مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 990|ئىنكاس: 11

ئوغلۇم ، بۈگۈن يۈز ياشقا كىردىڭ ( تەرجىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62296
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3882
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 735 سائەت
تىزىم: 2011-10-26
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 12:26:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  دوختۇرنىڭ بېشىنى چايقىشى ۋە ئېغىر ئۇھسىنىشى مېنىڭ كۆڭلۇمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئۈمىد يىپىنىمۇ ئۈزۈۋەتتى.ئايالىم قىيىن تۇغۇتتا تۈگەپ كەتكەندىن بېرى ئوغلۇم ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە تايىنىپ ياشاپ كەلگەن ئىدۇق.كېيىن ئوغلۇم كېسەل بۇلۇپ قالدى،مەن ئۇنى نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتۈم ، دىئاگنوز نەتىجىسى ئوخشاشلا ئىدى، راك ھۈجەيرىلىرى پۈتۈن بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالارغا تارقىلىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ، ئەمما ئۇنىڭ پەقەت ئۈچ ئايلىقلا ئۆمرى قالغان ئىدى.

  ئوغلۇم بالنىستتا يېتىۋاتاتتى.يېرىم كېچە،دوختۇرخانىنىڭ بىر يېرىدىن بوش يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى، ئەلۋەتتە بۇ بىر ھاياتلىقنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىنى دېرەك بېرەتتى.ئوغلۇم كۆزىنى ئېچىپ :

ـ دادا ، مەن بىرسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم ! ـ دىدى .

ئوغلۇمنى بەزلىگەچ ، ئاستا ئېيتتىم :

ـ نەدىكىنى ، سەن چۈش كۆرۈپسەن !

  ئوغلۇم گېپىمگە ئىشىنىپ قۇچىقىمدا ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.

ئەتىگەندە مەن ئوغلۇمغا تاماق ئېلىپ قايتىپ كىرسەم ئۇ يوتقانغا بېشىنى پۈركىۋېلىپ غاراڭ – غۇرۇڭ ئاۋازدا مەندىن سورىدى :

ـ دادا ، مەن ئۆلۈپ كېتەمدىم ؟

مەن بۇ ئەمىلىيەتنى ئىنكار قىلالمايتتىم ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ۋەھىمىنى پەسەيتىشىم كېرەك ئىدى. مەن  كۈلۈپ تۇرۇپ :

ـ قارا گېپىڭنى ، كىم ئۆلمەيدۇ ؟ ئەگەر ئادەملەر ئۆلمىسە يەر شارىدا تۇرغۇدەك جايمۇ قالمايدۇ .

ئوغلۇم يوتقاننىڭ ئىچىدە ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە  ؛

ـ تۈنۈگۈن كەچتە چى مومام ئۆلۈپ كېتىپتۇغۇ ؟ـ دادا ، بۇ يەردە ياتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتەمدا ؟

ئوغلۇم توختىماي سۇئال سوراپ مېنى جىددىلەشتۈرۈۋەتتى .مەن بىردەم ئارىسالدى بولدۇم ، ئاندىن ئوغلۇمغا چۈشەندۈردۇم :

ـ بەزى ئادەملەرنىڭ كېسىلى يىنىك بۇلۇپ ، تېزلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىدۇ ، بەزى ئادەملەرنىڭ كېسىلى ئېغىرراق بولسا چى مومايغا ئوخشاش  دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل ياتىدۇ ،چۈنكى ئۇنىڭ يېشىم چوڭ،كېسىلى ئېغىر،سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە كېتىپ قالدى .

ـ لېكىن دادا ئۇنىڭ كېتىشى چوڭ ئۆلۈش بولسا،مېنىڭ كىچىك ئۆلۈش بولامدۇ...؟ ئوغلۇم ياشقا چوڭ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى چوڭ ئۆلۈش،كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كىچىك ئۆلۈش دەپ قارايدىكەن .مەندە ئۇنىڭ بۇخىل قارىشىنى ئۆزگەرتكىدەك جۈرئەت يوق، ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشىنى توسۇشقا ھىچقانداق ئامالىم يوق ئىدى. پەقەتلا ئۇنى باغرىمغا چىڭ باستىم، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىغان ئىدى .....

تۇيۇقسىز يادىمغا بىر ئىش يېتىپ ، ئوغلۇمدىن سورىدىم :

-     سەن قانچىلىك ياشاشنى ئارزۇ قىلىسەن ؟

ئوغلۇم ئويلىنىپ تۇرۇپ،بىر ئاز تارتىنغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ :

-يۈز ياش،يۈز ياش بولامدۇ ،مەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسەم دەيمەن! – دىدى.

مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم ،ئارقىدىنلا يەنە :

- ئەگەر سەن 100 ياشقىچە ياشاشنى ئارزۇ قىلساڭ ،بىز ھازىردىن باشلاپ كەينىگە ياندۇرۇپ تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئۆتكۈزەيلى ،100 ياشتىن 50 ياشقا ،بىر ياشقا،نۆل ياشقا ،ئەڭ ئاخىرى يېڭى تۇغۇلۇپ سىستىرا تۇغۇت ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىققان ۋاقىتقا ياندۇرايلى ،بولامدۇ ؟

ئوغلۇم مېنىڭ پىكرىمنى قۇۋۋەتلەپ :

- ئۇنداقتا بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۇممۇ ؟

- ئەلۋەتتە !

