مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 780|ئىنكاس: 5

«غەرىبى» تەخەللۇسلۇق شائىرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98859
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 01:12:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«غەرىبى» تەخەللۇسلۇق شائىرلار

                              غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر                        

ئادەمنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە باشقا ھېچقانداقئابىستراكىت نەرسە بولماستىن، بەلكى بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭيىغىندىسىدىنلا ئىبارەت. رېئال تۇرمۇشتا ھەربىر ئادەم مۇئەييەن ئىجتىمائىي ۋەسىنىپىي مۇناسىۋەت ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئىدىيەسى، ھېسسىياتى، خاراكتېرى، ئادىتىقاتارلىجلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مۇئەييەن ئىجتىمائىي ۋە سىنىپىي مۇناسىۋەت تەرىپىدىنبەلگىلىنىدۇ. شۇڭا، بىر ئەدىب ياكى شائىرنى چۈشىنىشتە ئۇنىڭ سىنىپىي ئورنى ۋەئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر، كونكرېت چۈشىنىشكە، ئۇنىڭ ئىدىيەسى ۋەخاراكتېرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى بەلگىلىگەن كونكرېت مۇھىتنى چۈشىنىشكە توغراكېلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەگەر مۇئەييەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، مۇئەييەنمۇھىتتىن ئايرىلغان ھالدا يازغۇچىنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي ۋەسىنىپىي مەنبەنى ئېچىپ كۆرسەتمىگەندە، يازغۇچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىبولمايدۇ. مۇبادا جۇڭغار توپىلاڭچىلىرىنىڭ ۋە چوڭ – كىچىك خوجىلار، يەتتە خوجاقاتارلىقلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تەپرىقىچىلىك ھەرىكەتلىرى بولمىغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭشىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە مۇقىملىق، ئىقتىسادىي جەھەتتەيۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى يارىتىش بىلەن بىرگە، ئەمگەكچى خەلققە كەلتۈرگەن مىللىي ۋەسىنىپىي زۇلۇمنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمىگەن، ئۇلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە ھۆرلۈككەئىنتىلىش ئارزۇلىرىنى ۋەھشىيلەرچە ئاياغ – ئاستى قىلمىغان بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە بىرمۇنچە خەلقپەرۋەر ئەدىبلەر يېتىشىپ چىقمىغان، ئۆتكۈر تەنقىدىيرېئالىزملىق ئەسەر يارىتىلمىغان، بىرمۇنچە شائىرلار ئۆزلىرىگە ئارقا – ئارقىدىن«غەرىبى» تەخەللۇسىنى قويمىغان بولاتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭبېشىغا ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقان جۇڭغارلار، خوجىلار ۋە فېئودالھاكىمبەگلەرنىڭ رەزىل قىلمىش – ئەتمىشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا «غەرىبى»تەخەللۇسلۇق شائىرلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە خاراكتېرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىبولمىغان بولاتتى. مۇئەييەن مۇھىت يازغۇچى، شائىر خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋەراۋاجلىنىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا تۇردۇش ئاخۇن غەربىگەئوخشاش داڭلىق شائىرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى 18 – ئەسىردىكى قاتتىق ۋە دەھشەتلىكداۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى 19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقىيېرىمىدا بىردەم تىنجىپ، بىردەم داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلى. مۇبادائاشۇنداق ئۆتكۈر ۋە مۇرەككەپ بىر دەۋر بولمىغان بولسا بىر تۈركۈم شائىرلارئۆزلىرىگە «غەرىبى» تەخەللۇسلىرىنى قويمىغان بولاتتى.

«غەرىب» (gharb).بۇ سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك»تەمۇنداق دېيىلگەن:

«غەرىب (1) (غريب) ئەرەبچە مۇساپىر، باشقا جايدىنكەلگەن، يات».

«غەرىب (2) (غريب) ئەرەبچە ئاجايىپ، قىزىق، غەرب –ئىش — ئەجەبلىنەرلىك ئىش؛ غەرب مەنىلىك — ئاجايىپ مەنىلىك؛ غەرب ئاسار — ئاجايىپنىشانىلەر؛ غەرىب ئۆمۈر — قىزىق ئىشلار، ئاجايىپ ۋەقەلەر»[1].

دېمەك، «غەرىب» سۆزى تۈپ جەھەتتىن يۇقىرىقىدەك ئىككىخىل مەنىدە بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىرقانچە ئاپتور «غەرىب» سۆزىنى ئۆزىگە تەخەللۇسقىلىپ قوللانغان.

