مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 1

ھىجىران پەسلى ( توپلام ) سەرسانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99059
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 390 سائەت
تىزىم: 2013-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-25 02:38:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ھىجىران پەسلى                 
گۈلگە ئوخشاش چىرايلىقسەن نىگارىم،   
لېكىن گۈلگە قىلالماسمەن سىنى تەڭ.   
بۇلاق كۆزۈڭ ئەسلىتىدۇ سۈبىھىنى،        
ئەگىم قاشىڭ گۈل ھۆسنۈڭگە بىرىپ رەڭ.

تەمتىرەپ قالىمغۇ كىچىك بالىدەك،      
سەن بىلەن ئىزىمىز قالغان شۇ يولدا.     
ھېجىرانغا قۇل بولۇپ يۈرگۈنۈم ئازدەك،     
يۈرۈگۈم ئازاپقا بولدىغۇ ئولجا...            

كىرىپسەن چۈشۈمگە شۇنچىلىك ئېنىق،   
قىرىق ئۆرۈم ئۆرۈۋاپسەن چېچىڭنى.        
ئويغانمايلا قالسام شۇنداق مەيلىتى،      
مەڭگۈلۈككە كۆرۈۋەرسەم چۈشۈمنى.        

مىنى يالغۇز تاشلاپ يىراق كەتتىڭ سەن،  
ئۆزۈڭ تۇرۇپ يۈرۈكۈمنى ئوۋلىغان.         
قانداق قىلاي يۈرەك دېگەن شۇنداقكەن؛   
«سۆيمە!»دېسەم «ياق!» دەپ بۇيۇن تولغىغان.

يانفۇنىڭدىن ئۆچۈپ كەتتى ئاۋازىڭ،         
ياتتىم يەنە سوغوق تۈننى باغاشلاپ.      
ئۇچۇر يېزىپ قويغىن سەندىن ئۆتۈنەي،     
تاڭ ئاتقۇزاي ئۇچۇرىڭنى يادىلاپ.      
                                       

ھىجران پەسلى 2
سوغۇققىنا رەت قىلىپ سەن مېڭىپ كەتتىڭ ،
قاراپ قالدىم كەينىڭدىن قاراڭ يۈتكۈچە .
يىراقتىن بىر كۆرۈش ئويىدا ھەر كۈن ،  
كەتمىدىم تۈن ئۆتۈپ تاڭلار ئاتقۇچە .

بىلمىدىم تەقدىردە ئادىللىق شۇمۇ ؟
كۈل بۇلۇپ كۆيىمەن ئوتۇڭدا ھەر كۈن.
بىپەرۋا يۈرىسەن شاد بۇلۇپ ھەر كۈن ،
ئازابنىڭ ھەممىسى ماڭا بەخشەندە .

تۇرۇپلا ئىزدەيدۇ كۆزلىرىم سىنى ،
تاپالماي قايتىدۇ سىنىڭ كۆزۈڭنى .
خاتىرەم بېتىگە يازىمەن قايتا،  
ساڭىلا ئاتالغان يۈرەك سۆزۈمنى .

ئۇچۇرىڭنى قايتىلاپ كۆرسەم ھەر قېتىم ،
يۈرەكتىن ياش ئەمەس قانلار تامىدۇ .
خىيالەن سورايمەن دائىم دەيتىڭ سەن-
“”بىر سىنى سۆيىمەن “ يادىڭدىمىدۇ ؟!

كۈلىسەن ۋىلىقلاپ شۇنچىلىك تاتلىق ،
زوقلۇنۇپ قاراپلا قالىمەن ساڭا .
تەقدىرىم ئەزەلدە بىكىپ كەتكەندەك ،
خۇشاللىق ساڭا ئۆز ، ئازابلار ماڭا ...

..................................
ساراڭ كەبى مەھەلەڭدە ھەر كۈنى ،
ناخشا توۋلاپ چىقتىم تاڭلار ئاتقۇچە .
جېنىم سوراپ كەلسە ئەگەر ئەزرائىل ،
رازىمەنتىم سەنسىز ياياق ئۆتكۈچە .

