مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16772|ئىنكاس: 163

ئوغلۇمنىڭ مۇھەببىتى-قابىلجان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4123
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30635
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8989 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 02:10:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

mawzu2.jpg





مۇھەببەت ھەققىدىكى ھېكمەتلەر:

مۇھەببەت كۆڭۈل ئىشكىدىن كىرگەن چاغدا تولىمۇ سىلىق كىرىپ،چىقىپ كىتىدىغاندا قەلىب ئىشكىڭنى جالاقشىتىپ يىپىپ چىقىپ كىتىدۇ..

ئەگەرسىنى ئىشىق ھالاك قىلسا،ئۇنداق ئىشىق پاكلا بولدىكەن،ئۆلۈمدىن ئەندىشە قىلشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.

مۇھەببەتكە زىيادە بىرىلىش ئىنساننىڭ قىممىتنى چۈشۈرىۋېتىدۇ..

مۇھەببەت بىر خىل شىرىن ئازاپ دىمەكتۇر،سەمىمىي مۇھەببەت مەڭگۈ تۈپتۈز ماڭالمايدۇ..

ھەقىقى مۇھەببەت گۈزەللىككە بولغان زوقلىنىشتىنلا دىرەك بىرىپ قالماستىن بەلكى،گۈزەللىكنى يارتىشتىنمۇ دىرەك بىرىدۇ.

(خاتىرەمدىن).

ھازىرغىچە مۇھەببەت تېمىسىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلدى.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار ۋە قورامىغا يەتكەن چوڭلار توغرىسىدا يېزىلدى.مېنىڭ بۇ ئەسىرىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقۇرى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت تېمىسىغا بېغىشلانغان بولۇپ چىن ۋەقەلىك ۋە ھەقىقىي ھىسسىيات يېزىلغان بولغاچقا ئوقۇرمەنلەرنى مەلۇم جەھەتتىن جەلىپ قىلالىشى مۈمكىن.بۇنىڭدا  ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۇرمۇشىدىكى ئەمىلىي يۈز بېرىۋاتقان،نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار دۇچ كېلىۋاتقان،ئۇلار قانداق قىلىش ۋەقانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر يورۇتۇپ بېرىلگەن.بۇكۆپىنچىمىز، ئويلىنىشقا،زىيىنىنى تونۇشقا،ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپقىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم مەسىلىلەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئوتتۇرا مەكتەپئوقۇغۇچىلىرى تېخى قورامىغا تولۇق يېتىپ بولالمىغان،ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەمبېسىۋاتقان ئالاھىدە باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلار. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بۇ دەۋردە ئۇلارمۇھەببەت ۋە قارشى جىنس ھەققىدە تېخى ھىچنىمە ئويلىماسلىقى،بارلىق زېھنىنى ۋەۋاقتىنى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە قارىتىش كېرەك.لېكىن ئارزۇ دېگەن ئارزۇ، رېئالىق دېگەنرېئاللىق.بۈگۈنكى دەۋر بۇرۇنقى دەۋرگە ئوخشىمايدۇ.بۈگۈنكىدەۋردە،تېلىۋىزۇر،كومپىيۇتېر،ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلىفۇن،كەڭ بەلۋاغلىقتور،ئۇچۇر،كىيۇ-كىيۇ،ئۈن دىدار قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر ئالاقە ۋە كۆڭۈل ئېچىشۋاستىلىرى بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنى بۇرۇنلا بالدۇر يېتىلدۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.پەرزەنتلەرنىڭ بىز بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە سىردىشىشىدىن ئۇ نەرسىلەر بىلەنئۇچرىشىشى ۋە سىردىشىشى ئاۋۇپ كېتىپ بىز ئۇلارنى باشقۇرالمايدىغان،توغرايولغا،ئىستىقبال سەھنىسىگە ھىچ دەخلىسىز باشلىيالمايدىغان بولۇپ قالدۇق.

بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك مېنىڭ يېقىن بىر دوستۇمنىڭ ئائىلىسدە ۋە ئوغلىنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپىدە ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىشلاردۇر.ئۇنىڭ ماڭا سۆزلەپ بەرگىنىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چىن ۋە تەسىرلىك بولۇشى ئۈچۈن بىرىنچى شەخستىلىدا بايان قىلىشنى لايىق كۆردۈم.بۇ پوۋېست ئەللىك بەش بەت ئەتراپىدا بىر قەدەركۆپرەك ھەجىمدە پۈتۈپ چىققان بولغاچقا ئالدىراش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويماسلىق ۋە زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بەش بۆلەككە بۆلۈنۈپ ھەر كۈنى ئون بەتتىن يوللىنىدۇ.بۇنىڭ يۇقارقى سەۋەپتىن باشقا ئۇتتۇرلۇق  تەھرىرلەپ تۈزۈتۈش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى ئۈچۈنمۇ زور پايدىسى بار.

مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاسان ھاياجانماسلىقنى،ئادەم ۋە ۋەقەلەرگە توغرا پوزىتسىيە تۇتۇشىنى،ئەسەردىكى‹‹مەن››نى ماڭا باغلىۋالماسلىقنى،پېرسۇنادلارنى قالايمىقان ئەيىپلەيدغان،ئۆزلىرى تونۇيدىغان ئاللىكىملەرگە باغلىۋالىدىغان،ۋە ئارىدىن زىددىيەت تاپىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. يۇقارقىدەك ئىشلاردىن ساقلىنىش،قىزىقارلىقراق چىقىرىش ئۈچۈن مەلۇم جەھەتتىن توقۇلمىلارمۇ قوشۇلدى،شۇ سەۋەپتىن يەر ناملىرى،پېرسۇناژ ناملىرى ۋە مەكتەپ ناملىرى ئەينەن ئېلىنماي ئۆزگەرتىپ ئېلىندى.

مەن يىراق،نامرات بىرسەھرادىكى ئادەتتىكى بىر يېزا كادىرى.ياشلىق دەۋرىم بىلەن ئاللىقاچان خوشلىشىپئوتتۇرا ياشلارغا بېرىپ قالدىم.مېنىڭ بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز بولۇپ پەقەت ئىككىلاپەرزەنتىم بار. ئوغلۇم قەيسەر بۇ يىل 17 ياشتا، ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچىيىللىقىدا،قىزىم رەشىدە يەتتە ياشتا بولۇپ ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدائوقۇيدۇ.

ئوغلۇم قەيسەر ئىگىزبويلۇق،قويۇق قوشۇما قاشلىق،قوي كۆزلىرى مۇلايىم چاقناپ تۇرىدىغان،بىر قاراشتىلايېقىشلىك كۆرۈنۈپ كۆرگەنلا كىشىنىڭ دوست ئىناق بولۇپ ئۆتكۈسىنى كەلتۈرىدىغانكېلىشكەن يىگىت.بۇنداق دېسەم،‹‹قاغىمۇ ئۆز بالىسىنى ئاق دەيدۇ،ئوغرىمۇ كاشالبالىسىنى ساق دەيدۇ›› دەپتىكەن،ئۇنداق دېگىنىڭلار بىلەن تايىنلىقلا بىر بالىدۇ دەپقالماڭلار.بۇ راست،ئوغلۇمنى مەن دىن كۆرە باشقىلار،تونۇش بىلىشلەر ۋە خىزمەتداشلاربەكلا ماختىشىدۇ:

-ھەقىقىي كېلىشكەنبالىكەن،سىلىنى كايىتماي،خەقنىڭ بوسۇغىسىغا تەلمۈرتمەي كۆزى چۈشكەن ،مانا مەندېگەن ھەرقانداق بىر قىز بالىنى كەينىگە سېلىپ كەلگۈچىلىكى بار ئىكەن.كۆزتەگمىسۇن!

ھازىرقى دەۋردە چىرايئانچە مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى بىلىم ئىقتىدار ۋە قابىلىيەت.لېكىن تۇرمۇش ئىشىدابولۇپمۇ مۇھەببەت ئىشىدا چىرايمۇ بولمىسا بولمايدۇ.يۈسۈپ پەيغەمبەر كەبى چىرايلىقيىگىتتىن،چىرايى كۆرۈمسىزرەك بولسىمۇ بىلىمى يۇقۇرى،قولىدىن خېلى ئىش كېلىدىغانيىگىتلەر دەۋرنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى.تېلىۋىزۇردىكى ‹‹ئىستىقبالسەھنىسى››پروگراممىسىدىنمۇ شۇنى تونۇپ يەتتۇق.ئادەمدە بىلىم قابىلىيەت قانچىكىيۇقۇرى بولسا ئۇنىڭ ياخشى كەسىپ ياخشى ئورۇن،ئەۋزەل پۇرسەتلەرگە ئىگەبولۇش،باشقىلار تەرىپىدىن تاللىنىش ئىمكانىيىتى شۇنچىكى يۇقۇرى بولىدىكەن.بۇنوقتىنى نۇرغۇن ياشلار تونۇپ يەتكەن شۇڭا لۇتپۇللا مۇتەللىپ ‹‹ياشلىق ئۆگەن››دېگەن شېئىرىدا:

ياشلىق تىرىش تىرماشھارماي ئۆگەن،

ئىلىمنىڭدېڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.

