ھاياتلىق….
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر
ھاياتنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ياشاش ئۈچۈن تىپىرلاپ يۈرگەن ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ياشاش ھوقوقىنى ساقلاپ قىلىش ۋە بۇ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىنى ئۆزى رازى بولغىدەك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۈرلۈك تۈمەن كۆز قاراش ،ئىددىيە ھىسسىي ھاياجانلار بىلەن بىزەپ كەلدى،بۇ ھىسسىي ھاياجانلار گاھ ئۇرغۇپ تىشىپ،گاھ پەسكويغا چۈشۈپ بۇ ھاياتنىڭ ھەر بىر دوقاللىرىغا سىگنال چىراقلىرىنى ياندۇرۇپ قىسقىغىنە ھاياتنى رەڭگارەڭ بىرەپ كەلدى.
ۋاھالەنكى ھەر بىر شەخىسنىڭ قانداق ياششى، نىمە ئۈچۈن ياششى شەخىسنىڭ سىتخىيلىك ھالدىكى ئىھتىياجى تۈپەيلى بولدىغان بولسا ئىدى. ئۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە يىتەكلىشى ھەتتا مەجبۇرلىشىغا مۇھتاج بولمىغان بولاتتى .ماھىيەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا ئىنساننىڭ ئۆز ئىھتىياجى ئۈچۈنلا ياششى ھايۋاندىن پەرىقلەنمەيدىغان پۈچەك ئەھمىيەتسىز ھاياتتۇر.
ئادەم تەبىئىيلىككە قانچە ئىنتىلگەنسىرى شۇنچە ھايۋانىيلىشىدۇ ،دەيدۇ كىمدۇر بىرى .دىمەك ئادەم ھەقىقىي ئادەمدەك بولشى ئۈچۈن ئادەمنىڭ ياشاش ھوقوقى مۇئەييەن چەكلىملىككە ئىگە بولشى كىرەك.
ئىنسانىيەت جەمىيتى تەرەققىي قىلغانسىرى ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ،جۈملىدىن قانداق ياششى ،كىم ئۈچۈن ياششى ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ ئىھتىياجى ئەمەس ،بەلكى شۇ شەخىس ياشاۋاتقان زامان،ۋە ماكان تەرپىدىن بەلگىلىندىغان بولدى .ئەگەر ئۇنىڭ كىم ئۈچۈن؟قانداق ياششى شۇ شەخىسنى ئىدارە قىلىپ تۇرۋاتقان جەمىيەتكە ،شۇ زامان ،ماكانننىڭ تەلۋىگە ئۇيغۇن كەلمىسە ئۇنىڭ ھاياتى قاراڭغۇ زۇلمەت،ئازاپ ئوقۇبەت ئىچىدە ئۆتىدۇ ،ھەتتا ئۇ ياشاش ھوقوقىدىنمۇ مەھرۇم .
ئەگەر شەخىسنىڭ ھاياتىلىق ئىھتىياجى ۋە بۇ ئىھتىياج ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن جەمىيەت تەرەققىيات قانۇنىيتىگە ،شۇ شەخىس ياشىغان زامان ماكاننىڭ تەلۋىگە ئۇيغۇنلىشىپلا قالسا ئۇ شەخىس تەبىئىيكى شۇ دەۋىرنىڭ سەركەردىسىگە ئايلىندۇ،ئۇ ناۋادا بۇ ھايات مۇساپىسىدە گەرچە بەك كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتمىسىمۇ خەلىق قەلبىدە يادلىنىپ تۇردىغان قەھرىمانغا ئايلىندۇ.
شەخىسنىڭ ئۆز ياشاش ئۇسۇلى ۋە نىشانى بولغىندەك شۇ شەخىسنى ئىدارە قىلغۇچى جەمىيەتنىڭمۇ ئارزۇ ئارمانلىرى بولدۇ ،ئەگەر شەخىسنىڭ ئىھتىياجى بىلەن جەمىيەتنىڭ ئىھتىياجى بىردەك بولدىغان بولسا بۇ شەخىسنىڭ ھاياتى غايەت زور ھاياتى كۆچكە تولغان بولدۇ ،ئۆزىمۇ ھەم بۇ ھاياتتىن رازى بولدۇ جەمىيەتمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولدۇ .ئەكىسچە بولغاندا بۇ شەخىس جەمىيەتكە يۈك شۇنداقلا جەمىيەتكە ھەتتا ئۆتكۈر زىددىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە شەخىستە چوقۇم شەخسى ھىسيات ،شەخسى ئىھتىياج بولشى زۆرۈر ،بۇ ھىسيات بۇ ئىتىياج چوقۇم شۇ شەخىسكە تەۋە كوللىكتىپنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىھتىياجى ۋە كۆرەش نىشانى بولغاندىلا ،باشقىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئىرشەلەيدۇ ،ھايات يولدا تەۋرەنمەيدۇ . باشقىلارنى دوراش ماھىيەتتە باشقىلارغا قۇل بولدۇڭ دىمەك.
شەخىسنىڭ ئارزۇ غايىسى ،ئىتىقادى ،ئىھتىياجى تەپەككۇرى، چۈشەنچىسى ئۆز جەمىيتىگە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن ،ئۇ ھامان بىر كۈنى يىتىم ،ھامان تەنھا قالدۇ،ئاخىردا ئۇنىڭ ھاياتى ئەھمىيەتسىز ھاماقەتلەرچە ھايات بولۇپ قالدۇ خالاس.
جەمىيەتنىڭ ئددىيۋى كۆز قارشى شۇ جەمىيەت ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ ،جەمىيەت ئەزالىرى بۇ خىل كۆز قاراش چۈشەنچىلەرگە شۇ جەمىيەتنى باشقۇرغۇچىلارغا قارىغاندا بەكرەك سەزگۈر كىلدۇ ،جەمىيەتتتىكى تۈرلۈك ئىددىۋى مەسىللەرگە قارىتا جەمىيەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى،تەشكىللىگۈچى ،باشقۇرغۇچىلار ۋاقتىدا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بىرىشى ۋە بۇ ئىددىيۋى مەسىللەرنى ھەل قىلىشى كىرەك ،بۇ جەمىيەت باشقۇرغۇچىللىرنىڭ دائىملىق جىددىي ۋەزىپىسى،ئۇلار چوقۇم ئۆز جەمىيەت ئەزالىرىغا قارىتا ،يىڭى يىڭى ئىددىيۋى تونۇشلار بىلەن تويۇندۇرۇپ تۇرشى ،يىتەكچىلىك قىلشى ،تۈزۈتۈپ باشلامچىلىق قىلشىلىرى كىرەك .
جەمىيەت بولغان ئىكەن ئۇنىڭدىكى ئىددىيە كۆز قاراشلار تۈرلۈك تۈمەن رەڭدار بولدۇ ،رەڭدارلىق ماھىيەتلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولمىسا ئۇ زىددىيەتكە ئايلىندۇ ،بۇ زىددىيەت پىكىر زىددىيتىدىن ئىجتىمائىي زىددىيەتكە تەرەققى قىلدۇ.بۇ زىددىيەت شۇ ئىجتىمائىي دائىردىكى جەمىيەت باشقۇرغۇچىلار ۋە جەمىيەت ئەزالىرىنى ئازاپلايدۇ.زىددىيەتكە سەۋەپ بولغۇچىنى تىخىمۇ ئازاپلايدۇ.زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەجبۇرلايدۇ.
كىشىلەرنىڭ ياشاش مەقسىدىنى شۇ شەخىىسنىڭ جەمىيەتتە تۇتقان ئورنىغا قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچكە ئايرىش مۇمكىن .
1)ئۆتمۈشى ئۈچۈن ياشايدىغانلار: نىسبەتەن خيالپەرەس كىلدۇ،بۇرۇنقى ئۆتمشتىكى ئىش ۋەقەلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە باھا بىرىدۇ ،ئەجدادلىرىنىڭ سەلتەنەتلىك دەۋىرلىرىنى بۈگۈنگە تەدبىقلاپ ،بۈگۈننىڭ ئۆتمۈشتىكى ئاشۇ كۈنلەردەك بولشىنى ئۈمىد قىلدۇ ئىلگىرى دەۋېرلەردىكى تۇرمۇش ئەندىسى ،قائىدە يوسۇنلىرى بويىچە ياشاشنى ئىزدەيدۇ،ئۆزىنىڭ ھايات ئۆلچىمىنى بۇرۇنقىلارنىڭ كۆز قارشىغا بويسۇندۇرۇشقا تىرشىدۇ. بۈگۈنكى دەۋېردىن قاقشاپ يۈرىدۇ،بۇنداقلا روھىي غالىبىيەتچىلەر بولۇپ جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەكسى بويىچە تەپەككۇر قىلدىغان ئاشقۇنلاردۇر.
2)بۈگۈنى ئۈچۈن ياشايدىغانلار: بۇنداقلارنىڭ كەلگۈسى نىسبەتەن قاراڭغۇ ،ھازىرنى كۆپرەك ئويلايدىغان ،بۈگۈنىگە شۈكىرى قىلىپ ئۆتىدىغان ،بىكار تەلەپ،ھورۇن ،بۈگۈنكى باي باياشاتلىقى ،خاتىرجەملىكى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەنپەتى بىلەن ھىساپلاشمايدىغان،نۇمۇسنى بىلمەيدىغان شەخسىيەتچى ئاجىزلار توپىدۇر.لىكىن ھەر ھالدا بۇ ئىقىمغا قارشى ماڭغاندىن ياخشىراق.
3)كەلگۈسى ئۈچۈن ياشاۋاتقانلار: بۈگۈن ۋە تۈنۈگۈننى ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان ۋە قىلۋاتقان ئالدىن كۆرەر، ئۇلۇغۋار غايىلىك،تىرىشچان ،قەيسەر ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئەل ۋەتەننىڭ غىمىنى يەيدىغان ئىجادكار كىشلەردۇر .
ئەلۋەتتە شەخىسنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ،تەربىيلنىشى ،ئۇلارنىڭ ياشاش مەقسىدىنى ئۆزگرتىشى مۇمكىن ،نىمىلا بولمىسۇن ئىنسان ھەر زامان مەن كىم ؟مەن نىمە ئىش قىلۋاتىمەن ؟نىمە ئىش قىلشىم كىرەك؟دىگەن سۇئاللار بىلەن ئۆزىنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرشى كىرەك .شۇنداق قىلغاندىلا بۇ قىسقىغىنە ھاياتىدىن ھەقىقى مەنا تاپالايدۇ.
ھاياتنى بىز مەيلى قانداق ئۆتكۈزەيلى بۇ ھايات داۋاملىشىۋىرىدۇ،شۇنداقلا ھامان ئالدىغا قاراپ داۋاملىششىدۇ،جەمىيەت تەرەققىيات قانۇنىيتىگە قارشى ھالدا ئۆتمۈشنى بۈگۈننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش تەبىئىيلا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ياكى شاللىندۇ ،بۈگۈنگە شۈكۈرى قىلىپ كەلگۈسگە دادىل قەدەم تاشلىماسلىق ،ھە دىگەندە كۆڭۈل خوشى ئىزدەپ يۈرۈپ شاپاشلاپ يۈرگەن ھايات ئوخشاشلا ئەھمىيەتسىز ھاياتتۇر.
ھايات مىنىڭ ياكى سىزنىڭ خاھىشىڭىز بويىچە ئەمەس ئۆز قانۇنىيتى بويىچە داۋام ئىتىدۇ ...........،
ھەر بىرىمىز ئەنە شۇ قىسقىغىنە ھاياتىمىزنى ئەھمىيەتلىك گۈزەل تۇيغۇلار بىلەن بىزەيلى!!!!!
مەنبە :تۈمەن 0998
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تۈمەن0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 01:27 AM