90بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر ، قىزىم ئېيتقان ناخشىلار
ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ۋە مۇنبەر سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىم، ھەممىڭىزلەرگە پېقىر ئىلى ئوغلىدىن ئوتلۇق سالام!
90-يىللاردا بالىلىقىمىزنىڭ مەنىۋىي ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن «بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر، قىزىم ئېيتقان ناخشىلار» ناملىق بۇ ئۈن لېنتىسىنى ئوننەچچە يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاددىيغىنا بولسىمۇ بالىلىرىمىزغا سوۋغات قىلىپ يوللىدۇق.
بۇ ئۈن لېنتا شىنجان ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، ئەسلى 2 قىسىم. ئۇزۇن ۋاقت ئاڭلىمىغىنىمىز ئۈچۈن 1-قىسمىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، پەقەت 2-قىسمىنىلا يوللىيالىدۇق. كەسپىي بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاۋازدا بەزى مەسىلىلەر بولۇشى مۈمكىن! ئۆزۈر تىلەيمىز.
ئىككى قىسىمدا مويسىپىت ، بىلىملىك بوۋاينىڭ چوڭقۇر مەنلىك مەسەل-چۆچەكلىرى بىلەن نەۋرىسىنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك بىر تۇرمۇشتا تەرىبىيىلەپ ياراملىق ئەۋلاد قىلىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشى ۋە ئەقىللىق نەۋرىنىڭ ئۆزىنىڭ چۈچۈمەل تىلى، تاتلىق سوئاللىرى، بالىلارغا خاس قىيداش، خۇش بولۇش، ھەيران قېلىش ۋە يىغلاشلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا بەك تەسر قىلىدۇ.
(نەشرىياتنىڭ پىكىر تەلەپلىرى بولسا قوبۇل قىلىمىز). ئەسلى تۈنۈگۈنلا يوللىغانتىم، بەيدۇنىڭ ئۆچۈرىۋىتىپتۇ، تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئۆزۈر تىلەيمەن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: 2-قىسىم (ئا) تەرەپ
http://pan.baidu.com/s/1c0d2FOc
2-قىسىم (ب) تەرەپ
http://pan.baidu.com/s/1dDrDNHn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ili~oghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-24 05:32 PM