amarjan133 يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 07:31 PM
ئۆزۈمنىڭ مەكىتلىك بولۇپ قالغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ھەم ...
ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن پەخىرلىنىدۇ ،لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ
يۇرتىدىن پەخىرلىنىشى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا
شۇنچىلىك ئۆزگىچە ،يەنى مۇئەييەن يۇرتۋازلىق قىلىش خاھىشىنى
ئالغانلىق بۇلىدۇ،،،،ئالايلۇق ،سىز مەكىتلىك بوپ قالغانلىقىڭزدىن
پەخىرلىنىسز ،ئەسلىدە مەكىتتىنلا ئەمەس پۈتۈن شىنجاڭدىن ،خوتەندىن
تۇرپاندىن ھەممىسىدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقسىز ،چۈنكى شىنجاڭنىڭ
ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلىرى سىزنىڭ ئەجداتلىرىڭز ياشاپ ئۆتكەن جايلاردۇ،
ئەگەر بزىنىڭ ئورنىمىزدا باشقىلار بولغان بولسا مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇرخۇن
دەريا ۋادىلىرىدىنمۇ پەخىرلەنگەن بۇلاتتى ،،،،بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىز
مانا مۇشۇنداق ،قايسى بىر چولپان چىقسا ئەڭ ئەۋال ئۇنىڭ يۇرتىنى
سۈرۈشتە قىلىمىز ،،،
قايسى بىر چاغدا بىر خەنزۇ ساۋاقدىشىم مەندىن«سىلەر خۇتەنلىكلەرنى
ياراتمايدىكەنسىلەر» دىگەندە ئۆزۈمچە ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ
بىزدە بۇنداق ئىش يوق ،ئەكىسچە خۇتەندىن پەخىرلىنىمىز ،دەپ
كەتتىميۇ لېكىن تۇرۇپ قالدىم ،چۈنكى بۇ بىر ھەقىقەت ئىدى ،
ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى ھەممەيلەننىڭ چاقچاقلىرىدا،تۇرمۇشىمىزدا
مەسخىرە ئوبىيىكتى ، قەشقەرلىكنىڭ گېپى سېسىق ،ئۇنداق
بۇنداق دەپ غۇلجىدىكى سۇرۇنلارنىڭ كۈلكە ئوبىيىكىتى ،،،،
ئابدۇللانىڭ بىر ناخشىسى ئېسىمگە كەپ قالدى:
ئۆتۈشۈمىز جاھاندىن
غاجىلىشىپ قېتىشماي،
ئۇ يۇرتلۇق ھەم بۇ يۇرتلۇق،
ماجرا تېرىپ پېتىشماي،،،،
نە كويلارغا سالمىغان ،
بىزدىكى بۇ كەمچىللىك،
بۇ ئازاپنىڭ ئالدىدا
دوزاخ ئوتى قانچىلىك ،،،،