«ھايۋانلار قورۇقى»ۋە ھايۋانىزم مەسلىكى
…ئىنسانلار بىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز.ئۇلارنىڭ باشقۇرشىدىن قۇتۇلساقلا،قورساق تويمايدىغان،تۈگىمەس ئەمگەككە سېلىندىغان كۈنلەردىن قۇتۇلىمىز.ئادەملەر ئىستېمال قىلىدۇ،ئىشلەپچىقارمايدۇ. سۈت بەرمەيدۇ،تۇخۇم تۇغمايدۇ….ئەمما،ئۇلار بارلىق ھايۋانلارنىڭ خوجىسى… يولداشلار،تۇمۇشىمىزدىكى پاجىئەلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن كەلگەن.ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىلا،ئەمگەك مېۋىلىرىمىز ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولىدۇ،بىز شۇئان ھۆرلۈك ۋە بايلىققا ئېرىشىمىز… بارچە ئىنسان بىزنىڭ دۈشمىنىمىز،بارچە ھايۋان بىزنىڭ يولدىشىمىز.ئىككى پۇتلۇقلار بىزنىڭ دۈشمىنىز،چاھارپايلار ۋە ئۇچار قاناتلار بىزنىڭ دوستىمىز.سىلەر ئىنسانلارنى بويسۇندۇرغان چاغدىمۇ،ھەرگىز ئۇلارنىڭ يامان ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلماڭلار.ھايۋانلار ھەرقاچان…كېيىم كېيىدىغان،پۇل خەجلەيدىغان،سودا-سېتىق قىلىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى زۆرۈر… مانا بولار قېرى قاۋاننىڭ جۇنس ئەپەندىنىڭ قورىقىدىكى ھايۋانلارغا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلىگىرى كېچىدە يۇشۇرۇنچە بەرگەن تەلىمى. بۇ ئۈگۈتلەرنى جۇنس ئەپەندى سېتىش ئۈچۈن ئوبدان بورداۋاتقان ئۈچ ياش چوشقا: سىنوۋبول،ناپالېئون ۋە سىكالېرلار مۇكەممەل بىر ئىدىيە سېستىمىسىغا ئايلاندۇرىدۇ ھەم بۇ مەسلەكنى ھايۋانىزم دەپ ئاتىشىدۇ.
—يالىمغا لېنتا چىگەلەمدىم؟-دەپ سورايدۇ موللى ئىسىملىك بايتال ئۇلاردىن. —يولداش،—دەيدۇ سىنوۋبول،—سېنىڭ يادىڭدىن چىقمايدىغان ئاشۇ لېنتا ئەمەليەتتە قۇللۇقنىڭ بەلگىسى.ئەجىبا ئەركىنلىك لېنتىدىن مۇھىم ئەمەسمۇ؟ جۇنس ئەپەندى سۇنغان،چۈشكەنلەشكەن بىر كونا چارۋىدار بولۇپ،ھايۋانلار ئۇ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ چوشقىغا ئەگىشىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۇنى قوغلاپ چىقىرىىپ،قورۇق دەرۋازىسىنى تاقىۋالىدۇ. ئاتامان چوشقىلار جۇنس ئەپەندىنىڭ بالىلىرىنىڭ كونا كىتابىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ساۋادىنى چىقىرىپ،ئۈچ ئاي جىددىي ئۆگىنىش ئارقىلىق ھايۋانىزم پىرىنسىپلىرىنى«يەتتە مىزان»غا ئىخچاملاپ ئاشلىق ئامبىرىنىڭ تېمىغا سىر بىلەن يوغان قىلىپ يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى جىددىي ئۆلچەم قىلىشى ئۇقتۇرىلىدۇ. 1. ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز. 2. چاھار پايلار،ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ دوستىمىز. 3.ھايۋانلارنىڭ كېيىم كىيىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 4.ھايۋانلارنىڭ كارۋاتتا ئۇخلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 5.ھايۋانلارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 6.ھايۋانلارنىڭ ھايۋانلارنى ئۆلتۈرشىگە يول قويۇلمايدۇ. 7.بارچە ھايۋان باراۋەر. سىنوۋبۇل ھايۋاناتلارنى ھايۋانلار كومتېتىغا قاتناشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مىكيانلار ئۈچۈن تۇخۇم تۇغۇش كومتېتىتى،ئىنەكلەر ئۈچۈن قۇيرۇق تازىلاش بىرلەشمىسى،قۇي يۇڭىنى ئاقارتىش ھەركىتى…دېگەندەك نۇرغۇن ئورگانلارنى تەسىس قىلىدۇ. سىنوۋبول يەنە كالۋاراق ھايۋانلارنىڭ«يەتتە مىزان»نى يادىقا ئالالمىغانلىقنى ئويلىشىپ «تۆت پۇتلۇقلار ياخشى،ئىككى پۇتلۇقلار ئەسكى»دېگەن ھايۋانىزىمنىڭ جەۋھىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. قويلار بۇ ئەقلىيەنى يادىلاپ بولغاندىن كېيىن،ئۇلارغا شۇنداق ئىشتىياق كىرۇدىكى،ئوتلاقتا يېتىشىپ:«تۆت پۇتلۇقلار ياخشى،ئىككى پۇتلۇقلار ئەسكى»دەپ سائەتلەپ—سائەتلەپ مەرەشسىمۇ زېرىكمەيدىغان بولىدۇ. ئارلىقتا جۇنس قورۇقىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن ئادەم باشلاپ كېلىدۇ ۋە سىنوۋبول قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرۇشى نەتىنجىسىدە مەقسىتىگە يېتەلمەي كېتىپ قالىدۇ. ناپالېئون ئۆزى كۈچۈك چېغىدىن باشلاپ ئانىسىدىن ئايرىپ مەخسۇس باغقان توققۇز ئاپشاركانىڭ ياردىمى بىلەن سىنوۋبولغا جىنايەت ئارتىپ قورۇقتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ ھەم پىرىزدىنت بولىدۇ. چوشقىلار ناپالېئونغا«داھىمىز يولداش ناپالېئون»،«ھايۋانلارنىڭ ئاتىسى»،«ئىنسانلارنىڭ جاجىجسى»،«قوتانلار پاسىبانى»….دېگەندەك سۈپەتلەرنى كەشىپ قىلىدۇ.مىكيانلار«دانا داھىمىز ناپالېئوننىڭ رەھبەرلىكىدە،ئالتە كۈندە بەش تۇخۇم تۇغۇپتىمەن»دېيىسە،كۆل بويىدا سۇ ئىچىۋاتقان ئىنەكلەرمۇ«يولداش ناپالېئوننىڭ دانا رەھبەرلىكىگە ھەشقاللا،بۇ سۇ نېمە دېگەن تەملىك»دەپ ئاپىرىن-تەھسىن ئېيتىشىدۇ.(90-91-بەتلەر)
بوكسېر،كلوۋېرغا ئوخشاش جاپاكەش ئاتلارنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئىشلىشى نەتىنجىسىدە قۇرۇق بۇرۇنقىدىن بېيىغان بولسىمۇ ئىت ۋە چوشقىدىن باشقا ھايۋانلار ئۇ بايلىقنىڭ پايدىسىنى كۆرەلمەيدۇ. تامدىكى«يەتتە ماددىلىق مىزان»ئۆچۈرۈلۈپ«ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر،لېكىن،بەزى ھايۋانلار باشقا ھايۋانلاردىن بەكىرەك باراۋەر»دېگەن بىرلا يېڭى مىزان قالىدۇ. قۇرۇقتىكى نازارەتچى چوشقىلارنىڭ ئالدى پۇتلىرى بىلەن قامچا تۇتىۋالغانلىقى ھەيران قالمىسىمۇ بولىدىغان ئىشقا ئايلىنىدۇ. ناپالېئونمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا قارا چاپان،ئوۋچى ئىشتىنى كىيىپ،پاچىقىغا خۇرۇم يۆگەپ،ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئامراق مىكىجىنى تاۋار كۆڭلەك كىيىۋالىدۇ.
چوشقىلارغا بىرەر ھايۋان زەرىچە نارازىلىق بىلدۈرسە سىنوۋبولنىڭ پايلاقچىسى ھېسابلىنىپ ئاپشاركىلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىدۇ. قويلار بولسا«تۆت پۇتلۇقلار ياخشى،ئىككى پۇتلۇقلار ئەسكى! تۆت پۇتلۇقلار ياخشى،ئىككى پۇتلۇقلار ئەسكى! تۆت پۇتلۇقلار ياخشى،ئىككى پۇتلۇقلار ئەسكى!»دەپ توختىماي ئۆزلىكىدىن شۇئار توۋلاپ خور ھاسىلى قىلىدۇ.
|