ئوغلۇمنى كۈنلەپ
گۆھەرقىز ئىبرايىم
ئوغلۇمنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىزنى ئىلىپ بىرىپلا ئۇنى قىز بالىدىن ئىبارەت بىر "تۈلكە جىن"نىڭ خىزمىتىگە سىلىپ بەرگىنىمدىن كۆڭلۈم تولىمۇ غەش بولدى. چۈنكى ئەتىۋارلاپ ئارزۇلاپ ئىشىمغا سالماي باققان ئوغلۇم بۇ "تۈلكە جىن" ۋايجان دەپ بولغىچە يۈگرەپ كىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ ئىچىمگە ئاچچىقنى تولدۇرۋەتتى؛ ئايلاپ يىللاپ ماڭا بىر نەرسە ئىلىپ كىرمىگەن ئوغلۇم ئۇنىڭغا سىرىتتىن قۇرۇق كىرمەيتى؛ ھىيىت بايراملاردا مىنىڭ سوغامنى ئىلىپلا كۆنۈپ قالغان ئوغلۇم ھەر بىر ھىيىتتا ئۇنىڭغا ئاتاپ نەرسە ئىلىشنى ئۇنۇتمايتى.
ھەر كۈنى يۈرىگىمنى مىجىپ، ھوجرىسىنىڭ ئىشىگىنى يىپىپ كىرىپ كىتىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە خۇشال كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيتى. ئوغلۇممۇ مەن بىلەن كەمدىن كەم پاراڭلىشىپ ئۇنىڭ بىلەنلا بولۇپ كىتەتتى. مەن ئۇلار ئالدىدا غىرىپسىناتتىم، يالغۇزلۇق ھىس قىلاتتىم، ئۆزەمنى تاشلاندۇق ۋە ئارتۇقچە ھىس قىلاتتىم - دە ئۇنىڭغا ھەسەت قىلاتتىم، كۆرەلمەسلىك قىلاتتىم، قىلغان ئىشلىرىمنى مىننەتكە تولدۇرۋىتەتىم.
مەن ئائىلىدىكى ئورنۇم ۋە ئوبرازىمنى يوقىتىپ قويماسلىق، ئۆزەمنىڭ خوجايىنلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاكتىكىدا ھۇشيار بولمىسام بولمايدىغىننى ھىس قىلىپ ، بۇ "تۈلكە جىن"نى ئۆزى قىلالمايدىغان قىيىن تەس ئىشلارغا بۇيرۇپ، ئۇنىڭ ئىشىدىن قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ، ئۇلار ئارىسىغا سوغاقچىلىق سىلىپ ، ئوغلۇمنىڭ پەرىشتە سۈپەت "تۈلكە جىن"دىن كۆڭلىنى سوۋۇتۇپ، ئۇنى غورۇرى بىلەن قايتۇرۇپ كەلگەندىن سىرىت "تۈلكە جىن"نى ئىقتىساتتىن ۋە مەنىۋىيەتتىم سىقىپ ، ئوغلۇم ئالدىدا قەدىرلەپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلىغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەيتىم. بۇ ئارقىلىق ئوغلۇمنىڭ مىنىڭدىن تىزىپ كىتىپ بارغان مىھرى مۇھاببىتىنى ساقلاپ قالاتتىم.
ئوغلۇم مىنىڭ مەخسىتىمدىن گۇمانلانمايتى، ئۇنىڭغا غورۇرىنى كۆرسىتىپ ئۇراتتى، سىلكىيتى، مەن ئۇغلۇمنىڭ "ئەركەك" لىگىدىن پەخىرلىنەتتىم، ئۇنىڭ مىجەزى يوق بولغاندىمۇ ۋاختى قەرەلىدە دوختۇرغا ئىلىپ چىقماي ئۆيدە دۇملەپ قوياتتىم، سىزىك بولۇپ قولىدىن چىقىپ كەتكەندىمۇ بىر قاچا تاماق ئىتىپ بەرمەستىن "مەنمۇ تۇققان شۇ بالىنى، ئەتىۋالىق قىلماي تاماق ئىتىڭ" دەپ ئۇنى چارچىتاتتىم. ئۇ سىزىكلىكتە ئامراق بولغان تاماقلارنى ئىتىشتىن باھانە تىپىپ توساتتىم. ئائىلىسىگە بىرىشىغا يول قويماي يۈرىگىنى سىقاتتىم.
"تۈلكە جىن"نىڭ تۇغۇت ۋاختى توشۇپ دوختۇرخانىغا كەلگەندە دوختۇرلار "قىنى ئاز، قان بىسىمى تۆۋەن، داس سۆڭەك كىچىك بۇرۇنراق ئاپراتسىيىگە تەييارلىق قىلىڭلار" دەپ ئەسكەرتسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تاپشۇردىغان 10000يۇئەن ئاپراتسىيە پۇلىنى ئىغىر كۆرۈپ باشقىلاردەك ئۆزى تۇغسۇن دەپ تۇرىۋالدىم. ئاقىبەتتە ئۇ قىز نەۋرەمنى ماڭا قالدۇرۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
ئوغلۇمنى نەچچە ئۆلەپ بولدۇم لىكىن ئۇنىڭغا ئوخشاتماي قويىۋەتتى، مەن ئوغلۇمنىڭ چىھرىدىن كۈلكە تاپالماي، ئۇنىڭ ئەشۇ خۇشال چاغلىرىنى، ئەشۇ بەختىنى ۋەيران قىلغىنىمغا ئۆكۈندۇم، ئۇنىڭ "ئوغلۇڭىزنى مەندىن كۈنلەۋاتامسىز" دىگىنىگە "سەت بۆھتان چاپلىما" دەپ كاچىتىغا ئۇرغان قولۇمدا ئۆزۈمنى نەچچە ئۇرۇپ بولدۇم بىراق ئورنىغا كەلمىدى.
راست، مەن نىمىشكە ئوغلۇمنى كۈنلەپ ئۇنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلغاندىمەن؟ كۈنلەمچىلىكتىن كۆزۇم ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، مىننەتخورلۇق ۋە سۇيقەستلىگە تولۇپ كىتىپ، ئىنسان پەزىلىتىمنى ، ئانا ئوبرازىمنى نىمىشكە ئۇنتۇپ قالغاندىمەن؟ ئۇنىڭغا نىمىشكە ئانا مىھرىنى بىرىپ سەۋرىچانلىق بىلەن تەربىيلەپ قەلبىدىن ئۆز ھۆرمىتىمدىن گۈللەر ئۈندۇرمىگەندىمەن؟ ئەمدى ئوغلۇمنىڭ قولدىن كەتكەن بەختىنى قانداق تاپارمەن؟ ئوغلۇمغا نىمە دەرمەن؟ يىتىم قالغان نەۋرەمگە قانداق يۈز كىلۇرمەن؟ پەرىشتىدەك ئىسىل بىر كىلىنگە مەن قويمىغان لەقەم قالمىدى بۇ ئادالەتسىزلىككلەر ئالدىدا تەڭرىگە نىمە دەرمەن؟ مەنمۇ بىر كىلىن مەنمۇ بىر ئانىغۇ؟ خۇددى ئۆز بىشىمدىن ئۆتمىگەندەك ئۇنىڭغا نىمىلەرنى قىلىپ قويغاندىمەن؟
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-22 10:38 PM