مەن دەرھاللا بىر تورت بۇيرۇتتۇم ، ھەمدە ئۇلارغا تورتنىڭ ئۈستىگە : كىچىك دوست ۋۇجۇنىڭ يۈز ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن! دەپ يازغۇزدۇم . تورتنىڭ قېپىنى يەشكەن ئاشۇ دەقىقىدە ئوغلۇمنىڭ كۆزلىرى خوشاللىقتىن چاقناپ كەتتى ......

ئوغلۇمنىڭ ساناقلىقلا كۈنلىرى قېلىۋاتقاچقا مەن بىر كۈندە بىر ياش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ،ئۇنىڭ 100 كۈن ياشىشىنى ئۈمىد قىلدىم.ئىككىنچى كۈنى مەن ئۇنىڭدىن 99 ياشقا كىرگەندە قانداق تەبرىكلەشنى سورىدىم .ئوغلۇم  مېنىڭ ئۆزىگە مودىل بۇلۇپ بېرىشىمنى، مېنىڭ توپ ئويناۋاتقان ھالىتىمنى سىزىدىغانلىقىنى ئېيتتى .ئوغلۇمنىڭ سىزغان رەسىمى مېنى ھەيران قالدۇردى .رەسىمدىكى مەن ناھايىتى قاۋۇل ئىدىم . تېمىسى 《 قەلبىمدىكى دادام ئاستىدىكى ئىمزاسى”ۋۇجۇ 99 ياشتا سىزغان “دەپ يېزىلغان ئىدى.

ئوغلۇمنىڭ 20 ياشقا كىرگەن كۈنى ئۇ مەندى سورىدى .  .

- دادا ، مەن بۇ يېشىمدا نىمە قىلىشىم كېرەك ؟

-مۇھەببەتلەشكىن، ئۆزەڭ ياخشى كۆرگەن قىزنى قوغلاشقىن ...- گېپىمنى ئاڭلاپ ئوغلۇم ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتتى ھەمدە ئىزا تارتقان ھالدا ئاستا سورىدى :

- راستا مۇھەببەتلەشسەم بولامدۇ ؟

مەن ئۇنىڭدىن كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سورىدىم .ئوغلۇم ئۆزىگە ئوكۇل ئۇرىدىغان سېستىرا شىياۋمېينى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئوكۇلنى ئاغرىتماي سالىدىكەن.بۇنى ئاڭلاپ ئىچىم ئېچىشقاندەك بولدى. بۇمۇ بەلكىم ئوغلۇمنىڭ قىزلارنى ياخشى كۆرىشىدىكى بىر سەۋەبى ئىدى.ئەگەر ئۇ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالمىغان بولسا ھەقىقى 20 يېشى نىمىدىگەن گۈزەل بولاتتى ھە !

- دادا ، سەن بېرىپ ماڭا ئەتىرگۈل ئەكىلىپ بېرە، مەن ئۇنى شىياۋمېي ئاچامغا سوۋغا قىلاي .

يوغان بىر دەستە ئەتىرگۈلنىڭ ئىچىدە ئوغلۇم كۆرۈنمەيلا قالدى.ئوغلۇم ئاۋايلىغىنىچە گۈلنى شىياۋمېينىڭ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ :

- شىياۋمېي ئاچا، بۈگۈن مېنىڭ يىگىرمە ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ، سىز مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇشنى خالامسىز ؟ دىدى .

شياۋمېې خىجىللىق ئىچىدە گۈلنى ئالدى .ئوغلۇم ئۇنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ :

- رەھمەت سىزگە شىياۋمېي ئاچا ! دىدى .

دورا يەپ ، ئوكۇل ئۇرغۇزۇۋاتقان چاغلاردا ئوغلۇم بىلەن كېيىنكى كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلىشەتتۇق.ئۇنىڭ تېنى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بالىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلمىگەچكە ئازراق كۈچى بولسىلا چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرماي ئۆزى ماڭاتتى .

بىر ياشقا كىرگەن ئاشۇ كۈنى شىياۋمېي پەرداز بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپ ئۇنىڭغا گىرىم قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن يۈزىدە قىزىللىق پەيدا بولدى .ئوغلۇم خىجالەت بۇلۇپ :

- دادا ، مەن ئوغۇل بالا تۇرسام ، نىمىشقا گىرىم قىلىمەن ؟ دەپ سورىدى.

- بىز سېنى سۈرەتكە تارتىمىز بالام.يېشىڭغا توشقاندا ئەلۋەتتە گىرىم قىلىپ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىسەن ئەمەسمۇ ؟ ...ئوغلۇم قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ بىر ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈن تورتىنىڭ شامىنى پۈۋلەپ ئۆچۈردى.

ئوغلۇمنىڭ” قىرىق كۈنلۈك “ بولغاندا بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ مىدىرلىماقچى بولاتتىيۇ لېكىن ھىچقانداق كۈچى قالمىغان ئىدى.مەن ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت مەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.

مەن كۆز ياشلىرىمنى زورىغا بېسىپ ئوغلۇمغا پىچىرلىدىم  :

- قوزام، مىدىرلىما، ئەمدىلا قىرقى توشقان بوۋاق پەقەت يىغلاش ۋە كۈلۈشنىلا بىلىدۇ ، گەپ قىلالمايدۇ جۇمۇ .

ئوغلۇم چۈشىنىپ بېشىنى لىڭشىتتى :

-ئۇنداقتا مەن گەپ قىلسام بولمامدۇ ؟ كەچۈرگىن، ئۇنتۇپ قاپتىمەن ....

- قوزام ، كىچىك بوۋاق دىگەن يىيىش ۋە ئۇخلاشنىلا بىلىدۇ ، پەستىكى ھەدەڭنىڭ بوۋىقىمۇ كۈن بويى يەپلا ۋە ئۇخلاپلا ئۆتىدۇغۇ، ئېسىڭدە بارمۇ ؟ ئوغلۇم ئويلىنىپ بېشىنى لىڭشىتتى .لېكىن مەن يەنىلا ئۆزەمنىڭ ئوغلۇمنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىنى توسۇپ قويغانلىقىمنى بىلىپ ئۇنىڭغا دىدىم :

- قوزام ، ئەگەر مەن بىلەن پاراڭلاشقۇڭ بولسا گەپ قىلىۋەرگىن ھە ، گەپ قىلساڭ بولىدۇ .....

مەن پەقەت ئۇنىڭ بەرداشلىق بېرىشىنى، مەندەك دادىسىغا بىردەم بولسىمۇ كۆپرەك ھەمراھ بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم.

ئوغلۇم مېنىڭ جەينىكىمگە بېشىنى قويۇپ ناھايىتى ئۇزاق ئۇخلىغاندىن كېيىن ئاخىرى ئويغاندى . كەيپىياتىمۇ خېلى ياخشى بۇلۇپ تىرمىشىپ يۈرۈپ ئۆزى ماڭدى .

بىز دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا چىقىپ بىرلىكتە كۈننىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆردۇق .ئوغلۇم قولومنىڭ چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ:

- دادا ، رەھمەت ساڭا، مەن ناھايىتى خوشال ....دىدى .مەن بالامنىڭ مەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى قۇچاقلىغاندەك چىڭ قۇچاقلاپ،يۈزىنى يۈزۈمگە يېقىپ ئەللەي ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئاستا پەپىلەشكە باشلىدىم.ئوغلۇمنىڭ كۆزلىرى ئاستا- ئاستا يۇمۇلۇشقا باشلىدى. خۇددى ئۇخلاۋاتقاندەكلا، بەلكىم مەلۇم بىر كۈنى ئۇ ئۇخلاپ قانغاندا يەنە  ئويغىنىشى مۇمكىن .........

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aybanum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-23 12:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99769
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-18
ئاخىرقى: 2014-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 01:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   نېمىدېگەن تەسىرلىك. ئۆلۈمگە قاراپ مېڭىشنى شۇنچە گۈزەللەشتۈرۈۋېتىپتۇ ئاپتور.

Don`t talk, just act
Don`t say, just show
Don`t promise, just prove

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 01:51:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدېگەن تەسىرلىك.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1261 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 01:57:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتلەر تازا ئۇچۇق ئەمەسقۇ؟
بىراق ياقتۇردۇم

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20073
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5943
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 3505 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 04:40:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پەقەت بالىلارغىلا بولىدۇ دە ! لىكىن قورامىغا يەتكەنلەرگە ئۆلۈم نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4663
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 06:33:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 07:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك يېزىلىپتۇ!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 08:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلۈم - ھەم قورقۇنۇشلۇق ھەم گۈزەل بولىدۇ .  توۋۋا دەپ قالىمەن . مەنمۇ  شۇنداق بىر ئىشنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن . بىر ئانا ئاغرىپ قاپتۇ . ساقايمايدىغان كېسەل ئىكەن . 9 پەرزەنتى بار ئىكەن . چوڭى ئوغۇل ،قالغىنى قىز . ھەممىسى ئۆيلۈك بولۇپ بولغان . ئانا ئاغرىپ قالغاندا بالىلار نۆۋەتلىشىپ قارايدىغان بوپتۇ . لېكىن بىر ئانا 10 بالىنى باقىدۇ  ،10 بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ دىگەن راس گەپ ئىكەن . بالىلار بىر قېتىم نۆۋەتلىشىپ بېقىپلا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ . تەقدىر ئاجايىپ بولىدىكەن . ئۇ كېسەلچان ئانا ھازىرغىچە ياشاۋاتماقتا ......

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10153
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2318 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 09:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك ھىكەيىكەن رەھمەت

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12393
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32443
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4456 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 10:20:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ،بوغۇزۇمغا يىغا قاپلاشتى ئوقۇپ بولغۇچە..

بەك تەسىرلىك ھېكايىكەن..

ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار،بىراق قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايدۇ،ئۇ اللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە بولىدۇ...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش