مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 759|ئىنكاس: 9

كەچمىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-22 07:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەچمىش


ئاتامان


ئەسكەرتىش: يازمىدىكى مەزمۇنلار مەلۇم بىر دوستۇمنىڭ بېشدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرى. ھەقىقىي راست بولغان ئىشلار.




نېمە قىلىۋاتىسىز، زادى نېمە ئىش بولدى؟

-ھويلىدىكى ۋارقىراشلاردىن چۆچۈپ، چوڭ ئانام، چوڭ دادام، نەۋرە ئىنىم تۆتىمىز يۈگىرەپلا ھويلىغا چىقتۇق. (دادام كېچىچە دىجورنى تۇرىمەن دەپ ئۆيگە كەلمىگەن ئىدى. بەلكىم ھازىر كەلگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى) توۋا، شۇ ۋاقىتتىكى كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە ئاجايىپ يىرگىنىشلىك. دادام ئاپامنىڭ گىلىنى سىققىلى تۇرۇپتۇ، بىچارە ئاپام نەپەسمۇ ئالالمايۋاتاتتى. (يەنە بىرەر ئىككى مىنۇت كېچىككەن بولسام بەلكىم ئاپام بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەسلىكىم مۇمكىن ئىدى) يۈگىرەپ بېرىپ دادامنىڭ قولىنى ئاجىرتىۋالدىم، دادام شۇئان مېنى ئۇرماقچى بولۇپ تەمشەلگەن ئىدى، مەن تېزلا دادامنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋەتتىم. دادام شۇ ۋاقىتتا ئازراق مەس ئىكەن، قولىنى شۇنچىلىك ئىتتىرىپ قويغانلىق بىلەن ئارقىسىغا داجىپ تامغا يۆلىنىپ قالدى. شۇئان دادامنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاپام بىلەن ئىككىمىزنى ئەيىپلەپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دېيشىچە مەن ئارىغا كىرمەسلىكىم كېرەككەن. دادامغا قول كۆتۈرمەسلىكىم كېرەككەن. مەن شۇنچە چۈشەندۈرگەن بولساممۇ يەنىلا شۇ گەپ، بارا-بارا گەپ ئاينىپ مەن دادامنى ئۇرغان قاتارغا چىقتىم، ئۇلار دائىم ھەممىسى بىرلىشىپ دېگۈدەك ئاپامنى تىللاپ، توختىماي ئىشقا سېلىپ بەكلا خورلايتتى. شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، ئاخىرى گەپ چوڭ دادام، چوڭ ئاناملار بىلەن گەپ تالاشتىم. سىلەرچە شۇ ۋاقىتتا ئاپامنىڭ گېلىنى سىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ قاراپ تۇرسام بولىدىكەندە؟ نەدە ئاپاڭنىڭ گېلىنى سىقىدۇ؟ ---- بۇ گەپتىن كېيىن ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ قۇرۇق ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىمدە، شۇئان ئۇلارغا، مەن ئاتامنىڭ (ئاپامنىڭ دادىسى، مەن ئاتا دەپ چوڭ بولغان ئىدىم، بەلكىم كىچىكىمدىن شۇ ئۆيدە چوڭ بولغاچقىمىكىن ئاتامغا قەۋەتلا ئامراق ئىدىم) ئۆيىگە كېتىمەن. مەن ئەتە-ئۆگۈن ئىچىدە كېلىمەن. ئاپامغا بىرەر ئىش بولىدىغان بولسا ھەممىڭنىڭ جېنىنى ئالىمەن بىلىپ قويۇش دېدىمدە ئارقامغا قاراپ ماڭدىم.

يولدا كېتىۋاتىمەن، كۆزلىرىمدىن ياش توختىماي سىرغىماقتا. شۇ ئەسنادا بېكەتكىمۇ كەلدىم. خۇداغا شۈكرى، مېڭىشقا تەييار بولغان ماشىنا بار ئىدى. ماشىنىغا چىقىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم....

ئاپامنىڭ ئاپىسى بىلەن دادامنىڭ دادىسى تۇققان كېلىدۇ. كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى تۈپەيلى ئۆز-ئارا قۇدۇلۇشۇپتىكەن. ئىككىسى توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي دادام ھاراققا خۇمار بوپ قېلىپ توختىماي ھاراق ئىچىدىغان ئىشنى تېپىۋالغانىكەن، شۇنداقلا ھاراق ئىچىپ ئۆيگە كەلسىلا ئاپامنى ئۇرىدىكەن، تىللايدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ تۇغۇلۇپتىمەن. بىر بىر ياشقا كىرگەندە ئاپامنىڭ قېرىنداشلىرى بۇ ئىشلارنى بىلىپ قېلىپ، دادامغا شۇنچە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، دادام يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، ئاپامنى خورلاپ يۈرىۋېرىپتۇ. سەۋر-قاچىسى توشقان ئاپام ئاخىرى دادام بىلەن ئاجرىشىپتۇ. كېيىن ئاپام كىيىم-كېچەك سودىسى قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆينى قامداپ، يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا ئانا ھەم دادا بولۇپ كېلىۋاتاتتى. ئارلىقتا مەنمۇ چوڭ بولۇپ باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا كىردىم. شۇ يىلى مۇنەۋۋەر پىئونېر بولۇپ باھالاندىم. دەل شۇ كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ مەكتەپ چوڭ دەرۋازىسىدىن چىقىشىمغا بىر ئادەم ئالدىمغا كېلىپ مەندىن گەپ سورىدى. مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايتتىم، شۇڭا كەتمەكچى بولۇپ ماڭسام ئۇ ئادەم مەن سېنىڭ ئاپاڭنىڭ دوستى، قورقما دەپ ماڭا بازاردىن بىر نەرسىلەرنى ئەپ بېرىپ مېنى يولغا سېلىپ قويدى. مەن ئاپامنىڭ دۇكىنىغا كېلىپ بولغان ئىشنى دەپ بەرگەندىن كېيىن ئاپام دەرھاللا، ئۇ ئادەم ئەمدى سېنى ئىزدەپ كەلسە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمە دېدى. ئاران ئالتە ياشلىق مەن ئۈچۈن ئىتائەت قىلماقتىن باشقا ئامال يوقتە. ئىشلار شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋاتاتتى، ئۇ ئادەم مېنى ئىزدەپ كەلگەن ۋاقىتلاردا بەزىدە مەن بالدۇر كۆرۈپ قېلىپ قېچىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىممۇ بولدى، بەزىدە تۇيۇقسىز ئۇچراپ قېلىپ ئامال يوق پاراڭلىشىپ قالغان ۋاقىتلارمۇ بولدى. ئىشقىلىپ ئۇ ئادەم دائىم مەن ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈيدىغان بوپ قالدى...

مانا- باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىغىمۇ چىقىپ قالدىم. بىر كۈنى مەكتەپتىن بالدۇر قايتىپ ئۆيگە كەلسەم ئۆيدە (ئاپام جەمئىي سەككىز بالا. ئاپام بالىنىڭ ئەڭ چوڭى ئىدى. ئىنتايىن چوڭ بىر ھويلىدا ئاپام ئىككىمىز چوڭلار بىلەن شۇنداقلا ئاپامنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە تۇراتتۇق) ناتونۇش بىر ئەر، يەنە بىر ئايال شۇنداقلا ھېلىقى ئادەم تۇراتتى. چوڭلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇلارمۇ كېتىپ قالدى. ئۇ ۋاقىتلاردا مەنمۇ بىر ئىشلارنى چۈشەنگىدەك بولغان ئىدىم. ئۆيدىكىلەر ئاخىرى ماڭا ھەممە گەپنى دېدى. ئۇ ئادەم ئەسلى مېنىڭ دادام ئىكەن. باشقا ئىككى كىشى بولسا چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانام ئىكەن. شۇ كۈنى ئۇلار قايتا تويلىشىشنىڭ ئىشىنى مەسلىھەت قىلغىلى كەپتىكەن. ئارلىقتا ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار قايتا نىكاھلاندى. داداملارنىڭ ئۆيى بىر يېزا بازىرىدا ئىدى. لېكىن مېنىڭ ئوقۇشۇم ناھىيىدە بولغاچقا مەن ئوقۇشۇمنى ئوقۇۋەردىم، ئۇلار بىلەن بىرگە قايتمىدىم. ئۇزاق ئۆتمەي دادامنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرى يەنە باشلىنىپ، يەنە شۇ كونا سەنەمگە دەسسەپ ئاپامنى خورلاپ يۈرۈپتۇ. نەچچە ئاي ئۆتمەي بۇ ئىشمۇ ئاخىرلاشتى. نەچچە يىل داۋامىدا بۇنداق قايتا نىكاھلىنىشلار بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشتى ھەم ئۇزۇنغا بارمايلا ئاخىرلاشتى. بىچارە ئاپام مېنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆگەيلىنىپ قالمىسۇن دەپلا باشقىلار بىلەن تويمۇ قىلماي، يەنە شۇ مېنى دەپ شۇ دادام بولمىش ياۋۇزغا قايتا نىكاھلىنىپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەنى مەن 16 ياشقا كىرگەن يىلىم، دادامنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ھەم ئاپامنىڭ ئالدىدا قىلغان ۋەدىلىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلغان ۋەدىلىرى ئاساسىدا يەنە بىر قېتىم قايتا نىكاھ ئوقۇلدى. دەسلەپكى ئۈچ ئاي دادام ھېچقانداق ھاراق ئىچمەي خېلى ئوڭشىلىپ قاپتۇدەك. بۇنىڭدىن مەنمۇ خېلى خاتىرجەم بولۇپ دادامغا بولغان مۇئامىلەممۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ھەي تەتۈر پەلەك، ئۇ ئارانلا ئۈچ ئاي چىداپ يەنە باشلىۋالدى. ساق ۋاقتىدا نەسىۋەت قىلدىم، نەسىھەتنى ئاڭلايدۇ يۇ ئەتىسى يەنە قىلىدۇ. مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولساممۇ لېكىن بەش ۋاق نامازنى ئىزچىل ئوقۇپ ماڭاتتىم. شۇڭا دادامنىڭ بۇنداق قىلىشى مەن ئۈچۈن نومۇس ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئوڭشىلىپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن خېلى كۈتتۇق، لېكىن ئاخىرى بۇ كۈتىشىمىز شۇ ئۇرۇش جېدەل بىلەن ئاپام ئىككىمىزگە قارا چاپلىنىپ ئاياغلاشتى.

.....

شۇلارنى ئويلاپ كېتىۋاتىمەن، مانا ناھىيە بېكىتىگە كەپ قالدىم، ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئۆيگە بېرىپ بولغان ئەھۋاللارنى ئاتام بىلەن مومامغا ئېيتتىم. ئۇلارنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەلدىكى مەن ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ ئۇ دەرىجىدە ئاچچىقلانغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان. شۇ ئەسنادا تاغىللىرىم (ئاپامنىڭ ئىنىلىرى) مۇ كەلدى، ئۇلارمۇ ئاڭلاپ ھازىرلا بارايلى دەپ تەييارلىققا چۈشتى. بولدى، ئاتام شۇنداق دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا يۈرە ئىككىمىز بارايلى. ئۇلار بىلەن ئۆزەم ھېسابلىشىپ كېلەي.

شۇنداق قىلىپ ئاتام ئىككىمىز ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. ئاتام ئالدىراپ بىر ئىش قىلمايدىغان، قىلسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغان ئىنتايىن دىتى بار ئادەم ئىدى. چوڭ دادام، چوڭ ئانام (دادامنىڭ ئاتا-ئانىسى) ۋە داداملار، ئاتامدىن خېلىلا چۆچۈيتتى. ئاتام ئىشىكتىن كىرىشىگە چوڭ دادام ئاتامنىڭ ئالدىغا قول كۆرۈشكىلى كەلدى، ئاتام شۇنداقلا كۆرۈشۈپ قويۇشىغا ھېلىقى ئاپامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ياۋۇزمۇ كۆرۈشكىلى كەلگەنتى ئاتام شۇئان دادامنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالدى ھەم شۇنداق زەردە بىلەن ۋۇ ھايۋان ئەمدى قىلمىغان مۇشۇ ئىشىڭ قالغانمىدى؟ يەنە سەن ئىككىڭ چوڭ ھايۋانلارمۇ بار (چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانامنى دەۋاتاتتى). ھەر قايسىڭ بىز دېگەن مۇسۇلمان دەپ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قلىشىسەنيۇ، ماۋۇنىڭدەك بىر نا ئەھلىنى دەپ مۇشۇ كىچىككىنە نەۋرەمگە قارا چاپلىغۇچى بولۇشتۇڭما؟ ئۆزەڭ ئويلاپ بېقىش، جەينامازدىن چۈشۈپ تېخى تاھارەت بىلەن تۇرىۋاتقان كىچىككىنە بىر بالىغا شۇنچە قارا چاپلاپ نېمە ئىش قىلماقچى؟ بولدى سەندەك ئادىمىي ھايۋانلارغا گەپ قىلىشمۇ مەن ئۈچۈن نومۇس، قالغىنىنى ئاللاھقا قويدۇم. ماڭە قىزىم كېتىمىز. ھېلىقىلار بىر ئېغىز ئۈندىمەي جىملا تۇرۇپ قېلىشتى.

مانا ئاپام ئىككىمىز چوڭ ئائىلىگە قايتىپ كەلگىلى ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىل بوپ قالدى. چوڭ ئائىلىمىزنىڭ بۇرۇنقى خۇشاللىقى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىۋاتاتتى، ئۇ ئۆيدە ئادەم جىق بولغان بىلەن چويلا بەك چوڭ، ھەر بىرىمىزگە بىر-ئىككى ئېغىزدىن ئۆي تېگەتتى. ماڭا ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئامراق ئىدى. باشقىلار ئاتامدىن نەچچە بالىسى بارلىقىنى سورىسا ئاتام ئىككىلەنمەيلا توققۇز بالام بار دەپ جاۋاب بېرەتتى. چۈنكى مەنمۇ ئاتامنىڭ ھەم چوڭ ئاپامنىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق بالىسى ئىدىم. كۈنلەر شۇنداق خۇشاللىقلار ئىچىدە ئۆتمەكتە. لېكىن شۇ خۇشاللىقلىرىمىز بىردىنلا قايغۇغا ئايلىنىپ قېلىشىنى ھېچقايسىمىز ئويلىمغاندە...... بىر كۈنى ھەممىمىز يىغىلىپ كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاتام تۇيۇقسىز قورسىقىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئاتامغا دورا بەرگەندىن كېيىن ئازراق ياخشى بوپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى ھوجۇرىمىزغا كىرىپ ئارام ئېلىڭلار دەپ چىقىرىۋەتتى. بىزمۇ كۆپ ئويلاپ كەتمەي قايتىپ چىقتۇق. ئالاھەزەل بىرەر سائەتلەردىن كېيىن چوڭ ئاپام ھەممىمىزنى چاقىرىپ دوختۇرخانىغا بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى. دېمىسىمۇ ئاتام ئاغرىقتىن بەكلا قىينىلىۋاتاتتى، دەرھال تۇتۇش قىلىپ بىردەمدىلا دوختۇرخانىغا كەلدۇق. لېكىن دوختۇرلار شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنى بىلەنمۇ ئاللاھ ئامانىتىنى ئالىدىغان چاغدا ئامال يوقكەن، ئاتام بىز بىلەن خوشلاشتى. پۈتۈن ئائىلىنى بۇ قوبۇل قىلىش تەس بولغان رېئاللىق بەكلا تۈگەشتۈرىۋەتكەن ئىدى. نېمە ئامال رېئاللىق ھامان رېئاللىقتە؟ تەقدىرگە كىممۇ ئامال قىلالىغان.

