مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1173|ئىنكاس: 0

قايتىش(ئۇمۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96756
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2013-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:21:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قايتىش



                                         ( ئۇمۇن)   



          زەيتۇن ياپراقلىرىنىڭ ئارىسىدىن تەبەسسۇم گۇماشتىللىرى ئەقىدە ئاتەشلىرگە ئىپار چاچسا يالاڭاچ بەدىنىڭنى كۆكرەكلىرىمگە ياق.ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىدا تۈگىمەس بىلجىرلاشلارنىڭ  قىيسىق سادالىرىدىن سەسكەنگەن چىرايىڭنى قۇياش نۇرىنىڭ دىڭىزغا چۈشكەن شولىسىدا كۆرەي.دەلدەڭشىمەيدىغان مەسلەر بىلەن ساراڭ بولاممىغان ئوڭلارنىڭ زەمبۇرۇغ چىرمىغان ئىغىزلىرىنى ھاۋا بولۇپ ئىتىپ قوياي.]‏يىنىپ كەل،تاغ باغرىدىكى قاراڭغۇ ئورمانغا ،سىنى قورقۇتۇپ لەۋ قىرلىرىڭغا ئۇچۇق سوۋغا قىلغان  قار ياغاچ يىنىغا يىنىپ كەل.قايىت ئەقىلسىزلىقىڭغا،نادانلىقىڭغا قايىت،چۈش ۋە يالغۇزلۇق كۆزلىرىڭنى كور،قۇلاقلىرىڭنى پاڭ قىلسۇن.سۆزلىمە ،تىڭشىما،كۆرمە !!! ئىنتىزار قىرغىقىدا خىياللىرىڭ يانپاشلاپ ياتىدۇ.گۇڭگا كۈندۈزدە قاراڭغۇ كىچىنى سىغىنىسەن!!قۇياشنىڭ زەيپانە نۇرلىرى تەبىيلىكنى بۇزىدۇ.جىمجىتلىقنى بۇزىدۇ.يەتتە قات ئاسمان بىلەن يەر يادروسىدا سۈكۈت ياتسا ئىدى .گۆشلىرىمگە ئاتەش يىقىپ مەۋھۇملۇق قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتار ئىدىم.گۆركاھلار پەرىشتە،ئوت شاتلىق،دىڭىز باھار بولۇپ كۆرىنەر ئىدى.ساددا يۈرۈكۈم چەكلىمسىز بوشلۇق ئىچىدە يىغلاپ يۈرمىگەن بولاتتى.
           ‏كەت شاماللارنىڭ پالما يوپۇرماقلىرىنى يىنىك سۆيۈپ ئۆتكەندىكى تاتلىق دەقىقىلەرگە قايتىپ كەت،تەستەك بىلەن ئۆلىدىغان قەھرىمان پاشىغا ئايلانغان  ‏چىغىمدا جىمجىتلىق مۇتلەقلەشكەن بولىدۇ.تىنىم ھىلىقى قارياغاچنىڭ ئوزىقىغا ئايلىنىپ،روھىم زامان بۇرجەكلىرىدە تارخ توزانلىرىغا كۆمۈلۇپ كىتىدۇ.سەككىز ياش ۋاقتىمدا ياسىغان قار ئۆينىڭ ئىچىدىن چىقمىغان بولسام ،قوللىرىمدىكى ئويۇنچۇقلار كونىرمىغان بولسا،ياغاچ غالتىكىم سۇنمىغان  بولسا ئىدى ۋاقىت شىللەمگە بۇنچىلىك مىنىۋالمىغان بولاتتى.نادانلىق قوينىدا تاتلىق ئۇيقىنى پەپىلىپ ئولتۇرۇش نىمىدىگەن گۈزەل ھە!!!!بۇ خۇددى يىزىلاردىكى ياشلارنىڭ بورىتخانىدا تۈنىگىنىدەك،شەھەردىكى ياشلارنىڭ ئەيدىز كىچىسىدە شاتلىققا چۆمگىنىدەك،يەر ئاستىدىكى ئىڭراشلارغا ھوزۇرلۇق  قۇلاق سالغاندەك تاتلىق تۇيغۇ!!!]‏يەر بولۇپ كەتسەم يۈزلۈرۈمگە ئىنسانلار دەسسىسە،شاماللارغا قايتىپ كەتسەم بۇلۇتلاردا ئۇخلاپ قالسام،شاھ چۆچەكلىرىدىكى سىھىرلەرگە سىڭىپ كەتسەم،سۈكۈتتىن باشقا نەرسە مىنى ئىزدەپ تاپالمىسا،قاچالمىسام تۇتالمىسا،قىنىق چايغا چۈشكەن قەنىتتەك ئىرىپ كەتسەم،قوللىرىمنى تۇتىۋالغان قوشۇقلار يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كەتسە،ۋاقىرسا ئاۋازى چىقمىسا ،كۆرسە تۇتالمىسا،روھ تىزىگىنىم مەھكۇملۇق قوينىدا غەپلەت ئۇيقىسدا تىنجىسا...
‏           ئارمانلىرىم ئۈستىدە ئولتۇرۋالغان رىئاللىقنى ئۆلتۈرۋەت،پۇتلۇرۇمغا ئىسىلۋالسا،يەلكىللىرىمنى قويۇپ بەرمىسە پۇتلۇرۇمنى كىسىۋەت يەلكىللىرىمنى غەرىق قىل!! ‏كەت  ئەقىل بۇلاقلىرىدا ھەسرەت چىكىپ ۋىجدان ئوتلىرىدا پۇچۇلغۇم يوق ،يالغۇز ئەمەس مىنى ئىلىپ كەت.ئىككىمىز تۇنجى سۆيۈشكەن جايغا ئاپىرىپ قوي!كۆكرەكلىرىمنى ئەقلىمگە يىقىپ سۈكۈت كوچىللىرىدا سەرسان بولاي!!!قىيسىق يولدا قەيەرگە كىتىۋاتقىنىمنى بىلمەي ،تىرەكلەرگە  ئۈسسىگەن چىغىمدا پىشانەمدىن سىرغىغان قانلار ساڭا خەۋەر بەرسۇن!!!بولدى بەس !!يا چاقنات يا كۆمىۋەت.‏
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 02:36 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش