سەنمۇ ئاتا بولارسەن
ئوقۇ دېسە مەكتەپتە زېرىكتىم دەپ قاچىسەن، ئىش قىل دېسە غىلجىڭلاپ ھاردىم دەيسەن ياتىسەن. يىگىت تۇرۇپ ئاتاڭغا يېقىن تۇراي دېمەيسەن، ئاتاڭ بەرگەن پۇللارنى رەھمىتى يوق ئالىسەن، بىلىپ قويغىن ئەي يىگىت سەنمۇ ئاتا بولارسەن.
كۈن چۈشسىمۇ بېشىڭغا غەپلەت بېسىپ ياتىسەن، تاماق يېمەي دوقمۇشقا قۇيۇن كەبى چاپىسەن. <دەتتىكام>دەپ ئوشۇقنى مەيدە ئۇرۇپ ئاتىسەن، ئۇتتۇرىۋەتسەڭ ئەگەردە گەدەن تاتلاپ قالىسەن، بىلىپ قويغىن ئەي يىگىت سەنمۇ ئاتا بولارسەن.
قۇرۇق سۆلەت بەگزادە پوزۇر كىيىپ يۈرىسەن، ياماق كىيسە سېنى دەپ ئاتاڭدىنمۇ چانىسەن. ئۆز ھالىڭنى چاغلىماي بايۋەتچىدەك يۈرىسەن، ئاتاڭ بەرگەن شۇ پۇلدا نازنىنلارنى كۈتىسەن، بىلىپ قويغىن ئەي يىگىت سەنمۇ ئاتا بولارسەن.
چوڭ قىلغۇچە ئارزۇلاپ باققىنىنى بىلەمسەن، يېمەي-ئىچمەي <ئوغلۇم>دەپ يىغقىنىنى بىلەمسەن. ياڭاق چاقسا يېگۈزگەن مېغىزىنى بىلەمسەن، سالغان ئاتاڭ ئۈستىگە ئېغىرىڭنى بىلەمسەن، بىلىپ قويغىن ئەي يىگىت سەنمۇ ئاتا بولارسەن.
ئايرىلساڭ گەر ئاتاڭدىن يىغلىشىڭنى بىلەمسەن، يىقىلغاندا قورغىنىڭ ئازاپلارغا چۆمەرسەن. ئۇسىز ئۆتكەن كۈنلەردە خۇشال-ئويناپ كۈلەمسەن، مەيدە يېقىپ داق يەرگە ھەسرەت چېكىپ ئىڭرامسەن، بىلىپ قويغىن ئەي يىگىت سەنمۇ ئاتا بولارسەن.
ئاتاڭ سېنى ئوغۇل دەپ تەربىيلىگەن بىلەمسەن، بالدۇر يېتىپ سەھەردە ئىش قىلغانغا ئۆلەمسەن. گۈلدەك گۈزەل ياشلىقىڭ خازان بولدى چىدامسەن، ياكى كۈندە دەشنام يەپ <يارىماس>بوپ يۈرەمسەن، بىلىپ قويغىن ئەي يىگىت سەنمۇ ئاتا بولارسەن.
مەنبە:ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-24 02:47 PM
|