايلاردا ئىككىنچى قېتىم تۈزىتىلگەن.


       پايدىلىنىش ماتىرىيالى



  • مەھمەد كاشغەرى«دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك»(تۈركى تىللار دىۋانى)،«دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك»»(تۈركى تىللار دىۋانى)نى نەشىرگە تەييارلاش گورۇپپىسى تەييارلىغان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1981-،1983-،1984-يىللىرى نەشرى.

  • «ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى قوليازمىلىرى كاتولوكى»،1957-يىلى،ئۇيغۇر كونا يېزىق شەكلىدىكى ئاددى باسما نۇسخا.

  • «دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك»(ماقالىلار توپلىمى)،مۇھەممەد زۇنۇن سىدىق،ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرلەر نەشرگە تەييارلىغان،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى1985-يىلى نەشرى.

  • غەيرەتجان ئوسمان«ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىنى قېزىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە»(《试论维吾尔族对本民族古代文学的发掘》)،«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»(《新疆大学学报》)خەنزۇچە 1998-يىللىق 1-سانى ۋە جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرىسىتىتى باشقۇرىشىدىكى«جۇڭگونىڭ قەدىمكى\يېقىنقى دەۋر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»(《中国古代、近代文学研究》)ناملىق خەنزۇچە ژورنالنىڭ 1998-يىللىق 6-سانى.

  • «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»(3-قىسىم)، جۇڭگو‹تۈركى تىللار دىۋانى›ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمىي ماقالىلىرىدىن تاللانما، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمىيىتى تۈزگەن،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىلى نەشرى،ئۈرۈمچى.

  • «‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلار توپلىمى» («研究论文集突厥语词典› »)،شياۋجۇڭيى نەشىرگە تەييارلىغان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2006-يىلى خەنزۇچە نەشرى.

  • غەيرەتجان ئوسمان«ئازاتلىقتىن كېيىن شىنجاڭدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى»،«جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»(2-قىسىم)غا كىرگۈزۈلگەن،جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمىيىتى تۈزگەن،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى نەشرى،ئۈرۈمچى.

  • غەيرەتجان ئوسمان«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى نەشرى.

  • غەيرەتجان ئوسمان«ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا مەھمۇد كاشغەرى»،دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتىتى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى رەتلەش،تەتقىق قىلىش ئىشخانىسى باشقۇرىشىدىكى خەنزۇچە«جۇڭگو مىللىي قەدىمكى ئەسەرلىرى»(«民族古籍»)ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان.

  • غەيرەتجان ئوسمان«ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مەدەنىيەت ئەرباپلىرى تەزكىرىسى»،«ناگويا ئۇنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»(ياپۇنىيە)نىڭ 2006-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان،شيې شىلوڭفۇ تەرجىمە قىلغان.

  • غەيرەتجان ئوسمان«مەملىكىتىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ يۈز يىلى ھەققىدە ئومۇمىي بايان»،«جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى»(« 中国维吾尔历史文化研究论丛»،4-قىسىم)غا كىرگۈزۈلگەن،جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى جەمىيىتى تۈزگەن،مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشرى،بېيجىڭ.

  • تاھىرجان مۇھەممەد«‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›نىڭ ئېلىمىزدىكى تەتقىقات ئەھۋالىدىن ئومۇمىي بايان»،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»،2006-يىلى 1-دان.


13.  كۈرەش تاھىر«‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›نىڭ ھەر خىل تىللاردىكى تەرجىمە نۇسخىلىرى ھەققىدە»،2007-يىلى 3-سان.


  • غەيرەتجان ئوسمان«XIXۋەXX  ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا مەھمۇد كاشغەرى»،ئەنقەرەدە تۈركچە نەشر قىلىنىدىغان ياۋروپا-ئاسىيا يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان ژورنىلى «كاردېش كالېملېر»ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان،يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمە قىلغان.

  • مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى«ئالىم ۋە شائىر ئەھمەد زىيائىنى ئەسلەيمەن»،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»،2009-يىلى 1-سان.

  • شۈكرۇ خالۇك ئاكالىن(تۇركىيە)«مىڭ يىل بۇرۇن،مىڭ يىل كېيىن مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ‹دىۋانۇلۈغەتىت تۈرك›»،مىللەتلەر نەشرىياتى 2009-يىلى،بېيجىڭ.

  •   پاتىمە ئىسمائىل«دادام مەرھۇم ئىسمائىل دامۇللام ھەققىدە ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىم»قوليازما،2008-يىلى 2-ئاي،غۇلجا،قوليازما.

  • نۇرىيە ئىسمائىل«دادام ئىسمائىل دامۇللام ھەققىدە»،2009-يىلى 2-ئاي،غۇلجا،قوليازما.

  • ئابىدە ئىسمائىل «دادام ئىسمائىل دامۇللام توغرىسدا ئەسلىمە»،2009-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى،غۇلخا،قوليازما.


[بۇ ماقالا «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 6-سانىنىڭ 5-17-بەتلىرىدە ئىلان قىلىنغان.]

【《中国“突厥语大辞典”四次翻译的始末》,《新疆社科论坛》6期,第5-17页。】


ئاپتۇرنىڭ ئادىرىسى:شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى  

         新疆大学人文学院中文系维吾尔文学教研室海热提江·乌斯曼(教授)



[1] قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ھايات پائالىيىتى ھەققىدە دەسلەپ كاشغەر شەھرىلىك پىشقەدەم تەزكىرىچى مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى(ئىشقى،1914-1990) ) ئىزدىنىپ يازغان«شائىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقى»ناملىق ماقالا«قەشقەر ئەدەبىياتى» نىڭ1980-يىللىق 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان؛ئۇنىڭدىن كېيىن ھاجى ئەھمەد قەشقەر ئۇيغۇر نەشىياتى تەرىپىدىن 1983-يىلى 12-ئايدا نەشىر قىلىنغان«دېڭىز ئۈنچىلىرى» ناملىق كىتابىدا قىسقىچە مەلۇمەت بەرگەن: نۇرمۇھەممەد زامان (1939-2010) شىنجاڭ رادىئو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ دەرسلىكى سۈپىتىدە 1983-يىلى ئاق باسما نۇسخا شەكلىدە بېسىلغان«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىن لىكسىيىلەر» ناملىق كىتابىنىڭ 94-119-بەتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرسلىك سۈپىتىدە يېزىپ چىققان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» نىڭ 4-تومىنىڭ95-،99-بەتلىرى (بۇ كىتاپ شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988-يىلى نەشر قىلىنغان.) دە «قۇتلۇق ھاجى شەۋقى»نى مەخسۇس تونۇشتۇرغان .

[2] تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىي(1920-2010) ئەپەندى بىلەن 1980-يىللاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق ئىلمىي سۆھبەتتە ئۇ قۇتلۇق شەۋقىنىڭ   جۇڭگونىڭ بولغۇسى دۆلەت رەئىسى ليۇشاۋچى بىلەن بىرلىكتە موسكۋادىكى شەرق سوتسىيالىزم ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ  بۇ گەپنى مەتمۇئاتتا ئىلان قىلىش لازىم دەپ جىكىلىگەن.بۇ ھەقتىكە يازما خاتىرە قولۇمدا ساقلانماقتا.

[3]  بۇ شىئىر دەسلەپ پىشقەدەم تەزكىرىچى مۇھەممەد ئىمىن قۇربانى(ئىشقى،1914-1990 )نىڭ«شائىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقى» ناملىق ماقالىسىدا نەقىل ئېلىنغان بولۇپ،دەسلەپ  «قەشقەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىنىڭ  1980-يىللىق 3-سان 71-،72-بەتلىرىدە ئىلان قىلىنغان:ئۇنىڭ خەنزۇچە نۈسخىسى«قۇتلۇق شەۋقى»ناملىق ماقالا تەركىبىدە«جۇڭگو تارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىرى شەجەرىسى»(گوچڭيۇۋ باش مۇھەررىلىكىدە تۈزۈلگەن،郭卿友«中国历代少数民族英才传»)نىڭ4-توم،3431-، 3432-بەتلەرگە كىرگۈزىلگەن ۋە لەنجۇدا گەنسۇ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى خەنزۇچە نەشر قىلىنغان.

[4] بۇ ئۇچۇرنى دەسلەپ تەزكىرىچى ئابلىمىت روزى 1980-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدا ئوقۇغان«ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ‹تۈركى تىللار دىۋانى›(دىۋانۇ لۈغەتىت تۈرك› ئەسىرى»ناملىق ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان،ئۇنىڭدىن  كېيىن ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى «شىنجاڭ ئۈنىۋېرىسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ1981-يىلى 1-سان( 40-بەت)دا ئىلان قىلىنغان،ئۈرۈمچى.

[5] ھاجى ئەھمەد«دېڭىز ئۈنچىلىرى»،195-بەت،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1983-يىلى 12-ئاي.

[6] مۇھەممەدتۇرسۇن سىدىق«قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋە‹تۈركى تىللار دىۋانى›»،«بۇلاق»ژورنىلى 2001-يىللىق 1-سان، ئۈرۈمچى.

[7] مويدىن بەگ (1915-2003،ئارتۇش،چۆچەك،ئۈرۈمچىلەردە ياشىغان ئۇمۇشلۇق كىشى)  ئەسلىمىسى،1995-يىلى 5-ئاي، ئۈرۈمچى.

[8] ئىلگىرى بۇ ماقالىنىڭ ئىلان قىلىنغان دەسلەپكى نۇسخىسىدا ئىسمائىل دامۇللامنىڭ كاشغەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغانلىقى ئېيتىلغان.كېيىن قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق توقام مەدرىستە ئوقۇغانلىقى مەلۇم بولدى.يەنى ئابدۇقادىر ئەزىزى(دامۇللام)1980-يىللاردىن كېيىن ئىلان قىلىنغان ماقالىلاردا ئىيتىلغاندەك خانلىق مەدرىستە مۇدەررىسلىك قىلغان بولماستىن،بەلكى،توقام مەدرىستە مۇدەررىس بولغان .بۇ ھەقتە قەشقەر شەھرىدىكى پىشقەدەم ۋەقەشۇناس ئابلەت مەخسۇم(ئابلەت ئابدۇۋاھىد، 1928  ـــ )بىلەن 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئائىلىىسدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي سۆھبەتتە بۇ قاراشنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى.شۇنداق بولغاندا ئىسمائىل ئابابەكرى ئابدۇقادىر ئەزىزىنىڭ قولىدا خانلىق مەدرىستە ئەمەس،بەلكى توقام مەدرىستە ئوقۇغانلىقى ئىنىق بولغان بولىدۇ.

[9] ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان ماقالىلاردا 1955-1956-يىللىرى دىيىلگەن.بۇ قېتىم ئارخىپ ماتىريال ئاساسىدا تۈزىتىلدى.

[10]  ئىلگىرى ئىلان قىلىنغان ماقالىدا ئابلىمىت روزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى 1922-يىلى دېيىلگەن،بۇ قېتىم ئارخىپ ماتىريالى ئاساسىدا 1927-يىلى دىيىلدى.«ئابلىمىت روزى ئارخىبى»،شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئارخىپىانىسىدا ساقالانغان.

[11] 1980-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدا ئابلىمىت روزى «ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›ئەسىرى»ناملىق ماقالىسىنىڭ ئاساسىي رۇھىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزگەن ئىدى.بۇ يېغىننى مەن ئۆز قۇلىقىم بىلنە ئاڭلىغان ئىدم.-ئاپتۇردىن.

[12]  مەزكۈر ماقالا ئاپتۇرى ئىمىن تۇرسۇن ھاجىم بىلەن 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتىكى  تىلىفۇندا قىلىشقان سۆھبەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا  ، ئىمىن تۇرسۇن ھاجىم ئەينى يىللىرى چۆچەكتە چىقىدىغان بىر گېزىتتە ئىسمائىل داموللامنىڭ «دىۋان» نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان؛ئۇنىڭدىن باشقا قازىقىستانلىق ئالىم خوجا ئەھمەد سەيدىۋاققاسوۋ ئۆزىنىڭ «مەشھۇر ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›(‹تۈركىي تىللار دىۋانى›)نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە»ناملىق ماقالىسىدا «كاشغەرلىك ئىسمائىل  دامۇللام ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›(‹تۈركىي تىللار دىۋانى›)نىڭ 1-تومىنى 1946-يىلى تەرجىمە قىلغان» دەپ يازغان. بۇ ماقالا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىنىدىغان «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 1997-يىلى 1-سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان،

[13] تاھىر تاشبايېف:ئابلىمىت ھاجىيۇپ بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى،قوليازمىنىڭ نۇسخىلانغان كۈپىيىسى.

[14] ئابلىمىت روزىنىڭ بايانىچە،ئىسمائىل دامۇللام غۇلجىغا چىققاندىن كېيىن،ھەج-تاۋاپچىلار ئارقىلىق تۇركىيىدىن «دىۋان»نىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىدىن بىرنى ئالدۇرغان ئىكەن. بۇ خىل قاراشمۇ بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ تەكشۈرۈپ دەلىللىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر نۇقتا.1996-يىلى 9-ئايدىكى سۆھبەت خاتىرىسى.

[15] پاتىمە ئىسمائىل«دادام مەرھۇم ئىسماىل دامۇللا ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىم»،قوليازما،2008-يىلى 2-ئاي،غۇلجا.

[16] تاھىر تاشبايېف«‹مەھمۇد كاشغەرى›نامىدىكى ئۇيغۇر قىزلار مەكتىپى»،«شىنجاڭ تەزكىرىسى»ژورنىلىنىڭ 2000-يىللق 1-سانى،ئۈرۈمچى.

[17] پاتىمە ئىسمائىل«دادام مەرھۇم ئىسماېل دامۇللا ھەققىدە ئاڭلىغان-بىلگەنلىرىم»،قوليازما،2008-يىلى 2-ئاي،غۇلجا.

[18]  چۆچەكلىك پىشقەدەم مائارىپچى ،چۆچەك «مەھمۇدىيە قىزلار مەكتىپى»نىڭ سابىق مۇدىرى مەريەم تۇردىيىۋا (1927---) خانىم بىلەن 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 11-.12-،13-كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە سۆھبەتتە بولغىنىمدا،ئۇ ماڭا 1945-1946-يىللىرى چۆچەكتە ئىسمائىل دامۇللامنىڭ«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىپ چىققانلىق خەۋىرىنىڭ داغدۇغىسى خېلىلا يۇقۇرى بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كىشىلەر ئارىسىدا ئەھمەدجان قاسىمى ئىسمائىل دامۇللامغا«دىۋان»نى تەرجىمە قىلىپ چىقىش توغرىسىدا يازغان خېتى چۆچەك ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىۋىتىپتۇ، دېگەن گەپ تارقالغانلىقىنى،شۇنىڭ بىلەن تون تەقتىم قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

[19] بۇ ھەقتە ئاپتۇرنىڭ«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلدۇرغان «ئىسمائىل دامۇللا  ۋە‹دىۋانۇ لۈغەتىت تۈرك›نىڭ جۇڭگۇدىكى تۈنجى تەرجىمىسى»ناملىق ماقالىسىغا قارالسۇن.

[20] مەھمۇد كاشغەرىنىڭ«تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ بېشىغا يېزىلغان«ئاتاغلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىي ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى ‹تۈركى تىللار دىۋانى›»ناملىق ماقالا،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى نەشرى،ئۈرۈمچى.

[21] «سەيدۇللا سەيپۇللايۇۋ  بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى»2001-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى،ئۈرۈمچى.

[22] «ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى»،1996-يىلى 9-ئاي، ئۆرۇمچى.

[23] بۇ ماقالا دەسلەپ«شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ 1981-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان.

[24] بۇ كىتاپنى ئابلىمىت ئىسمائىل،مەھمۇدجان ئىسلام قاتارلىقلار يازغان بولۇپ،شىنجاڭ خەلق نەشرىيتى تەرىپىدىن 1993-يىلى نەشر قىلىنغان.

[25] ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىى،1996-يىلى 9-ئاي ،ئۈرۈمچى.

[26] شەۋكەت ئابدۇرېھىم«دادام ئابدۇرېھىم ئىمىنىۇپ»قول يازما،2008-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، قەشقەر.

[27] «ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى»،1996-يىلى 9-ئاي، ئۆرۇمچى.

[28]«ئىمىن تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى»2008-يىلى2-ئاينىڭ 11-كۈنى،ئۈرۈمچى.

[29] «ئابلىمىت روزى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى»،1996-يىلى 9-ئاي، ئۆرۇمچى.

[30] كېرىمجان ئابدۇرېھىم،ھەبىبۇللا ئابدۇسالام«ئەھمەد زىيائى»158-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001 - يىلى نەشرى،ئۈرۈمچى.

[31] «ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەسلىمىسىى»،«شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى»،ئومۇمىي 28-سان،177-بەت،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990-يىلى،ئۈرۈمچى.

[32] ئەھمەد زىيائىنىڭ ئوغلى ئارىسلانغا ئاغزاكى يوسۇندا ئىيتىپ برىشىچە،1950-يىلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىرقىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى بىلەن كىڭەش قىلغاندا «دىۋانۇلۇغەتىتتۈرك»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا گەپ بولۇنغان ھەم يىغىن قاتناشچىلىرىدىن بىرى بۇ ئىشنى كاشغەردىكى ئەھمەد زىيائىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىرالايدىغانلىقىنى ئىيتقان.شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ ئىچكى قىسمدا ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن «دىۋان»نىڭ تۈركىيىدە بېسىلغان نۇسخىسى كاشغەرگە ئېۋەرتىلىپ،سەيپۇللايوۋ ۋە ئابدۇرېھىم ئىمىنوۋلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەھمەد زىيائى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلغان.ئارىسلان بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى،2000-يىلى 7-ئاي،ئۈرۈمچى.

[33] شەۋكەت ئابدۇرىھىم«دادام ئابدۇرەھىم ئىمىنوفنىڭ قىسقىچە تەرجىمەھالى»(قوليازما)،2008-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى،قەشقەر-ئۈرۈمچى.

[34] ئىبراھىم مۇتىئى«باش مىنىستىر جۇئىنلەينىڭ خىزمەتلىرىمىزگە قىزغىن كۆڭۈل بولگەنلىكىنى ياد ئىتىمەن»،«ئىتتىپاقلىشىش،ئىزدىنىش،يول ئېچىش،تۆھپە قوشۇش»(«团结、求实、开拓、奉献»)،180-بەت،مىللەتلەر نەشرىياتى تەھرىر بۆلۈمى تۈزگەن،مىللەتلەر نەشرىياتى 1993-يىلى خەنزۇچە نەشرى،بېيجىڭ.

[35] شەۋكەت ئابدۇرېھىم بىلەن تىلىفۇن سۆھبىتى،2010-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى،چۈشتىن كېيىن.ئۈرۈمچى-كاشغەر.

[36] «ئۇيغۇر سايرانىنىڭ ‹دىۋانۇلۇغەتىت تۈرك›نى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى»، مەھمۇدجان مۇھەممەد خاتىرىلىگەن،«شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى»نىڭ ئومۇمىي 49-سانى،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى نەشرى،ئۈرۈمچى.

[37] «ئۇيغۇر سايرانى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى»،2000-يىلى 9-ئاي،ئۈرۈمچى.     

[38] ھېيتەم ھۈسەيىننىڭ ئاغزاكى بايانى،2008-يىلى 11-ئاي،بېيجىڭ،ھېيتەم ھۈسەيىن بۇ كومىدىيىلىك ۋەقەنى ئەينى كۈنلەردە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.

[39] ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ئەسلىمە،1981-يىلى 12-ئاي،ئۈرۈمچى؛1996-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى،ئۈرۈمچى.


   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolluqtekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-27 11:10 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97607
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 614
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 11:19:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر ئەسەر بولغاچقا دوسلار كۆرۈپ شاتلانسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.
پاكىتلىق ،ئورۇنلۇق تەكلىپ پىكىرلەر ئالقىشلىنىدۇ.

sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 08:44:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 09:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىي(1920-2010) ئەپەندى بىلەن 1980-يىللاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق ئىلمىي سۆھبەتتە ئۇ قۇتلۇق شەۋقىنىڭ   جۇڭگونىڭ بولغۇسى دۆلەت رەئىسى ليۇشاۋچى بىلەن بىرلىكتە موسكۋادىكى شەرق سوتسىيالىزم ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ  بۇ گەپنى مەتمۇئاتتا ئىلان قىلىش لازىم دەپ جىكىلىگەن.بۇ ھەقتىكە يازما خاتىرە قولۇمدا ساقلانماقتا.
...................

ئاپتۇر ۋە يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر!

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
g-0 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 10:37:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42902
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3010
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 02:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن1981-،1983-،1984-يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان  ئۇيغۇرچە نۇسخىسنى ئۆتكەن يىلى 2000 يۇەنگە سىتىۋالدىم . ۋە ‹‹دىۋان›› توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى توپلاۋاتىمەن ۋە تەتقىق قىلىۋاتىمەن . بۇ بىر بىباھا گۆھەر ئەسەر .....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش