ئابلىز ئابدۇرىشىت
ئابلىز ئابدۇرىشىتنىڭ ئىكران ھاياتى 1990– يىلى «تەڭرىتاغ» كىنو سىتودىيسى ئىشلىگەن «خوتەن ھېكايىسى» ناملىق كىنو فىلىمىدە رول ئېلىشتىن باشلانغان بۇلۇپ، ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەنگەن «باياۋانغا كەلگەن مېھمان»، «ياشلىق»، «قاراڭغۇ تاغ»، «ئاتا ئارزۇسى»، «بۈيۈك خەن شاھزادىسى– 2»، «شەرق پالۋىنى»، «بۇۋام»، «ئەڭ ئاخىرقى كۆل»، «تەڭرىتاغ جاۋاپ بەرمەكتە»، «تىمتاس گۇگۇم»، «تۇمانلىق سەھەر»، «ئاقىۋەت»، «مۇھەببەت ھېكايىسى»، «ئارزۇ»، «ئۈچ ئوغۇل»، «بەخت ئۇنتۇلمايدۇ»، «كۆل بويىدىكى چوغ» قاتارلىق نۇرغۇن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىمى، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئالغاندىن باشقا،ئۆزى مەبلەغ سالغان ۋە رېجىسسورلۇق قىلغان، ھەمدە ئۆزى باش رول ئالغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى‹‹مىليون گۈل››، «مەلىكەم»، «خوتەن كۈيلىرى»، «ئايرىلىش» قاتارلىق M T V فىلىملىرىگە رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم بۇ فىلىملىرىدە باش رولغان ئالغان . ئابلىز ئابدۇرېشىت 2002– يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، دۆلەتلىك رادىيو- كىنو- تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئىشلىگەن جۇڭگو ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ توققۇزىنچىسى بولغان «بايات» مۇقامىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلىىنپ، مەزكۇر فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم بۇ فىلىمدە باش رول ئالغان . ئابلىز ئابدۇرېشىت 2006– يىلى ئامېرىكا ھوللىۋد كىنو رېژىسسورلىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن قەشقەردە ئىشلەنگەن «لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا» فىلىمىنىڭ شىنجاڭ تەرەپ رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىگە تەكلىپ قىلىنغان . ئابلىز ئابدۇرېشىت 2006– يىلى ئۆزى شەخسىي مەبلەغ سالغان، ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو، كىنو– تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەرپىدىن تەستىقلىنىپ ئەنگە ئېلىنغان «ھۆرىيەت» كىنو- تېلىۋىزىيە چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئاپتونوم راونىمىزدا مۇشۇ ساھەدە تۇنجى بولۇپ ئىش باشلىغان رېژىسسور سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو– تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە.
پەخىرلىك سەنئەتكارىمىز ئابلىز ئابدۇرېشىتقا
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
ئەل قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئوغلانسەن، مەنزىل ئىشقى دىلىڭدا يالقۇنجىغان گۈلخانسەن، جاسارەتتە ھەر زامان كۆپكە ئۈلگە بولغانسەن، يۈكسەك ئارزۇ-ئۈمىدكە، ئىشەنچلەرگە تولغانسەن، ساپ ئەجرىڭنى ئەل ئۈچۈن ھەم تەماسىز سۇنغانسەن، ياشنىغايسەن توغراقتەك، ئامان-ئېسەن بولغايسەن.
مۇجەسسەمدۇر جىسمىڭغا ئالەمشۇمۇل جاسارەت، بىر يۈرەك بار سېنىڭدە سوقار مەڭگۈ سالامەت، ئەل شاتلىقى ئارزۇيۇڭ، نىشانىڭدۇر داۋامەت، ئەل سۈيىدە ئاققانغا يەتمەس مەڭگۈ مالامەت، كۈلۈپ باقسۇن ھەرتاڭدا ساڭا بەخت-سائادەت، ياشنىغايسەن توغراقتەك،ئامان-ئېسەن بولغايسەن.
مەيلى سېنى ھەر سەھەر كۈتۈپ تۇرسۇن مۈشكۈلات، چاچلىرىڭنى ئاقارتسۇن سىرىڭ بىرلە سۈكۈنات، تەغدىرلەرگە تەن بەرمەي، پۈتۈكلەرنى يىرتىۋات، ئاجىزلارنى كۆرگەندە ئاھلىرىڭنى يۈتۈۋات. ھەم ئۇلارنىڭ يېشىنى بۇرۇنقىدەك سۈرتىۋات، ياشنىغايسەن توغراقتەك،ئامان-ئېسەن بولغايسەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 03:26 AM
|