شۇ ئازاپلار ئىچىدە ئاخىرەتلىك ئىشلارنىمۇ تۈگۈتۈپ نەچچە ئاي ئۆتتى. ئۆز دادامنىڭ ماڭا قىلغىنى، ئاتامنىڭ بىزدىن ئايرىلىشى قوشۇلۇپ بەكلا ئازاپلىنىۋاتاتتىم. دەرسمۇ كاللامغا چۈشمەيدىغان، دوستلۇرۇم بىلەن ئارلىشىشنىمۇ تازا خالاپ كەتمەيدىغان بوپ قېلىۋاتاتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا تاغام تورخانا ئاچماقچى ئىكەنلىكىنى ئۆيدىكىلەرگە مەسلىھەت سېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ئىشلىرىنىمۇ باشلىۋالدى. شۇ ۋاقىتلاردا مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىقىپ قالغان ئىدىم، دەرستە سېنىپ بويىچە ئەڭ ئالدىدا ھەتتا مەكتەپ بويىچىمۇ ئەڭ ئالدىنقى 5 نىڭ ئىچىدە ئىدىم، ئوقۇتقۇچىللىرىممۇ ماڭا بەكلا ئامراق ئىدى. كۈندە مەكتەپتىن قايتقاندا ئۇدۇل تاغامنىڭ تورخانىسىغا بېرىپ تاغامغا ياردەملشكەچ كومپيۇتېر ئۆگىنەتتىم. بارا-بارا كومپيۇتېرغا ئوتتەك قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم، بەزى كۈنلىرى ھەتتا مەكتەپتىن ئۇدۇل تورخانىغا كېلىپ ئۆيگىمۇ قايتماي بىر كېچە كومپيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىپ (كومپيۇتېردا ئۇيۇن ئوينىمايتتىم) ئەتىسى يەنە ئۇدۇل مەكتەپكە كېتەتتىم. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن كومپيۇتېرغا مەستانىلا بولدۇم. كاللامدا كومپيۇتېردىن باشقا ھېچنىمە يوق. دەرسكىمۇ قىزىقماسلا بولدۇم. ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ ئاپامغا مەكتەپتە ئوقۇمايدىغانلىقىمنى، كومپيۇتېر ئۆگىنىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. شۇنداق دېمىسەممۇ بولمايتتى، بىزدە مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىدەك ئىقتىساد يوق ئىدى ھەم ئاپامنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئالدىدا تىلىنىڭ قىسقا بوپ قېلىشىنىمۇ خالىمايتتىم. باشتا ئاپام ۋە ئۆيدىكى ھەممىسى قارشى چىقتى، لېكىن مەنمۇ چىڭ تۇرىۋالغاچقا ئامال يوق دېگىنىمگە كۆنگەنمۇ بولدى. شۇنداق قىلىپ مەكتەپتىن چىقىپ كومپيۇتېرغا باشچىلاپ كىرىپلا كەتتىم. ئۆگىنىش جەريانىدا نەچچە كومپيۇتېرنى ئەخلەتكىمۇ ئايلاندۇرۇپ قويدۇم. شۇنداقتىمۇ ئۆيدىكىلەر ئۆگىنىش نىيتىملا بولسا يەنە نەچچىنى ئەخلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويساممۇ كارى يوقلىقىنى ئېيتىپ مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇراتتى. شۇ تەرىقىدە 16 ئاي ۋاقىت ئۆتتى. كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال، كومپيۇتېر ئوڭشاش، تور ئىشلىرى قاتارلىق تېخنىكىلارنى مۇكەممەل ئىگىلەپ بولغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ ئاپامغا ئۆزەم ئويلىغان يەنە بىر قارارنى ئېيتتىم يەنى كومپيۇتېرنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقىمنى دېدىم. ئۆيدىكىلەر مەندىن ئەنسىرەپ ئازراق نارازى بولغان بولسىمۇ لېكىن ئاپام ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمنى كۆرۈپ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى......

2002-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى ھەممە ئادەم كېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، سۈرلۈك شەھەرگە ئاياق باستىم. ئالدىمغا تولۇقسىزدىكى بىر دوستۇمنىڭ تېخنىكومدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشى چىققان ئىدى. مۇتەللىپ ئىسىملىك بۇ دوستىمىز ئالدىنقى يىلى بىزنىڭ يۇرتقا بېرىپ بىر نەچچە كۈن بىزلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ خېلىلا چىقىشىپ قالغان ئىدۇق. بىز سالام ساھەتتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتىراپىدىكى بىر تاماقخانىغا كېلىپ تاماق يېمەك بولدۇق.

نېمە كەسىپ ئۆگىنەي دەۋاتىسىز؟ سورىدى ئۇ. –شۇ ئاساسلىق كومپيۇتېر، ئاندىن خەنزۇتىلى بىلەن ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنەي دەپ ئويلىغان. ھە ئۇنداق بولسا مېنىڭ بىر يۇرتلۇقۇم بىر كومپيۇتېر تەربىيلەش كۇرسى ئاچقان ئىدى، شۇ يەردە ئوقۇڭ. شۇ يۇرتلۇقۇم بىلەن بىر ياتاقتا تۇرۇپ ئوقۇسىڭىز مەنمۇ خاتىرجەم بولىمەن دېدى. تاماق يەپ بولۇپ مۇتەللىپ دېگەن شۇ كۇرسقا كەلدۇق. بۇ كۇرسنىڭ ئورنى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. بىز ھەممىنى كېلىشىپ بولۇپ ئەتىسىدىن باشلاپ دەرسكە قاتنىشىدىغان بولدۇم ھەم شۇ كۇرسنىڭ قۇرغۇچىسى (مۇتەللىپنىڭ يۇرتدېشى) ئىبراھىم بىلەن بىرگە تۇرىدىغان بولدۇم. كومپيۇتېرنى خالىغاندا ئىشلىتىشىمگە قوشۇلدى. مەن سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ سىرتقا چىقتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن تولۇق ئوتتۇرىدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىممۇ ئالىي مەكتەپكە كەپ بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغان دوستۇم يۈسۈپكە تېلفۇن قىلدىم. ئىككىمىز كۆرۈشۈپ بىر كۈن ئايلىنىپ كەچتە يۈسۈپ مېنى مېنىڭ ئوقۇيدىغان جايىمغا ئەكەپ قويۇپ قايتىپ كەتتى. مانا، ئۈرۈمچىگىمۇ كەلدىم، ئەتىدىن باشلاپ تېرىشىپ ئۆگىنىمەن، مېنى مۇشۇنچىلىك قىلغان شۇ جاپاكەش ئاپامغا جاۋاپ قايتۇرمىسام بولمايدۇ..... شۇ خىياللار ئىچدە ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. ئەتىسى شۇنداق سەھەر تۇرۇپ نامازلىرىمنى ئوقۇپ بولۇپلا ياتاق ۋە سىنىپلارنى بىرەر قۇر تازىلاپ كومپيۇتېرنى ئېچىپ تۇنجى قەدەمنى باستىم.