پەرۋاسىز يۈرۈيسەن ھەر كۈنى شۇنداق ،
يۈرسەم مەن ئايلىنىپ ھەر كۈن يېنىڭدا .
گۇناھسىز ئاشىقنى ھىجراندا قويۇپ ،
جاۋابكار بولامسەن سۆيگۈ سوتىدا ...

  
..................................
مۇشۇنداق ئايرىلىپ كىتەمدۇق     


مۇشۇنداق ئايرىلىپ كىتەمدۇق ئەمدى،
ئۆز -ئارا چىن دىلدىن سۆيۈشكەن تۇرۇپ .
كاككۇك ھەم زەينەپتەك غەمكىن سايرىشىپ ،
ۋىسالغا يىتەلمەي يۈرەكلەر قۇرۇپ .

   مۇشۇنداق ئايرىلىپ كىتەمدۇق ئەمدى،
ئەقىدە شۇنداقلا بۇلامدۇ خازان .
ئازابقا قۇل بۇلۇپ ئۆتۈپ كىتەمدۇق؟
ھىجراندا سارغىيىپ بۇلۇپ زەپىران .

مۇشۇنداق ئايرىلىپ كىتەمدۇق ئەمدى،
مەڭگۈلۈك ۋەدىلەر بىرىشكەن تۇرۇپ .
ئۇچۇرشۇپ قالساق گەر تىنىچ كوچىدا ،
ناتونۇش كىشىدەك كىتەمدۇق ئۆتۈپ .

مۇشۇنداق ئايرىلىپ كىتەمدۇق ئەمدى،
شۇنچە كۆپ يوللارنى تەڭ باسقان تۇرۇپ .
قولىمىز توڭلىسا ئەمدى كىم كىلىپ ،
ئىسسىتىپ قويىدۇ قولىدا تۇتۇپ ...

مۇشۇنداق ئايرىلىپ كىتەمدۇق ئەمدى،
سۈت ئايدىڭ كېچىلەر تۈنەشكەن تۇرۇپ .
ئەمدى كىم ئاسماندىن يۇلتۇز سانايدۇ ؟
ئەركىلەپ مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ ...

مۇشۇنداق ئايرىلىپ كىتەمدۇق ئەمدى،
مال ئېلىپ دۇكانلار ئايلانغان تۇرۇپ .
ئورۇنسىز پۇل خەجلەپ يۈرسەم ئەمدى مەن ،
كىم دەيدۇ “”پۇل بۇزماڭ “ ئەركىلەپ تۇرۇپ .





سۇئال     

                  
تېلفۇنۇڭدا بارمۇ مىنىڭ نۇمۇرۇم،        
ئىختىيارسىز تېلفۇن ئۇرۇپ قالامسەن.   
ھوشۇڭ تېپىپ شۇئان قاراپ ئىسمىمغا،
بېسىۋىتىپ ھەسىرەتلەرگە تولامسەن.   

چامىدانىڭدا بارمۇ مىنىڭ خەتلىرىم،     
ئوقامسەن سەن ئۇيقۇڭ قاچقان تۈنلەردە.  
«قەيەردە سەن؟»دەپمۇ نىدا قىلامسەن،   
تۈمەن ئازاپ چاڭ سالغاندا قەلبىڭگە.     

ئىسىڭدىمۇ باغچىدىكى ئورۇندۇق،         
قارامسەن سەن قەدىمىڭنى توختۇتۇپ.   
ئىختىيارسىز چاقىرامسەن ئىسمىمنى،   
بىراۋلارنى يولدا ماڭا ئوخشۇتۇپ.         

ئىختىيارسىز ئىشتىن توختاپ قالامسەن،  
بىر نوختىغا تىكىپ بۇلاق كۆزۈڭنى.      
ھىس قىلمايلا مىيىققىدە كۈلەمسەن،      
خىيالىڭدا ئېتىپ ماڭا ئۆزۈڭنى.         

ئادىتىڭچە چاقىرامسەن ئىسمىمنى،        
چۈچۈپ قوپۇپ چۈشلىرىڭدىن كېچىدە،      
سېغىنامسەن مىنىڭ ئىللىق باغرىمنى،   
ھىجىران ئازاب يامىرىغاندا قەلبىڭگە.      

گۈل كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلسەم ئۆيۈڭگە،      
ھەيران بۇلۇپ قېتىپ تۇرۇپ قالامسەن.     
تۇنۇش ئاۋاز چاقىرغاندا ئىسمىڭنى،         
ئۆكسۈپ تۇرۇپ ئاستا گىرە سالامسەن.      


   
    بولسام  
                         
چىراغ بولسام ئايسىز تۈندە سەن ئۈچۈن،  
كىتاپ كۆرسەڭ بەتلىرىڭنى يۇرۇتسام.     
«غايىپ قىلىش» كىيمى بولسا كىيۋېلىپ،
سەن ئۇخلىساڭ مەن يېنىڭدا ئولتۇرسام.   

ئالبۇم بولسام ئۈستىلىڭنىڭ ئۈستىدە،     
قاراپ قويساڭ ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندا.      
قول ياغلىق بوپ ئايرىلمىسام يېنىڭدىن،  
ئېلىپ كەتسەم كۆزۈڭدىن ياش ئاققاندا.   

ئاپىرات بولسام يايرىم ساڭا تەئەللۇق،      
ساقلىۋالسام سىمايىڭنى تۈمەن رەت.        
تىل بەرسە گەر كىچىك ئاپىرات بولساممۇ،   
بىراۋ كەلسە سىلكىپ دىسەم «يىراق كەت!»

سائەت بولسام ئاددىغىنە قولۇڭدا،           
قوللۇرۇڭنى سۈيۈپ ئۆتسەم ھەر كۈنى.      
بوپ كۈندە سەندىن ئايرىلماي،          Mp3
قايتىلىسام سەن ئامراق شۇ ناخشىنى.      

قۇچقاچ بولسام مەھەلەڭدە ياشىسام،         
ئەگىپ ئۇچۇپ ھەمراھ بولسام ئوينىساڭ.      
كارتۇن بولسام تېلفۇنىڭدا ساقلاقلىق،         
تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرسەم مەن يىغلىساڭ.        

شامال بولسام چاچلىرىڭنى ئوينىسام،         
تۇيدۇرماستىن سۆيۈپ ئۆتسەم يۈزۈڭنى.         
لىرىكا بوپ خاتىرەڭگە يېزىلسام،               
ھاياجانغا تولدۇرسام مەن قەلبىڭنى.            

بۇلۇت بولسام لەيلەپ ئۇچقان ئاسماندا،         
قوغداپ قالسام يۈزلىرىڭنى ئاپتاپتىن.         
قەلەندەردەك بۇلۇپ كەتسەم ئىشقىڭدا،           
كۈلكە سوراپ بارسام كۈندە سىنىڭدىن.         

بولسام ئەگەر خاتىرەڭدە بىر ۋاراق،              
ۋاراقلىساڭ ئېسىلىپ ئالسام قولۇڭغا.           
يول چىراق بوپ قالسام يولنىڭ بويىدا،         
كىچە ماڭساڭ نۇرلار چاچسام يولۇڭغا.            

قازان بولسام ئاشخاناڭدا سىنىڭكى،              
كۇندە ئۈچ رەت يۇيۇپ قويساڭ يۈزۈمنى.           
تامىقىڭنى پۇشۇرسام مەن سەن ئۈچۈن،           
ئۇلۇغ ئوتقا تۇتۇپ بىرىپ جىسمىمنى.           


ئېلىپ كەت

ئېلىپ كەت ئەي يايرىم ئېلىپ كەت پاكىز ،
شۇ ساختا سۆيگۈڭنى  مىنى ئالدىغان .
ئېلىپ كەت ئەركىلەپ بېقىشلىرىڭنى ،
بۇ سەبى يۈرەكنى تۈنجى شاد قىلغان .

ئېلىپ كەت ئەي يايرىم تىنىقلىرىڭنى ،
بوغۇلمىسۇن نەپىسىم ھىدلىرىڭدىن .
قايتىلاپ قاناتما يۈرەك يارامنى ،
قان زەرداپ بوپ كەتكەن - ھىلىللىرىڭىدىن .

ئېلىپ كەت يار سۈرىتىڭنى قولۇمدىن ،
ئېلىپ كەت ھەم ئازابلارنى سەن سالغان .
لېكىن يايرىم ئېلىپ كەتمە ئۆتۈنەي ،
ئىزنالارنى رىشتىمىزنى باغلىغان .

كەتتىڭ


يۈرۈپ كەتتىڭ كۆزلىرىڭگە ياش ئېلىپ ،
لەيلەپ قالدى ھەم قىياندا كۆزلۈرۈم .
ۋىجدانىڭمى سوراق تارتىپ ھازىدار ،
ئېيتالمىغان ، ئېيتماق بولغان سۆزلۈرۈم .

ئىزلەمسەن يار ئۇيقۇڭ قاچقان تۈنلەردە ،
ئەسلىمىلەر دەپتىرىدىن ئىسمىمنى .
ئېلىپ كەتكەچ پاك سۆيگۈمنى سەن ئۆزۈڭ ،
باغاشلاپ مەن قالدىم قۇرۇق جىسمىمنى .

قاراپ كەتتىم سۈرىتىڭگە  بىر ھازا ،
كۆزلۈرۈمنىڭ چاناقلىرى ياشلىنىپ .
خەنجەر ئۇرۇپ ئۆلتۈرسەڭمۇ مەيلىتى ،
ئاھ ، باغرىڭغا قېنىۋالسام تاشلىنىپ .

تىكىلىپ بىر قارىۋالدىم كۆزۈڭگە ،
ئەمما چىراي ئۆزگەرتمىدى سۈرۈتۈڭ .
ئىشقىڭ بىلەن قار قونۇپتۇ بېشىمغا ،
ياكى تاشتىن يارالغانمۇ يۈرۈكۈڭ .


                             

            مەڭگۈگە ئايرىلىش                                                                     

كۆرۈنۈپ سەن كۈلۈپ تۇرغاندەك ئۇندا ،
تۇيمايلا باغچىغا كىرىپ قاپتىمەن .  
كەينىدىن ئوخشۇتۇپ بىراۋنى ساڭا ،   
بىلمەيلا ئىسمىڭنى چاقىرىپتىمەن .   

يىگانە ئولتۇرۇپ مىسكىن باغچىنىڭ ،  
بىز بىللە ئولتۇرغان ئورۇندۇقىدا .   
ھېدىڭنى ئىزلىدىم ئەتراپقا بېقىپ ،   
ئۆرتەندى يۈرۈگۈم ھېجىران ئوتىدا .   

ئاپتۇبۇس كەينىدە ئولتۇردۇم جېنىم ،  
يېنىمدىن بىر ئورۇن قالدۇرۇپ ساڭا .  
يىراققا كەتتىڭ سەن شۇنچىلىك يىراق ،
قالدۇرۇپ مىنىلا ئاچچىق ئازابقا .     

ئولتۇرۇپ مەھەللەڭ قېشىدا ھەر كۈن ،  
تەلمۈرۈپ باقىمەن شۇ دەرىزەڭگە .     
مەڭگۈلۈك كەتكىنىڭ يالغاندەك خۇددى ،
تەن بەرگۈم كەلمەيدۇ بۇ ھەقىقەتكە .   

كۆز ئالدىم يەنە شۇ سىنىڭ سىمايىڭ ،  
جاراڭلىق ئاڭلىنىپ تۇرار ھەر سۆزۈڭ .  
چىقمايسەن چاقىرسام سىنى تۈمەن رەت ،  
نىگارىم قېنى سەن قېنى سەن ئۆزۈڭ ...

قېيدىغۇم كېلىدۇ سىنىڭدىن جېنىم ،   
يالغۇزلا قالدۇرۇپ كەتتىڭغۇ تاشلاپ .      
ۋەدىلەر بەرگەندىڭ ماڭا مەڭگۈلۈك ،   
ھەمراھىڭ بولىمەن دېگەن پىچىرلاپ .   

كۆرگىلى كەلدىم يار “مەھەلەڭ”گە مەن ،   
شۇم تەقدىر ئاھ سىنى كۆچۈرۈپ كەلگەن .  
سۈرتۈپ قوي يېشىمنى تۇرۇپ ئورنۇڭدىن ،   
ئېسىلىپ يىغلىسام قەبىرەڭگە مەن .      

يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قەبرەڭ ئالدىدا ،      
چاقىردىم ئىسمىڭنى جېنىم تۈمەن رەت .   
ۋە لېكىن بىر تىنىق بەرمىدىڭ جاۋاب ،     
ھەسرەت ئۈستىگە قوشۇپ ھەسرەت .  
      

******************************************
سېغىنىش

ئەي يامغۇر ياغقىنە شارقىراپ قاتتىق ،   
كۆز يېشىم يۇيۇلۇپ كەتسۇن سەن بىلەن .  
ئېلىپ كەت خالىساڭ مىنىمۇ قوشۇپ ،   
ياردىكى ئازابلار كەتسۇن مەن بىلەن .   

سېغىنىش ئوتلىرى قوزغالدى يەنە ،     
دېرىزەم سىرتىدىن چەككەندە يامغۇر .   
سەن كەلسەڭ سەكرەيتىم كىچىك بالىدەك ،
دۈشمىنىم ئالدىدا تۇرىمەن مەغرۇر .     

پۇتلۇرۇم سۆرەيدۇ مەھەلەڭگە يار ،      
يۈرۈگۈم قۇل قىلىپ ئەقلى ھوشۇمنى .   
خەت ئۇچۇر بەرمەيسەن جېنىم بىرەر رەت ،
سەنمۇ ھەم سېغىنىپ قويامسەن مىنى .     

ئاھ جېنىم سۆيگۈنۈم گۈناھمۇ سېنى ،     
سەن كەلمەي بېغىمدا توزىدىغۇ گۈل .   
نە ئۈچۈن يىراقلاپ كەتتىڭ مىنىڭدىن ،   
ئۇلاشتى سۆيگۈمگە ھېجىران پەسىل .
   
سەن بىغەم يۈرۈيسەن شۇنچىلىك جېنىم ،
نىمجانمەن تەقدىرنىڭ قاپقانلىرىدا .
سىنىڭسىز مەنىسىز ئۆتىدۇ كۈنۈم ،
قىينىلىپ ئازابنىڭ ئالقانلىرىدا  .

كەلسەڭ يار يېنىمغا ۋىسالغا يەتسەك ،  
ئۆچۈرسەم لوغەتتىن ھېجىران سۆزىنى .
قۇش بۇلۇپ سەن بىلەن كەتسەم يىراققا ،
زىندانغا تاشلىسام ئايرىلىشلارنى .


************************************
ئازاب


ئاھ سېنىڭ كۆزۈڭدىن چىققىنى نىمە ،
نە ئۈچۈن بۇنچىلىك قارايسەن ماڭا .
خۇش بۇلۇپ يۈرەمسەن ھەر كۈنى شۇنداق ،
قالدۇرۇپ ئوتۇڭدا تۆمەن دەرت ماڭا .

قەدىمىم ئېغىردۇر شۇنچىلىك جېنىم ،
خۇددى يۈك پويىزدا پاراۋۇز كەبى .  
خىيالىم سەن بىلەن تولغىنى ئازدەك ،
مۇھەببەت بورىنى يىقىتتى مىنى  .  

كۈلىمەن يۈزۈمدە كىچىك بالىدەك ،
يوشۇرۇپ قەلبىمگە ئازابنى جېنىم .  
قاتىدۇ مەڭگۈلۈك يوقاتسام سېنى ،
تومۇردا ئاجىزلاپ ئاققان بۇ قېنىم   .

خىياللار قوينىغا چۆكىمەن كۈندە  ،
ئاسمانغا ئاي كۈلۈپ چىققاندا جېنىم  .
يۈرسەڭمۇ پەرۋاسىز ھالىمغا مىنىڭ  ،
يادلايمەن ئىسمىڭنى تۆمەنمىڭ قېتىم  .

ئۈستىلىم قېشىدا ئولتۇرۇپ ھەر كۈن ،
ئىشقىڭدا شىئىرلار يازىمەن ساڭا  .
تۈن ئۆتۈپ سەھەرگە چىللىدى خوراز  ،
مىنىڭ بۇ لىرىكام توختىماس يانا  .


**********************************
چۈش


كىرىسەن چۈشۈمگە ھەر كۈنى شۇنداق ،
چىھرىڭدىن كۈلكىلەر ياغدۇرۇپ جېنىم  .
خۇشاللىق قەلبىمدە ياسايدۇ دولقۇن  ،
سۆيۈپ مەن لىۋىڭگە تۆمەنمىڭ قېتىم  .

قوغلايسەن قەلبىمدىن ھىجىران چۆلىنى ،
ئايىغىڭ يەتكەن يەر بۇلۇپ گۈلۈستان  .
باھارنىڭ قەدىمى كىلەر سەن بىلەن  ،
شۇندىلا ئۆچەككە كىرىپ زىمىستان  .

ھىجىراننىڭ جىنلىرى قېچىشار ھەر يان  ،
سەن كىلىپ خانەمگە ياققاندا گۈلخان  .
كىشەندىن قۇتۇلۇپ سەكرەيدۇ كۈلكە  ،
نۇرلىنار چىرايىم بولغان زەپىران   .

بەخىتتە يېپىلار تەقدىر سوتىمۇ ،
سەن گۇۋاھ بولغاندا سۆيگۈمگە كېلىپ .
سېغىنىش ، ئازابلار چۈشەر سولاققا ،
سەن كېلىپ ھىجىرانغا يازغاندا رىتسىپ .

يىگانە قالدۇرۇپ كەتمىگىن جېنىم  ،
سېغىنىش سولاقتىن كەتمىسۇن قېچىپ .
بەخىتنىڭ كارۋىنى ماڭسۇن مەڭگۈلۈك ،
ئويغۇنۇپ كەتمەي مەن چۈشۈمدىن كېچىپ ...


تۇيۇقسىز چىقىپلا قالدىڭ ئالدىمغا ،
كۆزۈڭگە تىكىلىپ قارىدىم جېنىم  .
قارچۇقۇم ئىچىدە قېتىپ قالسىكەن ،
ئاھ جېنىم سىنىڭكى گۈزەل قامىتىڭ .

خۇشپۇراق تارىلىپ تۇرىدۇ سەندىن ،  
ئالدىڭدىن قانچە رەت ئۆتسەم ھەر كۈنى .
سەندىمۇ كىيىكتەك ئىپار بارمىدۇ ،   
ياكى گۈل سۈيىدە باققانمۇ سىنى  . ،

************************
ئۇچۇپ بېرىپ كۆرەي دىسەم يار سىنى ،
ئارلىق يىراق ، مىنىڭ نىمە ئامالىم .
ماڭا تونۇش ئاشۇ خۇشبۇي ھېدىڭنى ،
پۇراي دىسەم يىراقتىسەن جانانىم  .

رەسىمىڭگە قاراپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ ،
خىيالىمدا مۇڭدىشىمەن سەن بىلەن .
شۇم تەقدىردە ئايرىلىپ مەن سىنىڭدىن ،
بىلمەپتىمەن ، مۇشەقىتى كۆپ ئىكەن .



ئالىمجان تۇرغۇن سەرسانى  
2013.12.25  ئەنخۈي
مەنبە : ئالىمجان تۇرغۇن سەرسانى


سەرسانى ئۈندىدار سۇپىسىنى قېتىۋېلىڭ . ئۈندىدار ئىزدەش نۇمۇرى   :  uysarsani

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42374
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3196 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 08:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام تورداشلار ماڭا قۇرئان كەرىم سۇرلىرىنى توپ چۇشۇرۇش ئادىرسى لازىم ئىدى  بىلىدىغانلار يوللاپ بەرسەڭلار

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش