خوتۇن
(شىئېر)
ئوتتۇزغا ئۇلاشتى ،
تويى يېقىنلاشتى،
تۇنۇمايدۇ گاھىدا خەقنى،
لايقىنى چاقىرىماق بۇلۇپ،
چاقىرىدۇ باشقا بىرىنى.
بولغۇسى ئايالىنى چاقىرىغاندەك.
توققۇز ياز،
تۇققۇز كۈز،
تۇققۇز قىش،
تۇققۇز ئەتىياز،
ئۆتۈپ كەتتى،
سومكىسىغا كىتاب سېلىپ،
ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك.
ئەمدى،
بالىلىقى يوق،
بۇرۇنقىدەك.
كارىۋاتتا ياتار،
تېلىغۇنغا قارار.
تېلىغۇن ئۇرمىساڭ بىركۇن،
كۆڭلى يېرىم بۇلار،
كۆزىگە ياش ئالار،
خوتۇن كىشىدەك.
ھەي!
فىزىكىنى ئۆگىنىپ تۈگىتىپ قويدى،
ئەمدى خاۋكىڭدەك.
ياش دېگەن شۇنداق نەرسە،
ساقلىيالماس ئۇقۇش دېگەننى،
خۇددى ۋاقىت كەينىگە يانمىغاندەك.
شۇڭا،
ۋاقتىدا توي قىلۋال،
ئۆيۈڭنى تۇتىۋال.
ئالدا ئايالىڭنى !
تاتىلىق بىلەن!
ئاچچىق-چۈچۈك بىلەن!
ھالداش،
مۇڭداش،
گەپ ئاڭلىمسا مۇشىت بىلەن قوي!
يەنە ئاڭلىمسا تېپىك بىلەن!
ئۇرۇپ قوي،
دۇمبالاپ قوي،
گېلىغا دەسسەپ قوي،
قۇلىنى قايرىپ قوي.
شۇنداق قىلساڭمۇ،
ئاڭلىتالامسەن بىر ئېغىز گېپىڭنى!
ئاڭلىتالمايسەن،
ئۇرۇپ تۇرساڭمۇ.
ئۇ بولمىسا،
ئوغلۇڭ قېنى؟!
قىزىڭ قېنى ؟!
توققۇز ئاي،
توققۇزكۈن،
توققۇزسائەت،
توققۇز دەقىقە،
كۆتۈرگەن بالاڭنى قۇرسىقىدا،
تېلۋېزۇر كۆرۈپ.....
سېنى تىللاپ.....
ياقاڭغا ئېسىلىپ......
يامانلاپ كېتىپ.....
جاھان لەرزىگە كەلگەن تولغىقىدا،
چاقماق چاققاندەك، بوران گۈركىرىگەندەك!
سەن
ئۇنىڭ ئېرى،
سۆيگىنى ئىدىڭ.
بۈگۈنى،
ئەتىسى ئىدىڭ.
سەن!
ئۇنىڭ ھاياتى ئىدىڭ.
ئاچچىق بۇلۇپ،
تاتلىق بۇلۇپ.
سەن،
ئۇنىڭغا توي تەكلىۋى قويدۇڭ:
«كۆزىمىز ئوخشار،
قېشىمىز ئوخشار،
بۇرنىمىز ئوخشار،
ھەممىمىز ئادەم،
خالسىڭىز ئۆي تۇتساق»دەپ.
بارلىق مۇھەببىتىڭ،
ھەم ھاياتىڭ،
قېنىڭ،
ئۇنىڭ ئىدى، ئۇنىڭ،
خۇددى ھەممىنى ئاتىۋەتكەندەك.
ئايال،
ھەم ئەقىللىق بۇلار،
ھەم نادان.
ئايال كۆيەرئېرىغىلا،
سېنى ئۆيدىلا بولسا دەيدۇ،
مېنى ياخشى كۆرسە دەيدۇ،
مېنى ئالدىمىسا دەيدۇ.
تاپسا ،
بىرتال ئۇزۇن چاچ،
ياكى بىر پارچە خەت،
گېلىدىن تاماق ئۆتمەس،
مۇڭلىنىپ ئولتۇرغۇسى كەلمەس.
سېنى تالاغا قاراپ قالمىسۇن دەيدۇ،
كەپتەر باچكىسىنى ئاسىرىغاندەك.
يەر ئايلىنار،
ۋاقىت ئۇچار.
رېستۇراننىڭ بۇسۇغىسدا،
مېھمان تۇرار.
شۇنداق،
توي قىلىدۇ بارچە،
سەنمۇ،
مەنمۇ،
ئۇمۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىز0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-26 08:02 PM