دېگەن.بىزنىڭبۇ پوۋېستسىمىز بىلىم ئۆگىنىش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى تونۇتۇش ئاساسىدائاساسى مەزمۇننى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسى ۋەئۇنىڭ زىيىنىغا قاراتقان.

قارىمامسىز،ھازىرقىزامان ياشلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشى نىمىدېگەن ئاسان ھە؟! ئوغلۇم قەيسەر ياشلىقدەۋرىگە ئەمدىلا  قەدەم قويا -قويمايلا ھېلىتىنبىر يىللىق مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىگە ئىگە بولۇپ قاپتۇ.بۇ بىر يىللىق مۇھەببەتئۇنىڭغا نۇرغۇن خۇشاللىقلارنىمۇ،شىرىن ھىس- تۇيغۇلارنىمۇ، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدەقاتتىق سىناقلار ۋە ھىجران ئازاپلىرىنىمۇ بەخش ئېتىپ، ھايات،تۇرمۇش ۋە بىر قىسىم ئادەملەرتوغرىسىدا خېلى بىر نەرسىلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىپ قويدى.

ئۇنىڭمۇھەببەتلەشكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ،نىمىشقا ۋاقتىدا  توسمىدىڭ دەمسىز؟! ئالدىرىماڭ،مەن ئىشنىڭجەريانىنى باشتن سۆزلەپ بېرەي.

ئۇ ئەسلى تولىمۇيۇۋاش،سەمىمى،ئاق كۆڭۈل،يۈزى تۆۋەن بالا ئېدى.بەكلا گەپ ئاڭلايتتى.ئۇ مېنىڭ بىرتاللا يالغۇز ئوغلۇم بولغاچقا،بەكلا ئەتىۋارلايتىم،ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلەتتىم.شۇڭلاشقىمۇبۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ئۇنى‹‹ ياخشى ئوقۇسۇن،ياراملىق ئادەم بولسۇن،چوڭ بولغاندا بىلىمسىزلىق،يارامسىزلىقتۈپەيلى قىينىلىپ قالمىسۇن›› دەپ چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن يۇرتىمىزدىن 150كىلومېتىريىراقلىقتىكى چوڭ شەھەر -قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ ئۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ داڭلىقتولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا بەرگەن ئېدىم.ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ1-2-يىللىقلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا مەن نەسىھەت قىلىپ:

-ئوغلۇم،تىرىشىپئوقۇغىن،زېھنىڭنى ئۆگىنىشكىلا سەرىپ قىلغىن.دەم ئېلىش كۈنلىرى باشقا ساۋاقداشلىرىڭبىلەن باغچىلاردا،تورخانىلاردا ۋە باشقا قالايمىقان يەرلەردە يۈرمەي مەكتەپتەبولغىن.بوش ۋاقىتلاردا ياتىقىڭدا  ئۆگنىشىقىلغىن،بەك سىرتقا چىققىڭ كېلىپ كەتسە باشقا يەرگە بارماي ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىغا بېرىپشۇ يەردە كىتاپ ئوقۇغىن،ژورنال كۆرگىن.بىلىمىڭ،نەزەر دائىرەڭئېچىلىدۇ.ۋاقتىڭمۇ،ئىقتىسادىڭمۇ ئىسراپ بولمايدۇ.پايدا ئۈستىگە پايدا!،- دېگەنئېدىم.ئۇمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئېدى.

يىراقتىكى بالا بىلەنئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانغا تېلىفۇن بولمىسا بولمايدۇ.شۇڭا بىرىنچى يىلى مەن ئۇنىڭغا 200يۇئەنلىكنوكىيا تېلىفۇن ئېلىپ بېرىش بىلەن دەرسخانا ئىچى سىرتىدىكى تىل ئۆتكىلىدەپايدىلىنىشى ئۈچۈن  1200يۈئەنلىك‹‹مۇئەللىم›› ئېلىكتىرۇن لۇغىتى ئېلىپ بەردىم. قەيسەر تەبىئى پەنلەر ئاساسقىلىنغان ‹‹قوش تىل››سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ بۇ سىنىپنىڭ تىل-ئەدەبىياتتىنباشقا بارلىق پەنلىرى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلەتتى.

مەن دائىم دېگۈدەك  ئۇنىڭ  بىلەن  تېلىفۇندا ئالاقە قىلىپ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش  ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇراتتىم.ئۇ دەرستەئالدىنقى ئون ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى ئېدى.

شەھەر ئۆيدىن يىراقبولغاچقا ئادەتتە ئۇنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىغا پۇل كېتەتتى.بىرىنچى يىلى ھەپتىلىك خىراجىتىئۈچۈن 100يۈئەندىن پۇل بەرسەم يەتكەن ئېدى.ئۇ چاغدا قەشقەردە بىر قاچا تاماق ئاران6-7يۇئەن ئەتراپىدا ئېدى.ئىككىنچى يىلى بولسا 150 يۈئەن بەرمىسەم يەتمەيدىغانبولۇپ قالدى.چۈنكى بۇ چاغدا تاماق 8-10 يۇئەنگە چىقىپ قالغان ئېدى.ئۈچىنچى يىلىغاكەلگەندە جەمىيەتتە پۇل خېلى پاخاللىشىپ قالدى.مەن ئەمدى ئۇنىڭ  كىيىم كېچىكى ۋە تېلىفۇن  سۆزلىشىش ھەققىدىن  باشقا ساپ تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈنلا  200يۈئەندىن 250 يۈئەنگىچە پۇل بەرمىسەميەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. تېلىفۇنىمۇ يېڭىلاندى.قەيسەر ئەمدى بۇرۇنقى تېلىفۇنىنىياراتماي:‹‹ئىشلەتكەندە باشقا ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا نومۇس قىلىدىكەنمەن ››دەپ 500  يۈئەن قىممىتىدىكى ئەقلى ئىقتىدارلىق،سەزگۈئېكرانلىق ‹‹لىيەنشاڭ››ماركىلىق تېلىفۇنىدىن بىرنى تاقىۋالدى.بۇ تېلىفۇن ئارقىلىقئازادە سۆزلەشكىلى،تورغا چىققىلى،ھازىرقى زاماندىكى ئىككىنچى چوڭ ئالاقە قۇرالىكىيۇ-كىيۇدىمۇ بىمالال سۆزلەشكىلى بولىدىكەن.  ئۆگىنىش نەتىىسى بولسا يەنىلا بىر خىلئېدى.دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسەم كىتاپخانىغا ئەمەس كۆپرەك  پۇتبول مەيدانىغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇم.مەنئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە كىتاپخانىغا كىرىشكە ئامراق ئېدىم.باشقىسىغا قىزىقمايتتىم،پۈتكۈلئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە مەيدانغا چۈشۈپ بىر توپنى تېپىپ باقمىغان،ۋاسكىتبولنى گارغا بىرەرقېتىممۇ ئېتىپ باقمىغان ئېدىم.مانا  ئوغلۇممېنى دورىماي پۇتبولغا قىزىقىپتۇ. بۇنىڭغىمۇ ‹‹بوپتۇ›› دېدىم.بۇ مەكتەپتەئىقتىمائى مۇھىت شۇنداق ئىكەن.ئۇلارنىڭ مەكتىپىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بەكمۇ قالتىسبولۇپ پۈتۈن ۋىلايەت بويىچىلا ئەمەس، ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچىمۇ خېلى نامى بار ئىكەن.ھەتتائىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ چىقىپ ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىكەن.چۈنكىمەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن ئىلمى مۇدىرى ماھىر پۇتبول تېرىنىرى ئىكەن.

مەنبۇ گەپلەرنى دەپ ئەسلى تېمىدىن بىراز چەتنەپ كەتكەندەك قىلىمەن. دەسلىپىدە  ‹‹ئوغلۇم يۇۋاش،گەپ ئاڭلايدىغان، غەرەزئۇقىدىغان بالا،پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكىلا قارىتىۋاتىدۇ›› دەپ چوڭ ئىشەنچ بىلەنيۈرۈپتىمەن.قەيسەر باشتا ئىشەنچىمنى ئاقلىغان بولسىمۇ لېكىن ئىككىنچى يىللىقتىنباشلاپلا مۇھەببەت كوچىسىغا قەدەم قويۇپ ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئوقۇغۇچى  قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. مەن بۇئىشلاردىن تامامەن خەۋەرسىز ئېدىم. ئۇ مەندىن ئۇيۇلۇپ بۇ مۇھەببەت ئىشىنى توپتوغرا يەتتە ئاي يوشۇرۇپ يۈرۈپتۇ.

