رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
ناخشا تېكىستى
ئۇنتۇپ كەتسۇن
قەدىرلىمەي تۇنجى سۆيگۈنى،
تاشلاپ كەتتىڭ تېپىپ ئۆزگىنى،
مۇھاببەتنىڭ شۇدۇر ئۆلگىنى،
ئۇنتۇپ كەتسۇن بىزنى مۇھاببەت.
ئەلەم قىلدىڭ ئاشىق يۈەككە،
كۆڭۈل بىرىپ مەندىن بۈلەككە،
يەتكەن بولساڭ بوپتۇ نىيەتكە،
ئۇنتۇپ كەتسۇن بىزنى مۇھاببەت.
بارچە دەرتنى يەلكەمگە ئارتىپ،
ئۆتۈپ كىتەي ئۆزۈملا تارتىپ،
كەچۈرمەيمەن كەلسەڭمۇ قايتىپ،
ئۇنتۇپ كەتسۇن بىزنى مۇھاببەت.
ناخشا تېكىستى
مېنىڭ خاتا
ساڭا ئازار بىرىپ كەپتىمەن،
ئۆزۈمنىڭكى توغرا دەپتىمەن،
ئۆزۈمنىلا ئويلاپ كەپتىمەن،
مېنىڭ خاتا كەچۈرگىن مېنى.
مەندىن سۆيگۈ مۇھاببەت كۈتسەڭ،
دەرتلىرىمنى غېمىمنى يۈتسەڭ،
بىلمەپتىمەن بېغىمغا ئۈنسەڭ،
مېنىڭ خاتا كەچۈرگىن مېنى.
پاك سۆيگۈڭنى قەلبىڭگە پۆكۈپ،
كەتكىنىڭدە يىغلاپ ياش تۆكۈپ،
ئەپسۇسلاندىم قالدىم ئۆكۈنۈپ،
مېنىڭ خاتا كەچۈرگىن مېنى.
رۇستەم قاراسۇ...ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-25 06:57 PM