مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 395|ئىنكاس: 3

ئەلناز: سۆيگۈ مۇكاپاتى-نەسىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:00:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                     سۆيگۈ مۇكاپاتى


                        نەسىر



مۇڭ باسقان زىمىن ،چاراسلاپ چېقىلىۋاتقان چاقماق، مىنى ئەنسىزلىككە سالدى.   
يۈرۈكۈمدىكى يالقۇنجاۋاتقان سۆيگۈ گۈلخانلىرى ئىختىيارسىز
ئىسمىڭنى چاقىرۋاتاتتى .قەدەملىرىم ھىچبىر ماڭا بويسۇنمايتتى .كىتىۋاتىىمەن. كىتىۋاتىمەن .شۇنداق بىر تۇنۇش سىمانى ئىزدەۋاتىمەن .خىيال
قۇشلىرىمنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى سېنىڭ مۇڭكۈيلىرىڭنى ئەسلىتىپ  ماڭا يول
باشلاۋاتىدۇ. جېنىم  سەن يامغۇرنى  ياخشى كۈرەتتىڭ.ھەر قىتىملىق
يامغۇرلۇق كىچىدە  ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ تۈن سەيلىسى قىلاتتۇق.
قارا،مانا بۈگۈن يامغۇر يىغىپتۇ. يامغۇرنىڭ ھەر بىر شارقىراشلىرىدىن ھىدىڭنى
تويماي پۇراۋاتىمەن... كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىسمىڭنى  توۋلاپ سېنى  
چاقىرۋاتىمەن........  
بۇ جىمجىت كىچىدە مىنى  ھىجران سىناقلىرىدا تۇنجى بۇلۇپ
قىيناۋاتىسەن. مانا بۇ سېنىڭ ماڭا قالدۇرغان  يادنامەڭ، سۆيگۈ مۇكاپاتىڭ.
دىل خانەمگە پىيغان ،سېغىنىش پۈتۈكلىرىنى  ئۇيىۋېتىپ كەتكۈچە مېنىمۇ بىللە
ئېلىپ كەتسەڭچۇ جېنىم. قەدەملىرىم توختاپ قالدى، ئارقامغا ياندىم.
سۈرىتىڭگە قاراپ ئەسلىمىلىرىم ئارىسىدىن يىقىملىق كۈلكەڭنى تاپتىم،قارا ،
بىر جۈپ زىناقلىرىڭغا.  كۈلگەن  قىياپىتڭنى  ھەر بىر كۆرگىنىمدە
ساڭا  زەررىچە بىرەلىگەن خوشاللىقىمدىن  مەمنۇن بۇلىمەن. يامغۇرلۇق
كىچىلەردە مەن ئۈچۈن ئىيتقان ناخشىلىرىڭ ھىلىمۇھەم قۇلاق تۈۋىمدە
جاراڭلاۋاتىدۇ..... خۇددى سەن پەيدا بۇلۇپ قالىدىغاندەك ئەتراپىمغا
يىنىش-يىنىشلاپ قارىدىم. ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقى مىنى يەنە بىر نۆۋەت
چۆكتۈردى. ماڭا قالدۇرغان مۇھەببەت شاراپلىرىڭ ھەقىقەتەن ئادەمنى
مەسخۇش قىلىدىكەن. ماڭا ۋاقىتلىق بىرىلگەن سۆيگۈ مۇكاپاتىڭدىن
ئالغان تەسىراتىمنىڭ تۈرتكىسىدە كۆز ياشلىرىم ئاللىبۇرۇن نۇرى ئۆچكەن
كۆزلىرىمدىن قۇرۇپ تۈگىگەن. پەقەت  سېنى كۈتۈش ،سېغىنىش
ماڭا بىرىلگەن تەسەللى. قايتىپ كەل، مىنى يامغۇرلۇق تۈندە يالغۇز قويما.
يۈركۈم قالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ.چۈنكى سەن ئۇنى ۋىسال كىمىلىرىدە
پەرۋاز قىلدۇرۇپ كۆندۈرۈپ قويدۇڭ. مىھرى-مۇھەببەت تامچىلىرىڭدىن
  ئابىھايات  سۇلىرىنى  مەندىن ئايىمايدىنىڭغا ئىشىنىمەن.


                  مەنبە: ئەلناز قەلەملىرىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 03:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ، چىن ھېسيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ !

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 03:35:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا تەشەككۈر....
مۇنبەردە نەسىر كۆرسەم بەلەكچە خوش بولۇپ كېتىمەن.دېسە

قەلەملىرىڭىز بەركەتلىك بولغاي

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2027 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 11:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈچۈمنىڭ بارىچە ئىسمىڭنى  توۋلاپ سېنى  
چاقىرۋاتىمەن........  
بۇ سۆزنى ‹‹يۇرەك تۇيغۇم سىېنى چاقىرىۋاتىدۇ ››دەپ ئالسىڭىز  بەلەكچە تەسىز بېرەرمىكىن دەيمەن...يېقىملىق  دىگەندەك ،،،
قەلەم تۇلپارىڭىزغا ئاپىرىن!!

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش