مۇھەممەتجان روزى سايىت خوتەن شەھىرىدە شائىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدىكى سەنئەت تالانتى بۇ ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى ئائىلىسىدە-شائىر مەرھۇم روزى سايىت تاغىنىڭ شائىرانە مۇھىتى ئىچىدە يىتىلگەن.ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خوتەن شەھىرىدە تاماملىغان كېيىن ئۆزىنىڭ ئوتتەك قىزىقىشىنىڭ تۈرتكىسىدە قەشقەر شەھەرلىك سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسۇل كەسپىگە ئۇقۇشقا كىرگەن.مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىدە تالانتىنى چېنىقتۇرۇپ مەكتەپداشلىرى ۋە ساۋاغداشلىرىنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكەن. ئۇ 2000-يىلى جۇڭگو ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىگە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنىپ،مەركەزدە ئۇسۇل ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن.2002-يىلى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ مۇقام ئانسامبىلىدا ئۇسۇل ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن.ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىمىلىك تالانتى شىنجاڭ سىرىك ئۆمىكىدىكى رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ 2004-يىلى شىنجاڭ سىرىك ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ سىرىك ئۆمىكىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل ھالدا‹‹مەشرەپ››پىروگراممىسىدا روزى ھېيت، قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكلىرىدە رىياسەتچىلىك قىلىپ تالانتىنى نامايەن قىلسا،‹‹سەكرە دۇچۇ››،‹‹ئوبراز يارىتىش››دوراش...قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىدە ئۆزگىچە خىلمۇ خىل ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياراتقاندىن سىرت،‹‹ئۇجمە سايىسى››،‹‹مۆمىننىڭ ھېكايىسى››،‹‹ئۇنتۇلماس سۆرەت››،‹‹مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر››،‹‹مىليون گۈل››...قاتارلىق كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە خىلمۇ خىل ئوبرازلارنى يارىتىپ،ئېكراندىكى رول ئېلىش تالانتىنى نامايەن قىلدى.شىنجاڭ سىرىك ئۆمىكى تۆت يىل تەييارلىق قىلغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكىلىق سىرىك تىياتىر‹‹ياخشىمۇسىز نەسىردىن ئەپەندى››دە ئۆلمەس ئوبرازلىق شەخس نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ،ئۆزىنىڭ كەسپى تالانتىنى ھەقىقى نامايەن قىلىپ،شىنجاڭ ئىچىدىلا ئەمەس،پۈتكۈل جۇڭخۇا زىمىنىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ يۈكسەك باھاسى ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
ئەلگە ياققان سەنئەتكارىمىز مۇھەممەتجان روزى سايىتقا:
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
‹‹دېھقان شائېر››ئوغلىدۇرسەن بۇنى ھەممە بىلىدۇ. سەگەكلىكىڭ، كۆپ قىرلىقىڭ دىلنى مائىل قىلىدۇ.
شۇنچە چەبدەس ھەركەتلىرىڭ،زېرەك، ھەييار قىزىقچى، ئۆزۈڭگە خاس شوخلۇقىڭدىن كۇللى- ئالەم كۈلىدۇ.
ئۇستاز يازغان مىسرالاردا سىزغاچ ئەينى چىنلىقنى، ۋاراقلىساڭ ھەر بىر بەتنى ئەلەم دىلنى تىلىدۇ.
‹‹ئۇيغۇرنىسا››ئالدى قەلەم ئۇستاز ئىزىن باسارغا، كۆز تەگمىسۇن قەلەملىرى گۈزەل سۆرەت سىزىدۇ.
ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ ھەرداۋامەت كۆكلەڭلار، ھۆرمەت بىلەن سىلەر ئۈچۈن ئەللەر دەستە تىزىدۇ.
ئاخىرىدا ئىنىم مۇھەممەتجان روزى سايىتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سەنئەت ھاياتىغا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئائىلىسىگە بەخت، تېنىگە سالامەتلىك، خىزمىتىگە ئۇتۇق، مەنزىللىرىگە ئاسايىشلىق تىلەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-24 12:53 AM
|