كۈندە دەرسكە قاتنىشىش بىلەن بىرەر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن (ئەمەلىيەتتە ھەممىسى مەن بىلىدىغان كومپيۇتېر ئاساسىي ساۋاتلىرى بولسىمۇ يەنىلا تولۇق دەرسكە قاتنىشىۋاتاتتىم)، ئىبراھىم مۇئەللىم كومپيۇتېرنىڭ ۋىروسلىنىپ قالغانلىقىنى، سىستېمىنى قايتا قاچىلىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ سىستېما سېتىۋېلىش ئۈچۈن قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىغا كەتتى (سىنىپىمىزدا 23 دانە كومپيۇتېر بار ئىدى). ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا مەن كومپيۇتېر ئوڭشاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سىستېمىلىرىمنى ئىشلىتىپ سىناپ باقماقچى بولدۇم. كومپيۇتېرنى تەكشۈرسەم ھەممە كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاشكەن. شۇنىڭ بىلەن تورخانىدا قوللانغان ئۇسۇل بويىچە بىر قاتتىق دېسكىغا سىستېما قاچىلاپ قالغانلىرىنى ghost ئارقىلىق قاتتىق دېسكىدىن قاتتىق دېسكىغا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە (بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن تېز بولۇپ ئەگەر سەپلىمىسى ئوخشاش كومپيۇتېر بولسا بىر كومپيۇتېرغا 5 مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ، پەقەت بىرىنچى قېتىم سىستېما قاچىلىغان ۋاقىت سەل ئۇزۇن) ھەممە كومپيۇتېرغا سىستېما قاچىلاپ (تەربىيلەش ئورنىنىڭ كومپيۇتېرلىرى بولغاچقا ئالاھىدە مۇھىم ھۆججەتلەر يوق ئىدى)، خوشنا تورلانى تەڭشەپ ئىشلەتسىلا بولغۇدەك ھالەتكە ئەكەپ قويدۇم. ئىشلار تۈگەپ بىر ئازدىن كېيىن ئىبراھىم مۇئەللىممۇ قايتىپ كەلدى. كېلىپ كومپيۇتېرنى كۆرۈپلا نېمە ئىشلىقىنى مەندىن سورىدى. ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى دېدىم.

-ئۇ بىردەم تۇرىۋېلىپ مەندىن: سىز بۇ يەرگە نېمە قىلغىلى كەلدىڭىز؟ دەپ سورىدى.

كومپيۇتېر ئۆگەنگىلى..

ماڭا قاراڭ تەلئەت، سىز ھەممىنى بىلىدىكەنسىز، يەنە بىكار ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ نېمە قىلاتتىڭىز؟

مەن شۇ تېخىمۇ پۇختا ئۆگىنەي دەپ...

يەنە قايسى مەشغۇلاتلارنى بىلىسىز؟

بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىنى شۇنداقلا بەزى بىر كەچمىشلىرىمنىمۇ قىسقىلا قىلىپ ئىبراھىم مۇئەللىمگە دېگەندىن كېيىن، ئىبراھىم مۇئەللىم قايتىلاپ:

سىز كومپيۇتېر ئاساسىي مەشغۇلاتىدىن ھالقىپ بوپسىز. ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ قاتتىق دېتال بىلەن ms-dos قا بولغان چۈشەنچىڭىز ئىنتايىن ياخشىكەن. سىزگە تەكلىپىم، سىز ئەمدى بۇ دەرسلەرگە قاتناشماڭ. خالىسىڭىز مەن سىزگە لايىھەلەش بىلەن فىلىم ئىشلەشنى ئۆگىتەي. ئۆگىتىشىم ھەقسىز، لېكىن سىز مەن يوق ۋاقىتلاردا مېنىڭ ئورنۇمغا كومپيۇتېر ئاساسىي ساۋاتلىرىنى كۇرسانتلارغا سۆزلەيسىز دېدى. ماڭىمۇ بىر ياردەمچى لازىم ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ نامازلىرىڭىزنى تاشلىماي ئوقۇشىڭىز بەكلا قايىللىقىمنى قوزغىغان. خاتىرجەم بولۇڭ، سىزنى ھەرگىزمۇ زىيان تارتقۇزمايمەن، مەن نېمە يىسەم سىزمۇ شۇنى يەيسىز (بىز ياتىقىمىزدا تاماق ئېتىپ يەيتتۇق)، مېنى ئاكام دەپ بىلىڭ ھەم مېنىمۇ زىيان تارتقۇزماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئىبراھىم مۇئەللىم، مەن دەرس ئۆتەلەرمەنمۇ؟ يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا؟

ئۇكام تەلئەت، ئۇلار سىز بىلگەن كومپيۇتېر بىلىملىرىنى بىلمەيدۇ، شۇنداق بولغانكەن سىز قورقماي سىناپ بېقىڭ. مەن سىزگە دەرسنى قانداق ئۆتۈشنى ئۆگىتىمەن.

-ماقۇل...

توۋا دەيمەندە، بۇ يەرگە ئۆگىنىشكە كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن باشقىلارغا ئۆگەتكۈچى بوپ قالغىنىمنى قارىمامدىغان. ئۆيدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىش ئۈچۈن پەسكە چۈشتۈم، تېلفۇنمۇ قىلدىم، ئۆيدىكىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتى، ئاپاممۇ خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈۋاتاتتى...

ئەتىسى ئىبراھىم مۇئەللىم ماڭا قانداق دەرس ئۆتۈشنى، ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلىلەرنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. ئۇدا ئۈچ كۈن شۇ توغرىسىدا ماڭا دەرس ئۆتكەندىن كېيىن مەنمۇ خېلى بىر نەرسە ئۆگىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

تەلئەت! ئىبراھىم مۇئەللىم مېنى چاقىرغان ئىدى. نېمە ئىش مۇئەللىم؟

مەن ھازىر سىرتقا چىقىمەن، جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى. بەلكىم كەچلىك دەرسكە ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئەگەر كېلەلمەي قالسام ئورنۇمدا دەرسنى ئۆتۈۋېرىڭ (كۇرستا كومپيۇتېر دەرسىنى پەقەت ئىبراھىم مۇئەللىملا ئۆتەتتى، باشقىلار بولسا ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، بىرى ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى، يەنە بىرى خەنزۇتىلى......).

دەرس باشلىنىشقا ئازلا قالدى، ئىبراھىم مۇئەللىم تېخى كەلمەيۋاتاتتى، دېگەندەك كەلمىدى. بەكلا جىددىيلىشىۋاتاتتىم. ئامال يوق، چوقۇم دەرسنى ئۆتۈشۈم كېرەك. يۈرەكلىك ھالدا سىنىپقا كىردىم. بۇ سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ھەپتە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم ئىدى. ئۇلار مېنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشقان ئىدى. مەنمۇ چاندۇرماستىن دەرسنى باشلاپ كەتتىم. 5 مىنۇت، 6 مىنۇت، 7 مىنۇت..... ۋاقىتنىڭ مۇشۇنداق ئاستا ئۆتىشى بىلەن ئاخىرى بىر سائەتلىك دەرسمۇ تۈگىگەن بولدى. ئارلىقتا بەش مىنۇت دەم ئالغاندىن كېيىن يەنە بىر سائەتلىك جەڭگە قاراپ يول ئالدىم. كېيىنكى بىر سائەتمۇ مۇشۇنداق ئاستا ئۆتۈپ ئاخىرى ۋاقىتمۇ توشتى. ئۇف..... تۇنجى قېتىملىق بۇ ئىككى سائەت شۇنداق قىيىنچىلىق ئىچىدە تۈگىگەن ئىدى. ئىبراھىم مۇئەللىم ئۇ كۈنى قايتىپ كېلەلمىدى، ئەتىسى ئەتىگەن كېلىپ چۈشتىن بۇرۇنلۇق ۋە چۈشتىن كېيىنلىك كۇرسلارنى تۈگىتىپ يەنە چىقىپ كەتتى. ئەسلىدە ئىبراھىم مۇئەللىمنىڭ بىر يېقىن دوستى دوختۇرغا كىرىپ قېلىش سەۋەبلىك كەچتە دوستىغا قاراۋاتقان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنىدىكى دەرسمۇ مېنىڭ ئۆتۈشۈم بىلەن ئاياغلاشتى. تۆتىنچى كۈنى ئىبراھىم مۇئەللىم ئۆزى دەرس ئۆتتى، مەن قاتناشمىغان ئىدىم. دەرس تۈگىگەندە ئىبراھىم مۇئەللىم مېنى چاقىرىپ: ئوقۇغۇچىلار سىزدىن بەك رازى بوپتۇ، بۇندىن كېيىن كەچلىك كۇرستىكى ئوقۇغۇچىلارنى سىزگە تاپشۇردۇم، ھېلىمۇ يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمەن، دېدى. ئالە شەرىڭنى، مەن تېخى نەچچە كۈن ياردەملىشەمەن دېسەم ئەمدى ماڭا تاشلاپلا قويدىغۇ......

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە. ئەتىگەن نامازدىن يېنىپ 3 سائەت ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ، كۈندۈزى كومپيۇتېر بىلەن، كەچتە سائەت ئون ئىككى، بىرلەرگىچە خەنزۇتىلى ئۆگىنىپ بەكلا ئالدىراش بوپ كەتكەن ئىدىم. ئۈچىنچى ئېيىمدىن باشلاپ ئىبراھىم مۇئەللىم ماڭا مۇئاش بېرىشكە باشلىدى. چۈنكى كومپيۇتېر ئاساسىي ساۋات سىنىپ ئىككى بولغان ئىدى. دەرس ئۆتۈشكە بارا-بارا كۆنۈپ ھېچقانداق قىيىن توختىمايدىغان ھالەتكە كەلدىم. ئىبراھىم مۇئەللىم تۇنجى مۇئاشىمغا 400 يۈەن بەرگەن ئىدى ھەم . شۇنداق خۇشال بولدۇمكى، بۇ مەن چوڭ بولۇپ تۇنجى قېتىم ئۆز ئەمگىكىم بىلەن تاپقان پۇلۇم ئىدى. خۇش خەۋەرنى ئەڭ ئاۋال ئاپامغا يەتكۈزدۈم ھەم شۇ كۈنىلا سىرتقا چىقىپ تۇنجى تاپقىنىمغا ئاپامغا بىرەر نەرسە ئېلىپ ئەۋەتىش ئۈچۈن بازارغا باردىم. ئاپامغا ياغلىق ئالماق بوپ ياخشى ياغلىقتىن بىرنى تاللاپ 320 يۈەنگە دېيشىپ سېتىۋالدىم ۋە شۇ كۈنىلا ئاپتوبۇس ئارقىلىق يۇرتقا سېلىۋەتتىم. ئاپامغا باشتا دېمىگەن ئىدىم، نەچچە كۈندىن كېيىن تېلفۇن قىلسام ئاپام شۇنداق خۇشال بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بىر نەرسە ئەۋەتمەي ئۇ پۇللارغا كىتاپ سېتىۋېلىپ ياخشى ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنى دەپ يىغلاپ كەتتى، ئاپامنىڭ خۇشاللىق ياشلىرى مېنىمۇ ئېزىۋەتكەن ئىدى، ئىككىمىز بىردەم يىغلاشقاندىن كېيىن خوشلاشتۇق. مانا بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم يىغلىشىم ئىدى، بىرىنچىسى ئاتامنىڭ تۈگەپ كەتكەن ۋاقتىدىكى يىغا بولغان بولسا، ئىككىنچىسى خۇشاللىق يىغىسى بولدى.

يەنە نەچچە ئاي ئۆتۈپ، ئۆگىنىش، دەرس ئۆتۈش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تۇيۇقسىز ئىبراھىم مۇئەللىمنىڭ كۇرسى توختاپ قالدى. ئىبراھىم مۇئەللىم يۇرتىغا قايتىدىغان، بېرىپ ئاتا-ئانىسىغا قارىمىسا بولمايدىغان بوپ قاپتىكەن، شۇڭا كۇرسنى توختۇتۇپ، بارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېتىش ئۈچۈن نەچچە كۈن قاتىراپ يۈردى. ئاخىرى كۇرسمۇ يوق بولدى. ھە، ئەمدى قانداق قىلاي؟ ئۆيدىكىلەرگە دېمىدىم. دىسەم ئەنسىرەپ كېتىشى ئېنىق ئىدى. ئاۋال سىرتتىن بىر ئېغىزلىق كىچىك ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئالدىم. ياتىدىغان يەرغۇ بار بولدى، ئەمدى كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش كېرەك؟ ئارلىقتا بىرمۇنچە كۈنلەر بېشىمغا كەلدى، ھەتتا نەچچە كۈن ئاچمۇ قالدىم. ئۆيدىكىلەرنى ئەنسىرتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشلارنىمۇ دېمىدىم. دوست بۇرادەرلەردىن ئامال قىلىپ يۈرۈپ ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئۈرۈمچىگە كەلگىلى بىر مەزگىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۆگىنىش بىلەنلا بولۇپ باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدىم، شۇ بىر نەچچە تونۇشۇمدىن باشقا ئادىمىممۇ يوق ئىدى. ئارلىقتا نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز كومپيۇتېر بازىرى ئېسىمگە كەلدى دە شۇ جايغا بېرىپ خىزمەت ئىزدەپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم. مەنمۇ قاتتىق دېتالغا پىششىق دە..... كومپيۇتېر بازىرىنى ئىككى كۈن چۆگىلەپ ئاخىرى بىر ئۇيغۇرنىڭ كومپيۇتېر شىركىتىدە كومپيۇتېر قوراشتۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا كومپيۇتېر بازىرىدىكى كومپيۇتېر قوراشتۇرغۇچى ۋە باشقا تېخنىك خادىملارنىڭ مۇئاشى جەمئىيەتتىكى باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭ مۇئاشىدىن يۇقىرى ئىدى. ئۇ شىركەت بىلەن يېڭى كەلگەنلىكىم ئۈچۈن 1000 يۈەندىن كېلىشىپ ئىشلىدىم. كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مېنى ئىزدىشى ئۈچۈن ئۆزەمگە كىچىك زېرەك تېلفۇنىدىن بىرنى ئېلىپ، ئىسىم كارتىسى باسقۇزىۋالدىم. 5 ئاي شۇ شىركەتتە ئىشلىگەندىن كېيىن ۋاقتىمنىڭ بەك ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم ھەم ئۇ شىركەتتىن چىقىپ يەنىلا ئۆگىنىش يولىنى تاللىدىم. ئۇ شىركەتتىن چىقىپ، قوشۇمچە باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا سىستېما قاچىلاپ بېرىپ ۋە باشقا كاشىللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىپ، تورخانا قوراشتۇرۇپ دېگەندەك ئىشلەر بىلەن تۇرمۇش پۇلۇمنى قامدىغاچ ئازراق ئېشىنىپمۇ ماڭدىم، تورخاغا قوراشتۇرۇش ئەڭ ياخشى سودا ئىدى. شۇ ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىش، كومپيۇتېر ئۆگىنىش بىلەن يەنە نەچچە ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دوستلارنىڭ ۋە تونۇشلارنىڭ تەۋىسسىيىسى بىلەن كۇرس ئاچماقچى بوپ قالدىم. شۇ ۋاقىتلاردا يىغىپ قويغان ئون نەچچە مىڭ سوم پۇل ھەقىقەتەن سىنىپ ئىجارە ئېلىشقا ۋە باشقا تەشۋىقات ئىشلىرىغا يېتەتتى. كۇرسمۇ ئېچىلدى، مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چوڭ بىر سىنىپىنى ئىجارە ئېلىپ ئىنگىلىزتىلى كۇرسنى باشلىۋالدىم، ئوقۇتقۇچىلىققا مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ داڭلىق ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسىنى تەكلىپ قىلدىم. ئۇ ئوقۇتقۇچىمۇ كىچىكلىكىمگە باقماي قىلغان ئىشىمغا قاراپ رەت قىلمىدى. ئىنگىلىزتىلى كۇرسنى ئېچىۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ كومپيۇتېر ئۆيىنى ئىجارە ئېلىۋالدىم. شۇنداق قىلىپ كومپيۇتېر ۋە ئىنگىلىزتىلى سىنىپلىرى ئوڭۇشلۇق ئېچىلىپ بىر قارار تۈگىگەن بولدى. تىرىشقاننىڭ ئەجرىنى خۇدايىم بېرە دېگەندەك نەچچە ئاي كۇرس ئېچىپلا قولۇمغا بارلىق چىقىملارنى چىقىرىۋېتىپ ئوتتۇز نەچچە مىڭ سوم پۇل قېپ قالغان ئىدى. ئىككىنچى قارارلىقنىمۇ باشلىدۇق، بۇ ياخشى كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى، كۇرس ئېچىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سارس كېسىلى تارقىلىپ پۈتۈن مەكتەپ سىرتتىكىلەرنى كىرگۈزمەي ھەم ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىققۇزمايۋاتاتتى. كۇرسمۇ توختىدى، ئېنىقىنى دېگەندە سارس ئادەمگە ئەمەس مېنىڭ ئاران قۇرغان تەربىيلەش كۇرسۇمغا يۇققان ئىدى.

كۇرس توختىغىلى بىر ئايدىن ئېشىپمۇ قالدى، مەكتەپلەر تېخى دەرۋازىلىرىنى ئاچمايۋاتاتتى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ نەچچە كۈن بازارنى كۈزىتىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆز كەسپىمگە قايتماقچى بولۇپ كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنىدىن بىرنى ئېچىۋالدىم (خەت بېسىش، نۇسخىلاش، ئىسىم كارتىسى دېگەندەك ئۇششاق ئىشلار)، ئاللاھنىڭ ماڭا بېرىشى بىلەن ئىشلىرىم ياخشى مېڭىپ كەتتى. نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن مېنى ئىزچىل شۇ كۇرستا ئىبراھىم مۇئەللىم بىلەن بىرگە دەپ ئويلاۋاتقان ئاپامغا ۋە ئۆيدىكىلەرگە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى بىر-بىرلەپ ئىيتتىم. ئۇلارمۇ توغرا چۈشەندى. ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ ئۇزاق ئۆتمەي دۇكانغا يېقىن بىر يەردىن مۇۋاپىق ئۆيدىن بىرنى ئىجارە ئېلىپ ئاپامنى قايتۇرۇپ كېلىۋالدىم. ئاللاھنىڭ ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىشى ئاپامنىڭ مېنى قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن ئىبراھىم مۇئەللىم ئۆگەتكەن لايىھەلەش كەسپىگە يۈرۈش قىلدىم. خېرىدارلىرىم بارا-بارا ئاينىپ كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنىدىن ئېلانچىلىق ئىشلىرىغا ئۆتتۈم. 2007-يىلى مەخسۇس شىركەت ئىشخانىلىرى توپلاشچان بېنادىن 120 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئىشخانىنى ئىجارە ئېلىپ، ئىچىنى ئاددىي ياساپ شىركەت ئىلتىماسى سۇندۇم. ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن شىركەت تەستىق ھۆججەتلىرى چىقتى، شىركەتمۇ قۇرۇلدى.

كۈنلەر كەينى-كەينىدىن ئۆتۈپ ئىشلىرىم ئالغا بېسىپ قولغا پۇل كىردى، ئۆي، ماشىنا ھەممىسى بار بولدى. ئاپاممۇ بۇرۇن مەن ئۈچۈن تارتقان شۇ جاپالىرىغا ئەمدى بولسىمۇ كىچىككىنە راھەت كۆرۈۋاتاتتى. ئاڭلىشىمچە مېنىڭ ئىشلىرىمدىن يۇرتتىكى پۈتۈن ئۇرۇق-تۇققانلار خەۋەردارمىش. 2011-يىلى ياز مەزگىلى ئىدى، بىر خېرىدار بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتىم، تويۇقسىز كەلگەن تېلفۇن پارىڭىمىزنى ئۈزۈپ قويدى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز تەلئەتمۇ؟

ھەئە، مەن شۇ. سىز كىم؟

مەن سىزنىڭ دادىڭىزنىڭ دوستى، دادىڭىز بەك قاتتىق ئاغرىپ قالغان ئىدى، شۇڭا سىزگە تېلفۇن قىلغان ئىدىم.

نېمە؟ مېنىڭ دادام 2002-يىلى تۈگەپ كەتكەن. مەن ئۇنىڭدىن باشقا دادىنى تونۇمايمەن.

ئۇنداق دېمەڭ، ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس شۇ.،،،،

شۇنداقمۇ؟ ئاپام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئەھۋالىمىز ياخشى ئەمەس ۋاقتىدا ئۆزى نەدىكەنتۇق؟ قاۋاقتىمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزى مەندىن تانغان ئەمەسمىدى، ئەمدى نېمە بوپتۇ؟ ئەمدى ھال-كۈنۈم ياخشىلانغانلىقى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يىتىپتۇدە؟ سىز ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭ، ئەمدى ماڭا تېلفۇن قىلمىسۇن، ئۇنىڭغا ھاراق ئېلىپ ئىچىدىغان پۇل بېرەلمەيمەن. چۈنكى مەن مۇسۇلمان!!!!

2012-يىلى ئەتىياز مەزگىلدە مۇشۇ شەھەرگە يېقىن بىر رايوندىكى يېقىن بىر تۇققىنىمىز تۇيۇقسىز تۈگەپ كەتكەنلىك سەۋبى بىلەن يۇرتتىكى پۈتۈن تۇققانلار كەلگەن ئىدى. كىم بىلسۇن ھېلىقى چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانام يەنە مېنىڭ دادامنىڭ سىڭلىسى بولۇپ بىر ئائىلە ياۋۇزلار كەلگەن ئىدى. ئۇلار بىلەن سالاملاشتىم ۋە ئالدىراشلا باشقا ئىشلارغا ياردەملىشىپ يۈردۈم. چۈنكى ئۇلارنى كۆرگۈممۇ، ئاۋازىنى ئاڭلىغىممۇ، ھەتتا شۇلارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭلىغىم كەلمەيتتى. ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى شۇ خورلۇقلار يەنە كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى. بىر كېچە كۆز يۇمالمىدىم، ئۇلارنى تىللاپ بىر قىلىۋەتمەي ئەكسىچە چىرايلىق سالاملاشقان ئىدىم. ئۆزەمگىمۇ ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى. لېكىن ئاپام ماڭا باشقىلارغا ئاداۋەت ساقلاشنى ئۆگەتمىگەن، خەق ساڭا يامانلىق قىلسا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇر دەپ تەربىيە بېرەتتى. دېمىسىمۇ ئاداۋەت ساقلاش مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى. ئەتىسى نەزىرنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەندە ھېلىقى بىر ئائىلە يېنىمغا كېلىپ مەن بىلەن ئۇنى-بۇنى دەپ ئادەتتىكى گەپلەرنى پاراڭلاشتى، مەنمۇ ئادەتتىكىدەك جاۋاب بەردىم. بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن بالام ئاۋۇ ياققا بېرىپ ئايرىم پاراڭلىشىپ كەلسەك قانداق دېدى چوڭ دادام. چوڭ دادام بىلەن چوڭ ئانامنىڭ ھالىغا قاراپ شۇنداق ئىچىم ئاغرىغان بولسىمۇ چاندۇرمىدىم. ئۇلار بەكلا قېرىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن نېمىلا بولسۇن ئۇلارنىڭ ئانا-بالا ئىككىمىزگە قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ دە. بولدى، ياخشىسى پاراڭلاشمايلى، مۇشۇنداق خۇدانىڭ سالىمىنى قىلىپ ئۆتكىنىمىز ياخشى. سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلىغىممۇ يوق ھەم سىلەر بىلەن پاراڭلاشقۇدەك ئىشمۇ يوق. شۇڭا مېنى ۋە ئاپامنى ئارامىمدا قويۇڭلار، ئاپام بىلەن پاراڭلىشىمىز دەپمۇ ئويلىماڭلار. سىلەر ئارلىقتا نۇرغۇن ئادەمگە مېنى ئوقۇتىۋاتىمىز يەي، ئۇنداق قىلىپ بەردۇق، مۇنداق قىلىپ بەردۇق دەپ يەنە كونا كەسپىڭلارنى قىلىپ يالغانچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋېتىپسىلەر، بوپتۇ، بۇرۇنقى ئۆتۈپ كەتكەن ئىش كەتسۇن، لېكىن ئەمدى قالايمىقان گەپ قىلىپ يۈرمەڭلار، مەن بۇرۇنقى ماڭا قارا چاپلىساڭلارمۇ ئامال يوق تۇرغان كىچىك بالا ئەمەس. گىپىم ئېنىق بولغان بولسا ئەمسە خوش، مېنىڭ يەنە ئىشىم بار. ئارقىمغا بۇرۇلۇپلا ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدىم. ئاپام يەنە بىر كۈن ياردەملىشىپ ئاندىن قايتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. كېتىۋېتىپ يەنە شۇ بۇرۇنقى خورلۇقلار ئېسىمگە كېلىۋالغان بولسىمۇ، يەنە شۇلارغا شۇنچىلىك گەپلەرنى دەۋالغانلىقىمغا خۇش ئىدىم. ئەتىسى ئاپاممۇ قايتىپ كەلدى. مەن كەتكەندىن كېيىن ئۇلار ئاپامغا يىغلاپ تۇرۇپ بۇرۇنقى ئىشلىرى توغرىسىدا كەچۈرۈم سوراپتۇ، ھەم مېنىڭ بىر قېتىم بولسىمۇ چوڭ دادا، چوڭ ئانا دەپ چاقىرىپ قويۇشۇمنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتىكەنتۇق. ئەپسۇس مەن ئۇنداق قىلماپتىمەن..... ئاقكۆڭۈل ئاپام يەنە ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ قايتىپ كەپتۇ.

ئۇ ئىشلارمۇ تۈگەپ ھەممە تۇققانلار يۇرتلىرىغا قايتىشىپتۇ، ئاپام بىلەن ئىككىمىز يەنە شۇ بۇرۇنقى خۇشال ھالىتىمىزدە ئىشلىرىمىزنى قىلىپ، يۇرتقا بېرىپ كېلىپ، بەزىدە چوڭ ئاپام ھەم تاغىلىرىمنىمۇ ئېلىپ كېلىپ دېگەندەك كۈنلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ يولىدىن چىقماي مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ يۈرىۋەردۇق. ئەمدى ئاپامنىڭ بىر ئارزۇسى، يەنى نەۋرە كۆرۈش بوپ قالدى. ئاللاھ خالىسا ئىمانى خالىس مۇسۇلمان قىزىدىن بىرەرنى تېپىپ تويۇمنى قىلىۋالسام ئاپامنىڭ ئۇ ئارزۇلىرىمۇ ئەمەلگە ئېشىپمۇ قالار. مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم جاپاكەش، كۆيۈمچان ئاپامنىڭ تېنىنىڭ ساق، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن. چوڭ دادام، چوڭ ئاناملارغا يۈز تۇرانە دىيەلمىگەن بولساممۇ ئەمما كۆڭلۈمدە ئۇلارنى شۇنداق دەپ چاقىرغۇم، قوينىغا ئۆزەمنى ئاتقۇم بار. ئىنسان دېگەن ئېزىپمۇ قالىدۇ، بەلكىم ھازىر ئۇلار ھەقىقەتەن قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلغان بولۇشى، مېنى يىغلاپ تۇرۇپ باغرىغا باسقۇسى باردۇ، بىراق مېنىڭ ۋىجدانىم، ئاپامنىڭ بۇرۇنقى تارتقان كۈنلىرى، مېنى ئۇلارغا ئۇنداق پۇرسەتلەرنى بەرگۈزمەيدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشىنى تىلەيمەن.

ئاخىرىدا بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. ئۆز پەرزەنتىڭلارنى ھەرگىزمۇ مەندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويماڭلار. گەرچە كېيىن خۇشاللىق ۋاقىتلار كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر بالىنىڭ ئون سەككىز يېشىدىن باشلاپ شۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىشى ئاسان ئەمەس. ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىم مېنىڭمۇ باشقا بالىلاردەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان، ئىلىم-پەن دېڭىزىدا قانماي بىلىم ئىگىلەيدىغان ۋاقتىم ئىدىغۇ؟ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بولغاندەك، ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بالىسىنىڭ ئالدىدا ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مېنىڭ دادامدەك دادىلاردىن سوراپ باققىم كېلىدۇ، سىز شۇ ھاراقنى ئىچىپ ئۆزىڭىزچە ياشاپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۆيدىكى خوتۇن-باللىرىڭىزنىڭ نېمىلەرگە تەشنا بولۇپ ئولتۇرغىنى كۆز ئالدىڭىزغا كېلەمدۇ؟ باشقا بالىلار بەھرىمان بۇلىۋاتقان ئائىلە مېھرىنى بالىڭىزدىن تارتىۋېلىشقا نېمە ھەققىڭىز بار؟ شۇ بالىلارنىڭ تۇرمۇش غېمىدە سىرتلاردا گاھ سوغۇقتا يۈرۈپ، گاھ ئاچ قېلىپ يۈرۈشلىرىگە ئىچىڭىز ئېچىشمامدۇ، نومۇس ھېس قىلمامسىز؟


تۈگىدى.

يازمىدا نۇرغۇن خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ATAMAN25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-22 07:22 PM  


دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1887
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5060
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1246 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 12:58:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر كىشىنىڭ گېپى چىقسىلا مۇشۇ مۇنبەردە ئىتتەك تالىشىپ كېتىشىدۇ،بىراق شۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلىشمايدۇ،قولىدىن كېلىدىغىنى ئاياللارنى سۆكۈش خالاس،ئايال كىشىنى ئۇرۇپ قورقاتقىلى بىلەن ئەر كىشىنى ئۇنداق قىلغىلى بولمىسا يە،يېزىدىكى ئاياللىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق تېخى،ھەركىم ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەتنى بىلسە بولاتتى،شۇنداق ئاياللارنى تىللاۋەرمەي قۇتۇلدۇرغىلى ھەرىكەت قىلايلى،ياراتقۇچىمىز نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنى ئاياللاردىن بىر دەرىجقە ئۈستۈن ياراتتى؟بىزنى قوغدىسۇن ھامىيسىغا ئالسۇن دەپ،چۈنكى پەقەت كۈچلۈكلەرلا ئاجىزلارنى قوغدىيالايدۇ،بىزلەرنى قوغدىسۇن دەپ بەرگەن كۈچنى ئاياللارغا زۇلۇم قىلشقا ئىشلەتمەيلى قېرىنداشلىرىم ،بۇنداق دېسەم ئايال بولغانلىق ئۈچۈن ئايالنىڭ گېپىنى قىلىدۇ دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن بىراق ئويلىنىپ باقساڭلار ئاياللارنىڭ جاپاسى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ.
ئىرىنىڭ تاپقىنىغا قانائەت قىلمايدىغان ئىككى توك توك شەھەر ئاياللىرىنى دەپلا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قانائەتسىز ھاياسىزغا چىقارماڭلار،ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ كۆپچىلىكى يېزىدا ياشايدۇ،ئاشۇ يېزا قىشلاقلاردا ئىرى بىلەن تەڭ ئىشلەپ تۇرۇپمۇ يەنە تاياق تقماقنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقان ئاياللىرىمىز نۇرغۇن.
ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ ئاياللىرىڭلار دىنىڭلارغا مۇخالىپ كەلمىگەن  ئاساستا  بىلىپ بىلمەي خاتالىشىپ قالسا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار چۈنكى ئاياللىرىمىز بىزگە بالىلىرىمىزغا كىيىم تىكىپ كەيگۈزىدۇ،كىر قاتلىرىمىزنى يۇيۇپ تاماقلىرىمىزنى ئېتىدۇ،ئۇيىمىزنى تازلايدۇ،ئامانەتلىرىمىزنى ياخشى ساقلايدۇ،ئۇلارنىڭ بىزدە ھەقىقەتەنمۇ ھەققى كۆپ دېگەن
ئېزىۋاتقان ھەم ئازغان ئاياللىرىمىزنى ھامىيىڭلارغا ئېلىڭلار،تاغدەك مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار
ئى قادىر ئاللاھ،ئەرلىرىمىزنى مەسئۇلىيەتچان ئاياللىرىمىزنى قانائەتچان قىلغايسەن، قەۋمىمگە ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن، مەسئۇلىيىتنى ئۇنتۇۋاتقان شۇ دادىلىرىمىزنىڭ ئانىلىرىمىزنىڭ نادانلىقىدىن ،يېتىملىك كوچىلىرىدا تەمتىرەپ ھارام يوللارغا كىرىۋاتقان، دىنىمىزدىن ياتلىشىۋاتقان شۇ بىچارە قېرىنداشلىرىمىزنى ھىدايەت يولىغا باشلىغايسەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjahan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-23 01:55 PM  


ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 02:57:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-23 12:58 PM
ئەر كىشىنىڭ گېپى چىقسىلا مۇشۇ مۇنبەردە ئىتتەك تالىشىپ  ...

بۇنىڭغا ئوخشاش دادىلار جەمئىيەتتە ئاز ئەمەس. نۇرغۇن ئادەم «ئەركەك» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمەيدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1856
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10715
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 08:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى ئۇقۇپ بولغۇچە ،گەرچە سىزنىڭ يېشىڭىزغا بارمىغان بولساممۇ ،ئۆتمۈشتىكى شۇ خۇشال كۈنلىرىم،ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق تۆھمەتكە قېلىپمۇ كەچۈرۈم سوراشلىرىم،  بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى.
ئادەمنىڭ شۇنداق بىر ۋاقىتلىرى بولدىكەن،ئەگەردە ئادەم تۇنجى قېتىم زەربىگە ئۇچرىغان ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە ،توغرا بولغان نىشاننى تاللىيالمايلا قالسا ،ئۈزىنى،شۇنداقلا ئاتا-ئانىسنى قاخشاتقاننى ئاز دەپ جەمىيەتتىن ئىبارەت بۇ قوينى كەڭرى ،باغرى ئىللىق ماكاندا ،خۇددى زۇلمەت باسقان قىشتا قالغاندەك ھايات كەچۈردىكەن.
سىز شۇ ۋاقىتتا چۈشەنمىگەننى،تۇرمۇش سىزگە ئاچچىق سىناقلىرى بىلەن ھىس قىلدۇردىكەن،لىكىن سىزدە پەقەت ھىسسى تۇيغۇلا قالغاچقا،رىئاللىققا يۈزلىنەلىنىشكە قانچىلىك تىرىشسىڭىزمۇ،ئۆتمۈشتىكى شۇ زەربىنىڭ سەۋەبىدىن سىز يەنىلا ۋاز كىچىشنى تاللايدىكەنسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yurkimzida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-23 08:02 PM  


جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 08:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yurkimzida يوللىغان ۋاقتى  2013-12-23 08:02 PM
تىمىڭىزنى ئۇقۇپ بولغۇچە ،گەرچە سىزنىڭ يېشىڭىزغا بارمى ...

ھېكايىدىكى دوستۇم ھەقىقەتەن جىق كۈنلەرنى كۆرۈپ كەتتى. لېكىن ئاللاھنىڭ يولىدىن قايتمىدى. ئاللاھنىڭ يولىدا ماڭغان ئادەم ھەرگىز ئېزىپ قالمايدۇ. شۇڭا مەيلى قانداقلا زەربىگە ئۇچرايلى ئاللاھنى يادىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز، ئاللاھقا سېغىنىشىمىز، ئاللاھنىڭ يولىدا چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 08:22:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمى دىيىشىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن . ئانىڭىز بەك ئۇلۇغكەن . سىزگە ۋە ئانىڭىزغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن .  
  
راستىنى ئيېتسام ھازىر كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ ھېچنىمە ئىسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ . ئانا بولۇش گۇناھمۇ ؟ خۇتۇن بولۇش گۇناھمۇ ؟ بىر ئائىلىنى بىر ئايالغىلا تاشلاپ قويغان . ئۆينىڭ ئېغىرلىقى بىلەن كارى يوق ئەرلەر بۇ جاھاندا ئۆزىنى ئەركەك ساناپ ياشاپ نىمە قىلىدۇ ؟؟؟~~~~~~~~~~~~~~~~`

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99159
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1427
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1146 سائەت
تىزىم: 2013-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 08:25:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
326ayixa يوللىغان ۋاقتى  2013-12-23 08:22 PM
نېمى دىيىشىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن . ئانىڭىز بەك ئۇلۇ ...

دوستۇمنىڭ ئانىسى. لېكىن مەن ئۆز ئانام بىلەن ئوخشاش كۆرىمەن. ئۇ ئانا ئوغلىنىڭ دوستلىرىغا ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يوقىتىش — ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇش.

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1856
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10715
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1495 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-23 08:39:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ATAMAN25 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-23 08:13 PM
ھېكايىدىكى دوستۇم ھەقىقەتەن جىق كۈنلەرنى كۆرۈپ كەتتى ...

دىگىنىڭىز كەلگەي ،رەھمەت سىزگە

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74486
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4023
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 01:14:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغايلا!

بۇ جاھان شۇنداق جاھان ، ھۇناق ھۇناققا كەلمەي - چۇناق توكۇرغا تەگمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87703
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3109 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 05:01:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇ سىز، بۇ ئەسىرىڭىزنى كېچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمەن. ۋەقەلىكى ھەم مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشىكەن. ئەسەردىكى يىگىت ھەقىقەتەن بەك قەيسەر ھەم تىرىشچان ئىكەن. سىز دېگەندەك بۇ ھەقىقىي ئىشلار بولسا، ئاللا ئۇ ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ھەم تېنىنى سالامەت قىلسۇن. ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭمۇ بارلىق ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،كۈلىرىڭزگە خۇشاللىق تىلەيمەن. مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم.

كۈمۈش قاغا مۇزىكا ئەترىتى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش