بەزىدە كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگەندە،ئۆچكىلى ئۇنىماي،ئىشلەتكۈچى تىزىملاش كۆزنىكىدە 正在关机 دىگەن ئۇچۇر چىقىپلا تۇرىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللارغا ئۇچىرايدىغانلار كۆپرەك.ئۆچمەي تۇرىۋالسا توك مەنبەدىن بېسىپلا ئۆچۈرىدىغانلارمۇ كۆپرەك.شۇڭلاشقا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى يوللاپ باقاي،شۇ بويىچە سىناپ بېقىڭلار.بىۋاستە توك مەنبەنى بېسىپ ئۆچۈرۈشنىڭ قاتتىق دىسكا ۋە ئانا تاختىغا ئېغىر زىيىنى بار.
1-خىل ئۇسۇل : bios نى تەڭشەش.كومپىيۇتېر قوزغالغاندىلا del كۇنۇپكىسىنى بېسىپ،cmos نى قوزغىتىڭ.ئاندىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېچىپ،ئۆزگەرتىڭ .Power Management Setup تۈرىگە كىرىڭ.ACPI Function نىڭ قىممىتىنى Enabled گە ئۆزگەرتىڭ.PM Control By APM نىڭ قىممىتىنى yes قىلىپ ئۆزگەرتىپ سىناپ بېقىڭ.
2-خىل ئۇسۇل: ئۆچكىلى ئۇنىماي تۇرۋالغان ۋاقىتتا پەقەت ئامالسىز ئەھۋالغا قالسىڭىز،ئىسسىق قوزغىتىشنى بېسىپ كومپىيۇتېرنى قوزغىتىڭ.ئاندىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېچىڭ.开始,程序,管理工具,事件查看器 نى ئېچىڭ،چۈنكى مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ خاتىرلەش ئىقتىدارى سېستىمىغا ئائىت بارلىق توغرا-خاتا مەشخۇلاتنى خاتىرلەش ئىقتىدارى بار.بۇ يەردىكى 应用程序,系统 ئىككى تۈرنىڭ ئىچىدىكى قىزىل ۋە سېرىق بەلگىلىك ئاگاھلاندرۇش ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلى ئوقۇش ئارقىلىقمۇ بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
3-خىل ئۇسۇل: بۇرۇن نورمال ئۆچىدىغان كومپىيۇتېر بىرەر يېڭى دىتالنى قاچىلاش ۋە ياكى سېستىما ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا سېستىما ھۆججەتلىرى تۇقۇنۇش سەۋەبىدىن شۇ قېتىم كومپىيۇتېرغا ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرسىڭىز ئۆچمەي قېتىپ تۇرىۋالىدىغان ئەھۋالغا يۇلۇقسىز،ئاۋال قايسى دىتالنى قاچىلىغانلىقىڭىزنى ئوبدان ئەسلەڭ،قايسى مەشخۇلاتنى قىلغنىڭىزنىمۇ ئوبدان ئەسلەڭ،ئاندىن كومپىيۇتېرنى ئىسسق قوزغىتىش ئارقىلىق قايتا قوزغىتىپ،ئۆزىڭىز قاچىلىغان دىتالنى يۇيۇۋەتىسىڭىز ياكى ئۆزگەرتكەن سېستىما مەشخۇلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قويسىڭىزلا بولىدۇ.
4-خىل ئۇسۇل: ۋىروسخور ئارقىلىق ۋىروس تەكشۈرتۈڭ،لۈكچەك دىتال تازىلاش قورالى ئارقىلىق بۇ خىل تۈردىكى دىتاللار بارمۇ يوق تەكشۈرۈڭ،چۈنكى ۋىروس ۋە بۇ خىل لۈكچەك دىتاللار ئىچكى ساقلىغۇچقا توخىتماي ئۇچۇر يوللايدۇ،ھەتتا بەزى ۋىروسلار بولسا تۈزگۈچىلەر مەخسۇس ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى سىناش ئۈچۈن تۈزگەن بولۇپ،ۋىروس يۇققاندىن كىيىن ھىچقانداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ،ئەمما ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگەن ھامان ئاستى تەرەپتىكى باشلاش تىزىملىكى كۆزنىكى رەڭسىز ھالەتكە كىرىپ قالىدۇ ۋە ئېكرانغا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.ئاندىن ئىشلەتكۈچى كۆزنىكى ھالىتىدە تۇرۇپ،ئىچكى ساقلىغۇچقا ئۇچۇر يوللاپ،بۇزغۇنچىلىق جەريانى باشلىنىدۇ.،2004-يىلى مۇشۇنداق بىر خىل ۋىروس تارقالغان بولۇپ،كومپىيۇتېرغا يۇققان ۋاقىتتا ھىچقانداق ئىشنى سەزمەيسىز.چۈنكى سەزدۈرۈپ قويسىلا،سىزنىڭ كومپىيۇتېرغا ۋىروسخور قاچىلاپ،تازىلىشىڭىزدىن قورقىدۇ،ئەمما ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگەن ھامان خىزمەتكە چۈشۈپ كومپىيۇتېردىكى بارلىق exe ھۆججەتلىرىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ...
5-خىل ئۇسۇل: شامالدۇرغۇچقا قاراڭ،چۈنكى قاتتىق قىززىپ كەتكەندە،شامالدۇرغۇچ توختاپ قالسىمۇ كومپىيۇتېر ئۆچكىلى ئۇنىماي تۇرىۋالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
مەنبە:
http://www.sdysoft.com