بۇ سىر بۇ يىل 6-ئايدائاشكارە بولدى.ئۇ ھەر ھەپتىدە ئۆيگە بىر كەلمىسىمۇ لېكىن ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىمكېلىپ بىز بىلەن جەم بولاتتى،ئاندىن تۇرمۇش خىراجىتىنى ئېلىپ يەنە قايتپ كېتەتتى.بىرقېتىم ئۇ ئىككىنچى ھەپتىسىمۇ ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى.مەن كۆڭلۈمدە: ‹‹يىل ئاخىرسىبولۇپ قالدى،بەلكىم مەۋسۈملۈك ئىمتىھان تەييارلىقى بىلەن كېلەلمىگەن بولسا كېرەك››دەپ ئويلاپ تەسەللى تاپقان ئېدىم.ئەمما ئىش مەن ئويلىغاندەك چىقمىدى.بىر كۈنىچۈشتە ئۇ تېلىفۇن قىپتۇ:

-ئەسسالامۇئەلەيكۇم دادا،سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟

-ۋەئەلەيكۇمئەسسالام ئوغلۇم،سالامەت تۇردۇم،سەنچۇ؟

-مەنمۇسالامەت تۇردۇم،دادا، سىزدىن جىددىي بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئېدى،دېسەم خاپابولارسىزمۇ؟

-بالام،بىزئاتا-بالا بولغان بىلەن يېقىن دوستلاردەكلا يېقىنغۇ،شۇنداق تۇرۇپ ئارىمىزداتەكەللۈپ سۆزى كېتەمدۇ؟قېنى تارتىنماي دەۋەرگىن،نىمە ئىش ئېدى؟

-دەيدېسەم سىزنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقىمەن،دېمەي دېسەم ماڭا ئامال بولمىدى،شۇڭائامالىسىز قالدىم.تېلىفۇندا  دېسەمراستىنلا خاپا بولمامسىز؟!

-خاپابولمايمەن ئوغلۇم،ھەرقانداق گېپىڭ بولسا دەۋەرگىن!

-ئەمىسەدېدىم،دادا، ماڭا جىددىي  500يۈئەن پۇللازىم بولۇپ قالدى،رەنجىمەي ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟

-‹‹نىمەئىشكىن؟›› دەپ جىددىيلىشىپ كېتىپتىمەن تېخى،پۇلنىڭ ئىشىمىدى؟ مەن ئەۋەتىپ بەرسەملابولمىدىمۇ،شۇنىڭغىمۇ شۇنچە تەكەللۇپ قىلىپ كېتەمسەن؟

-رەھمەتسىزگە دادا،سىز ماڭا بەكلا كۆيۈنىسىز جۇمۇ!

-تەكەللۇپقلما بولدى.

-‹‹سەن ھازىر نەدە،پۇلنى نىمىگە ئىشلىتىسەن؟››دەپ سوراپمۇ قويمايسىزغۇ؟!

-سېنىڭقەشقەردىلىكىڭنى بىلىمەن،مەۋسۈم ئاخىرى بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ، تۇرمۇش خىراجىتىڭگەۋە مەكتەپتىكى بىرەر پائالىيەت ياكى ماتېريال سېلىقىغا تاپشۇرىدىغانسەن؟ سەنئەزەلدىن ئورۇنسىز پۇل خەشلىگەن ئەمەس،ساڭا ئىشىنىمەن.شۇڭا سوراپ يۈرمىدىم بالام.

-سىزشۇنداق كۆيۈمچان ۋە بەك ياخشى بولغاچقا ئالدىڭىزدا يالغان ئېيتىشقا ۋە سىزنىداۋاملىق ئالداشقا يۈزۈم چىدىمايدۇ دادا! سىزگە راستىنى دېسەم مەن ھازىرقەشقەردە-مەكتەپتە ئەمەس.

-مەكتەپتەئەمەس،ئەمىسە نەدە؟

-‹‹م››ناھىيەسىدە.

-ئۇيەرگە نىمە قىلغىلى باردىڭ،  چوڭ ئاناڭنىيوقلاپ بارغان ئوخشىمامسەن،چوڭ ئاناڭ سالامەتمىكەن؟،-سەل ھەيران بولۇپسورىدىم(مېنىڭ ئايالىممۇ ‹‹م››ناھىيەسىدىن بولۇپ ئوغلۇم بۇرۇندىن تارتىپ پات- پاتئۇ ناھىيەگە بېرىپ  قېينانامنى يوقلاپكېلەتتى)

-دادا،مەنئۇ يەرگە چوڭ ئانامنى يوقلاپ ئەمەس باشقا سەۋەپ بىلەن بارغان ئېدىم.

-باشقاسەۋەپ بىلەن،قانداق سەۋەپ ئىكەن ئۇ؟!

-بىريېقىن دوستۇم ئالىي مەكتەپ  ئىمتىھانغاقاتناشماقچى ئېدى.شۇڭا كەلگەن.