بىرىنچى، تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى

بۇ شائىر 1802 — 1862 – يىللىرى) ياشىغان. قەشقەرشەھىرىنىڭ شەرقىدىكى قوغان (ئىلگىرىكى بەشكېرەم بەگلىكىگە تەۋە) يېزىسىغا تەۋەتىلسۇراق كەنتىدە تۇغۇلغان. قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ، ماھىر خەتتاتۋە تونۇلغان شائىر سۈپىتىدە ئەل ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ، بىر مەزگىل قەشقەر شەھەرئىچىدىكى مەدرىسلەردە مۇددەرس بولغان. 1835 – يىلى قەشقەر ھاكىمبېگى زوھورىددىننىڭھۇزۇرىدا ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق بەش نەپەر ئەدىب بىلەن بىرلىكتە دىۋانخانا(ئىشخانا)نىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ئىشىبىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەخسىي ۋە كوللېكتىپ بەدىئىي ئىجادىيەت بىلەنشۇغۇللانغان. ئۇ باشقا كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 1841 — 1842 – يىللىرى تۈرلۈكماۋزۇ ۋە ھەجىمدىكى 39 پارچە ئەسەرنى جەمئىي قىلىپ، ئۇلارنى «ھېكايەتى غەرىب» دەپئاتىغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كوللېكتىپ «مەجمۇئات»، «ھېكايەتى ئۇششاق» دېگەن نامبىلەنمۇ ئاتالغان. زامانىمىز تەتقىقاتچىلىرى بىر مەزگىل «مۇھەببەت داستانلىرى»دەپمۇ ئاتاپ كېلىشتى. غەربنىڭ مۇشۇ توپلامغا كىرگەن ۋە كىرمىگەن ئەسەرلىرىدىن«كىتابى غەرىب»، «بەھرام گور»، «غەزەللەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

«كىتابى غەرىب» (1841 – يىلى) 36 ماۋزۇ، 58 سوئال –جاۋاب بىلەن 33 خىل كەسىپنىڭ ئالاھىدىلىكى، جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى قاتارلىقمەسىلىلەرنى نۇقتىلىق بايان قىلغان. بۇ بىر ئەدەبىي ئەسەرلا ئەمەس، بەلكى 18 -، 19– ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئۆگىنىشتە قىممەتلىكماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

«بەھرام گور» نەۋائىنىڭ «سەبئى سەييارە» داستانىئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ باي تەسەۋۋۇرى ۋە چېۋەر تىل ماھارىتىئىپادىلەنگەن.

ئىككىنچى، خۇشھال غەرىبى

خۇشھال غەرىبى 19 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىللىرىداقەشقەردە تۇغۇلغان. قەشقەر شەھىرىدىكى مەدرىستە كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئالغان ۋەئىستېداتلىق شائىر بولۇپ يېتىشىپ چىققان. 19 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىن باشلاپقەشقەر تەرەپتە يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق ئىچكى نىزا ۋە قالايمىقانچىلىقتاشائىر قەشقەردە تۇرۇش ئىمكانىيىتىنى تاپالماي، پەرغانە بوستانلىقىغا چىقىپ كەتكەن.بۇ توغرۇلۇق شائىر مۇنداق يازغان:

ئۇچرادىم ئول دەردگە كىم بىدەۋا،

قىلدى مېنى ئۆز ۋەتەنىمدىن جۇدا.

يەنى ئېرۇر ئۆز ۋەتىنىم كاشغەر،

يىللار ئىدى ئول ماڭا جايىم بەقەر.

خۇشھال غەرىبى مىلادى 1845 – يىلى «كۇللىيات غەربى»ناملىق توپلامنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدا غەزەل، مۇخەممەس، مەسنەۋى، روبائى،ساقىنامە، مۇستەھزات، قىتئە قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان شېئىرلار بار بولۇپ، ئۆزدەۋرىنىڭ بەدىئىي ئەينىكى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، مۇھەممەد غەرىب شەھيارى

بۇ 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاقسۇنىڭ شايارناھىيەسىدە ياشىغان شائىر.

شائىرنىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد دۆلەت خوجەيار ئوغلىبولۇپ، ياشلىق دەۋرىدە بىر مەزگىل ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ھەج –تاۋاپ ئىشى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئاقسۇغا كەلگەندە ۋەزىيەتتە قالايمىقانچىلىقيۈز بېرىپ، پۇل – بىساتى تۈگەپ، يولىنى داۋاملاشتۇرالمىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزيۇرتىغا قايتىپ، غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن. ئۇ «ئىشتىياقنامە»دە دەۋرنىڭ رېئالمەسىلىلىرىنى ئوبرازلىق رەۋىشتە، تۇرمۇشقا سادىق بولغان ئاساستا چىن قىلىپيارىتىپ، ئەسىرىنى بەلگىلىك ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە قىلغان.

شائىر «غەرىبى» ۋە «شەھيارى» دېگەن ئىككى تەخەللۇسقوللانغان.

تۆتىنچى، موللا سۈپۈرگى سەنجەرى (غەرىبى)

بۇ شائىر 19 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەنگە تەۋەگۇمان ناھىيەسىنىڭ نىشاندار يېزىسى سانجار كەنتىدە ياشىغان مەشھۇر شائىر، تەرجىمانھەم خەتتات. ئۇ «دىۋانى غىياس»، «دىۋانى سۈپۈرگى»، «غەرىبى سەنجەرى» قاتارلىقئەسەرلەرنى يازغان. بۇ دىۋانلارنىڭ ھەربىرى 400 بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ھەر بېتىگە14 تىن 16 مىسراغىچە شېئىر يېزىلغان. بۇ توپلامدىكى شېئىرلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلقچىللىق، مەرىپەتچىلىك، ئىجتىمائىي ئەخلاق قاراشلىرى تەرغىب قىلىنغان ھەمدەبەزى ناچار قىلىقلار قامچىلانغان.

شائىر «نەفھاتۇل ئۇنىس» (ئۇلۇغلار تەزكىرىسى) ناملىقئەسەرنى پارسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇ يەنە ئون نەچچە پارچە كىتابنىكۆچۈرۈپ چىققان.

بەشىنچى، غەرىب خەستە

بۇ شائىر تەخمىنەن 19 – ئەسىردە خوتەندە ئۆتكەن دەپپەرەز قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھىجرىيە 1299 – (مىلادى 1881 — 1882) يىلى كۆچۈرۈلگەن«ھەمزەنامە» ناملىق چوڭ بىر داستانى بار. داستاندا ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى مەشھۇرتارىخىي شەخس ئەمىر ھەمزە ساھىبقىراننىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى، ئاجايىپ - غارايىپسەرگۈزەشتلىرى تەسۋىرلەنگەن. داستاندا نۇشىرۋان ئادىل، ئىسكەندەر قاتارلىق نۇرغۇنتارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن. بۇلار گەرچە تارىخىي شەخسلەر بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار شائىرنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتى ئاساسىدا بەدىئىي ئوبراز سۈپىتىدەيارىتىلغان.

ئالتىنچى، ئاشۇراخۇن غەرىبى

بۇ شائىر 1833 – يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 19 – ئەسىرنىڭكېيىنكى يېرىمىدا خوتەندە ياشىغان. ئۇنىڭ «ئەمىر ئەلى» ناملىق بىر داستانى باربولۇپ، داستاندا فېئودال مۇستەبىت ياقۇپبەگنىڭ مىلادى 1870 – يىلى «يەتتە شەھەر»لەشكەرلىرىنى باشلاپ تەڭرى تاغلىرىدىن ھالقىپ، ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلارغا قارىتائېلىپ بارغان بىھۇدە ئۇرۇشلىرى تەسۋىرلەنگەن. شائىر بۇ ئەسىرىدە 1864 — 1867 –يىللىرى بولۇپ ئۆتكەن ئېزىلگۈچى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھۆرلۈك، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەققانىي ھەرىكەتلىرى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن. ئۇمېھنەتكەشلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئوبرازلىق يوسۇندا ئىپادىلەپ، كەڭ خەلقئاممىسىنىڭ بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشىنى چىن قەلبىدىن ئارزۇ قىلغان. شائىرنىڭخىيانەتچى ۋە مۇناپىقلارنى قارىلاپ يازغان ئوتلۇق شېئىرلىرى ھېكمەتلىك سۆزلەردەكچىققان. شائىرنىڭ تولۇق ئىسمى ئاشۇر (ئوشۇر) ئاخۇن ئىبن ئىسمايىل ئىبنى مۇھەممەد(غەرىبى).

يەتتىنچى، يۈسۈپ غەرىبى

يۈسۈپ غەرىبى (1864 — 1940) نىڭ تولۇق ئىسمى ئىبنىجۇبەيرى ئىبنى پەتەنۇش غەرىبى بولۇپ، قۇمۇلدا ياشاپ ئۆتكەن. شائىر قۇمۇل ۋاڭئوردىسىدا بىر مەزگىل مەنسەپدار بولغان، يەنە ئەمچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن كۈچلۈك دەۋر پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بەزى شېئىرلارداكۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى، ھىجران، پىراق ۋە سېغىنىش كەپىياتىنىئىپادىلىگەن.

يۈسۈپ غەرىبى شېئىرلىرى قەدىمكى دەۋر ئەدەبىياتىبىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تۇتاشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.

سەككىزىنچى، موللا توختى غەرىبى

موللا توختى غەرىبى (1861 — 1951) خوتەن لوپناھىيەسىنىڭ جىيا يېزىسىدا ياشىغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھازىرچە مەلۇم بولغانئەسىرى «تۇھفەتۇل ئۇششاق سانى» (ئاشىقلار تۆھپىسىنىڭ ئىككىنچىسى) ناملىق كىتابىبولۇپ، لىرىك غەزەللەردىن تەركىب تاپقان. توپلامنىڭ باش قىسمى مۇخەممەس بولۇپ، 30كۇپلېت (مۇقەددىمە سۈپىتىدە بىر كۇپلېت يازغان بولۇپ، جەمئىي 31 كۇپلېت)مۇخەممەسنىڭ ھەر كۇپلېت باش ھەرپىنى «ھۇرۇفى ھىجا» (ھىجا ھەرپلىك) شەكلىدە يازغان.قالغانلىرى مۇناجاد (مۇستەھزاد، مۇرەببەر)، نەدامەت ئۇمر مازى، سەرگۈزەشت،نەسىھەت، ئىشىق مەجاز، مۇخەممەس نەدامەت، ھەسرەت قاتارلىق ماۋزۇلاردا يېزىلغان.شائىر شېئىرلىرىنىڭ تىلى تاۋلانغان، مەزمۇنى تىرەن بولۇپ، تەنقىدىي رېئالىزملىقپۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. شېئىرلىرى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ ئومۇمىي 20 – سانىدا ئېلانقىلىندى.

توققۇزىنچى، موللا ھالاۋۇدۇن غەرىبى

موللا ھالاۋۇدۇن تەخمىنەن 1880 – يىللىرى قەشقەركوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى قارا باش كەنتىدە تۇغۇلغان. ئوپال كۆكچىلايپەشتاق مەدرىسەسى ۋە قەشقە خانلىق مەدرىسلىرىدە ئوقۇغان. شۇ يەردە شائىرمۇددەرىسلەر ۋە شائىر تەلەبەلەرنىڭ تەسىرىدە شېئىرىيەت مۇخلىسى موللا ھالاۋۇدۇن«غەرىبى» تەخەللۇسى بىلەن نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان ۋە شېئىرلىرىنى توپلاپ «كىتابىغەرب» ناملىق كىتابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا جاھالەت،ئادالەتسىزلىك، ئاچ كۆزلۈك، ئالدامچىلىق، ياۋۇزلۇق، رىياكارلىقلار قاتتىق پاشقىلىنغان. شائىر ئۆز شېئىرلىرىنى «جاھالەتكە چىراغ يېقىلسا، شېئىرلىرىم ياغ بولۇر»دەپ ئاتىغان. شائىر شېئىرلىرىنىڭ روشەن بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدىن مەسخىرەۋە ساتىرىك پۇراق گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. شائىر 1931 – يىلى ۋاپات بولغان.

ئونىنچى، مۇھەممەد ۋەلەد مىر ئەھمەد شەيخ غەرىبى

بۇ 19 – ئەسىردە قەشقەردە ئۆتكەن شائىر ۋە تارىخچىبولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مىر ئەھمەد دېگەن كىشى بولغان. ئاپتورنىڭ «تارىخنامەئىيەئقۇبخان» ناملىق بىر كىتابى بار بولۇپ، بۇ ئەسەر 1911 – يىلى پېتىربورگدا ئېلانقىلىنغان «ئاسىيا مۇزېيىدىكى مۇسۇلمانچە قوليازمىلار (590) 8772» ناملىقكاتولوكنىڭ 14 – بېتىدە تونۇشتۇرۇلغان ئەسلىي قوليازما لېنىنگىرات (پېتىربورگ)ئىرمىتاژ مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى م. ف. گاۋرىلوۋ 1927 –يىلى ئېلان قىلغان «قەشقەر ھۆكۈمرانى ياقۇپبەگ – دۆلەت تارىخى» (رۇسچە) ناملىقئەسىرىنىڭ 125 – بېتىدە بۇ كىتاب ھەققىدە توختىلىپ ئاپتورنىڭ قەشقەرلىك مىر ئەھمەددېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن. ئاپتور بۇ كىتابنى 1898 –يىلى يازغان.

ئون بىرىنچى، موللا ئەيت ئىبىن موللا غەرىب

بۇ ئاپتورنىڭ «جامىئۇل ھېكمەت» ناملىق كىتابى بار.بۇ كىتاب ھازىر رۇسىيەنىڭ پېتىربورگ ئاسىيا خەلقلىرى ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.بۇ توغرۇلۇق ئا. م. موگىنوۋنىڭ «ئاسىيا خەلقلىرى ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقانئۇيغۇرچە قوليازمىلار» ناملىق كىتابىدا مەلۇمات ئېلان قىلىنغان. ئەمما، بۇئاپتورنىڭ ياشىغان زامانى، ئەسىرىنىڭ مەزمۇنى توغرۇلۇق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز.لېكىن، بۇ ئەسەر 1910 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر تەرەپتىن يىغىۋېلىنىپئېلىپ كېتىلگەن.

يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتكەن شائىرلار ۋە باشقائاپتورلارنىڭ «غەرىب» تەخەللۇسىنى قويۇپ ئەسەر يېزىشى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكىئالاھىدە بىر ھادىسە بولۇپ، مۇھىم بىر تەتقىقات ساھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇشۇنداق زور بىر تۈركۈم شائىرلار نېمە ئۈچۈن ئارقا –ئارقىدىن ئۆزىگە «غەرىبى» تەخەللۇسىنى قويۇپ شېئىر يازىدۇ؟ بۇنىڭ تارىخىيئىجتىمائىي ئاساسى، مەنىۋى ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرى بار.

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىدا 17 – ئەسىردىن باشلاپكەينى – كەينىدىن چوڭقۇر ئۆزگىرىش، داۋالغۇشلار يۈز بەردى. بۇنىڭ قىسقىچەتەپسىلاتى مۇنداق:

يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ھۆكۈمرانگۇرۇھلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دىنىي مەزھەپ كۈرىشى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. ھەتتاتەرەققىي قىلىپ بىر – بىرى بىلەن قەتئىي سىغىشالمايدىغان سىياسىي رەقىبلەرگەئايلاندى. يەكەن خانلىقىنىڭ ئاخىرقى خانى ئىسمائىل خان (1670 — 1678 – يىللىرىتەختتە ئولتۇرغان) قارا تاغلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ، ئاق تاغلىقلارنىڭباشلىقى ئاپاق خوجىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىن ھەيدەپ چىقاردى. 1678  - يىلى ئاپاق خوجا جۇڭغار قوشۇنلىرىنى باشلاپكېلىپ، يەكەن خانلىقىنى يوقاتتى. جۇڭغارلار ئاپاق خوجىنى يۆلەپ قورچاق خان قىلىپتىكلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تا 1759 – يىلىغىچە بولغان 50 يىل ئىچىدە شىنجاڭدا گاھىجۇڭغار فېئودال مۇستەبىتلىرى، گاھىدا ئاق تاغلىقلار، گاھىدا قارا تاغلىقلار غوۋغا –چۇقان سېلىپ، ئىچكى نىزا پەيدا قىلىپ، ئالا – توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، قىلمىغان شۇملۇقىۋە ئەسكىلىكى قالمىدى. جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت چېكىنىپ،خەلق ئاممىسى ھالىدىن كەتتى. 1759 – يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتخەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا جۇڭغارلار ۋە چوڭ –كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلاڭلىرىنى تىنچىتىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنىئوڭشىدى. كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئەمىن تاپقۇزدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ جۇڭگو چوڭئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارغانسېرى تارىخنىڭ چوڭ ئېقىمىغاماسلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ئەمما، چىڭ سۇلالىسى فېئودال ئەزگۈچى سىنىپىنىڭۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ھەم مۇستەبىت قارا گۇرۇھلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىكقىلغاچقا، ئۇلار يۈرگۈزگەن سىياسەت شىنجاڭدىكى تۆۋەن قاتلام ئەمگەكچى خەلقنىڭئارزۇ ۋە تەلىپىگە ئەمەس، بەلكى روھانىيلار ۋە فېئودال ھاكىمبەگلەرنىڭ تەلىپىگەماسلىشاتتى. شۇنداق بولغاچقا، شىنجاڭدا ئاساسىي ئاھالە بولغان مېھنەتكەشلەر بىلەنئاز ساندىكى ھۆكۈمران كۈچلەر ۋە يۇقىرى قاتلام روھانىيلار ئارىسىدا كېلىشتۈرگىلىبولمايدىغان ئۆتكۈر زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. نەتىجىدە دەھشەتلىك مىللىي ۋەسىنىپىي زۇلۇمغا قارشى كۆپ قېتىملىق خەلق قوزغىلاڭلىرى يۈز بېرىپ، ھۆرلۈك ۋەئادالەت، باراۋەرلىك تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرى گاھى ئاز – تولا غەلىبىگىمۇئېرىشتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۈرىشىگە ئىلغار دۇنيا قاراشقا ئىگە بىر ئىنقىلابىيگۇرۇھ ۋە داھىي يېتەكچىلىك قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، زور داغدۇغا بىلەن باشلانغان خەلقئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرى ھامان مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. خەلقنىڭ ھەققانىيپائالىيەتلىرىنىڭ مېۋىسىنى كۆپ ھاللاردا توپىلاڭچى خوجىلار ياكى روھانىي كۈچلەرئىگىلىۋالغان. كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقپەيدا قىلغان. خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. بىر قىسىم كىشىلەريۇرتىنى تاشلاپ، چەت، يىراق يەرلەرگە، جاڭگاللارغا، بەزىلىرى چەت ئاللەرگە سەرسان –سەرگەردان بولۇپ كېتىپ قالغان. بەزىلىرى ئۆز يۇرتىدا ياشاپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۆزىنىئەركىن، ھۆر ئادەم دەپ ھېسابلىماي، دەككە – دۈككىدە قالغان قېقىندا – سۇقۇندائادەم دەپ قارىغان، غېرىب، مىسكىن، بىچارە ھېسابلىغان. بۇ خىل ئىجتىمائىيكەيپىياتنى دەۋرنىڭ كۈيچىسى ۋە ئىپادە قىلغۇچىسى بولغان شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنئوچۇق چۈشىنىمىز. مەسىلەن، تۇردۇش ئاخۇن شېئىرلىرىدا:

جاھان ئىچرە غۇربەتتە ھالىم تەئەب،

ئىدى تۇردى ئىسمىم، «غەرىبى» لەقەب.

دەپ يېزىش ئارقىلىق ئۆزىگە نېمە ئۈچۈن «غەرىبى» دەپتەخەللۇسنى قويغانلىقىنى ئېيتقان بولسا،

«بار ئەردىم مەن چۇغزە ۋەيرانە نېشىن،

.........

جەھان ئىچرە غۇربەتتە ھالىم تەئەب».

(مېنىڭ تۇرمۇشۇم ۋەيرانىلىلەردە ماكان تۇتقانھوقۇشقا ئوخشايتتى. ھاياتىم بۇ دۇنيادا ھەمىشە غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەچكە ھالىم خارابئىدى) دېگەن مىسرالارنى يېزىپ، ئۆزى ياشاپ تۇرغان دەۋرنىڭ ئومۇمىي ئىجتىمائىيكەيپىياتىنى يىغىنچاق ۋە روشەن ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مۇھەممەد غەرىب شەھيارى تېخىمۇ ئوچۇق ۋە ئۆتكۈرمىسرالار بىلەن «غەرىب»لىقنى زامان ۋە ماكان بىلەن باغلاپ مۇنداق نىدا قىلغان:

ئەي غەرىب، بولغىل بۇ ئالەمدە غەرىب،

غەم بىلەن بولغىل خەزاندەك سارغارىب.

ھەر كىشى بولسا بۇ ئالەمدە غەرىب،

بولغۇسىدۇر ھەق تەئالاغا قەرىب.

.........

ئى قەرى، بىلگىل غەرىبلىق رەسىمىنى،

ھەم مۇساپىر ھەم غەرىبلىق ۋەسىفىنى.

ھەر كىشىكىم بۇ جەھان ئەرمەس غەرىب،

تەڭرىگە ئىككى جەھان ئەرمەس قەرىب.

يوق غەرىبكە بۇ جەھاندا ئاشنا،

نە ئۈچۈنكىم ھەستىلىك قىلمىش پانا.

شەھرۇ سەھرادا يۈرۈپ بولماس مۇقىم،

بىۋەتەن، بىخانۇمان ئەرمەس مۇقىم.

كىم غەرىب بولسا ھەلاۋەت ئاندا يوق،

ھەم يەنە ئەيشى فەراغەت ئاندا يوق.

........

دېمەك، تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى ۋە مۇھەممەد غەرىبشەھيارلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەزمۇنلاردىن بۇ شائىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە «غەرىب»تەخەللۇسىنى قويۇشى ئۆز زامانىسىدىكى ئىجتىمائىي كەيپىياتتىن رازى ئەمەسلىكى،روھىي قارشىلىقنىڭ بارلىقىنى، ئۆز يۇرتى، ئۆز خەلقى ئارىسىدا تۇرۇپ، مۇساپىر،بىچارە، دىلى سۇنۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

يۈسۈپ غەرىبى بولسا «غەرىبى» تەخەللۇسىنى ئۆزيۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇساپىرچىلىقتا ئۆتكەن ئۆمۈر سەرگۈزەشتىسىگە ئاساسەنقويغانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:

بۇ غەرىبلىق شەھىرىنىڭ جەننەت مىساللىق باغىدا،

يۈرسە گەر بۇلبۇلغا ئوخشاش بەرگى گۈل ياپراقىدا.

ئوخشىماس ئۆز يۇرتىغا كەتمەس خەيالدىن ئۆز ۋەتەن،

ئۆز دىيارىدا ئەگەر بولسا قەدەم تۇپراغىدا.

يەتسە بىر كۈن بۇ غەرىبنىڭ دوستى – يارىدىن بېرى،

ياد قىلسۇن بۇ غەرىب كەلمىش كىچىكلىك چاغىدا.

..........

غەرىبلىق شەھىرىگە كەلدىم، تۆكۈلدى بۇ مېنىڭ ياشىم،

ئۆزۈم مۇندا تۇرۇپدۇرمەن قايان قالدى قېرىنداشىم.

ۋەتەندىن ئايرىلىپ كەلدىم، ئانامدىن ئايرىلىپكەلدىم،

ئۆزۈمنىڭ تەقدىرى شۇنداق غەرىبلىق شەھىرىدە قالدىم.

شائىر كېيىنكى بۇ شېئىرىنى ھەج سەپىرىدە دەمەشىقتەيازغان.

ئۆز زامانىسىدىكى ئىجتىمائىي تارىخىي ئەھۋاللاربىلەن بەزى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا«غەرىب» سۆزىنى ئەينى چاغدىكى ئەدىبلەر «مۇساپىر، باشقا جايدىن كەلگەن، يات» دېگەنمەنىدە چۈشەنگەن ھەم بىرى ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ، ياتسىراپ قالغانلىقى، بولۇۋاتقانئاجايىپ – غارايىپ ئىشلاردىن نارازىلىقى، ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشالمىغانلىقىنىبىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئۆزلىرىگە تەخەللۇس قىلىپ قويغان؛ يەنە بىرى چەت ئەللەرگەچىقىپ كېتىپ سەرسان – سەرگەردانلىقتا يۈرگەن چاغلىرىدا ئۆزىنى مۇساپىر ھېسابلاپ«غەرىب» تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن، «خۇشھال غەرىبى»گە ئوخشاش؛ يۈسۈپ غەرىبىبولسا ھەج ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ياقا يۇرتلارغا بارغىنىدا ئۆز يۇرتىنى سېغىنىپ،مۇساپىرچىلىقنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىپ «غەرىبى» تەخەللۇسى بىلەن شېئىر يازغان.موللا ھالاۋۇدۇن غەرىبى بولسا تۇردۇش ئاخۇن غەرىبىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىنئىلھاملىنىپ، شۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، شېئىرىيەت بەيگىسىدە مۇسابىقىلەشمەك بولۇپئوخشاش تەخەللۇس ئىشلەتكەن.

يەنە بىر خىل كىشىلەر بولسا «غەرىب» سۆزىنىڭئىككىنچى مەنىسى ئاجايىپ، قىزىق، ئەجەبلىنەرلىك ئىش، ئاجايىپ مەنىلىك ئىش، قىزىقئىش، ئاجايىپ ۋەقەلەر مەنىسىنى ئاساس قىلىپ، بىرى ئەينى شارائىتتىكى بەزىۋەقەلەرنى قىزىق، ئاجايىپ ئىشلار دەپ ئويلاپ، شۇنىڭدىن ئاجايىپ مەنىلىك، ئاجايىپنىشانىلەرنى قالدۇرۇش مەقسىتىدە مەسخىرە ۋە كىنايە پوزىتسىيەسى بىلەن «غەرىب»تەخەللۇسى بىلەن ئەسەر يېزىشقان بولۇشى مۇمكىن.

ئومۇمەن، بىز «غەرىبى» تەخەللۇسى ئارقىلىق بىرى ئۆزدەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي ئەھۋالىنى، سىياسىي كەيپىياتىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈنئاساسقا ئىگە بولساق؛ يەنە بىرى، شائىر – يازغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتى، روھىيكەيپىياتى، ئىجتىمائىي مەۋقەسى، دۇنيا قارىشى، ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى ئۆگىنىشىمىزگەپايدىلىق ئىمكانىيەتلەرنى تاپالايمىز.

«غەرىب» تەخەللۇسلۇق بۇ شائىرلارنىڭ ئىسمى،تەخەللۇسى، ھاياتى، ئەسەرلىرى توغرۇلۇق چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئالدىمىزدىكىمۇھىم بىر خىزمەت. ئۇ ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ،ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ئىدىيەۋى مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئەدەبىيئېقىمنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى، ئۇسلۇبىنىڭ رەڭدارلىقىغا بولغان تونۇشىنىروشەنلەشتۈرىدۇ. ئاپتورلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتەك مۈجىمەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئاساسلانمىلار

△ «شىنجاڭنىڭ قىسقىچەتارىخى»، 2 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1992 – يىلى نەشرى.

△ «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭمۇناسىۋەتلىك سانلىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980 — 1998 – يىللىرىغىچە نەشرى.

△ غ. ئوسمان «ئۇيغۇر كىلاسسىكئەدەبىياتى قىسقىچە تارىخى»، 1996 – يىلى مىخ مەتبەئە نۇسخا.

△ تۇردۇش ئاخۇن غەرىبى«كىتابى غەرىب»، «بۇلاق» ژۇرنىلى، ئومۇمىي 16 – سان.

△ ئا. جەلىلوب (سابىق سوۋېتئىتتىپاقى) «خۇشھال غەرىبى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار»، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1989 –يىلى 1 – سان.

△ «ئىشتىياقنامە»، «شايارتارىخ ماتېرىياللىرى» 4 – توپلام، 1998 – يىلى مىخ مەتبەئە نۇسخا، شايار سىياسىيكېڭەش تۈزگەن.

△ م. خالى، ھ. مەتسىيىت«شائىر موللا سۈپۈرگى سەنجەرىنىڭ بىر قىسىم قوليازمىلىرى تېپىلدى»، «شىنجاڭگېزىتى»نىڭ 1990 – يىلى 10 – ئۆكتەبىر سانى.

△ م. مىرزا ئەھمەد«ھەمزەنامە» گە كىرىش سۆز، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1994 – يىلى 3 – سان.

△ «يۈسۈپ غەرىبىشېئىرلىرىدىن» (ئا. تۆمۈر تەييارلىغان)، «بۇلاق» ژۇرنىلى 1993 – يىلى 1 – سان.

△ «غەرىبى» (موللا توختىغەرىبى) «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن. خوتەن ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر قەدىمكىئەسەرلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسىمىخ مەتبەئەدە باستۇرغان، 1990 – يىللار.

△ ئى. ئۇرايىم «موللاھالاۋۇدۇن غەرىبى»، قەشقەر «كوناشەھەر تارىخ ماتېرىياللىرى»، 1 – توپلام،ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تۈزگەن، مىخ مەتبەئە نۇسخا، 1995 – يىلى.

△ پ.ھامۇد. ئا. ئورخون«ئاسىيا خەلقلىرى ئىنستىتۇتىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە قوليازمىلار»، «شىنجاڭتەزكىرىچىلىكى»، 1997 – يىلى 2 – سان.

△ «غەربىي غەزەللىرىدىن» (ئا.خوجا نەشرگە تەييارلىغان)، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 1994 – يىللىق 2 – سان.



مەنبە:بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان




[1]  «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچەسۆزلۈك»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1986 – يىلى نەشرى، 407 – بەت.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 04:48 PM  


باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5403
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2251 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 01:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك باشلىقلار بۇ تېمىنى تەھرىرلەپ.... قويساڭلار
ئوقۇغانلارغا ئاسان بولاركەن

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:07:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىپراق  ئەسەر يازايلى،ئەسلى قەشقەر ھاكىمبەگ ئوردىسىنىڭ دىۋانخانىسىدا رەيھان ئاخۇنۇم شاھاب دىۋان (دىۋان بېگى )بولۇپ، زوھورىددىن بەگ ھاكىم بولغاندىن كىيىن رەيھان ئاخۇنۇم ياشىنىپ قالغانلىقى سەۋەپلىك،ئابدۇرەھىم نەزارى جانابلىرىنى شاھاب دىۋانلىققا قويغان.تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى بولسا سەرمۇنشى (كاتىپ)بولغان.يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ تەخەللۇسى -غەربى ئەمەس، بەلكى ‹‹غېرىبى ›› بولسا ئاندىن تۇغرا بولىدۇ.دانالار ئالدىدا ئاقساقاللىق قىلىپ قويدۇم،ئەپۇ قىلىڭلار!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42374
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3196 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 08:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام تورداشلار ماڭا قۇرئان كەرىم سۇرلىرىنى توپ چۇشۇرۇش ئادىرسى لازىم ئىدى  بىلىدىغانلار يوللاپ بەرسەڭلار

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97246
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1302 سائەت
تىزىم: 2013-8-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 09:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anamihri يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 08:47 PM
ئەسسالام تورداشلار ماڭا قۇرئان كەرىم سۇرلىرىنى توپ چۇ ...

ھەققانى ئىسلام تورىغا كىرىپ ئىزدەپ بېقىڭە

ئاللاھنىڭ بەرمەيدىغان ۋەدىسى يوق.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 09:31:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنجەر دىگەن ئىسىم ئەسلى ئۇيغۇرچىدىمۇ بار ئىكەندە ، كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇدا سەنجەر دەپ بىر خائىن پېرسۇناژ چىقىدىغان ،  سەنجەر دىگەن بۇ ئىسىمنى بۇرۇنقىلار تەخەللۇس قىلىپ ئىشلىتىپتىكەن ،  نىم مەنىسى بادۇ؟

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش