ئانا (نەسىر)
مېنى تۇغقان ئانام! ئىچىمدە بىر ئوت بار، چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن... ئەپسۇسكى بۇ ئوتتا كۆيمەيمۇ قۇتۇلالمايمەن. خىزمەت دېسەم، ئوتلۇق سۆيگۈ دېسەم، چوغ دېسەم چۈشىنەلەمسەن؟ <بارغىن، پەرىشتە قوزام> دەپ پېشانەمدىن سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويالامسەن؟ <يەنە مۇساپىرلىقمۇ؟> دەپ يۈرىكىڭگە غەم چۈشمىسۇن. تۇپراق پۇراقلىق قوللىرىڭ بىلەن گۈل قىزىڭنى ئاخىرقى قېتىم سىلاپ قوي، ئانا! مەن بارمىسام، ئۇمۇ بارمىسا، بۇ دەۋا كىمگە غەم، كىمگە قايغۇ؟ مەندىن خاتىرجەم بول، مەن رەببىمگە ئامانەت. مەن سېنىڭ قۇچىقىڭدەك ئىسسق، ئارامبەخىش بىر يەرگە كېتىپ بارىمەن... جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا ئەمەسمۇ؟! رۇخسەت قىل ئانا، تاپانلىرىڭغا، ئاياقلىرىڭغا سۆيەي، جەننەت سەپىرىم باشلانسۇن. بىر سۆزۈم بار ئىدى، ئۇنۇتمىدىم، ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئېسىمگە سالغاندىكىن يۈز-خاتىرە قىل... شۇنداق،ئوقۇشۇم تۈگىسە ھەردائىما يېنىڭدا بولاتتىم، لېكىن ساڭا ۋەدە قىلىۋېتىپ رەببىمنى ئويلىماپتىمەن. ئېھ، ئانا ! رەببىم دەۋاتىمەن، رەببىم!!!..... ئەمدى رەببىمنىڭ سۆيگۈسى تومۇرلىرىمدا.... ئېھ، ئانا....دۇنيا كۆيۈۋاتىدۇ...دۇنيا! چۈشىنىۋاتامسەن ئانا! لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان دۇنياغا قاراپ بېقىشىمنى خالامسەن؟ كېتىشىم كېرەك...كېتىشىم كېرەك ئانا، مېنى چۈشىنەرسەنمۇ؟ ئانا، سەن بۇ يەردە بىر جۈپ كۆزلىرىڭ بىلەن مېنى ساقلاۋاتىسەن، بىراق ئۇ يەردە بولسا مىڭلارچە كۆزلەر مېنى ساقلاۋاتىدۇ. قايتىش بار، قايتماسلىقمۇ بار، ئۆلۈم بار، ھايات قېلىشمۇ بار. بالاڭنى شۇ ئوتلۇق باغرىڭغا چىڭ باسقىنە جېنىم ئانا! بەرگەن سۈتۈڭگە رازى بول، مەندىن رازى بول ئانا ! ئەس-يادىڭ بۇ يەرلەردە قالمىسۇن! بەرىكەتلىك دۇئالىرىڭ بىلەن سەپىرىمگە بەرىكەت تىلە! بۇ دۇنيادا غېرىپلىق، ئازاب...بىزگىلا دەپ قالما! ئانىسىدىن ئايرىلغان پەرىشتە قوزاڭنى بىر مەن دەپ قالما! مىڭلارچە بالىلار بار... ئانىسىدىن ئايرىلغان، دادىسىدىن ئايرىلغان، ھەدە-سىڭىللىرىدىن ئايرىلغان، ئاكا-ئىنىلىرىدىن ئايرىلغان،دوست-يارەنلىرىدىن ئايرىلغان، باشلىرى خېنىلىق، يۈزلىرى نۇرلۇق. يالغۇزلۇقتا بىر-بىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، دوست-يارەنلىرى بىز!!! بىر ئىلاھە سۆيگۈنىڭ كەينىدىن تۆت تەرەپكە چېچىلىپ كېتىپتىمىز. قەدىرلىك لەيلىنىڭ سۆيگۈسىگە مۇپتىلا بولدۇقكى، قايسىمىز ئەزىز، قايسىمىز پەرھات، قايسىمىز مەجنۇن... ئېھ ، ئانا ! نەگە بارىسەن دېمە! ساڭا ئادېرىس بېرەلمەيمەن... قاچان قايتىسەن دېمە، بەلكىم مەڭگۈ قايتالمايمەن... پېشانەمدە يات ئەللەردە ئۆلمەك بار، بەلكى ئورنۇمنى بىلدۈرىدىغان قەبرە تېشىممۇ بولماس. بىلىپ قالغىنكى، قىزىڭدىن ساڭا ۋەسىيەت بولسۇن، ئەگەردە يات ئەللەردە ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇ يەرلەردە ئۆلۈش ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيۇمدۇر. بىلال ھەبەشى سالام بەرسە، پەيغەمبەر ئەپەندىمىز نامىزىمنى ئوقۇسا... بۇمۇ مەن غېرىپنىڭ ئۈمۈدۈمدۇر. جېنىم ئانا ! ئەگەر بىر كۈنلىرى ئافغانىستاندا بىر گۈل ئېچىلىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ قالساڭ، مۇسۇلمان ئەللىرىدە بىر گۈل ئېچىلىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ قالساڭ، باشقا قۇتۇپلاردا بىر گۈل ئېچىلىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ قالساڭ، بىلىپ قالغىنكى، قىزىڭ ئۆلۈپتۇ ! گۈل بولۇپ ساڭا ئېچىلىپتۇ! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ?4 i, i" X. R4 t8 w @. d
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ g, k8 p6 _2 q" p6 W( w9 Oبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& B. t5 U: g# }, H% {# A9 M( L) v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 L* V8 ^! G1 T: y4 {3 T0 y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. }3 A( X3 q) X' T; s9 q
مەنبە: نۇرئىسلام تورى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# K' l( n+ C0 q/ b% u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 M' M1 E2 G# k% E2 ~ z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! p7 H4 D, l- q) L8 N$ b1 N بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-27 02:11 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 G% ~# z% C9 I3 t/ u1 c
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, B( g. K3 Q' x/ D1 J9 v
|