-بالام،قانداقگەپ بۇ،سىلەرنىڭ مەكتەپ قەشقەردە تۇرسا،نىمىدەپ ئىمتىھاننى ‹‹م››ناھىيەسىدەبېرىسىلەر؟ سېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشىڭگە تېخى بىر يىل بارغۇ؟

-شۇنداقدادا،مېنىڭ تېخى بالدۇر،ئەمما بۇ يىلقى ئىمتىھاننى بەك يېقىن بىر دوستۇم بەرمەكچىئېدى.مەن شۇنىڭغا مەدەت بەرگىلى ۋە ئىخلاسىمنى ئىپادىلىگىلى كەلگەن ئېدىم،پۇل شۇنىڭغا كېرەك بولۇپ قالدى.

-شۇنچىۋالايىراققا بېرىپ مەدەت بەرگۈدەك ۋە شۇنچىۋالا پۇلنى سەرىپ قىلىپ بىرگە يۈرگۈدەك زادىقانداق دوستۇڭ ئېدى ئۇ،بىلسەم بولامدۇ؟

-مەنسىزگە ئۇنىڭ كىملىكىنى دەپ بەرسەم بولاتتى، لېكىن ئۇدۇللا دېيىشتىن خىجىلبولىدىكەنمەن،سىزگە ئۇنىڭ كىملىكىنى ئانام دەپ بەرسۇن.

-ئۇنىڭكىملىكىنى ئاناڭ بىلەمدۇ؟ماقۇل ئەمىسە ،مەن سېنى خىجالەتتە قويماي ئۇنىڭدىن سوراي!

مەن تېلىفۇننىقويۇۋەتكەندىن كېيىن ھەيرانلىق ئىلكىدە تېزدىن بالىنىڭ ئانسىنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىنبالىمىزنىڭ ئۇ ‹‹ساۋاقدىشى››نىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلدىم.

ھەممىمىزگە ئايانكى،نۇرغۇنبالىلار دادىلىرىغا دېيەلمىگەن يۈرەك سىرلىرىنى ئانىلىرىغا دېيەلەيدىكەن. ئانىسىنىڭدېيىشىچە ئوغلۇمنىڭ بۇ سىرنى ئانىسىغا ئاشكارە قىلغىنىغا بىرەر ئايچە ۋاقىتبوپتۇ.ئانسى مېنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى قەيسەردىن رەنجىشىمدىن،ئۇنى كايىپ ئەيىپلەپكېتىشىمدىن قورقۇپ ھازىرغىچە  دېمەي كەپتۇ.ئۇنىڭماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە ئوغلىمىز ‹‹م››ناھىيەسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يۇقۇرىيىللىقىدا ئوقۇيدىغان گۈلقىز ئىسىملىك بىر قىز بىلەن توردا تونۇشۇپ، كىيۇ-كىيۇدامۇھەببەتلىشىپ يۈرگىلى يەتتە ئاي بوپتىمىش.شۇندىن بېرى ئەپسىز كۆرۈپ بۇ سىرنىبىزدىن يوشۇرۇپ كەپتىمىش.ئۇنىڭدىن داۋاملىق سورىدىم:

-ئۇلار كىيۇ-كىيۇداتونۇشقان بولسىغۇ بۇ ھازىر نورمال ئەھۋال، لېكىن بىر نەرسىنى چۈشەنمىدىم.ئۇلاربۇندىن بۇرۇنمۇ يۈز كۆرۈشۈپتىكەنمۇ؟

-شۇنداق،بۇرۇنمۇكۆرۈشۈپتىكەن.

-قاچان،نەدە،قانداق كۆرۈشۈپتىكەن؟!

-قەيسەر بىزگە بىرنەچچەقېتىم : ‹‹چوڭ ئانامنى يوقلاپ كېلىمەن›› دەپ قويۇپ ئۇ ناھىيەگە بېرىپتۇ ۋە ئۇ قىزبىلەن  كۆرۈشۈپ كەپتۇ.

-سەن ئۇنى توسىمىدىڭمۇ،ئۇ تېخى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرسا، بۇنچە بالدۇر مۇھەببەتلىشىۋالسا قانداقبولىدۇ؟!

-بىز بۇرۇن دەل ۋاقتىدابايقىيالماپتىمىز،مەن ئەھۋالنى  ئۇققاندائۇلار ئاللىقاچان  تونۇشۇپ ‹‹غېرىپ بىلەنسەنەم››بولۇشۇپ كەتكىلى يېرىم يىل بولغان ئىكەن.ئوت دېگەننى ئۇچقۇن چېغىدا ئكچۈرسەئۆچۈرگىلى بولار،ئەمما يالقۇنلاپ گۈلخانغا ئايلىنىپ بولغان ئوتنى قانداقمۇئۆچۈرگىلى بولسۇن؟!

-ما گەپنى،ھەرقانچەئۇلۇغ گۈلخانمۇ-چۇ ،ھامان سۇسلايدۇ ۋە ئۆچىدۇ.بوپتۇ ئەمىسە،قەيسەر نەسىھەتئاڭلىمىغۇدەك ھالغا كېلىپ بولغان بولسا ھازىرچە رايىغا بېرىپ تۇرايلى.ھامان بىركۈنى ئەقلىنى تېپىپ ئوڭشىلىپ قالار.

شۇ  مەسلىھەتتىن كېيىن مەن قەيسەرگە  تەلەپ قىلغان پۇلنى ئەۋەتىپ بەردىم،ئارقىدىنلا  ئانىسىنى تېلىفۇن قىلغۇزۇپ ئۇيەردە ئۇزاق تۇرماسلىق، ۋاقتىدا مەكتىپىگە قايتىپ ئۆگىنىش بىلەن بولۇشنىتاپىلاتقۇزدۇم.

ئىش مانا شۇنداقباشلاندى.بۇرۇن خېلى يۈزى تۆۋەن يۈرگەن،بەك گەپ ئاڭلايدىغان،پۇل كېرەك بولسىمۇمەندىن يۈز تۇرانە پۇل سورىيالماستىن ئانىسى ئارقىلىق سورايدىغان قەيسەر مانائەمدى بۇرۇنقىدىن جىق ئۆزگىرىپ كەتكەن ئېدى.

ئىش ئاشكارە بولۇپيوشۇرۇن پەردە كۆتۈرۈلىۋىدى،ئەھۋال باشقىچە بولۇپ كەتتى.قەيسەر ئۇ قىز بىلەن بۇرۇنيوشۇرۇن بېرىپ كۆرۈشۈپ كەلگەن بولسا مانا ئەمدى بىزگە دەپ قويۇپ بارىدىغان،‹‹ئازكۆرۈش،كۆپرەك ۋاقتىڭ ۋە زېھنىڭنى ئۆگىنىشكە قارات›› دەپ قانچە  نەسىھەت قىلساقمۇ قۇلىقىغا گەپ كىرمەيدىغان،چىڭراقگەپ قىلساق قائىدە سۆزلەپ بىز بىلەن زوكۇنلىشىدىغان،گەپ يورغىلىتىپ ئۆزىنىڭكىنىتوغرا چىقىرىدىغان بولۇپ قالدى.مەن بۇ ھالدىن خېلى بەك رەنجىدىم.

‹‹بۇرۇتقا خاپا بولساڭ،ئەمدى ساقال چىقىپتۇ››دېگەندەك ئەسلىدە بۇ تېخى ھىچقانچە چوڭ ئىش ئەمەس ئىكەن، بىزنىبىسەرەمجان قىلىدىغان ئىشنىڭ چوڭى يازلىق تەتىلدە چىقتى.قەيسەر گۈلقىز بىلەنكۆرۈشۈشتە  بۇرۇن مەكتەپ تۈزىمى ئارقىلىقچەكلىنىپ قالغان بولسا، مانا ئەمدى توسالغۇ يوق بولۇپ بىكارچىلىقتا يۈرىدىغان،بۇبانىدا  ئۇ قىزنىڭ يېنىغا ھەپتىدە بىربارغۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالدى.

مەن ھەيران،بۇ مۇھەببەتئالدىدا قەيسەر شۇ قەدەر مەجنۇنلىشىپ كەتكەن ئېدىكى، مەيلى كېچە،مەيلى كۈندۈزدەبولسۇن پۈتۈن  پىكىر خىيالى شۇ قىزدىلابولۇپ كەتكەن ئېدى.كۈندە نەچچە ۋاق تېلىفۇندا سۆزلىشىپ تۇرغاننى ئاز دەپكېچىلىرىمۇ كىيۇ-كىيۇدا پاراڭلىشىپ تۈننى تەڭگە ئۇلىۋېتەتتى.ھەر قېتىملىقتېلىفۇنلىشىش ۋاقتىمۇ 30مىنۇتتىن كەم بولمايتتى.بىزنىڭ يېنىمىزدا ئولتۇرغان  چېغىدا تېلىفۇن كېلىپ قالسا، ئەگەر باشقىلاردىنكەلگەن تېلىفۇن بولسا جايىدىلا سۆزلىشىۋېرەتتى،ئۇ قىزدىن كەلگەن بولسا دەرھال بىزدىنيىراقلاپ كېتىپ پىنھان جايدا سۆزلىشەتتى.بۇ ئىشتىن بەكلا ئىچىم پۇشتى،نىمىدىگەنكۆپ سۆزلىشىش،نىمىدېگەن تۈگىمىگەن مۇھەببەت پارىڭى بۇ؟! ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىككىمىزمۇياش چېغىمىزدا ‹‹قىزغىن مۇھەببەتلەشتۇق››  دەپ يۈرۈپتىكەنمىز ،لېكىن ئۆز ئارا قانچە قىزغىنبولساقمۇ بۇنچىۋالا كۆپ سۆزلىشىپ‹‹رومان ئوقۇشۇپ››كەتمەيتتۇق.پەقەت ھەپىتىدە بىرسالام خەت يېزىشىپ ئۇنىڭدا  يالقۇنلۇقسۆزلەرنى ۋە ئوتلۇق مىسرالارنى پۈتۈپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشاتتۇق. تېلىفۇن بىلەنكەڭ بەلۋاغلىق تورنىڭ قولايلىقى بۈگۈنكى زامان ياشلىرىدا ئۇچۇر ئالاقىگە كەڭئىمكان يارىتىپ بەرگەن ئېدى.ئۇلار بۇ قولايلىقتا قەلبىنى قايتا-قايتا ئىزھار قىلىدىغان،ئىچ باغرىنى ئازادە ئوپىراتسىيەقىلىپ نىمىنى ئويلىغان،نىمە قىلماقچى بولغانلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى دەپ ئەزۋەيلەپكېتىدىغان بىر خىل‹‹ۋالاقتەككۈرۈپلۈك كېسىلى››گە گىرىپتار  بولغان ئېدى. ئۇلار كېچەيۇ-كۈندۈز قىلىشسىمۇتۈگىمەيدىغان شۇنچىۋالا كۆپ گەپنى نەدىنمۇ تاپىدىكىنە؟!  مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم:

-بالام،ئاراڭلارداقىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان نىمانچىۋالا كۆپ گەپ بار،قىز تەرەپ نورمالمۇ قانداق؟ئاراڭلاردا جىددىي ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بىرەر قىيىن ئۆتكەل يوقتۇ؟!

-ئۇنچىۋالاقىيىن ئىشقۇ يوق،لېكىن شۇ...

-ھەنىمە لېكىن؟

-سىزنىڭخەۋىرىڭىزدە بار،گۈلقىز بۇ يىل ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولدى.لېكىن مېنىڭپۈتتۈرىشىمگە تېخى بىر يىل بار.ئۇنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرىشى ۋە مەن بىلەن تويقىلالىشى ئۈچۈن ئىككىلا يول بار،لېكىن ئائىلىسىدىكەر ئۇ يولغا قوشۇلمايدىكەن.

-ئۇقانداق يول ئېدى؟

مەنبەسى ئۆز قەلىمىم

داۋامى ھەر كۈنى كەچ ئىنكاس ئارقىلىق يوللۇنىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-26 02:13 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 10:56:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sazguri يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 10:29 AM
ئالدىرماي ئوقۇي ھە  بۇنى

ئىملاغا بەكرەك دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك بەك جىق يەردە ئايرىم سۆزلەر ئۇلىنىپ قاپتۇ ، داۋامىنى ساقلايمەن .

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 11:29:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
17 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى دادىسىغا يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ توينىڭ گىپىنى چىقارسا ھە .....

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4123
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30635
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8989 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 10:56 AM
ئىملاغا بەكرەك دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك بەك جىق يەرد ...

بۇ مەندىكى مەسىلە ئەمەس،ئەسلى ھۆججەتتە سۆزلەر ئايرىم-ئايرىم يېزىقلىق.مۇنبەرگە يوللانغاندىن كېيىن نۇرغۇن سۆزلەر مۇشۇنداق جۈپلىشىۋالىدىكەن.مەن نۇرغۇن يەرلىرىنى تۈزەتتىم تېخى

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:40:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:40:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:44:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4313
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:50:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikiltar يوللىغان ۋاقتى  2013-12-26 12:42 PM
مىنىڭچە سەل كۆپتۈرمە بولۇپ قاپتۇ ، 17 ياشلىق قىزبالا د ...

سىز تەپسىلى ئوقۇمىدىڭىزمۇ ؟ دادىسىغا توينىڭ گىپىنى دەۋاتقىنى قىز بالا ئەمەس بەلكى ئوغۇل !!!

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .
sikiltar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش