مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2447|ئىنكاس: 17

يېڭى يىلدىكى يېڭى «قاتناش پىراۋىسى» قائىدىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69210
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4880
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2014-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 09:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2014 -يىلى 1 -ئاينىڭ 1 -كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن تۈزۈلگەن «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كنىشكىسىنى ئىشلىتىشى قائىدىسى » ئىجرا قىلىنىدۇ. يېڭى قائىدىدە نومۇر تارتىلىدىغان بەلگىلىمىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەگەر ھەممە تارمىقىغا خىلاپلىق قىلىنسا جەمئىي 126 نومۇر تارتىلىدۇ. پەقەت 12 لا نومۇرى بولغان پىراۋىمىزغا نىسبەتەن بۇ ئاز نومۇر ئەمەس ئەلۋەتتە. تۆۋەندە بىر قىسىم يېڭى «قاتناش پىراۋىسى» قائىدىلىرىدىكى نومۇر تارتىلىدىغان ھالقىلىق ۋە ئىنچىكە نۇقتىلارنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

● تۆۋەندىكى بەش خىل ئەھۋالدا 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

1. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش، تەتۈر يۆلىنىشتە يول يۈرۈش، ئوتتۇرىدىكى يول ئايرىش بەلبىغىدىن كېسىپ ئۆتۈپ كەينىگە قايرىلىش.

2.بەلگىلەنگەن سۈرئەتنىڭ %50 دىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش.(ئىلگىرى 6 نومۇر تارتىلاتتى، ھازىر 12 نومۇرغا ئۆزگەرتىلدى)

3.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە 12 نومۇر تارتىشتىن سىرت، پىراۋىسى 6 ئاي بىكار قىلىنىپ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلدۇ.ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ، پىراۋىسى بىكار قىلىنغان بولسا جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ ھەمدە 5 يىلنىڭ ئىچىدە قايتا پىراۋا ئېلىشقا بولمايدۇ.


4. ۋەقە سادىر قىلغاندىن كىيىن قېچىپ كەتكەن، ئەمما جىنايەت سادىر قىلمىغان. ۋەقە سادىر قىلغاندىن كىيىن قېچىپ كەتكەن، ئەمما جىنايەت سادىر قىلمىغان ئەھۋال ئادەتتە ئادەم زەخىملەنمىگەن ياكى پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي زىيان 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان ئەھۋال كۆزدە تۇتىلىدۇ.

5. ئاپتوموبىلغا نومۇر تاختىسى ئاسمىغان، ساختا نومۇر تاختىسى ئاسقان ياكى ئاپتوموبىلغا نومۇر تاختىسىنى ئۆزگەرتكەن ۋە قەستەن ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىنى توسۇپ قويغان ئەھۋاللاردا بىردەك 12 نومۇر تارتىلىدۇ.

● تۆۋەندىكى 4 خىل ئەھۋالدا 6 نومۇر تارتىلىدۇ.

1. پىراۋىسى تۇتۇپ تۇرۇلغان ئەھۋالدا داۋاملىق ئاپتوموبىل ھەيدەش.
2.قاتناش قىستاڭچىلىق بولغاندا جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل يولىنى ئىشلىتىش.
3.مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا قائىدە بويىچە يول بەرمەسلىك.
4. قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش. (3 نومۇردىن 6 نومۇرغا ئۆزگەرتىلدى)

● تۆۋەندىكى 9 خىل ئەھۋالدا 3 نومۇر تارتىلىدۇ.

1. پىيادىلەر يولىدىن ئۆتكەندە سۈرەتنى ئاستىلىتىش، كېرەك بولغاندا ئاپتوموبىلنى توختىتىپ پىيادىلەرگە يول بەرمىگەنلەر.
2.يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يولدىكى باغلىما يولدا ئاپتوموبىل يانداپ ئۆتۈش.(باغلىما يول بولسا يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدىن ئادەتتىكى يولغا كىرىپ چىقىدىغان يول)
3. چەكلەش كۆرسەتكۈچ سىزىقىغا خىلاپ يول يۈرۈش .
4.ئايلىنىدىغان ئاپتوموبىل تۈز يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىلغا ۋە پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىك.
5.قارىمۇ-قارشى يول يۈرۋاتقاندا ئوڭدىن ئايلىنىدىغان ئاپتوموبىل سولدىن ئايلىنىدىغان ئاپتوموبىلغا يول بەرمەسلىك.

6.بەلگىلەنگەن يولدا يول يۈرمەسلىك.
7. سۈرئەتنى بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن، لېكىن بەلگىلەنگەن سۈرئەتنىڭ %50 دىن ئىشىپ كەتمىگەنلەر. 8.ئالاھىدە ئاپتوموبىللارغا يول بەرمىگەنلەر( ئوت ئۈچۈرۈش ئاپتوموبىلى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىقلار)
9.قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىلدىن ئېشىپ ئۆتۈش ياكى قارشى يۆلىنىشتە يول يۈرۈش.

● تۆۋەندىكى 5 خىل ئەھۋالدا 2 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىماسلىق.
2.بەلگىلەنگەن يولدا قىزىل يىشىل چىراغلارنى ساقلاش.
3.بەلگىلىمىدىن ئارتۇق سالغان ئادەم بەلگىلىمىنىڭ %20 دىن ئېشىپ كېتىش.
4.ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تېلفۇن ئىشلىتىش.
5.قاتناش قىستاڭچىلىق بولغاندا قالايمىقان ئۆچىرەت بۇزۇش قارشى يۆلىنىشتىكى ئاپتوموبىل يولىنى ئىشلىتىۋىلىش.


● تۆۋەندىكى 4 خىل ئەھۋالدا 1 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. شوپۇرلۇق پىراۋىسى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى بىللە ئېلىپ ماڭمىغانلار.
2. يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسىنى چاپلىمىغانلار.
3.قاتناش سۇغۇرتا بەلگىسىنى چاپلىمىغانلار.
4. بەلگىلىمىگە خىلاپ چىراغ ۋە سىگىنال چىرىغى ئىشلىتىش.
مەنبە:نۇرتورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-24 02:43 PM  


تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19985
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10619 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 11:22:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇمۇرنى تارتە تارتە ... بولسا ماشىنا ھەيدەشكە بولمايدۇ دىسىلا بولىدۇ دەيمەن .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

كىتابخۇمار

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96203
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1943
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2013-7-21
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 11:44:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2 نومور تارتىلىدىغان بەلگىلەنگەن يولدا قىزىل يىشىل چىراغلارنى ساقلاش. بۇنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن.چۈشەنمىدىم

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23840
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3779 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 11:45:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز ساندىكى پىراۋىنى يولدىن تېپىۋالغان ، ماشىنىسىنى ھەقسىز ئالغان ، جېنىنى پۇلغا سېتىۋالالايدىغان ، يولدا  باشقا ماشىنىلارنى كۆرمەي ماڭىدىغان  شوپۇرلار ئۈچۈن ياخشى قانۇن بوپتۇ .

لىكىن بەزى پىيادە يول يۈرگەنلەرمۇ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ  ، توغرا يكلىنىشتە ماڭغان شوپۇرلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرىدۇ ، پىيادە يۇل يۈرگەندە   ، قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىنمۇ جەرىمانە ئالسا ياخشى بۇلاتتى .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 12:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنىشكىدە بار نومۇز ئاران 12 ،باشقا نومۇرلانى قەرىزگە تۇتۇپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 12:16:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف  نىمانداق قىيىنلىشىدىغاندۇ ، بىر يىل بولدى تىزىملاتقىلى خۇشياقمايدىغۇ ماڭا  ئەجەپمۇ تەسلىشىپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 12:35:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان ئۈگىنىپ بالارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 12:35:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان ئۈگىنىپ بولارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94841
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 815
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 04:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر ، ساقلىۋالدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 517 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-24 07:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاناممممممممممممم
مەن تېخى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئەمەلىيەت ئىمتاھانغا قاتنىشاتتىم .
ئەجەبا ماڭا كەلگەندە نىمىش بۇ ئەمدى

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش